مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1782|ئىنكاس: 41

گۇڭگا شىئىر ھەۋەسكارلىرىغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2057
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17631
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6701 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 01:24:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلۇم مۇنبەردە گۇڭگا شىئىرغا سەۋدەيىلارچە ئاشىق بولغان بىر قىز 30-40 چە گۇڭگا شىئىرنى ئارقىمۇ- ئارقا يوللاپ  خېلى قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشىپتۇ. بۇ شىئىرنىڭ ھەربىرىنى ئوقۇغان ئادەم ‹‹بۇ نىمە دىمەكچى بولغان بولغىيتتى،سۆزلەر قولاشمايدىغۇ ؟ مەنتىقىغە چۈشمەيدىغۇ؟ ›› دەپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن.چەتنىڭ ناخشىلىرىنى مەنىسىنى ئۇقمىسىمۇ ‹‹ بەك ئىسىلكەن ›› دەپ ماختاپ ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بەزى ياشلىرىمىز بۇنداق  شئىرلارنى ئىنكاسلىرىدا ‹. تالانت،يېڭىچە پىكىر،ئىنسانى ھىسسىياتتىن بۆسۈپ ئۆتۈش،مەنىسىزلىك ئىچىدىن مەنە ئىزدەش›› دېگەندەك تەرىپلەر بىلەن ماختاپ  كۆككە كۆتۈرۈپ  شىئىر ئاپتۇرىنى ئەسەبىلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ سىرلىق،تېخىمۇ چۈشۈنۈكسىز،تېخىمۇ بىمەنە مىسرالارنى ئىجاد قىلىشقا باشلاپتۇ.
شۇ شىئىرنىڭ ئاستىغا چاچما شىئىر بىلەن ئىنكاس يازغان ئىدىم،ئىنكاسىمدا مۇنداق گۇڭگە شىئىرلارغا تەنقىدى مۇ ئامىلە قىلغان،چۈشىنىشلىكرەك يېزىش،ئوقۇرمەن بىلەن ھىسسىيات ئالماشتۇرالىغۇدەك،ئوقۇغانلارمۇ بۇ شىئىردىكى ئوي پىكىرنى ئاسانلا چۈشۈنۈپ پىكىرداش بولالىغۇدەك يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدىم.ئەپسۇسكى باشقا بىر ياش مېنىڭ ئىنكاسىمغا شىئىر بىلەن ئىنكاس يېزىپ ‹‹چۈشۈنۈشلۈك يازسا ئاددى بولۇپ قالىدۇ،ئوقۇغانلار ئاسان چۈشۈنەلمىگۈدەك، نىمە دىمەكچىدۇ؟ دەپ ئويلىنىپ قالغۇدەك يازسا تەسىرلىك چىقىدۇ،گۇڭگۇلۇق دېگەن قاراڭغۇلۇق،قاراڭغۇلۇق ئىچىگە چەكسىز كەڭلىك،چوڭقۇرلۇق يوشۇرۇنغان،گۇڭگۇلۇق ئىچىگە نازۇك ھىسسىيات يوشۇرۇنغان،...دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن ماڭا رەددىيە بېرىپتۇ.ئۇ قانچە پەدازلاپ كۆرسەتسىمۇ،قانچە ئاقلىسىمۇ قەدىمدىن تارتىپ  كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈش ئالدىدىكى  نۇر ئاجىزلىششىقا باشلىغان  گۇڭگۇلۇق زاۋاللىق دەپ قارىلىپ بۇ ۋاقىت جىن شەيتانلار قۇترايدىغان پەيت،زۇلمەتنىڭ باشلىنىشى،يامانلىقنىڭ بىشارىتى دەپ قارىلىپ كەلگەن.
كۈچلۈك نۇردىن،ئاقلىقتىن،رۇشەنلىكتىن بىزار بولۇپ ،گۇڭگۇلۇق زاۋاللىقنى خالاپ قېلىش،چۈشىنشىلىك يېزىشنى بىلىمسىزلىك دەپ قاراپ ،‹‹بىلىملىكلەر چۈشىنىكسىز يازالايدۇ،ئۇلارنىڭ بىلىمى،تەپەككۇرى،نەزەر دائىرسى كەڭ›› دەپ گۇڭگا يازىدىغانلارنى ئۇچۇرۇش ،ئۆزلىرىنى ئەۋلىيا،قالغانلارنى كالۋا چاغلاش مېنىڭچە نورمال بولمىغان پىسخىكا.قەدىمدىن تارتىپ بىزنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىمىز ۋە يېقىنقى زاماندىكى شىئىرىيەت ئۇستازلىرىمىز شىئىرنى ئېنىق،چۈشىنىشلىك، ئاممىباپ تىل بىلەن كۈچلۈك ھىسسىياتقا،چوڭقۇر مەنىگە،ئاجايىپ تىل گۈزەللىكىگە ئىگە قىلىپ يېزىپ قەلبىمىز تۆرىدىن ئورۇن ئالغان.بىز ئۇلارنىڭ شىئىرلىرىنى ياقتۇرغان،يادلىۋالغان، بەزىدە بۇ مىسرالار ئارقىلىق قەلبىمىزنى ئىزھار قىلىپ مەقسەدلىرىمىزگە يەتكەن.
بەزى ياشلاردىكى‹‹مىسرالىرىدىكى پىكىر چۈشىنىشلىك شىئىرلار ئاددى بولىدۇ،بۇنداق ئاددى شىئىرلارنىڭ جەلىپ قىلىش تەسىرلەندۈرۈش كۈچى يوق،شۇڭا چۈشىنىكسىز يېزىپ بۇ چۈشىنىكسىزلىك ئىچىگە مىڭلاپ مەنە  يوشۇرىمىز›› دىگەن پىكىر ئاساسسىز پىكىر.قاملاشمىغان پىكىر.مەن ئەنە شۇ مەقسەدتە مۇنازىرە ئۈچۈن  ھېلىقى توردا يازغان شىئىرى ئىنكاسىمنى قايتا تەھرىرلەپ مۇنبەرگە يوللۇدۇم،گۇڭگا ھەۋەسكارلىرى مىسرانىمدىمۇ يوق ئەمەس.مەن بەزى پىكىرلىرىمنى‹‹ ئەبلەخ›› ناملىق شىئىرنىڭ ئىنكاسىغىمۇ يېزىپ قويدۇم،ئەركىن ،ئىلمى پىكىرلىشىپ باقساق.ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى توغرىغا سېلىپ قارشى پىكىردىكىلەرنى ھاقارەتلەپ كەتمىسەك.
گۇڭگۇلۇق،
ئۇ ئاتىلار ‹‹ئاجىز نۇر›› ‹‹زاۋال››
شۇڭا ئۇ ‹‹تۇغار›› ھامان  قاراڭغۇلۇق،
دەيسەن،‹‹زاۋالدا كەچكى شەپەق نەقەدەر گۈزەل؟!
ئۇندا ئوقچار،كۈچلۈك ھىس غەزەل››
گول بولما! كەچكى شەپەققە،
ئەجەپ نۇرلۇق، قىزىل ،سېرىق ، رەڭدار ئىكەن دەپ.
ئۇ پەقەت ئۆتكۈنچى شامال،

ئۆتۈپ كېتەر غۇر قىلىپ،
شۇڭا،بوپ قالمىغىن ھىسلارغا قامال،
شەپەق ئەمەس مەڭگۈلۈك جامال .
ئۇنى كۈيلەپ تۇرغان چېغىڭدا
ئۇنتۇدۇڭمۇ قۇياش نۇرىنى،

كەتسە زاۋال، باستۇرۇپ كېلەر شۇم قاراڭغۇلۇق
نۇر زىيانى يوقاتماققا خۇمار بولغاندەك.
كېچە قوينى سۈرلۈك ھەم زۇلمەت،
كەلدى تالاي تاپخورغا پۇرسەت.
نۇردىن قېچىپ زارىققان ئۇلار،
تىلەپ تاپقان شادلانغان شۇلار،
بولۇشۇپ ھۇقۇش، خارابىگە كېلىپ قونغاندەك.
ئاغزىڭ كۆپۈك،گۇڭگۇلۇقنى ھەدەپ داڭلايسەن،
گۇڭگۇلۇقنىڭ ئانىسى چوڭقۇرلۇق دەيسەن،
چوڭقۇرلۇقتا ئازادىلىك  كەڭرىلىك دەيسەن.
نېمە بار ئانىسىغا شۇ چوڭقۇرلۇقتا!؟
ياكى ئۇ ھامىلدارمۇ شەپەرەڭلەرگە ،
قاراڭغۇغا ھېرىس بولغان جىن شەيتانلەرگە!
سەن بىلەمسەن قاراڭغۇ چاھنى،
ئۇ سىغدۇرماس نۇرانە ماھنى.
چاھ ئىچىدە قايدا كەڭلىك بار؟
بىلمەمسىنا ئىچى بەكمۇ تار.
سەن قېزىۋەر قاراڭغۇ چاھتا
پاقا قاتقان قوشاقلىرىڭنى.
ئاڭلىمىغانمۇ، سوراپتىكەن پاقىدىن بىراۋ:
-جاھان كەڭلىكى قانچىلىككەن –دەپ،
بىلىسەنغۇ بىچارە پاقا:جاھان مۇشۇ قۇدۇق ئاغزىدەك،
دېگەن ئىكەن ‹‹بۇ راس گېپىم ››دەپ.
ئوخشىتىۋالما
گۇڭگا شىئىر يازغۇچىلارنى
كاڭدا كۆمۈر قازغۇچىلارغا .
ئوخشار ئۇلار، تۈندە يولدىن ئازغۇچىلارغا.
ھىچكىم تېخى شەپەرەڭنى ماختاپ باقمىدى.
ھۇقۇشمۇ ھەم ئەل كۆڭلىگە ئەسلا ياقمىدى.
بىلمەمسىنا، تۈن قوينىدا ئوغرىلار قۇترار.
قاراقچىمۇ بىراۋلارنىڭ يولىنى توسار.
تېخى يەنە باشقۇرۇلمىغان ئەركە قىزلارمۇ
ئېرى ئۇخلاپ غۇم باسمىغان شاش ئاياللارمۇ
كېچە قوينىدا سەيلىگە چىقار،
شەيتان لەئىن يېتىلىگەننىڭ،
پەسكەش شەھۋەت قۇترىغانلارنىڭ ،
ئالدىغا چىقىپ نومۇسنى بۇلغار.
سەن دېگەن ھىس بەلكى شۇلارنىڭ ،
توغرا يولنى ئۇقمىغانلارنىڭ ،
بىردەملىك ھاۋايى- ھەۋەسلىرىدۇر،
شالتاق ئارلاش  ئىتتىك –ئىتتىك نەپەسلىرىدۇر.
گۇڭگىچىلارنى
‹‹ماتىلاپ،كوچىلاپ  ھارمايدۇ ››دەپسەن،
ئېنىقكى ئوغرىلارنىڭ غېمىنى يەپسەن.
بۇ سۈپەتلەر  شۇلارغىلاخاس ئەمەسمىدى،
ياخشى كىشى بۇ سۆزلەرنى دەپ يۈرەرمىدى.
بىلمەمسىنا ،ھاياتلىق ئاددى ئەمەستۇر.
ھەر ساھەنىڭ ،ھەر كەسىپنىڭ ئىشلىرى تەستۇر.
‹‹كان دېگەن يەر ئاستىدىلا بار››
دەپ ئويلىما تۇرمۇشمۇ بىر كان.
قازساڭ ھەربىر ئادەممۇ بىر كان.
بار ھەركىمنىڭ رەڭدار كەچمىشى.
كۈلكە-يىغا ،ئوڭ تەتۈر ئىشى.
سەن ھاياتنى ئاددى چاغلىما،
ئازغۇنلۇق مۇرەككەپلىككە كۆڭۈل باغلىما.
تۇرمۇش بىر ئىزدا قايتىلانمايدۇ.
ھەر قەدەمدە ئېچىلار يېڭى سەھىپە،
دۇچار ساڭا ھەر  كۈنىدە ھەر يېڭى ئىشلار.
دائىم باھار ئەمەس دۇچ كېلەر قىشلار.
ھىچكىم چۈشەنمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىپ،
ھەم ئۇنى كۆڭلىدە شىئىردەك بىلىپ،
يوللاركەن بەزىلەر شىئىر يازدىم دەپ،
ھىكمەتلەر كانىدىن دۇرلار قازدىم دەپ.
ئۆزىنى ئەقىللىق دانا چاغلايدۇ.
ئۆزگىنى بىلىمسىز كالۋا چاغلايدۇ.
مەتبۇئات توربەتلەر ئارا يوللايدۇ.
بىلسەڭ ئېنىق سۆز ھىسلار تەسىرلىك بولار،
ئاڭلىغان ،كۆرگەنلەر،رازىمەن بولار.
غازنى كۆرۈپ‹‹ ئۇزۇن بويۇن خانىم›› دېگەنلەر.
لاينى كۆرۈپ،‹‹قىينالدى كۆپ جانىم›› دېگەنلەر.
ئاقنى- قارا،ئىتنى -باتۇر دەيدىغانلاردۇر.
پەقەت شۆھرەت غېمىنىلا يەيدىغانلاردۇر.
گەندىنى ئاق سىردا سىرلاپ قويساڭمۇ،
قۇمنى كۆپ كۈچ بىلەن قىرلاپ قويساڭمۇ ،
ئالۋاستى ئاكاڭنى پەدازلاپ بېرىپ،
‹‹ۋەھشى باتۇر،قورقۇمسىز››دەپ چۇقانلار سېلىپ،
ھەرقانچە كۈچىسەڭمۇ ئالدانماس خەلىق،
ياخشىسى سۆزۈڭنى قىلغايسەن ئېنىق.
بىزار بولىمەن.
سۆزنى دادىل قىلالماي يۈرسە،
ئادەمنى يىلان،قوغۇننى چىلان،
ئوچۇملاپ سۇئىچكەننى دېڭىز يۇتقان دېسە.
ئۇغو ئوچۇق مۇبالىغە ،تېخى بەزىدە
‹‹قاتىللىقى قاندەك جۇش ئۇرۇپ
نەشتەردەك ئىنچىكە تىللىرىدا
بىر ئېرىق سۇ ئاقىدۇ قۇرۇپ ››
دەپ سەپسەتە سۆزلىگەنلەردە.
سەپسەتىنى چۈشەنمىدىم دەپ ،
دادىل سۆزلىگەننى دۆتمىكىن دېمە،
‹‹بىلىم ئۆگەن›› دەپ غېمىنى يىمە!
راست بىلىم ئۆگىنىمىز،ئىلىم يولىدا،
بىلىم ئۆگەنگەنلەر يېتەر مۇرادقا.
لېكىن،گۇڭگا شىئىرنى بىلىم دېگەنلەر،
بەزنى گۆش،ئۆشكىنى ئېتىم دىگەنلەر.
ساراڭدەك جۆيلۈشۈپ تاققا-تۇققىدا،
سۆز قىلىپ ھېلى باغ ھېلىق چوققىدا
چىن سۆزلۈكلەرنى ئەخمەق قىلىشىپ ،
سۆزىگە سىرلىقلىق مەنە تىلىشىپ،
بىزار بولغان زېرىككەننىڭ
گۆشىىن يىگەنلەر.
مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئازاپلىرىم،مېنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11897
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8860 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 09:57:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى يەنە باشقۇرۇلمىغان ئەركە قىزلارمۇ
ئېرى ئۇخلاپ غۇم باسمىغان شاش ئاياللارمۇ  
كېچە قوينىدا سەيلىگە چىقار،   
شەيتان لەئىن يېتىلىگەننىڭ،
پەسكەش شەھۋەت قۇترىغانلارنىڭ ،  
ئالدىغا چىقىپ نومۇسنى بۇلغار
گۇڭگا شېئرغا يازغان خىتاپلىرىڭىزغا بۇ قۇرلانى ئالمىسىڭىز زادى بولمامتى ئاپتور....
مەزمۇن ئىپادىلەش جەھەتتىن ياخشى چىقپتۇ..بىراق ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇق بىلەن گۇگۇم ۋاقتىنى تەسۋىرلىگەن قۇرلىرىڭىز سەل كۆپ بۇلۇپ كېتىپتۇ...بۇ پەقەت مېنىڭ ئويلغانلىرىم..قالغىنىغا كۆپچىلىك بىر نەرسە دېسۇن..

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2057
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17631
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6701 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:07:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى بۇ شىئىرنى يېزىسشقا مەجبۇر قىلغان ئىنكاستا  كېچە ۋە گۇگۇم كۆككە كۆتۈرۈلۈپ مەدھىيەلىنىپ ‹‹يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇق ئەۋزەل،قانچەقاراڭغۇ بولسا شۇنچە مەنە چوڭقۇرلۇقى بولىدۇ›، دېگەن سەپسەتە ئوتتۇرىدا قويۇلغاچقا مەن قاراڭغۇلۇق توغرىسىدا كۆپرەك توختۇلۇپ قالدىم.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئۈمىد ئۆلۈمنى يې

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 22939
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 4683 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:20:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتا-قايتا ئوقۇپ باقسىمۇ مەركىزى ئىدىيەنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ھەتتا ئاپتورمۇ ئۆزىنىڭ نېمە يېزىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان، مەجبۇرى ھالدا پاساھەتلىك ئىبارىلەرگە زورلاپ شېئىرنىڭ تۇراق ۋە رېتىمىغا ئېتىبار بەرمەيدىغان،  شېئىرىيەتنىڭ تەلەپلىرىدىن چەتنەپ كەتكەن بىر مۇنچە چۈشۈنۈكسىز مىسرالار دۆۋىسىنى مەنمۇ كۆپ ئۇچۇرتىپ تۇرىمەن.
بىراق سىز دېگەندەك ياشلىرىمىز شۇنداق چەت ئەل مەدەنىيتى ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن ئېقىپ كىرگەن ئۇسلۇبلارغا ئۆزلىشىپ كەتتى. بىراق ئۇلارنىڭ مەدەنىيتى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزنىڭ تامامەن ئىككى دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىدى.

بۇ خۇددى رەسساملىققا ئوخشايدۇ. داڭلىق رەسساملارنىڭ بەزى بىر ئەسەرلىرىنى كۆرىمىز، قارساق بىر دۆۋە سىزىقلار بىلەن تولغان ئاق ۋاراق، ئەمما ھەر بىر سىزىققا سانسىزلىغان مەنالار يوشۇرۇنغان. ھەتتا بىر سىزىقنى سىزىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئويلانغان ئىزدەنگەن. بىراق بىز قارغۇلارچە دوراپ ئوڭ كەلگەنچە سىزىق سىزىۋاتىمىز. بۇ سىزىقلارغا قانداق مەنا يوشۇرۇنغانلىقىنى سىزغان كىشى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.

رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى

مەن سۆيگەن ياشلى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25184
تۆھپە نۇمۇرى: 963
توردا: 3015 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:30:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇڭگۇلۇق؟!  سىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمىگىلى قانچىلىك بولدى؟! مېنىڭچە، ھەر بىر شەيئىنىڭ تەرەققىياتى مەلۇم ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدا بەزى ئاچاللارنىڭ ئۇچراپ قېلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۆزىڭىزنىڭ ئىملا ھەققىدىكى مەسىلىلىرىڭىزنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، «گۇڭگا»لىق ھەققىدە ئوبزور يېزىشنى ئازراق يەڭگىلتەكلىك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟! مەنغۇ سىز تىلغا ئالغان قىزنىڭ ئاتالمىش قاراڭغۇ پىكىرلىرىنى كۆرمىدىم، ئەمما شۇ كۆرگەنلەرنىڭ ماختاپ ئۇچۇرۇشلىرىنى ساراڭنىڭ غەزەل ئېيتىشى قاتارىغا چىقىرىۋەتكىنىڭىز سەل شەخسىيەتچىلىك ئەمەسمۇ؟! «گۇڭگا»لىقنى بەك تىللاپ كېتىپسىز، ئەجىبا سىز ئادىل تۇنىيازنى، پەرھات تۇرسۇننى، پەرھات ئىلياسنى، مەمتىمىن ھۇشۇرنى....يەنە مېنى، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى قوشۇپ تىللىماقچىمۇ؟! تىللاش جايىدا بولغىنى ياخشى. بولمىسا يالقۇندەك ئەلنىڭ نەپرىتىگە قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47214
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 518
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-7-9
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:39:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  گۇڭگا  بولۇپ  كەتمەسلىكى  كېرەك  ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1432
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3361 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 12:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئوبزور ئىكەن . تېما ئىگىسىگە رەھمەت!بەزى شۇنداق ‹‹شېئىر›› لارنى ئوقۇسام ئاپتورنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى زادىلا چۈشىنەلمەيمەن. كاللام بەك ئاددىمۇ ئەمەس بولمىسا. ماۋزۇنىڭ كەينىگە (ئوبزور) دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن .ماۋزۇغا قاراپ شۇنداق شېئىر ئوخشايدۇ دەپ نۇرغۇنلار كىرمىدى ھەقىچان ماۋۇ تېمىڭىزغا.

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62241
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 12:09:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇڭگا شئېر ھەۋەسكارلىرىغا دىسە ، ھەيرانلىق بىلەن كىرىپتىمەن .......
بۇ تىمىنى يازغۇچە بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئوخشايسىز .

مەن سۆيگەن ياشلى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25184
تۆھپە نۇمۇرى: 963
توردا: 3015 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 12:20:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  tvnlirikisi كە 2011-10-29 11:20 AMئەۋەتىلدى  :
قايتا-قايتا ئوقۇپ باقسىمۇ مەركىزى ئىدىيەنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ھەتتا ئاپتورمۇ ئۆزىنىڭ نېمە يېزىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان، مەجبۇرى ھالدا پاساھەتلىك ئىبارىلەرگە زورلاپ شېئىرنىڭ تۇراق ۋە رېتىمىغا ئېتىبار بەرمەيدىغان،  شېئىرىيەتنىڭ تەلەپلىرىدىن چەتنەپ كەتكەن بىر مۇنچە چۈشۈنۈكسىز مىسرالار دۆۋىسىنى مەنمۇ كۆپ ئۇچۇرتىپ تۇرىمەن.
بىراق سىز دېگەندەك ياشلىرىمىز شۇنداق چەت ئەل مەدەنىيتى ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن ئېقىپ كىرگەن ئۇسلۇبلارغا ئۆزلىشىپ كەتتى. بىراق ئۇلارنىڭ مەدەنىيتى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزنىڭ تامامەن ئىككى دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىدى.

بۇ خۇددى رەسساملىققا ئوخشايدۇ. داڭلىق رەسساملارنىڭ بەزى بىر ئەسەرلىرىنى كۆرىمىز، قارساق بىر دۆۋە سىزىقلار بىلەن تولغان ئاق ۋاراق، ئەمما ھەر بىر سىزىققا سانسىزلىغان مەنالار يوشۇرۇنغان. ھەتتا بىر سىزىقنى سىزىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئويلانغان ئىزدەنگەن. بىراق بىز قارغۇلارچە دوراپ ئوڭ كەلگەنچە سىزىق سىزىۋاتىمىز. بۇ سىزىقلارغا قانداق مەنا يوشۇرۇنغانلىقىنى سىزغان كىشى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.
    سىزىق سىزغان چەتئەللىكنىڭ تۈمەنمىڭ ئويلىنىپ سىزغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر رەسسام سىزغان سىزىقنىڭ قارىغۇلارچە سىزىلغانلىقىنى قانداق بىلىسىز؟! رەسسام ئاغىنىلىرىڭىز كۆپ ئوخشىمامدۇ؟!  يىراقتىكى دەھموللام، يېقىندىكى جا موللام
    بۇنداق  بىرتەرەپلىمە قاراشلاردىن ئامال بار ساقلانساق

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

سەھرانى سۆيىمەن!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4021
تۆھپە نۇمۇرى: 1096
توردا: 648 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 12:20:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچىمۇ سەل ھاياجانلىنىش بار.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش