مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6744|ئىنكاس: 47

ساڭزا سېلىشنى ئۈگىنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3683
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28384
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 09:03:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك قۇربان ھېيىت كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، ساڭزا بولسا ھېيىتلىق داستىخانىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان شاھىنشاھ غىزالارنىڭ بىرى .
بىراۋنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كىرگەندە داستىخاندا گۆش بولمىسا مەيلىكى ساڭزا بولمىسا ھەرگىز ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىماڭ ، تاكى ئۆي ئىگىسى ئالدىڭىزغا ئوخشىغان بىر دۆۋە ساڭزا ئەكەلمىگۈچە ...
ئەسكەرتىش : ھازىر بازاردا سېتىلۋاتقان تەييار ساڭزىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ھايۋانات مېيى ئۇندىن باشقا يەنە چىرىشتىن ، قېتىشتىن ساقلايدىغان خۇرۇچلار قوشۇلىدىكەن .
توخۇ ، ئۆردەك نىڭ ئىچىدىن چىققان ۋە كالا يېغىنى قوشۇپ سالغان بازار ساڭزىسىنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ ئەمما سالامەتلىكىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئازراق جاپا چەكسىڭىزمۇ ئۆز ئۆيىڭىزدە تەييارلاپ بېقىڭ !


خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا ، مۇۋاپىق مىقداردا زەچۈ سېلىۋەتسىڭىز ساڭزا رەڭگى تولىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ .
سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا  سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ) .
ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ .

مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42316
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8584 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 10:05:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم!بۇرۇن خۇرۇچلارنى ئازراق كام ئىشلىتىپ قۇيۇپتۇق،ئەمدى،بۇ ئۇسۇلدا سېپ باقىلى!چوقۇم تەملىك،كۆركەم چىقىدۇ!لېكىن،مەن ئانداق 11قەۋەتلىك ساڭزىنى كۆرمىگەن جۇمۇ شىرخان!

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165125
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 10:14:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ، بىلمىگەنلەر بىلۋالسا بولغىدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43095
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3280
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1441 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 10:22:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى  كۆردىغان  بىرمۇ  قىز  يوققۇ   ،  ئەمدى  ساڭزىنى  ئەرلەر  سالىدىغان  ئىش  چىقمىغاندۇ  ھە   ؟   !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60874
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3352
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 10:29:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدە يوقكەن،ئەلۋەتتە بار بەلكى ساڭزا سېلىشقا ئۇستا بولغاچقا ئانچە كۆرۈپ كەتمىگەندۇ ،تېمىڭىزغا رەھمەت.

تەڭ ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا، ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا. كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن، ئاخىرى تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38379
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6309
تۆھپە نۇمۇرى: 1536
توردا: 2835 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:00:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز خانىم-قىزلار ئۈچۈن بىر ياخشى تىما بوپتۇ بۇ  تىمىڭىزغا رەھمەت

مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولىشىنىڭ سەۋەبى نادانلىق ،نائىتتىپاقلىق ،تەپرىقە ۋە خىلاپتۇر.        ئابدۇقادىر داموللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62511
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:05:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ

قەلبنىڭ ئۈچ گۆھى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8104
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9230
تۆھپە نۇمۇرى: 791
توردا: 1990 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:08:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىلتىسىنى  شۇنچە  رەتلىك  قىلساممۇ ،بىراق قازاندا پىشۇرۇپ  چىقىپ  بولغىچىلىك،سەل قالايمىقان بوپ قالىدۇ .شۇنىڭ بىلەن تىزغاندىمۇ ئانچە  كۆركەم چىقمايدۇ .سەۋەبىنى پەقەت بىلەلمەيۋاتىمەن .

.بىرسىگە نەسىھەت قىلساڭ ، نەسىھىتىڭگە ئاۋال ئۆزۈڭ ئەمەل قىل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3639
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8503
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1419 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:47:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە  دىگەن  ياخشى  تىما  ___ھە بۇ....................
بۇ قېتملىق  ھېيتتا  ساڭىزا  بەك  ئوخشايىدىغان  بولدى___دە

سْــــــــــــــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22601
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6741 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:49:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئۆيدە ساڭزا سالدىغان ئادەم ئاساسي جەھەتتىن قالمىدى ، بازاردىن تەييارنىلام ئالدىغان بوپ كەتتى .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش