گۈزەل ئۈچتۇرپان
(ھېكمەت ئېلى)
ئۈچتۇرپان ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ جەنۇبى شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،ئاقسۇ ۋىلايەت مەركىزىگە 163 كلومىتىر كېلىدۇ، شەرقى تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇنسۇ ناھىيىسىگە، جەنۇبى تەرىپى ئاقشۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل يېزىسىغا ۋە كەلپىن ناھىيىسىگە ،غەربى تەرىپى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيىسىگە، شىمالى تەرىپى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە چىگىرلىنىدۇ،ئومۇمى يەر مەيدانى 9082كۋادرات كىلومىتىر بولۇپ،ئومۇمى نۇپۇسى 198مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 181400 ئەتراپىدابولۇپ ئومۇمى نۇپۇسنىڭ % 91.6 نى ئىگەللەيدۇ، خەنزۇلار 10549 بولۇپ، ئومۇمى نۇپۇسنىڭ% 5.3 نى ئىگەللەيدۇ.بۇنىڭدىن باشقا خۇيزۇ، قىرغىز، ئۆزبېك،مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر % 3.1 نى ئىگەللەيدۇ. تەۋەلىكىدە ئاقتوقاي يېزىسى،ئاقيار يېزىسى، ياكۆۋرۈك يېزىسى،ئاچىتاغ يېزىسى ،ئىماملىرىم يېزىسى،يېڭىئاۋات يېزىسى،يامانسۇ يېزىسى،ئوتبېشى يېزىسى بار ، شۇنداقلا بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيىسىڭ 4- تۈەنى بۇ ناھىيىگە جايلاشقان.
ئۈچتۇرپان ناھىيىسى دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئاشلىق بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي يەنە ئىنتايىن مول ۋە ئەلا سۈپەتلىك جىغان ئۆستۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر.شۇڭا ‹‹ جوڭگو جىغان يۇرتى ›› دېگەن نامى بار. يەنە ئالتۇن، مىس ، قوغۇشۇن قاتارلىق قىممەتلىك كان بايلىقلىرىغا ئىگە. شۇنداقلا دۆلەت ئىچى سىرتىغا داڭلىق بولغان مۆلجەر تاغلىرى،توققۇز بولاق باغچىسى مۇشۇ ناھىيىنى ناھىيە ئىچىگە جايلاشقان.
ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، تاغ - دەريالىرى كۆپ،تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە.شۇڭلاشقا ئۇزاق تارىخى جەريانلاردا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش ۋە يىغىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن.لېكىن قەيسەر ئۈچتۇرپان خەلقى ئانا يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مېھرى مۇھاببىتى بىلەن يۇرت - ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخرى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە باتۇرلۇق نەمۇنىلرى بولغان يەتتە قىزلىرىم تارىخى ئىش - ئىزلىرى، بوران - چاپقۇنلۇق كەچمىشلىرى دەل مۇشۇ يۇرتتا يۈز بېرىپ ئۆتكەن.
ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئىنتايىن سىرلىق ۋە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھېكايە قىسسەلىرى بار بولۇپ، ئۇ بۇ يۇرتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، سۈرلۈك تاغۇ -دەريالىرى ۋە مازار - خارابىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تارىخنىڭ جەلىپكارلىغىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.
تۆۋەندە مەن ئۆزەم تارتقان ۋە توپلىغان مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەرنى كەڭ تورداشلار - ۋە كۆرۈرمەن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم، بەھىر ئالغايسىلەر.
1. ناھىيەچوڭ مەسجىدى
2. ناھىيەچوڭ مەسجىدى
3. توققۇز بولاق باغچىسى
4. توققۇز بولاق باغچىسى
5 . توققۇز بولاق باغچىسى
6 . توققۇز بولاق باغچىسى
7. توققۇز بولاق باغچىسى
8. توققۇز بولاق باغچىسى
9. توققۇز بولاق باغچىسى
10. توققۇز بولاق باغچىسى
11. توققۇز بولاق باغچىسى
12. توققۇز بولاق باغچىسى
13 . توققۇز بولاق باغچىسى
14. توققۇز بولاق باغچىسى
15. توققۇز بولاق باغچىسى
16. توققۇز بولاق باغچىسى
17. توققۇز بولاق باغچىسى
18. توققۇز بولاق باغچىسى
19. توققۇز بولاق باغچىسى
20. توققۇز بولاق باغچىسى
21. توققۇز بولاق باغچىسى
22. ئوتبېشى سۇئۈستى ئارامگاھى
23. ئوتبېشى سۇئۈستى ئارامگاھى
24. ئوتبېشى سۇئۈستى ئارامگاھى
25. ئەلنەغمە
27. قوشقار سوقۇشتۇرۇش
28. ئوۋچى بوۋاي
29. چېلىشىش
30. ئات بەيگىسى
31. بەدەل تۇرىسى
32. ھەيۋەتلىك تۆمۈر چوققىسى
33. ئۈچتۇرپاندا باھار
34. ئۈچتۇرپاندا ياز
35. ئۈچتۇرپاندا كۈز
36. ئۈچتۇرپاندا قىش
37. سەھرا مەنزىرىلىرى
38. سەھرا مەنزىرىلىرى
39. سەھرا مەنزىرىلىرى
40. سەھرا مەنزىرىلىرى
41. سەھرا مەنزىرىلىرى
42. سەھرا مەنزىرىلىرى
43. سەھرا مەنزىرىلىرى
44. سەھرا مەنزىرىلىرى
45. سەھرا مەنزىرىلىرى
46. جىغان
47. تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىدىكى ھېكمەت ئېلى
كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۆرگىنىگە رەھمەت!
مەنبەئە: ئۆزۈم
ئۈچتۇرپان ھۆكۈمەت تورى
رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ.