|
دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ تېلېۋىزۇر رېمۇنىت قىلدۇرىشى 4 [2 o1 D7 b9 b$ \ M$ z, x
9 t1 L. t! F" A, d) A/ r(ھەجۋى ھېكايە –تەرجىمە)
, V$ h! V0 s. g' Qمەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ تېلېۋىزۇرى بۇزۇلۇپ قېلىپ ،رېمونىتخانىغا ياساتقىلى ئېلىپ بېرىپتۇ .رېمونىتخانىنىڭ كۈتكۈچىسى ئۇنى ئىللىق چىراي بىلەن كۈتۈۋاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا : « بولىدۇ ،50 يۇەن قېپىنى ئېچىش پۇلى تاپشۇرۇڭ دەپتۇ» . دوختۇرخانە باشلىغى ئۇنىڭدىن : « رېمونىت قىلماي تۇرۇپ نېمىشقا پۇل تاپشۇرغىدەكمەن؟ » دەپ سۇراپتۇ . رېمونىتخانا كۈتكۈچىسى : « بىزنىڭ رېمونىتخانىمىزنىڭ تۈزۈمى شۇنداق ،سىلەرنىڭ دوختۇرخانىدىمۇ كېسەل كۆرسۈتۈشتىن ئىلگىرى نومۇر ئالىدىغۇ؟» دەپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ ئاغىزى تۇۋاقلىنىپ ،ئامالسىز 50يۇەن تاپشۇرۇپتۇ .شۇنىڭ بىلەن رېمونىتخانا كۈتكۈچىسى : «ئەپەندىم ،تېلېۋوزۇرىڭىزدىن قانداق كاشىلا چىقتى؟ »دەپ سوراپتۇ . دوختۇرخانا باشلىغى :«تېلېۋىزۇرۇمدا ھىچقانداق ئىنكاس يوق ، ئاۋازىمۇ ھەم سۈرىتىمۇ چىقمايۋاتىدۇ» دەپتۇ . رېمونىتخانا كۈتكۈچىسى :«قارىغاندا ،تېلېۋۇرۇرىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ ،تېلېۋىزۇرىڭىزنى ئىچكى قىسىمنى رېمونىت قىلىش بولىمىمىزگە كۆرسەتسىڭىز بولغىدەك .سىزدىن سورىۋالاي ،تېلېۋۇزۇرىڭىزنى ئادەتتىكى ئىنژىنىرغا كۆرسىتەمسىز ياكى ئالى ئىنژىنىزغا كۆرسىتەمسىز ؟ ئادەتدىكى ئىنژىنىرغا كۆرسەڭسىڭىز رىمونىت ھەققىغە 20 يۇەن ئارتوق تۆلەيسىز .ئالى ئىنژىنىرغا كۆرسەتسىڭىز رېمونىت ھەققىغە 30يۇەن ئارتۇق تۆلەيسىز »دەپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ ئاچچىغى كېلىپ :« بۇ بىر باشقا ئىش ئەمەس تېلېۋۇزۇر رېمونىت قىلىش ئىشىغۇ ،ئىنژىنىر بولامدۇ ،ئالى ئىنژىنىر بولامدۇ پەقەت رېمونىت قىلىپ بەرسەڭلەرلا بولدى»دەپ كايىپتۇ .رېمونىتخانا كۈتكۈچىسى ئالدىرماستىن :« ئەپەندىم ئوخشىمايدۇ ،ئالى ئىنژىنىرنىڭ سەۋىيىسى يوقۇرى ،ھەرقانداق قىيىن كاشىلىلارنىمۇ رېمونىت قىلالايدۇ .ئۇ رېمونىت قىلغان تېلېۋىزۇرلارنىڭ قايتا كاشىلا چىقىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئىنژىنىرلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن .بىراق شۇ رېمونىت ھەققى سەل ئۆرەرەك ،شۇڭا بىز خىرىدارلارنىڭ ئۆزىدىن سوراپ ئاندىن ئۇرۇنلاشتۇرىمىز »دەپتۇ .دوختۇرخانە باشلىغىنىڭ ئىچى تىتىلداپ :« مېنىڭ تېلېۋىزۇرۇمنىڭ كاشىلىسى ئانچە قىيىن كاشىلىمۇ ئەمەستۇ ،بولدىلا ئادەتتىكى ئىنژىنىر ياسىسۇن »دەپتۇ .رېمونىتخانە كۈتكۈچىسى : « ئەمىسە ئالدىنئالا 20يۇەن رېمونىت ھەققى تاپشۇرۇڭ» دەپتۇ.باياتىن بىرى ئاچچىغى كېلىپ تۇرغان دوختۇرخانە باشلىغى:« نېمىشقا تېلېۋۇزۇرۇمنى تېخى رېمونىت قىلماي تۇرۇپ 20يۇەن تاپشۇرغۇدەكمەن؟ »دەپ ۋاقىراپ كېتىپتۇ.رېمونىتخانا كۈتكۈچىسى تەمكىنلىك بىلەن :« بىزنىڭ رېمونىتخانىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى شۇنداق ،سېلەرنىڭ دوختۇرخاناڭلاردىمۇ داۋالاشتىن ئىلگىرى پۇل ئالىدىغۇ » دەپ چۈشەندۇرۇپتۇ . دوختۇرخانە باشلىغى گەپ قايتۇرۇشقا ئامالسىز قىلىپ يەنە 20يۇەن تاپشۇرۇپتۇ ۋە كۈتكۈچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تېلېۋۇزۇرىنى كۆتۇرۇپ رېمونىت بولىمىگە ئىنژىنىرنىڭ ئالدىغا كېرىپتۇ .ئىنژىنىر تېلېۋۇزۇرنىڭ ئەھۋالىنى بىرەرقور سۇرىغاندىن كىيىن دوختۇرخانە باشلىغىغا تۆۋەندىكى ئۈچ تۇرلۇك پۇلنى ئالدىن تاپشۇرۋىتىڭ دەپ تالون چىقىرىپ بېرىپتۇ :
! D2 K1 p8 I7 o1 D/ F5 X" Lبىرىنچى ، مولتىمېتىردا تەكشۇرۇش ھەققى 20يۇەن ؛
! p5 e( y/ a$ {2 v8 N2 h ئىككىنچى،دولقۇن كۆرسەتكۈچتە تەكشۇرۇش ھەققى 50يۇەن ؛
! X3 w/ y7 S! [& Y- Yئۈچۈنچى ،سۋېئېپىردا تەكشۇرۇش ھەققى 80يۇەن .
0 [& s$ F& d, K; V* W+ t. Z* Vدوختۇرخانە باشلىغى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ : «بۇ تەكشۇرۇش ھەقلىرىنى نېمىشقا خىرىدارلار چىقىرىدۇ ؟بۇ تەكشۇرۇشلەرنى قىلىش پەقەت ئىنژىنىرغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغان تۇرسا ؟». ئىنژىنىر : « دېگىنىڭىز توغرا ،بىزنىڭ ئىنژىنىرلىرىمىز ئىلگىرى ‹ قاراش› ،‹پۇراش›،‹سوراش›،‹كېسىش›،‹ئاڭلاش› لارغا تايىنىپ ،توپلىغان تەجىرىبىلىرىگە ئاساسەن رېمونىت قىلاتتى .بىراق ھازىر پەن-تېخنىكا تەرەقىي قىلدى ،قانداق ئەسۋاپ دېسىڭىز شۇ خىل ئەسۋاپ تېپىلىدۇ ،رېموونىت قىلىشتىن بۇرۇن بۇ ئەسۋاپلارغا سېلىپ تەكشۇرسىڭىز نەتىجىسى بىرقەدەر توغرا چىقىدۇ ،ھەم ئىلگىركىلەر بايقاپ باقمىغان بەزى يېڭى كاشىلىلارنىمۇ بايقىغىلى بولىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ ئەسۋاپلارنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سەرىپ قىلدۇق ،شۇڭا ئازراق قايدىگە ئۇيغۇن ھەقلەرنى يېغىۋىلىشىمىز كېرەك .سىزنىڭ تېلېۋۇزۇرىڭىزنىڭ ئەھۋالى ھەر ھالدا ياخشىكەن ،تېخىممۇ كۆپ تەكشۇرۇشلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىپ قالدىڭىز .ئۆتكەندە بىر خېرىدارنىڭ تېلېۋۇزۇرى بۇزۇلۇپ قىلىپ ئەكەلگەن ئىكەن ،بىز توردا ئانالىز قىلىش ئەسۋابىنى ئىشلىتىپ ئانتىنا توسالغۇسىنى تەكشۇردۇق ،تەكشۇرۇش ھەققى 150 يۇەن بولسىمۇ ئۇ خېرىدار تەكشۇرۇشكە قوشۇلدى .بىزمۇ ئادەتتە خىرىدارلار زىيان تارتمىسۇن دەپ ئامالنىڭ بارىچە بۇ ئەسۋاپلارنى ئازراق ئىشلىتىمىز ،ئەلۋەتتە سىز بۇ ئەسۋاپلاردا تەكشۇرتمەيمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالسىڭىز بىزمۇ زورلىمايمىز .بىراق ،بىز رېمونىت قىلغاندا خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويۇشىمىز سەۋەپلىك ساق زاپچاسلار بۇزۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن ،بۇنداق بولغاندا، خېرىدارلارغا يەنە زۆرۇر بولمىغان چىقىملارنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ .تېلېۋۇزۇرىڭىزنى ياسىيالماي قىلىشىمىزمۇ مۈمكىن ،ئاخىرىدا يەنىلا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولۇپ كېتەرمىكىن ؟» دەپتۇ . بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دوختۇرخانە باشلىغى ئامال يوق يەنە ئالدىنئالا 150يۇەن تاپشۇرۇپتۇ . ئىنژىنىر يېرىم سائەتچە تەكشۇرۇپ ،پىرىنتىردا بىر ۋاراق توك يولى ئىسخىمىسىنى ئۇرۇپ چىقىپ ،بىر دانە ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ كۆيگەنلىگىنى بايقاپتۇ ۋە بىرنەچچە مىنۇت سەرىپ قىلىپ 2يۇەنلىك بىر دانە ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن تېلېۋىزۇر ئوڭشىلىپتۇ . ئىنژىنىر بايا ئۇرۇپ چىقارغان بىر ۋاراق توك يولى ئىسخىمىسىنى دوختۇرخانە باشلىغىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ يەنە بىر ۋاراق ھەق ئېلىش تالونىنى يېزىپ ،دوختورخانە باشلىغىغا 8يۇەن تاپشۇرۇشنى ئىيتىپتۇ .دوختۇرخانە باشلىغى ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى چۈشەنمەستىن : « پىرىنتىردا ئۇرۇش ھەققىنىمۇ مەن تۆلەمدىم؟ » دەپ سوراپتۇ . «توغرا ،بۇ رېمونىتخانىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى ،سىز تۆلەيسىز ،ئۇ ئىسخىمىنى سىزگە قايتۇرۇپ بەرمىدىممۇ ئەنە » دەپتۇ . «بىراق ،مەن بۇنى چۈشەنمىسەم ،بۇ ئىسخىمىنى مەن نېمىش قىلىمەن »؟ دەپتۇ دوختۇرخانە باشلىغى . «سىلەرنىڭ دوختۇرخانەڭلاردىمۇ ب تىپلىك ئولتۇرا ئاۋازدا تەكشۇرگەندە ،چىقىرىپ بەرگەن رەسىملەرنى ئوخشاشلا بىمارلار چۈشەنمىسىمۇ يەنىلا شۇ پۇلنى بىمارلار چىقىرىدىغۇ » دەپتۇ ئىنژىنىر .دوختۇرخانە باشلىغىنىڭ ئاغزى يەنە تۇۋاقلىنىپ ،ئامالسىز بۇ پۇلنىمۇ تاپشۇرۇپتۇ .ئاخىرىدا ئىنژىنىر دوختۇرخانە باشلىغىغا :«بىزنىڭ رېمونىتخانىمىز كومپيۇتۇردا باشقۇرۇشنى يولغا قويغان ،شۇڭا ،تېلېۋوزۇرىڭىزنى مال ئىلىش ئورنىدىن ئېلىۋىلىڭ » دەپتۇ.مال ئېلىۋىلىش ئورنى دوىتۇرخانە باشلىغىغا يەنە بىر ۋاراق ھېساۋات تىزىملىگىنى ئۇرۇپ چىقىرىپ بېرىپتۇ .پۇل تاپشۇرۇش تالونىغا مۇنداق يېزىلىپتۇ : «مال باھا ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، خېرىدارلارغا ئوچۇق-ئاشكارە ئىستىمال قىلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دوككىنىمىز تۇرلەرگە بۆلۇپ ھەق ئېلىشنى يولغا قويغان .بۇ قىتىملىق رېمونىتنىڭ ھەق ئېلىش تۇرلىرى تۆۋەندىكىچە :8 ?1 W2 o$ ?' P( q$ n. ~
35ۋاتلىق ئاقنۇر ماركىلىق داغمالنىڭ ئىشلىتىش ھەققى(سۆكۈش ،كەپشەرلەش ھەربىرى بىر قىتىم ): 10يۇەن؛
' {: E L o' W- \! Z بىر قىتىملىق داغمال تۆمۈر بېشىنى تازىلاش پاختىسى:2يۇەن ؛4 W1 t8 r9 Z8 R+ x$ v% D
سۈمۈرۈش مىلتىغىنىڭ بىر قىتىملىق ئىشلىتىش ھەققى :5يۇەن ؛; O; G6 @8 V: A) Q: t n
0.8دېئامىتىرلىق مۇھىت بۇلغىماس قەلەي يىپنىڭ گىرامى :5يۇەن ؛
5 _- B) E9 V5 \+ i# s! Q7 Z) R" m
! ]8 X) g2 y) P- D& N2 z$ `ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا بىر دانە : 2يۇەن
6 _( ^3 ^0 I3 {ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى كېسىش يانتۇ پۇتلۇق قىسقۇچ ئەسۋابىنىڭ ئىشلىتىش ھەققى :5يۇەن ؛
n4 {$ C- K' f+ G0 uكەپشەرلەشتىن كىيىن كەپشەرلەش تەخسىسىنى يۇيۇش ھەققى: 5يۇەن ؛
" j6 N, S0 I! l F h0 d! P" xئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى سۆكۇش،كەپشەرلەش،كەپشەرلەش تەخسىسىنى تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى :20يۇەن ؛3 S2 J& n r. y) k. \
جەمى :54يۇەن . دوختۇرخانە باشلىغى بۇلارنى كۆرۇپ ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالتۇ . ئۇنىڭ تېلېۋۇزۇرىنىڭ پەقەت 2يۇەنلىك زاپچىسىنىلا ئالماشتۇرۇلغان تۇرۇقلۇق ،توپ-توغرا 282يۇەن خەجلىگەن ئىدى .
+ p0 ]0 F' ~! O! @9 @* g: y H' u
/ L5 R6 L+ s1 D$ u0 l, l6 Gمەنبە : بۇ ھىكايە چ چ توپىمدا ماڭا يوللىنىپتىكەن ،تەرجىمە قىلىپ قويدۇم . تېۋېلغا
|
|