مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2615|ئىنكاس: 15

تەبىئەتتىكى ئۈچ ئاساسىي ئامىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9823
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 11:56:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا ئۈزلۈكسىز ھەركەت قىلىۋاتقان ماددىلاردىن تۈزۈلگەن . ماددىلار ئوتتۇرىسىدا ئوبىكتىپ قانۇنىيەتكە رىئايە قىلىش مەۋجۇت بولۇپ ، ئۇلار ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش رولى ئارقىلىق زامان ۋە ماكاندا ئۈزلۈكسىز ھەركەت قىلىپ تۇرىدۇ . تەبىئەت دۇنياسىدا ، ھەركەت مىقدارى ئىنىرگىيە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ، ئۇ ئىنىرگىيە ئايلىنىش ۋە ساقلىنىشىدىكى ھادىسە تېردونامىكىنىڭ 1- قانۇنى ۋە يېپىق سېستىمىنىڭ ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلىقىغا ئىنتىلىدىغان تېردونامىكىنىڭ 2- قانۇنىنى قانائەتلەندۈرىدۇ .
18- ئەسىرگە كەلگەندە ئىنسانلار ئىنىرگىيە بايلىقىنى بىر قەدەر سېستىمىلىق ھالدا چوڭقۇر تونۇشقا ۋە باشلىغان ، ھەمدە ئۇنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ، ئادەم كۈچى ئىشلىتىلمەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى ياساپ چىققان . يېقىنقى بىرنەچچە ئون يىلدىن بۇيان ، پەن-تېخنىكا ئۇچۇر بايلىقىنى بىرقەدەر ئاڭلىق ھالدا بىلىشكە ۋە ئېچىشقا باشلاپ ئۇنى بىلىمگە ئايلاندۇردى . بۇنىڭ بىلەن ، ئۇچۇرلاشقان ، ئاپتوماتلاشقان ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغاچقا ، ئەمگەك ئۈنىمى ۋە سۈپىتى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرىلدى . ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، ماددا بولغاندىلا ئاندىن شەكىل گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ، ئىنىرگىيە بولغاندىلا ئاندىن ھەركەتنى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ . شۇنداقلا ئۇچۇر بولغاندىلا ئاندىن خىلمۇ خىل تەرتىپلىك قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ . 19- ئەسىردىلا كىشىلەر ئېغىرلىق كۈچى مەيدانى ، ئېلىكتىرو ماگنىت مەيدانى قاتارلىق مۇھىم مەيدانلارنى بىلىپ بولغان . دەسلەپتە ئېلىكتىر بىلەن ماگنىت مۇستەقىل ھادىسە دەپ قارالغان . كىيىن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ئايلىنالايدىغانلىقى ، ئېلىكتىر ئېقىمىنىڭ ئۆز ئەتراپىدا ماگنىت مەيدانى پەيدا قىلىدىغانلىقى ، ماگنىت ھەركىتىنىڭ ئۆز ئەتراپىدا ئېلىكتىر مەيدانى پەيدا قىلىدىغانلىق بايقالدى  ھەمدە ئېلىكتىرو ماگنىتنىڭ ئۆز-ئارا ئايلىنىشىدىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە ، ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە غايەت زور تۆھپە كۆرسەتكەن ماتور ، گېنراتور ، رادىئو دولقۇنى تارقىتىش ئاپراتى ۋە قۇبۇللاش ئاپراتى قاتارلىق مىخانىكىلار لاھىلىنىپ ياسالدى .
ھەركەتنىڭ ھالىتى خىلمۇ-خىل بولۇپ ئۆز-ئارا ئايلىنالايدۇ . مىخانىكىلىق ھەركەت توك چىقىرىدۇ ھەمدە سۈركىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرىدۇ ، ئىسسىقلىق پار ماشىنىسى ئارقىلىق مىخانىكىلىق ھەركەتكە ئايلىنىپ ، ئاندىن گېنراتور ئارقىلىق ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىگە ئايلىنىدۇ . خىمىيىلىك ئىنىرگىيە ۋە يادرو ئېنىرگىيىسى مولېكولا رېئاكسىيىسى ۋە يادرو رىئاكسىيىسى ئارقىلىق ئوخشاشلا ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى ، مىخانىكىلىك ئېنىرگىيە ياكى ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى قاتارلىقلارغا ئايلىنالايدۇ .
بارىلىق مادلىلارنىڭ ھەركىتىنى ئۆز-ئارا تەسىر كۈچنىڭ رولىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن . تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاساسىي ئۆز-ئارا تەسىر كۈچ تۆت خىل بولۇپ ، تارتىش كۈچى ، ئاجىز كۈچ ، ئېلىكتىرو ماگنىت كۈچى ۋە كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر كۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مۇشۇ ئۆز-ئارا تەسىر كۈچلەرنىڭ رولى بىلەن ماددىلار قاتلاملىق قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ .
ئېنىرگىيىنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ ، ھەركەت ئېنىرگىيىسى ، پوتېنسىئال ئېنىرگىيە ، ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى ، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى ، خىمىيەلىك ئېنىرگىيە ، ئاتوم ئېنىرگىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 19- ئەسىردىكى بىر مۇھىم بايقاش __ ئېنىرگىيە مىقدارىنىڭ ئۇمۇمىي يىغىندىسىنىڭ ئايلىنىش جەريانىدا ساقلىنىدىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئېنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنىنىڭ تۇرغۇزىلىشى ، مۇھىم پەلسەپىۋىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە . ئېنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى يەنە ئېنىرگىيىنىڭ يوقتىن بار بولمايدىغانلىقى ، ئېنىرگىيىسىز مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىلنى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى . بۇ جەھەتتە فىرانسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى 1775- يىلىلا مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىل توغرىسىدىكى ھەرقانداق لاھىيەنى قۇبۇل قىلماسلىق قارارىنى چىقارغان . ئېنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى تېردونامىكىنىڭ 1- قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . گەرچە ئېنىرگىيىنى ساقلىغىلى ۋە شەكلىنى ئايلاندۇرغىلى بولسىمۇ ، ئەمما بارىلىق ئېنىرگىيە شەكلىنى شەرتسىز ئىشلەپ ، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ناتايىن . جۈملىدىن ئسسسىقلىق ھەركىتى پەۋقۇللاددە ھەركەتكە ئىگە . ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغىنى ، ئىسسىقلىق ھەركىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ماددىلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مولېكولا ۋە ئاتوملارنىڭ تەرتىپسىز ھەركەت قىلىش ئېنىرگىيىسىدىن ئىبارەت . تەرتىپسىز ھەركەت قىلىش ئېنىرگىيىسىنى تەرتىپلىك ھەركەت قىلىش ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش ناھايتى قىيىن .
ئىسسىقلىق ھەركىتى تېردونامىكىنىڭ 2- قانۇنىغا بويسۇنىدۇ . بۇ قانۇندا مۇنداق دىيىلىدۇ : يېپىق سېستىمىدا تەرتىپكلىك ھەركەت سۈركىلىش ، ئېلىكتىر قارشىلىق قاتارلىق خورىتىش فاكتورى ئارقىلىق ، تەرتىپسىز ئىسسىقلىق ھەركىتىگە ئايلىنىدۇ . يەنە كېلىپ ئىسسىقلىق مىقدارى پەقەت يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىن تۆۋەن تېمپىراتۇرىغا ئېقىپ ، ئاخىرىدا پۈتكۈل سېستىما ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلىقىغا يېتىدۇ ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولمايدۇ . ئۇچۇق سېستىما ئۈچۈن ئېيقاندا ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىن تۆۋەن تېمپىراتۇرىغا ئېقىش جەريانىدا سىرتقا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسىنى مىخانىكىلىقى ئېنىرگىيە ياكى باشقا ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرىدۇ . پار ماشىنىسى ، ئىچىدىن يانىدىغا دېۋىگاتىللار مۇشۇ مۇمكىنچىلىككە ئاساسەن ياساپ چىقىلغان . ئىسسىقلىق مىقدارىنى تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھالەتتىن يۇقىرى تېمپىراتۇرلۇق ھالەتكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ، جەزمەن ئىش ئىشلەش ، ئېنىرگىيىنى خورىتىش كېرەك . خۇددى توڭلاتقۇ ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىنى خوراتقاندىلا ، ئىچكى قىسقمىدىكى تۆۋەن تېمپىراتۇرا ئۆلچىمىگە يەتكىلى بولىدۇ . تېردونامىكىنىڭ 2- قانۇنى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، يېپىق سېستىما ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ھەركەتنىڭ تەرتىپسىزلىك دەرىجىسى ئۈزلىكسىز ئېشىپ بارىدۇ . سېستىمىنىڭ تەرتىپسىزلىك دەرىجىسىنى تەسۋىرلەيدىغان فىزىكىلىك مىقدار ئېنتىروپىيە دەپ ئاتىلىدۇ .
ماددا ، ھەركەت (ئېنىرگىيە) ۋە ئۇچۇر تەبىئەت دۇنياسىنى ھاسىل قىلغان ئۈچ چوڭ ئاساسىي ئامىل ھېسابلىنىدۇ . ماددا بولمىغان دۇنيا __ مەۋھۇم دۇنيا ، ئېنىرگىيە بولمىغان دۇنيا __ تىمتاس دۇنيا ، ئۇچۇر بولمىغان دۇنيا __ قالايمىقانلاشقان دۇنيادۇر .

مەنبە : فىزىكا

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
pirates + 20 ئەجرىڭىزگە رەھمەت
sargarda + 33 خۇدايىم ئېلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 53   باھا خاتىرىسى

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13839
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5588 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 12:29:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدايىم ،مەن بۇنداق فىزىكىغا ئائىت ئىشلارنى ئازراقمۇ چۇشەنمەيدىكەنمەن ،نىمە دەپ 1- بۇلۇپ كىرىۋالغاندىمەن ،ئاخىردا كىرگەن بولسام باشقىلارغا ئوخشاش ،ئەگىشىپ ئىنكاس يازاتتىمكەن.

ئېتىقاد بىلەن غۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1812
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15128
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 876 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 02:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىزىكىغا  ئائىت    بىلىملەر  ،  تەبىئەت  قانۇنيەتلىرى  ،  ھادىسە ، ئېنىرگىيە  ،  ماددا  دېگەنلەرنى  كۆپ  چۈشنىدىغانلار  ئاز  ، (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) شۇڭا  بۇ  ھەقتىكى  بىلىم  قانۇنيەتلەر  بولسا  ئەتراپلىق  ،  كونكېرتلىق  قىلىپ   مۇشۇ  ھەقتە  بىلمىگەنلىرىمىزنى  چۈشەندۈرۈپ  قويۇش  ئۈچۈن  بىلدىغانلىرىڭىزنى  ئايمىغايسىز  . نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىۋالساق  ...  
(  بېلىمنىڭمۇ  زاكتى  كىلدۇ جۇما ) ھى...ھى...ھى...  

سىزدىن ، ساددىلارچە  مۇنداق  بىر  نەچچە  سۇئالنى  سورىغۇم كېلۋاتدۇ  .
بۈگۈنگىچە  مەيدانغا  كەلگەن  كەشىپيات  ،  تەرەققىياتلارنى  ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر  كۈچىدىن  ئايرىپ  قاراشقا  بولامدۇ  ؟  
ئەگەر  بولىدۇ  دېسە  ئۇ  قانداق  كۈچ  ،  ئۈ  كۈچكە  قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ  .

ئادەمدىمۇ  ئېنىرگىيە  بۇلامدۇ  ؟   
ئېنىرگىيەنىڭ  قانداق  رولى  ،  ئەھمىيتى  بار  ؟

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم

ئېتىقاد بىلەن غۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1812
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15128
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 876 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 03:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز  يۇقرىدا  تىلغا  ئېلىپ  ئۆتكەن  بىر  قىسىم  قانۇنيەتلەرنى  ،  غايىنى  رىئاللىققا 
 ئايلاندۇرۇش  جەھەتلەردە  تەدبىقلاپ  پايدىلنىشقا  بولامدۇ ؟
جاۋابىڭىزنى  كۈتۈۋاتمەن...

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم

ئۈزۈم تال

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11383
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 05:19:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاللا سىزنى ئىكى ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن ئاداش ، بۇ تىمڭىزنى شۇنداق ياقتۇردۇم . ھىلىقى بىر قىسىم كاپشىغان سۇخانچىلەر بىر چۇشەنسە ئىدى .بولسا مۇنداق تىمىلارنى كوپرەك يوللىڭە ئاداش . شۇنىڭنە بىلەن بىرگە سىز دىگەن مەڭگۇلۇك دىگىۋاتىل غا مۇناسىۋەتىلىك بىر ئاداش تىمە يوللاپتىكەن شۇ ئاداشنىڭ تىمىسىغا يوللىغان ئىنكاسنى چاپلاپ قويدۇم.


  
بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، پىرقىلىمايدۇ دىگۈچىلەر بولسا، ئىلمىي ئاساسىنى قويۇپ مېنى قايىل قىلىش ئىدى، ئللاھنىڭ قانۇنىيىتى دەپ ياڭاقنى مىدراتسىلا ئىشىنىدىغان زامانلار كەلمەسكە كەتتى،


  سىز ئاللاھنىڭ قانۇنىيتىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلسىڭىز ماڭا دەپ بەرمەمسىز؟ .
  ئاللانىڭ قانۇنىيتى قانداق بىر ماكاندا ئوز رولنى جارى قىلدۇردۇ ؟
ئاللا قانۇنىيتىنى ياڭاق ئىچىگە سىلىپ قويۇپتىكەنمۇ؟
  
  تورغا چىققانلارنىڭ ھەممىسى  سىزدەك كۇڭزىغا ئوخشاش  ئەقىللىق ئەمەس. ھەممە تورداشلار  ماتىماتىكا ...فىزىكا بىلىپ كەتمىسىمۇ كوڭلىدە ئويلىغان يۇزەكى  بولسىمۇ كۆز -قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويشى نورمال ئىش .
   ماتىمادتكا ..فىزىكا بىلىدىغانلار ،بۇ تەتقىقات ئۇستىدە ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا بولىدۇ . بىلمەيدىغانلارنى سەن ئۇنداق-مۇنداق دىيىش ئەدەبلسىزلىك ئاداش .
  مۇنداق ئىشلارنى فورمىلا ئارقىلىق چۇشەندۇرسە، مەخسۇس ماتىماتىكا فىزىيكا كەسپىدە ئوقۇغانلاردىن باشقا كىشىلەر ئاسانلىقچە چۇشىنەلمەيدۇ .
  شۇڭا مۇنداق ئىشنى رىئال تۇرمۇشتىكى ئەمىلى ئىشلارغا باغلاپ چۇشەندۇرسە كىشىلەر ئاسانلا چۇشىنۋالىدۇ.


ئىنىشتىيىنمۇ  ، ئىدىسونمۇ   بۇرۇن تەتقىقاتنى باشلىغاندا سىز ھىلىقى تورداشتىن تەلەپ قىلغان ماتىماتىكا فىزىكىلىق فورمىلارنى بىلمەيىتتى. بۇ سىزتە تەلەپ قىلىۋاتقان   فورمىلا كىيىن تەجىربىنىڭ ئىھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن .
  
     سىزمۇ بىرىنجى سىنپنىڭ ئوقۇغۇچىسىنى تىپىۋالسىڭىز  سوراققا ئۇستىكەنسز ئاداش .
  
  
   بۇ تەتقىقاتتا 1000 يىل  1000 نەپەر ئىنىشتىيىندەك ئەقىللىق ئالىملارمۇ بىرلىشىپ كاللا قاتۇرسىمۇ مەڭگۇلۇك دىگىۋاتىلنى ياساپ چىقالمايدۇ .
بۇ توغۇرلۇق مۇبارەك قۇرئان ئاللىقاچان بايان قىلىپ بولغان.

  ئاللاھ  كىلون تىخنىكىسىغا  ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى دادىسىز يارتىپ...
تاشقى پىلانىت جانلىقلىرى بار دىگەن گەپكە جىن-ئالۋاستىلارنى يارتىپ ...  
ۋاقىت تونىلغا ئەسھادبۇل كەف كىشىللىرى ئارقىلق...  دىگەندەك  مۆجىزىلەر بىلەن پەن-تخنىكا ساھەسىگە   يىڭىچە بىر تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۇل ھازىرلاشنىڭ چىرغىنى يىقىپ  بەردى ۋە  ئەرتۇقچە كاللا قاتىرسىمۇ نەتىجە چىقمايدىغان ۋە مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىلەر توغۇرلۇقمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ بۇ ھەقتە ئاتۇرقچە كۇچەپ كىتىشنى ئەخمەقلىق  ۋە بىمەنىلىككە چىقاردى.  
    
  مەڭگۇلۇك دىگىۋاتىلنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقى توغۇرسىدا  قۇرئاننىڭ  ئىككىنجى پارىسى  سۇرە بەقەردە ئوچۇق بايان قىلغان .

  دىنسىز ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىنى تالاش -تارتىش قىلىشى توغرا.
چۇنكى بۇلار ئاللاھنى  دۇنيانى  تەكەپپۇر قىلش ئارقىلىق چۇشىنىدۇ . بىز بولساق ئاتا -ئانىمىز تۇغما چايناپ ئاغزىمزىغا سىلىپ قويغاندىن كىيىن چۇشىنمىز.  
   قۇرئاندا بايان قىلغان نەتىجىسىز ئىشلارنى تەتقىق  قىلىش مۇسۇلمانلارغا ۋاقىت ئىسراپچىلىق خالاس . چۇنكى مۇشۇنداق بولۇشنى بىلىپ تۇرۇپ ئارتۇق ئاۋارە بولغانلىقى ئۇچۇن ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشلارنىڭ ئورنىغا باشقا ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى تەتقىق قىلغا ياخشى دەپ قارايمەن .
    
              بۇ يەرگە ئالىمجاننىڭ كەشپىياتىغا ئائىيىت ئىنكاسىمنى چاپلاپ قويدۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ بىقىڭ .  
مەن ئالىمجاننىڭ بۇ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئىشەنمىسەممۇ، بىراق شۇنچە كۆپ ئادەم دارۋاڭ سىلىپ ھاياجانلانغان بىر ئەھۋال ئاستىدا مەندەك بىر ئادەمنىڭ بۇ ھەقتە بىلجىرلاش تىل -دەشنەمگە قالدىغان بىر ئىش ئىدى.  

  
         دوسلار مىنى تىللىساڭلارمۇ مەيلى !  ئويلىغانلىرىمىنى سىللەرگە سۆزلەپ باقاي.
  گەپنىڭ راستىىنى ئىيىتسام  ئالىمجاننىڭ ھاۋا ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر يەنى  ھاۋادا  ھەركەتلىنىدىغان مىخانىك ماتۇر ۋە شامالدا ئايلىنىدىغان ئىلىكتىر ماتۇر ( فادىيەنجى )  دىگەندەك  كەشپىياتلىرى ،  باشتا بىر قىسىم مۇتەخەسىس ئالىملارنى راستىن ھەيران قالدۇرغان . ئۇ ئالىمار  ئالىمجاننىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇلغان ساختا ئالدامچىلىقىنى  تولۇق ھىس  قىلمايلا ، دۆۋلەت پاتنىت ئىدارىسىگە پاتنىت ئىلتىماسى سۇنغان .  كىيىن بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان  خەلىقئارا پەن -تىخنىكا ئالىملىرى بۇ ئىشقا قىزىقىپ بۇ ئۇسكنىلەرنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كىيىن بۇ ئىشلارنىڭ  ساختا ئىكەنلىغىنى بايقاپ دۆلىتىمز ئالىملىرىمزنىڭ مۇشۇنداق ئۇسكۇنلەرنى پاتنىت ئىدارىسىگە يوللاشتىن بۇرۇن، بۇ تىخنىكىنىڭ پۇتۇن  قۇرۇلمىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشتىن ئۆتكەزمەيلا پاتنىت ھوقوقى تەلەپ قىلغانلىقىدىن ھەيرانلىق بارمىقىنى چىشلىگەنچە ئۇخلاپ قالدى .

             ئالىمجاننىڭ كەشىپ قىلغان ھاۋادىن ھەركەتلىنىدىغان ئۇسكىنلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا قانداق ساختىلىق بار ؟
   ئالىمجاننىڭ ھاۋادىن ھەركەتلەندۇردىغان ماتۇرنى مىسالغا ئالساق.  ئەسلى ئالىمجان   ھەركەت قىلدۇرماقچى بولغان ماتۇر ھاۋا بىلەن ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر بولغاندىن كىيىن  ،سىرىتتىن مەجبۇرى ھاۋا كىرگۇزمىسىمۇ ،ماتۇرنىڭ ئەتراپىدا ماتۇر ھەركەت قىلشقا يىتىپ ئاشقۇدەك ھاۋا بار تۇرسا، بىراق ئالىمجان  بۇ ماتۇرغا سىرىتتىن يەنە نىمىشقا مەجبۇرى ھاۋا كىرگۇزدۇ ؟
   ، ئەسلىدە ئالىمجان بۇ ماتۇرغا باشقا بىر تۇڭدىكى  يۇقىرى بىسىم بىلەن قاچىلۋالغان يۇقىرى بىسىملىق  ھاۋانى سۇلىياۋ نەيچە ئارقىلىق  ھەركەتلەندۇرمەكچى بولغان ماتۇرغا چاتقان . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يۇقىرى بىسىمدىكى ھاۋا ماتۇرنىڭ ئىچىكى قىسىمدىكى ھەركەتلەندۇرگۇچ ئۇسكىنە يەنى  پورشىنلىق ناسۇس  قاچىلانغان رايۇنىغا ،يۇقىرى بىسىم بىلەن كىرگەندىن كىيىن، پورشىن بۇ يۇقىرى بىسىملىق ھاۋانىڭ ئىتىرشى بىلەن ھەركەت ئىشلەپ كەينىگە يانغان ، كەينىگە يىنىپ بولۇشىغا ماتۇرنىڭ پورشىنىڭ ھەركىتى بىلەن سىلجىپ ھەركەت قىلىۋاتقان چوڭ ( پىلون ) چاقنىڭ ئىنىتسىريە كۇچى بىلەن يەنە ئالدىغا ھەركەت قىلغان ، مۇشۇنداق پورشىننىڭ ئۇزلۇكسز  تەكرار ھەركەت قىلىشى بىلەن ئالىمجاننىڭ كەشىپ قىلغان ماتۇرى ئۇزلىكسىز ھەركەت قىلغان .  بۇ ماتۇرنىڭ ھەركەت قىلغىننى  كۆرگەن كىشىلەر  ئالىمجاننىڭ  ھىلىقى باشقا تۇڭغا  قاچىلىۋالغان  يۇقىرى بىسىمدىكى ھاۋانىڭ كۇچىنى نەزەرگە  ئىلماي ياكى ھىس قىلمايلا  ئالىمجانىڭ كەشپىياتىغا  ئالدىراپلا قايىل بولۇپ كەتكەن .

                                                      بىز بۇنى مۇنداق ئويلاش بىلەنمۇ تەھلىل قىلايلى.
    
    مەسىلەن  بۇ  ئالىمجاننىڭ ماتۇرر ھاۋادا ھەركەت قىلىش ئۇچۇن باشقا تۇڭدىكى يۇقىرى بىسىملىق ھاۋانى كىرگۇزمىسىمۇ  ،ماتۇر ئەتراپىدا  يىتىپ ئاشقۇدەك ھاۋا بۇرنلا بار بولغاچقا ،ئۇ ماتۇرنىڭ ھاۋا قوبۇل قىلش  تۇربىسنىڭ ئىغىزى ماتۇر ئەتراپىدىكى ھاۋانى سۇمۇرۇپلا ھەركەت قىلغان بولسا توغرا بولاتتى .
  نىمە ئۇچۇن ئالىمجان  بىزيۇقۇردا بايان قىلغىنمىزدەك، بۇ ماتۇرغا يەنە مەجبۇرى ھاۋا كىرگۇزىدۇ ؟    
-  بىزنىڭ بۇ ئىشقا يەنىلا بىردىغان جاۋابىمز يۇقۇردا سۆزلەپ ئۆتكىنمىزدەك ئەسلىدە  ئالىمجان يۇقىرى بىسىملىق ھاۋانىڭ ئىتتىرىش كۇچى بىلەن ماتۇرنى ھەركەت قىلغۇزۇپ باشقىلارنىڭ كۆزنى بويىغان .  بىز بۇنى تازا دىققەت بىلەن كۇزەتسەك بۇ يەردە بىر ساختىلىق  مانا مەن دەپ تۇرغىنى ئىنىقلا .  


                                         ئەمدى بىز مەڭگۇلۇك دىگىۋاتىلننىڭ پىرىنسىپىنى تەھلىل قىلايلى

ھە بوپتۇ  بىز بۇ يەردە  ئالىمجاننىڭ يۇقىرى بىسىملىق ھاۋادا ھەركەت قىلغان ماتۇرنى مىسل قىلىپ تەھلىل قىلايلى . بۇ ماتۇر ھاۋادا ھەركەت قىلدى دەپ پەرەز قىلايلى .
  بۇ  ھالەتتىمۇ ماتۇر ھەركەت قىلدى دىيىلسە ماتۇرغا لازىم بولغان يۇقىرى بىسىملىق ھاۋا لازىم بولىدۇ . بۇ ھاۋانى ماتۇرنى  مۇناسىپ ھەركەت قىلدۇرۇش ئۇچۇن مەلۇم بىسىمدا داۋاملىق تولۇقلاپ تۇرۇش ئۇچۇن يەنە بىر كۇچ (يەنى يۇقىرى بىسىملىق ھاۋا تەييارلاش ماتۇرى لازىىم بولىدۇ) مۇنداق بولغاندا بۇ ماتۇرنى نىمىدە ھەركەت قىلدۇردۇ  .
    بەزىلەر ئەگەر يۇقىرى بىسىملىق ماتۇرنىڭ ھەركەت ئىنىرگىيسىنىڭ مەلۇم ئىشىندى قىسمىنى ،  يۇقىرى بىسىملىق ھاۋا قاچىلاش ماشىنىسى ئۇچۇن ئىشلىتىپ بۇ ئارقىلىق تەييار بولغان يۇقىرى بىسىملىق ھاۋانى ئۆزگە ئىنىرگىيە قىلسا بولمامدۇ ؟ دىگەن سۇئالنى سورىشى ئىنىق  .
  بۇنداق بولغاندىمۇ   بۇ ئىككى ماتۇرنىڭ  كۇچى بىر بىرنى تولۇقلاش جەيراندا  ئىچكى سىرىتقى ھەر خىل  قارشىلىق ...ئىنىرگىيە ئايلىنىش... بىر بىرگە يوتكىلىش دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن مەلۇم بىر ۋاقىتتىن  كىيىن  بۇ ئىككى ماتۇرنىڭ ئوز ئالدىغا ئىشلىگەن ئىنىرگىيەلىرىدىن ھاسىل بولغان  كۇچلىرى بىر-بىرنى  يىيىشىپ ( ئىنىرگىيەنى خورىتىپ)   كىتىپ ماتۇرنىڭ ئىشلىنىۋاتقان ھەركەتلىرى  نۆل بولىدۇ دە ماشىنا ھەركەتتىن توختايدۇ .
    
   دىمەك بىز بۇ نەتىجىدىن بىر ھەركەتلىنىۋاتقان ماتۇرنىڭ ئومۇمى ھەركەتتىن ئاشقان مەلۇم ئىشىندى كۇچ بىلەن بۇ ئىشىندى كۇچنى ئوزگە ئىنىرگىيە قىلىپ ھەركەت قىلۋاتقان ماتۇردىن چىققان ئىنىرگىيە بىلەن ھەركەت قىلۋاتقان ماتۇرنىڭ  ھەركىتى ئىچىكى تاشقى... قارشىلىق ... ئىنىرگىيە خوراش ... دىگەندەك ھەر خىل ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن ، بۇ ئىككى كۇچ بىر-بىرنى يىيىشىپ كىتىپ ھەركەتنىڭ تىزلىكى نول بولىدۇ .دىگەن پاكىتنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرپ مەڭگۇلۇك دىگىۋاتىلنى ياساشنىڭ مەڭگۇ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىمىز  .  

  
      ئەمدى بىز بۇ مەسىلىنى  دىن-ئىسلام تەرپىدىن تەھلىل قىلساق دىن-ئىسلامنىڭ قانۇنى بولغان  قۇرئاننى تەپسىلى ۋە چوڭقۇر مۇلايىزە قىلىپ ئوقۇساق مەڭگۇلۇق دىگىۋاتىل ياساشنىڭ مەڭگۇ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقى توغۇرسىدا نەتىجىگە ئىرىشىمى
 بىز بۇ چەكسىز ئالەم بوشلۇقغا قارساق سانسىزلىغان شەيىئىلەر بىزنى تەكەپپۇر ئالىمىگە باشلاپ كىردۇ. بىز بۇلارنى ئەقلى ئۇسۇل بىلەن پەرەز قىلىپ باقايلى .  
    بىز  مۇبارەق قۇرئاندىن ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارنى ئوزى ياراتقان شەيئىيلەر  ئۇستىدە  چوڭقۇر ئويلىنىشقا يىتەكلەۋاتقان كۆپلىگەن ئۇنچە-مارجان ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇپ مۇنۇ بىز  ياشاۋاتقان بۇ ئالىمى ماكاندا كۆز ئالدىمىزدىكى كۆرۋاتقان جانلىق-جانسىز شەئىيلەرگە ئوتكۇر كۆز ، يۇكسەك تەپەككۇر بىلەن نەزەر سالايلى .
   بىز بۇ ئەدەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان كائىناتقا قاراپ، بۇلار ئۇستىدە ئاللاھنىڭ قۇرئاندىن ئىبارەت، بۇ بۇيۇك كىتابنىڭ مەزمۇنلىرى بىلەن بىرلەشتۇرپ ئويلىساق ،بۇ كائىناتنىڭ چوڭ ئىككى قىسىمغا ئايرلىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يىتىمز .
  بۇ ئىككى قىسىمنىڭ بىرنجى قىسمى يەنى ئۇ ئالەم بوشلۇق ئىلمى بولۇپ بۇ ئالەمدىكى جانلىق-جانسىز شەئىيلەرنىڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن يارتلىغانلىقىنى بىز ئەقىلى بىلىم   ( بىز  ماتىماتىكا،فىزىكا ، گىيومىتىريە ، جۇغراپىيە ... قاتارلىق ئەقلى بىلىمنىڭ پىرىنسىپلىرىغا چۇشىدىغان ۋە ئەقلى بىلىمگە بوي سۇنىدىغان بىلىملەر بىلەنمۇ  ) ئويلاپ يىتەلمەيمز .
      دىمەك ئۇ ئالەمدىكى جانلىق-جانسىز شەيئىلەر ئەقىل بىلىم بىلەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئۇسۇلدا يارتىلغان شەيئىلەردۇر بۇ شەيئىلەر  مەسىلەن .
     پەرىشتە ،دوزاق ،جەننەت، ئۇچۇش تىزلىكى نۇر تىزلىكىدىن نەچچە يۇز ھەسسە تىز بولغان پەرىشتىلەر .جىن- ئالۋاستىلار . دىۋە ....ۋاقىت توننىلى.... مۆجىزە ئىشلار دىگەندەك ......  ئەقىل بىمىگە بوي سۇنمەيدىغان ئاللاھ ئەززە ۋەجەللى ئوزنىڭ بىزمۇ مەڭگۇ بىلىپ يىتەلمەيدىغان بىز ئۇسۇل بىلەن ياراتقان شەيئىلەردىن ئىبارەت. 
 
      ئىككىنجى قىسمى يەنى بۇ ئالەم  بولسا ئەقىل قوبۇل قىلدىغان يەنى (سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بىلەن يارتىلغان )  ئالەم يەنى مەسىلەن.

    -ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەركىتى . ئۇچار-قۇش. دىڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى، ئادەملەرنىڭ ھەركىتى ،  شامال -بوران، چاقماق، يانار تاغ، يەر تەۋرەش ، .........دىگەندەك بۇلارنىڭ قانداق بىر ئۇسۇلۇبتا ھەركەت قىلدىغانلىقىنى ، بۇلارنىڭ تۇزلۇش ۋە ھەركەت پالىيەتلىرىگە قاراپ، بۇ پالىيەتتىن ئالغان كۆز-قاراشلاردىن  سەۋەب- نەتىجە ھاسلات قىلىپ بۇ ھالساتنى تەتقىق قىلپ بۇ تەتقىقاتتىن توغرا نەتىجە چىقىرىش ئارقىلىق يۇقارقى جانلىق-جانسىز شەيئىلارنىڭ ئۇستىدىن ئوزىمزگە لازىملىق بولغان ھەرخىل ھاسلاتلارنى  بىلەلەيمىز .
    
    چۇنكى  ئىككىنجى ئالەم- يەنى بۇ ئالەم بىز بايا  بايان دىگەندەك  بۇلارنىڭ  ھەركەت قىلىش قىلىش ۋە ئىش ئىشلەش جەيرانىمۇ خۇددى بىر ماتۇرنىڭ پىرىنسىپىغا  ئوخشاپ كىتىدۇ .
   مەسىلەن بىز كىچىللىرى كۆپ-كۆك ئاسماندا سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ مۇئەييەن بىر تەرتىپ ئىنتىزام بىلەن ھەركەت قىلغىننى كۆرىمىز.
   بۇلار گەرچە ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئىسپاتلانغاندەك ، ماگىنىت مەيدانى ،تارتىشىش ، ئىتتىرىش ،بىر-بىرنى يەكلەش......قاتارلىق ھەر خىل ئىلىكتىرۇن زەرچىلەر ياكى بۇ ماددىلارنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى، ۋە ياكى بۇ يۇلتۇز پىلانىتلارنىڭ ئەتراپىدىكى  ھەر خىل بىقىندى كۇچلەرنىڭ تەسىر قىلىشدىن ئىبارەت ھەر خىل  ماددىلىلارنىڭ  ئىنىرگيە چىقىرشى ئىنىرگىيە بىرشى  سەۋەبىىدن ھەركەت قىلغاندندەك كۆرۇنسىمۇ،  بۇلار مەلۇم ەركەت قىلىش  جەيراندا بۇ يۇلتۇزلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەركىتىگە قارشىلىق  كۆرستكەن  ئاتمىسفۇرادىكى ياكى ۋاكۇم بولشۇقىدىكى  ھەر خىل  قارشىلىق  كۇچنىڭ ئىتتىرىش..... ياكى تارتىشىش.... قاتارلىق  سەۋەبىدىن بىز كۆرۋاتقان  يۇقارقى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ پىلانلىق بىر مۇنتىم ھەركەتلىرى مەلۇم بىر ۋاقىتتىن كىيىن يەنى 100 يىل1000 يىل دىگەندەك ۋاقىتلاردىن كىيىن، مۇنتىىزم بىر ھەركەت قىلۋاتقان يولدىن  چەتنەپ  ئۆزنىڭ مۇنتىزىم بىر پىلان بىلەن مىڭىۋاتقان ھەركەتلىك  ھالىتىدىكى  رولنى يوقۇتىدۇ.
     شۇڭا بۇلارنىڭ ھەركەت تەرتىبنىڭ بىر مۇنتىزىم پىلان بىلەن تاكى قىيامەتكىچە بىخەتەر ھەركەت قىلىىش ئۇچۇن ، بۇلارنىڭ ھەركەت ھالىتىنى داۋاملىق بىر نىشان بويچە  تەڭشەپ ھەركەت قىلدۇرۇش ئۇچۇن بۇلارنىڭ ھەركەت قىلىشتىكى ئىنىرگىيسى بولغان  مۇسبەت-مەنفى ئىلىكتىرۇن ماگىنىت كۇچى....تارتىشىش ...ئىتتىرىش... دىگەندەك ھاسلاتلىرىنى سەۋەب قىلىپ، ھەركەت قىلۋاتقان جىسىمنىڭ مۇنتىزىم بىر پىلان بويچە ھەركەت قىلىشىغا  بۇ ئىنىرگىيەلەرنىڭ ئوزلۇك مەيدانىدىكى بىر-بىرگە تەسىر قىلىدىغان نىگىزلىك يىرىنى ( يەنى بۇ نەرسىلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاتۇم يادىروسى ، مالكۇلا .... دىگەندەك ماددىلارنىڭ مەركىزى يادىروسىنى شۇ ھەركەت قىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ توغرا كۆزلىگەن نىشان بىلەن ھەركەت قىلىشغا قەرەلىك ھەلدا تەڭشەپ قويدىغان ) ماس  مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەپ بىردىغان بىر كۇچ لازىم بولىدۇ . 
 
  ئۇنداقتا بۇ كۇچ كىم ؟
- بۇ كۇچ رەببىمىز ئاللا .
دىمەك ھەر قانداق بىر جانلىق-جانسىز نەرسە گەرچە ئۆزى سىرىتقى ملۇم بىر ئىنىرگىيە كۇچى بىلەن ھەركەت قىلغاندەك كۆرۇنسىمۇ، ھامان بۇ ھەركەت قىلۋاتقان نەرسە تخەىدىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ باشقۇرشى بىلەن ماڭىدۇ .
  
بىراق ئاللا ئىنسانى ۋاستە قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن نەرسىلەرنىڭ ياساش تۇزەش قاتارلىق بىر پۇتۇن ئۇنۋىرسال بىلىملەرنى ئىنسانغا قوشۇپ بەرگەنلىكى ئۇچۇن ئىنسام ئوزى ياسىغان نەرسىلەرنى يەنى  مەسىلەن ماشىنا ، كومپىيوتىر ، ئايرۇپىلان، پويىز ، قول تىلىفۇن......... قاتارلىق نەرسىلەر يارتىشتا سەۋەبچى بولغان ئىنسان ئوزى كەشىپ قىلىغان  بولغاچقا، بۇ نەرسىلەر بۇزۇلسا ياكى ھەركەتتى توختىسا ،ئىنسان ئوزى بۇلارنى رىمۇنىت قىلىپ ياكى ئىنىرگىيە تولۇقلاپ ھەركەتكە كەلتۇردۇ ۋە بۇ ئۇسكىنلەرنى ئوزنىڭ بۇ ئالەمدىكى ھەر خىل خىزمەتلىرىنىڭ ئىھتىياجى ئۇچۇن ئىشلىتىدۇ .
   بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى ئاللاھ  ئوزى ياراتقان نەرسىلەرنى، ئوزى بۇزۇپ تۇزۇپ قىلشقا ئەلۋەتتە قادىر بولغاچقا ھەر بىر جانلىق جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھايات -مامات  ۋە  تۇرمۇشتكى ھەر خىل پالىيەتلىرىنى ئوزى خالىغانچە كۆنتۇرۇل قىلالايدۇ .
  ئىنسان بولسا پەقەت ئوزنىڭ ياسىغان نەرسىللىرىنى ئوزى تۇزەلەيدۇ بىراق ئوزى كەشىپ قىلالمايدىغان نەرسىلەرنىڭ ماھىيتىنى پەن-تىخنىكا بىلىملىرى بىلەن بىلەلىگەن بىراق ياسىيالمايدۇ.
بىر ئالىمدىن بىر ساپاق ئۇزمنىڭ ئىچىدىن بىر تال ئۇزمنى ئۇزۇپ ئالدىغا ئەكىلىپ . بۇ ئۇزۇم نىمىدىن تۇزۇلگەن ؟  دىسە .ئۇ ئالىم مىكىرسكۇپ . بىئولوگىيە بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇزۇم سۇ ، ھىدىروگىن،  گىلىكوزا .شىكەر ، ئاقسىل ، كىسلاتا، ۋىنتامىن 2.3.4.  ....قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ماددىلاردىن تۇزۇلگەنلىكىنى تەتقىقى قىلىپ بىلەلەيدۇ بىراق شۇ ئۇزۇمنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرشتە ئاللاھ سەۋەبچى قىلغان  گىلىكوزا .شىكەر ، ئاقسىل ، ئىشقارلىق كىسلاتا....دىگەندەك ماددىلارنى بىر قاچىغا سىلىپ ئەكىلىپ سىز مۇشۇ ماددىلاردىن ئۇزۇم ياسالغانلىقىنى بىلىپ يىتىپسزى شۇنداق بولغان ئىكەن ، بۇ ماددىلارنى مانا ئەكەلدىم سىز مۇشۇ ماددىلاردىن پايدىلىنىپ بىر تال ئۇزۇمنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرپ بىقىڭ دىسە  100 يىل كاللا قاتۇرۇپمۇ  بىر تال ئۇزمنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرەلمەيدۇ.  
   


    
       داڭلىق ئالىم ئىنىشتىيىننىڭ  بۇ ئالەمدىكى ھەركەت قىلۋاتقان جىسىملار گەرچە ھەممىسى مەلۇم بىر ئىنىرگىيە بىلىەن ھەركەت قىلغاندەك كۆرىنسىمۇ بىراق ھامان ئۇنىڭ بىز ئەقلىلەر بىلەن بىلىپ بولمايدىغان بىر كۇچنىڭ ياردىمى بىلەن ھەركەت قىلىدۇ دىگەن يەنە بىر سۆزى ۋە بۇ ئالىمنىڭ ، ئالەمدىكى ھەركەت قلىۋاتقان جىسىملارنىڭ كۇچ قوبۇل قىلىش توغۇرسىدا  بىر جۇملە يارقىن سۆزى بار ئىدى پەقەت تاپالماي قالدىم .بولمىسا يوللاپ بىرەتتىم .
      مانا بۇ  مەڭگۇلۇك دىگىۋاتىل ئۇستىدە ئۇزندىن بىرى ئىزدىنىۋاتقان  غەرىپنىڭ ئالىملىرى ،مەڭگۇلۇك دىگىۋاتىل ياساشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكنى ھىس قىلىپ يىتپ بۇ  توغۇرسىدىكى تەتقىقاتىنى توختاتتى ۋە بۇ تىخنىكىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىكنى ئوتتۇرغا قويۇپ بولدى. 

   
  بىراق تورداشلار ئوتتۇرغا قويغان   ئالىمجاننىڭ سەۋزا توغراش ماشىنىسى ..... يەنە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىككى- ئۇچ ماشىنىسىنڭ ئىشلىرىغا كەلسەك ، گەرچە بۇ ئۇسكىنىلەر بىزنىڭ دۆۋلەتكە يىڭىلق بولسىمۇ  بىراق باشقا دۆلەتتە ياسىلىپ بولغان بولغاچقا بۇ ھەقتىكى قىزغىن ھاياجانلار قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك بىسىلىپ قالدى........
  
      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9823
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 06:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  sargarda كە 2011-10-30 02:57 PMئەۋەتىلدى  :
فىزىكىغا  ئائىت    بىلىملەر  ،  تەبىئەت  قانۇنيەتلىرى  ،  ھادىسە ، ئېنىرگىيە  ،  ماددا  دېگەنلەرنى  كۆپ  چۈشنىدىغانلار  ئاز  ، (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) شۇڭا  بۇ  ھەقتىكى  بىلىم  قانۇنيەتلەر  بولسا  ئەتراپلىق  ،  كونكېرتلىق  قىلىپ   مۇشۇ  ھەقتە  بىلمىگەنلىرىمىزنى  چۈشەندۈرۈپ  قويۇش  ئۈچۈن  بىلدىغانلىرىڭىزنى  ئايمىغايسىز  . نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىۋالساق  ...  
(  بېلىمنىڭمۇ  زاكتى  كىلدۇ جۇما ) ھى...ھى...ھى...  

سىزدىن ، ساددىلارچە  مۇنداق  بىر  نەچچە  سۇئالنى  سورىغۇم كېلۋاتدۇ  .
بۈگۈنگىچە  مەيدانغا  كەلگەن  كەشىپيات  ،  تەرەققىياتلارنى  ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر  كۈچىدىن  ئايرىپ  قاراشقا  بولامدۇ  ؟  
.......
سىزنىڭ بەزى سۇئاللىرىڭىز پەلسەپىۋىلىك مەسلىگە چېتىلىدىكەن ، راس گەپ قىلسام بەزى سۇئاللىرىڭىز مىنى ئازراق تەمتىرىتىپ قويدى .
شۇنداق ئادەمدىمۇ ئېنىرگىيە بولىدۇ ، بۇ ھەقتە مەن ۋاقتىم چىققاندا ئايرىم تېما قىلىپ يوللاي .
ئېنىرگىيەنىڭ يەنە قانداق رولى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىش ئۈچۈن ، ئېنىشتىيىننىڭ نىسپىيىلىك نەزەرىيىسىگە تاينىپ چۈشەندۈرۈش كېرەك .
تەببىقلاپ پايدىلىنىشقا ئەلۋەتتە بولىدۇ .
ئاللا سىزنىڭمۇ ئەقلىڭىزنى زىيادە قىلسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9823
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  uzumtal كە 2011-10-30 05:19 PMئەۋەتىلدى  :

   ئاللا سىزنى ئىكى ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن ئاداش ، بۇ تىمڭىزنى شۇنداق ياقتۇردۇم . ھىلىقى بىر قىسىم كاپشىغان سۇخانچىلەر بىر چۇشەنسە ئىدى .بولسا مۇنداق تىمىلارنى كوپرەك يوللىڭە ئاداش . شۇنىڭنە بىلەن بىرگە سىز دىگەن مەڭگۇلۇك دىگىۋاتىل غا مۇناسىۋەتىلىك بىر ئاداش تىمە يوللاپتىكەن شۇ ئاداشنىڭ تىمىسىغا يوللىغان ئىنكاسنى چاپلاپ قويدۇم قارسام بىر تورداش سىزدىن


  
.......
مەنمۇ كۆرگەن ئۇ تېمىنى ، شۇڭا دوسلارنىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان چۈشەنچىسى ئازراق بولسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالسا شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخنىكا ھەۋەسكالىرىغا  پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ،،،،،،

ئۈزۈم تال

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11383
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 10:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  فىزىك كە 2011-10-30 07:25 PMئەۋەتىلدى  :

مەنمۇ كۆرگەن ئۇ تېمىنى ، شۇڭا دوسلارنىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان چۈشەنچىسى ئازراق بولسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالسا شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخنىكا ھەۋەسكالىرىغا  پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ،،،،،،


  بىلىمەن ئاداش ! ھى ھى ھى ھ

سىزدىن سۇئال سورغان چىغىرتماقنى  دەيمەن .ئۇ سىزدىن سۇئال سوراش ئارقىلق  سىزنى ئوزنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا قىستاپ كەلمەكچى .ئۇ ئاداش سىزدىن  سورغان سۇئالنى  ئەينى يىللىىرى داڭلىق ئالىم ئىنىشتىيىندىن بىر داڭلىق مۇخبىر سورغان ، ئىنىشتىيىنمۇ تەمتىرەپ قالماي ئەلۋەتتە بار ئۇ بولسىمۇ بۇ ئالەمدىكى قۇدۇرتى چەكسز بىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىر كۇچنىڭ ئوزگىچە ياردىمى بار دىگەندەك سۆزنى قىلغان .
  ئۇ بالا سىزىدىن سورغان سۇئالنىڭ جاۋابىنى قۇئان بىرىپ بولغان .
يەنى قۇرئاندا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ .
- بىز زىمىننى ئىنسانغا بوي سۇندۇرۇپ بەردۇق .
بۇ بوي سۇندۇرۇپ بەردۇق دىگەننى شۇ سۇئال سورگۇچى قانداق مەنادا چۇشىندىكىن تاڭ ؟ بەلكىم بىز زىمىندا ئۆي سىلىش ئۇچۇن  لاي ئەتسەك لاي بولدىغان .تام ئەتسەك تام بولىدىغان، ياتساق چۇشەك .  ئۆلسەك گور ،ئولتۇرساق تۆربولىدىغان قىلىشقا بوي سۇندۇرۇپ بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئولىغان چىقى بولمىسا سىزدىن مۇنداق سۇئالنى سورىمايىتتى .
  بۇ ئەيەنتى قىسقا قىلىپ چۇشەندۇرسەك ئاللاھ بىزگە بۇ زىممىنى ۋە زىمىن ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل  پاختا، ئاشلىق ، تومۇر .سىنىك ، ئالتۇن ،فولفىرام، كۇمۇش،تۇز ،نىفىت ،سۇ، كۆمۇر..................ساناپ تۇگەتكۇسىز  نەرسىلەرنى ئىنساننىڭ ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرپ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بلىىم بۇلارنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ  بۇلارنى ئوزىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىشلىتشكە ماس كەلگۇدەك بىر ھالەتتە قىلىپ يارتىپ بەرگەنلىكى  قانداقتۇ ،ئىنسان بىزنىڭ ياردىمىزنى قوبۇل قىلمايمۇ ،ئوزى مۇستەقىل بىر ئىشنى قىلالايدۇ ،دىگەن مەنا چىقمايدۇ . 


ئۇ ئاداشنىڭ سىزدىن ،ساددىلارچە  مۇنداق  بىر  نەچچە  سۇئالنى  سورىغۇم كېلۋاتدۇ  .  
بۈگۈنگىچە  مەيدانغا  كەلگەن  كەشىپيات  ،  تەرەققىياتلارنى  ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر  كۈچىدىن  ئايرىپ  قاراشقا بولامدۇ ؟ دىگن سۇئالىغا كەلسەك بۇنىڭ جاۋابىنى مۇنداق پەرەز قلىپ باقتىم.

    ئىنسان كەشىپ قىلغان نەرسىلەرنى ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئايرىۋىتىلسە ،ئۇ ھالدا بۇ كەشپىياتلار ئىنسان ياسماي ئاللا تەرپىدىن بىۋاستە يارتىلىپ قالغان بولدى دىگەن يەكۇن چىقىدۇ .
    بىراق بۇ نەرسىنى ياساشتىكى ئىلھام ، تەپەككۇر، ئىزدىنىش ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ...دىگەندەك روھى ياردەملەر ئاللاھ تەرپىدىن كەلگەن بولىدۇ . بۇلارنى  لايھەلەش ، بىكىتىش ، سوقۇش ،تىشىش، ئۇللاش، سىرلاش، سىناق قىلىش .....دىگەندەك ماددى ھەركەتلەر ئىنساننىڭ ئوزى قىلغان بولىدۇ ،
   دىمەك بىز بۇ نۇقتىدىن بۇ كەپشىپىياتلارنى ۋە تەرىقىياتلارنى ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىدىدىن ئايرىپ قارشقا بولمايدۇ دىگەن ھۆكۇم چىقارماق تەس ئەمەس دەپ قارايمەن .
  دىمكەك ئاللا %98  روھى ياردەم بىلەن ئىنساننى بىز كۆرۇۋاتقان كەشپىياتلارنى ياساشقا لازىملىق ئىلىھام ،تەپەككۇر ، ئەقلى بىلىم ،تىرىشچانلىق ....تىن ئىبارەت بۇ كەشپىياتلارنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىگە %98 ئەقلى ياردەمنى بەردى .ئەگەر ئاللاھ تەرپىدىن بۇ ياردەملەر  بولمىسا ئىدى ئىنساننىڭ قولدىن ھىچ ئىش كەلمىگەن بولاتتى ،ئاللاھ  ئىنساننى دائىملا ئوزى ياتىپ بەرگەن تەييار نەرسىلەردىن پايدىنلىپ ئۆزنىڭ ئەلمىساقتا ئىنسانغا  بەرگەن ئىجتچانلىق  رولنى يوقۇتۇپ قويمىسۇن ، دەپ بەزى نەرسىلەرنى ئىنساننى سەۋەبچى قىلىپ ماشىنا .پويىز ،ئايرۇپىلان .....دىگەندەك نەرسىلەرنى يارتىدۇ .
   ئەگەر ئاللا خالىسا ئىنسانلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ مۇنىڭدىن مۇرەككەپ ئىشلارنىمۇ چۇجۇتقا چىقىرالايدىغان ئاللاھ ،ئىنساننى ئارلاشتۇرمايمۇ ئۆزى يۇكسەڭ بىر رەۋىشتە نىمنى خالىسا شۇنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرىۋىرىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ كەپشىيات، تەرىقىياتلارنى ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇردىن ئايرىپ قاراشقا   بولىدۇ دەپلا كىسىپ ئىيتىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن    

   ئەگەر ئۇ ئاداش بۇ نۇقتىدىنمۇ ئوزى قانائەت بولغىدەك جاۋابقا ئىرشەلمىسە ئۇ ھالدا ئۇ بالا چوقۇم يۇكسەك بىر فىزىكا ئىلمىدە ئوقۇشى ياكى تەكەپپۇرى ساغلام بولغان بىر فىزىك ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تەجىربە ئۇسكىنلىرى تولۇق بىر ئويدە ھەم پەندىن ھەم دىندىن شۇ سۇئالنىڭ ۋەزنىگە چۇشكىدەك دەللىللەرنى كۆرسەتسە چۇشەنگۇدەك دەپ قاردىم.    

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9823
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 08:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7قەۋەتتىكى(uzumtal) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ئىنكاسىڭىزدىن مەن تولىمۇ رازى بولدۇم .
ئىنسان كەشىپ قىلغان نەرسىلەرنى ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئايرىۋىتىلسە ،ئۇ ھالدا بۇ كەشپىياتلار ئىنسان ياسماي ئاللا تەرپىدىن بىۋاستە يارتىلىپ قالغان بولدى دىگەن يەكۇن چىقىدۇ ،،،،،
مىنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئاداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54864
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 529
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 09:16:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىنغا ئائىت ماقالە بولسا، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا يوللانمىلار، دۇئالار بۇلۇپ كىتىدىكەن. لىكىن تەھلىل قىلىش يوق. بۇنىڭدەك ياخشى ئىلىم-پەنگە ئائىت بولسا شۇ بىرنەچچە كىشى، بىر دۇئا يوق!
ياخشى ماقالە! يوللانمىلار، تەھلىل قىلىشلارمۇ ئىنتايىن ياخشى! بوشاشمىغايسىلەر!

تەپەككۇر توختاپ قالمىسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش