|
|
|
|
قوي سويۇشنىڭ ئابىستىراكىت دەرىسلىكى
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەھلى، قۇربان ھېيىتقىمۇ ئاز قاپتۇ مانا. ئابىستىراكىت بولسىمۇ قوي سويۇشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن. ئەركەكلەر ئوبدان كۆرۈڭلار ھە
سۇئال_ جاۋاپ تەرىقىسىدە باشلاپ كەتتىم ئەمسە.
1_سۇئال: تاھىربەگ ئۇستام، قوي دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:ۋۇ دۆت، شۇنىمۇ بىلمەمسەن. قوي دىگىنىمىز، ھە، قوي دىگىنىمىز، ھالال ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ،تۆت پۇتلۇق، ئۆزى يۇڭلۇق، جۇغى ئۆچكىدىن سەل چوڭراق، كالىدىن كىچىكرەك، ئاچا تۇياقلىق، بەزىللىرىنىڭ مۈڭگۈزى بار، بەزىللىرىنىڭ يوق، ئۆزى يۇۋاش بىر ھايۋان.
رەسىم: قوي
2_سۇئال: قانداق ۋاقىتتا قوي سويىمىز ؟
جاۋاپ: قۇربان ھېيىتتا ، گۆش لازىم بولغاندا قوي سويىمىز
3_سۇئال:قوي سويۇشقا نىمىلەر لازىم بولىدۇ؟
جاۋاپ: قوي، شۇ قوينى سويالىغىدەك بىجرىم ئەركەك، قوينىڭ پۇتىنى بوغىدىغان تانا، ئىتتىك پىچاق، قوينى ئاسىدىغان ئىلغا(چەپرەس)، ئۆپكە_ھىسىپ، ئىچ باغچىنى قويىدىغان داس_تەلەڭگە، پات پات قولنى يۇيۇپ تۇردىغانغا ئىسسىق تەڭشەلگەن سۇ، قولنى ئېيتىدىغان لۆڭگە ۋەھاكازالار.
4_سۇئال:قۇربانلىقنىڭ قانداق ئەھكاملىرى بار؟
جاۋاپ: بۇنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن كۆرۋىلىڭ.
شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (1-قىسىم)
شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (2-قىسىم)
شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (3-قىسىم)
شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(4-قىسىم)
مۇسۇلمانلار بىلىشكە تىگىشلىك مەسىللەر يۇقارقىسى، ئوبدان ئوقۇپ، شۇ بويۇنچە قىلىشقايلا.
5_سۇئال: قوي سويۇشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن تاھىربەگ ئۇستاز.
جاۋاپ:بۇ سۇئالنى ناھايىتى ياخشى سورىدۇڭ. قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغىن.
ئەۋۋەل تاھارەت ئېلىۋالىمىز. كىيمىڭنى كونىراق كىيىمگە ئالماشتۇر، بولمىسا ھېيىتلىق كىيمىڭگە قان چاچىراپ مەينەت بوپ كىتىدۇ. ئاندىن پىچاقنى ناھايىتى ئىتتىك قىلىمىز. كۆپ بىلەيلەيمىز. ئاندىن ئېغىلدىن قوينى يىتىلەپ چىقىپ، پاكىز بىر يەرگە ياتقۇزىمىز. پۇتلىرىنى تانا بىلەن چىڭ بوغىمىز. بېشىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىمىز. تەكىبىر بىلەن قوينى بوغۇزلايمىز. پىچاقنى قوينىڭ بۇغدىيىكىگە سۈرىمىز. تىز سۈرئەتتە سۈرىمىز. ھەرە تارىتقان كەبى غارتىلدىتىپ تارىتساڭ بولمايدۇ. قاننى تولۇق ئېقىتىپ بولۇپ، قوينىڭ بېشىنى ئارقىغا قايرىساق بىشى بىلەن بەدىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان سۆگەڭ ئايرىلىپ يۇلۇنى كۆرىنىدۇ. يۇلۇنىنى ئۈزۋىتىمىز.
تولۇق جېنى چىقىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆرە تۇرغان ھالىتىدىكى ئارقا ئوڭ پۇتىنى ئاۋايلاپ تىشىپ، پۈۋلەشكە باشلايمىز. پۈۋلىمىسەك گۆش قىزىل،بىرخىل سەت چىقىپ قالىدۇ. پۈۋلىگەندە ھەممە يېرىگە يەلنى تولۇق ماڭدۇرمىز. ئەمما پۈۋلەپ ئېتىۋىتىشكە بولمايدۇ (ھى ھى ، مۇشۇ ۋاققىچىغۇ بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىدىم). ئىشقىلىپ بەك كۈچەپ كەتمەڭ، باشقىچە ئاۋازلاز چىقىپ كەتمىسۇن، ئەتراپىڭىزدا ئادەم بولسا سەت تۇرىدۇ.
ئاندىن پۈۋلەش ئۈچۈن تەشكەن يەرنى چىڭ تۇتۋىلىپ، پىچاقنى ئېلىپ تۆش تەرپىدىن باشلاپ ئاۋۋايلاپ تۇرۇپ كاسسىغىچە تېرىسىنى يېرىۋالىمىز. ئاندىن ئالدىرماي تېرىسىنى گۆشتىن ئاجىرتىمىز. تېرىنى كىسىۋالماي، گۆشنى تېرىگە چىقىرۋەتمەي بەكلا ئاۋۋايلايمىز. ئىككىلا تەرەپنىڭ تىرىسىنى پاكىز ئاجىرتىپ بولغاندىن كىيىن كاناي بار يەردىكى گۆشنى ئىككىگە بۆلۈپ، كاناينى چىقىرۋالىمىز، بەك ئېھتىيات قىلىڭ. كاناينىڭ ئاستىغا چاپلانغان قىزىل ئۆڭكەچنى تارتىپ چىقىرىپ، چىڭ بوغىۋىتىمىز. بۇ يەرنى بوغۇشنى ئۇنتۇپ قالساق، قوينى ئاسقان چاغدا ئاشقازىندىكى بارلىق ئالامەتلەر تۆكۈلۈپ، ھەممە يەرنى بۇلغايدۇ. بوغۇپ بولۇپ، قوينىڭ كاللىسىنى تىنىدىن ئايرىپ ئېلىۋىتىمىز. ئاندىن قوينى تەييارلىغان ئىلغىغا ئاسىمز.
ئاندىن قۇيرۇق تەرپىدىن باشلاپ، تېرىسىنى گۆشتىن چورىتلا ئاجىرتىپ ئېلىپ، يانغا تاشلاپ قويىمىز. قورساق تەرپىدىن باشلاپ ئالدىرماي يارىمىز تۆش تەرەپكىچە. بەكلا ئاۋۋايلاڭ. بولمىسا قېرىنىنى، ياكى ئۈچەينى كىسىپ قويسىڭىز ، ئىچىدىكى ئالامەتلەر چىقىپ كىتىپ،گۆشنى بۇلغىۋلىسىز. ئاندىن ئاۋۋايلاپ ئىش قارنىنى ئالىمىز. ئاۋۋال قېرىننى، ئاندىن ئاچچىق ئۈچەينى، ئاندىن تاتلىق ئۈچۈينى، ئاندىن ئۆتنى، ئاندىن ئۆپكىنى ئالىمىز، تۈگىدى.
مانا مۇشۇنداق ئاددى . قېنى ئەمسە مىسرانىمدىكى ئەركەكلەر قولغا پىچاقنى ئېلىپ، بۇ يىلىقى قۇربانلىق قوينى سويۇش ئۈچۈن ئالغا !!!
ھېيىت ۋاقتى كەلگەندە خېلى چوڭ، بىجىرىم ئەر كىشىلەرنىڭ قوي سويالماسلىقى، ھەتتا قوينى بوغۇزلىغاندا قىز بالىدەك كۆزىنى قولى بىلەن ئىتىۋىلىشى ياكى باشقا ياققا قارىۋىلىشى كۆڭلۈمنى بەكلا غەش قىلىدۇ. توخۇ بوغۇزلاپ باقمىغان ئەركەكلەر كۆپىيىپ كىتىپتۇ. چوڭلار بۇنداق بولسا، بۇندىن كىيىنكى كىچىكلەر نىمە بولماقچى؟ بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ جۈرئەرلىك، قورقماس قىلىپ تەربىيلىمىسىڭىز، چوڭ بولغاندا خېنىم مىجەز، لاتا_غىلاپ، قاندىن قورقىدىغان... بولۇپ چوڭ بولىدۇ شۇ.
شۇ ڭا قېرىنداشلار، تەتىل ۋاقىتلىرىدا بالىلارنى كەچكىچە گىتتار چالدىغان، دۇتتا چالدىغان، ئۇسسۇل ئۈگىتىدىغان...، دىگەندەك تايىنى يوق يەرلەرگە ئاپىرىپ بەرمەي، قاسساپ تونۇشلىرڭىزغا شاگىرتلىققا تۇتۇپ بىرىڭ. قوي سويۇشنى ئۈگەنسۇن. جۈئەتلىك، قاندىن قورىقمايدىغان، ئەركەكتەك چوڭ بولسۇن!!!
|
|
|
|
|
|