مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2964|ئىنكاس: 13

خاتىرجەملىك بۈيۈك نېئمەتتۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29549
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 50520
تۆھپە نۇمۇرى: 1109
توردا: 6236 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 10:14:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالاغا تۈگىمەس ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، خاتىرجەملىك ﷲ تەرىپىدىن مۆئمىنلەرگە بېرىلگەن بۈيۈك نېئمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. دىن دۈشمەنلىرىگە ھەم ئايانكى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا  ماددىي جەھەتتە ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ، بالالارغا سەۋر قىلىشى ، چۈشكۈنلەشمەسلىكى ، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدىغان مۇستەھكەم ئىمانى سەۋەبىدىندۇر. پەقەت ئەنە شۇ ئىمان سەۋەبلىك مۆئمىنلەر كاپىرلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. قەددى – قامەت، مال دۇنيا ئەمەس بەلكى ئىمان بىلەن. قەددى – قامەت دېسىڭىز مۇسۇلمانلاردىن قامەتلىك ، مۇسۇلمانلاردىن باي كاپىرلار كۆپ. لېكىن، شۇنچە كۆپ بايلىق، شۇنچە كۆپ قورال بىلەن كاپىرلار بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ياشىغان ئەمەس. ئۇلار قاتمۇ- قات بىتون توملار ئىچىدە يېتىپمۇ خاتىرجەم ئەمەس. پۈتۈن بەدىنى ساۋۇت بىلەن قورشالغان تۇرۇقلۇق، كۆزىنىڭ ئوچۇق يېرىدىن بىر نەرسە كىرىپ كېتەمدىكىن ، دەپ ئەنسىرەيدۇ. بۇ ھەقتە ﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار(يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز» [124] سۈرە تاھا.
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كەيپىيات خاتىرجەملىكى ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئوخشىمىغان قەپەزدە بېقىلغان ھايۋانلارغا بەرگەندە، جىددىيلىشىش ئىچىدە تۇرغان ھايۋانلار قورسىقى ئاچ ھالەتتە تۇرۇپ ھېلىقى يېمەكلىكلەردىن يېمىگەن.
شۇنداق، شۇنچە مول ماددىي مەئىشەت ھەق دىندىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنى خاتىرجەم قىلالىغان ئەمەس. ئاتوم بومبىلىرى، ئوق ئۆتمەس كىيىملەر يەھۇدىيلارنى خاتىرجەم قىلالىدىمۇ؟ ياق.
ھەقىقىي مۆئمىن ھەر بىر ئىشىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايدۇ.  بۈگۈنى يېگۈدەك رىزقى بولسىلا، ئەتىدىن غەم يېمەيدۇ. دەھشەتلىك مىنۇتلاردا سالماق تۇرالايدۇ. ساھابىلەرنىڭ مۇشرىكلارنىڭ ئىماندىن قايتۇرۇشقا ئۇرۇنغان مىنۇتلىرىدىكى سالماق ئىمانى، ئوق يامغۇردەك يېغىۋاتقان جەڭگاھلاردىكى پەيغەمبەرگە بولغان مۇھەببىتىگە نېمە تەڭ كەلسۇن؟ ئەنە، بۈگۈنكى دۇنيادىكى زۇلۇمدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ  تۈرمىلەردىكى چىدامچانلىقى دۈشمەنلەرنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرماقتا. خۇددى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئېيتقاندەك: ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا ئۇلار:«بىز ئەلۋەتتە ﷲ نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ﷲ  نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. [156] سۈرە بەقەر.
دۈشمەن تەننى زىدە قىلغان بىلەن ئىماننى تارتىپ ئالالمايدۇ. شېھىد لەۋلىرىدىكى كۈلۈمسىرەش دۇنيادىكى بارچە نەرسىدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر.
دۈشمەن قوشۇن سەركەردىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى مەسچىتكە يېقىن جايدا داق يەرگە سېلىنغان پالاز ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ ھەيران قالغان. ئىسلامىي مەملىكەتنىڭ رەھبىرى بولغان كىشىنىڭ قوغدىغۇچىسىز ھالەتتە خاتىرجەم ئۇخلىشىنى بۇ سەركەردە تەسەۋۋۇر قىلالمىغان. ئادالەت، شەرىئەت يۈرگۈزۈلگەن، ﷲ يولىدىكى قەلبلەر بىرلەشكەن جايلاردا خاتىرجەملىكتىن باشقا يەنە نېمە بولسۇن؟!
خاتىرجەملىك بۈيۈك نېئمەتتۇر. بۇ نېئمەتكە ئىمانلىق قەلب نائىل بولالايدۇ.ھالال جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلىپ، بۇزۇقچىلىق كوچىلىرىدا يۈرگەن ئاۋۇ ئەر خاتىرجەممۇ؟ ئېرىنىڭ ھەققىگە قارا سانىغان ئاۋۇ ئايالچۇ؟ دۇنيا مەئىشەتلىرىگە چۆككەن باينىڭ يۈرىكى خاتىرجەم ئەمەس، چۈنكى، ئۇ مېلىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىشى، تاتلىق جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.ئاۋۇ ئەمەلدار خاتىرجەم ئەمەس. قاتمۇ- قات بىخەتەرلىك ئىشىكلىرى،تولۇق قوراللانغان قوغدىغۇچىلار ئۇنى خاتىرجەم قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز قولىدىكىلەرنىڭ زۇلۇم ئارقىلىق قولغا كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆلۈمنى ئەڭ ئارزۇ قىلمايدىغانلاردۇر.
خاتىرجەملىك يولى قەيەردە؟ جاۋابىمىز شۇكى: ئىمانغا تولغان ھاياتتا.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈچۈن قورۇ جايلىرىنى تاشلاپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلار تولىمۇ خاتىرجەم ئىدى. ئۇلاردا ئەتىنىڭ غېمى، قورساقنىڭ ئىشتىياقى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورۇنلاشقىنى ئىماندىن كۆكلەپ چىققان خاتىرجەملىك ئىدى. ئەنە شۇ بۈيۈك سىماھلارغا  سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ ئۇ زاتقا مۇھەببىتىمىز بەكمۇ تۆۋەن ھالەتتىدۇر. دۇنياغا بولغان ئىشىق كىشىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەقنى يامان كۆرىدىغان ھالەتكە ئېلىپ بېرىشى مۈمكىن. (ئاللاھ ساقلىسۇن) بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيانى ياخشى كۆرۈشى، يېقىن قوشنىسىنىڭ دەردىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، ئىبادەتلەردىكى رىياخورلۇق... نۇرغۇن ئىللەتلەر كانىدەك چاپلاشقان. دۇنياغا بېرىلىش بىلەن خاتىرجەملىك يوقالدى. دۇنيا بېشىمىزغا كىيىلىپ قالدى. بىز دۇنيالىق ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقلارنىڭ 10 دىن بىرىنى ئاخىرەت ئۈچۈن قىلالمىدۇق. 10 مىڭ يۈەن پۇلىمىز ياكى ئالتۇنىمىزنى بىخەتەر ئىشكاپلاردا ساقلاۋاتىمىزكى، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە پۈتكۈل دۇنيانى بېرىپمۇ ئالالمايدىغان ئىمانىمىزنى قولدىن بېرىپ قويىۋاتىمىز. ئۇلۇغ كالام ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرىدە بىزگە خاتىرجەملىك يوللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير باي ئائىلىدە دۇنياغا كېلىپ، راھەت - پاراغەت ئىچىدە چوڭ بولدى. ئۇنىڭ باي ئاتا - ئانىسى ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ قىممەت كىيىملەرنى ۋە ئەڭ چىرايلىق ئاياغلارنى كەيگۈزەتتى.
ئەينى زاماننىڭ بەگزادىسى بولغان بۇ يىگىت ﷲ نىڭ ھەق دىنىنى تاللىشى بىلەنلا ئۇنىڭ بۇ كۈنلىرى ئاخىرلاشقان ئىدى. ئانىسى ئۇنى كۇفرىغا قايتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەمىناتلىرىنى ئۈزۈۋەتتى. ئانا بىلەن رەسۇلۇللاھنى تاللاش پەيتلىرىدە ئۇ ﷲ نىڭ رەسۇلىنى تاللىدى.  
ھەتتاكى بەدىر غازىتىدا ئۇنىڭ بىر قوساق ئىنىسى قۇرەيش ئەسىرلىرى قاتارىدا قولغا چۈشكەندە، ئۇ يېنىدىكى ھەمراھىغا: ئۇنى چىڭ باغلا...، ئۇنىڭ ئانىسى
سەن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن تۆلەم پۇلغا ئېرىشىپ قېلىشىڭ مۇمكىن، دېدى.—ناھايىتى باي ئايال، ئېھتىمال ئەبۇ ئەزىز ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى، قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە مۇسئەبكە قاراپ:
دېدى.— قېرىندىشىم، مەن توغرىلىق شۇنداق سۆزلەرنىمۇ قىلامسەن؟ —
مېنىڭ قېرىندىشىم مانا ماۋۇ،.دېدى مۇسئەب  يېنىدىكى ھەمراھىنى كۆرسىتىپ، ئۇ شۇ سۆزلىرى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتتىن ئىمانى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلۈكرەك بولىدىغانلىغنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئوھۇد جېڭىدە،ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر شېھىتلەر بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا كەلدى. ئۇلار مۇسئەبنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، كۆز ياشلىرىنى تۇتىۋالالماي قېلىشتى. خەبباب رىۋايەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇسئەبنىڭ جەسىتىنى كېپەنلەش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تونىدىن باشقا رەخت تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى يۆگىسە، پۇتى ئوچۇق قالدى، پۇتىنى يۆگىسە، بېشى ئوچۇق قالدى.
ئۆلگەندە يالىڭاچ قالغان مۇسئەب شېھىدلىك شارابىغا مۇيەسسەر بولدى. دۇنيا مالامەتلىرىگە چىرمىلىپ قالغان مۇسئەب ئاخىرى ئىمان ئارقىلىق ھەقىقىي خاتىرجەملىك يولىنى تاپقان ئىدى.
تەلھە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ قولىدا يىغىلىپ قالغان دىنارلار سەۋەبىدىن غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغاندا ، ئايالىنىڭ ﷲ يولىدا سەدىقە قىلىۋېتىش ھەققىدىكى پىكرىنى ئاڭلاپ كىچىك بالىدەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف 700 تۆگىلىك مېلىنى ﷲ يولىدا سەدىقە قىلۋەتكەن ئىدى. ئۇلار ﷲ يولىدا ماللىرى، جانلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قەلب خاتىرجەملىكىگە ئېرىشكەن ئىدى. ساھابىلەر ئۆزى ئاچ تۇرۇپ ، قېرىندىشىغا ياخشى تائاملىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرەتتى. ئۇلارنىڭ يېگەنلىكىدىن ئۆزى لەززەت تاپاتتى. ھالبۇكى، بىزدە پەرز زاكاتنى كېچىكتۈرىدىغان، ھەتتاكى بەرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا تېنىمىز شۈركىنىدۇ. سۆئلەبە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىسى ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ مال – دۇنياسىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن دۇئا تەلەپ قىلغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: ـ ئەستە تۇتقىنكى، ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر ئېيتىپ تۇرىدىغان ئازغىنا بايلىقى، شۈكۈر قىلىشنى ئۈنتۇلدۈرۈپ قويىدىغان دۇنيانىڭ كاتتا غەزىنىلىرىدىن كۆپ ياخشىدۇر.- دېدى. سۆئلەبە پىكرىدە چىڭ تۇردى. كېيىن ئۇنىڭ ماللىرى شۇنچىلىك كۆپىيىپ كەتتى. بارا- بارا نامازغا سۇسلۇق قىلىدىغان بولدى. ھەتتا پەرز زاكاتنى بېرىش رىغبىتى قەلبىدىن يىراقلاپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ ياش تۆكتى. كېيىن سۆئلەبە خاتالىقىنى ھېس قىلىپ زاكات تاپشۇرۇش ئۈچۈن بارغاندا ﷲ نىڭ رەسۇلى ئۇنىڭ زاكاتلىرىنى قوبۇل قىلمىدى. ھەتتا ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارمۇ خەلىپىلىك دەۋرلىرىدە "بۇنى قوبۇل قىلىشتىن ئاللاھنىڭ رەسۇلى مەنئىي قىلغان" دەپ ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى قوبۇل قىلمىدى. مانا بۇ ھەسرەت، مانا بۇ قىيامەتلىك زىيان.
ئوھۇد غازىتىدا ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆز ئورنىدىن قوزغالماسلىق ھەققىدىكى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغاندا، ﷲ ئۇلارغا ﷲ نىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلماسلىقنىڭ ئەلىمىنى تېتىتقان ئىدى.
ئەتراپىڭىزغا نەزەر سېلىڭ: بەركەت ئۇچۇپ كەتكەن، دۇنيا تېپىش غېمىدە زىمىننىڭ كولىغىلى بولىدىغانلىكى يەرلىرى كولانماقتا.  قەلب خاتىرجەملىكى بۇزۇلغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدە ئاچكۆزلۈك قېتىپ قالغان،  قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى... قايسىسىنى ساناي، تۇرمۇش يولىدىن چىقىپ كەتكەن، ﷲ نىڭ ئەمىرلىرى ئەستىن كۆتۈرۈلگەن. ياشاشتىن مەقسەت ياخشىراق يەپ- ئىچىش... دەپ قارايدىغان كىشىلەرنى ئۇچراتماقتىمەن.
ئۇلۇغ ﷲ ﺳﯜﺭﻩ ﮬﯘﺩﻧﯩﯔ 15-ﯞﻩ16-ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:«ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﯨﺒﯘﺯﯨﻨﻨﯩﺘﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ)ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻼ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ(15).ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎﻧﻪﺭﺳﻪﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﻘﺎﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(ﻳﺎﺧﺸﻰ)ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﭘﻘﺎﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ» (16).
چۈش كۆردۈم: تىرەك سېلىنغان ئىگىز سوقما تام ئۈستىدە ئولتۇرۇپتىمەن. قاشانىڭ سىرتىدا نىجاسەتلەر. كۆڭلۈم ئېلىشىۋاتقۇدەك، سوقما تامنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇپتىمەن.
تىرەك سېلىنغان سوقما تامنى ئاجىز ئىمانىم ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلدىم، قاشا تامنىڭ سىرتىدىكى نىجاسەتلەر دۇنيا ئىدى. دۇنياغا  بولغان تارتىشىش ئىمانىمنى ھالاك قىلىش ئالدىدا ئىكەن، دەپ ئۆزۈمچە تەبىر بېرىپ باقتىم.  ھەقىقەتەن بىزدىكى ئىمان شۇ ھالەتتە قالغان ئىدى. جەننەت بىزنى چاقىرىۋاتسىمۇ، بىز ھەدەپ نەفسىمىز سۆرىگەن تەرەپكە تارتىشماقتىمىز. خاتىرجەملىكىمىز شۇنىڭ بىلەن يوقالدى. ئۇستاز ئابدۇۋەلى قارى، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ماددى جەھەتتىنمۇ پايدا ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ. سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشى ئارتۇق چىقىم قىلمايدۇ. بىدئەتنى قىلىمەن دېگەن كىشى پۇل خەجلەيدۇ. چارچايدۇ. دەرۋەقە، كۈنلەر ئالدىراش، نېمە ئىش بىلەن ئالدىراشلىقىنى بىلمەيمىز، بالىلار چوڭ بولىۋاتىدۇ، ئىمان- ئىسلامدىن خەۋەرسىز. غاژ- غۇژ سوقۇشۇشلار كۈلبىلەرنى قاپلىغان، مۇتەخەسسىسلەر ئائىلە تىنچلىقى ھەققىدە ماقالىلەر يازماقتا. يازغۇچىلار بەختلىك ياشاش ھەققىدە يازمىلار پۈتمەكتە. پىسخىلوگلار خاتىرجەم ياشاش ھەققىدە مەسلىھەتلەر بەرمەكتە. ئۈنۈمسىز. نېمە ئۈچۈن؟!
ئىش ئوقىدىن چەتنەپ كەتكەن. خۇددى، يىلتىزى يۇلىۋېلىنغان بىر كۆچەتنىڭ يوپۇرمىقىغا ھەدەپ سۈ  پۈركۈلمەكتە. راك بولغان ئادەمگە زۇكام دورىسى يېگۈزۈلمەكتە. نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن كىشىدە قەلب خاتىرجەملىكى يوق، دىنسىزلارنىڭ ئافغانىستان سەھرالىرىدا يىرتىق كىيىم بىلەن خۇشال ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا بولغان ھەيرانلىقى ئاشماقتا. نامراتلىق ئىچىدىمۇ خۇشاللىق تاپقان قانداق قەلب بۇ؟! ئېسىل پىكاپ، ھەشىمەتلىك داچا، باغلام- باغلام دوللار، ئائىلە دوختۇرلىرى نېمە ئۈچۈن دىنسىزلارنى خاتىرجەم قىلالمايدۇ؟ چۈنكى،  ئۇلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر. ئۇلارنىڭ سەركەشلىكى، شەيتانى ھەۋەسلىرى، كىبرى ئۇلارنىڭ ﷲ تونۇيدىغان ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان.
«(كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى[31]. لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى [32]. ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى [32] ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! [34] يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا، ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا![35] ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ ( يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟ [36] ئۇ (بەچچىدانلارغا )تۆكۈلىدىغان (ئاجىز مەنى) ئەمەسمىدى؟[37] ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ﷲ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى.[38] ئۇ مەنىيدىن ئەر- ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى [39] ئۇ (يەنى يۇقۇرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ﷲ ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟[40]     سۈرە قىيامەت
سىناققا تولغان دۇنيادا ئىمان ﷲ خالىغان كىشىلەرگە بېرىدىغان نېئمەتتۇر. خاتىرجەملىك ئىمانلىق كىشىگە بېرىلىدىغان نېئمەتتۇر. ساھابىلەر قۇرئان كەرىمنى ئون ئايەت، ئون ئايەتتىن ئۈگىنىپ ئۇنى پۈتكۈل ھاياتىغا سىڭدۈرەتتى. ئەنە شۇ ئىلاھىي ھېكمەت ، ئىمان نۇرى باغرى تاش كىشىلەرنى دىلى يۇمشاق كىشىلەرگە، قورقۇنچاق كىشىلەرنى قەيسەر مۇجاھىدلارغا ئايلاندۇرغان ئىدى.
سىز خاتىرجەممۇ؟ ئەتە ئاچ قېلىشتىن، يولدا پۇتىڭىزغا مىق كىرىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلامسىز؟ سىزدە چۈشكۈنلۈك بارمۇ؟ ئەگەر بۇ ئالامەتلەر بولسا سىز تېخى ھەقىقىي ئىمان مېۋىسىنىڭ لەززىتىنى تېتىمىغان بولىسىز. ھاياتىڭىزدا بىر قېتىم ﷲ دىن ئەيمىنىپ قەبىھ گۇناھتىن يانغان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟ چىن ئىخلاس بىلەن دۇئادا يالۋۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟ كۆزلىرىڭىزدىن تارام- تارام ياشلار ئاققۇزۇپ تۇرۇپ ﷲ قا تەۋبە قىلىپ باققانمۇ؟ زالالەتتە قالغان، گۇناھلارغا چۆمۈلگەن قەۋمىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ باققانمۇ؟ ﷲ نىڭ دىنىنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى تىلەپ باققانمۇ؟
ناۋادا سىز جۈمەدىلا مەسچىت ئىشىكىنى تاپىدىغان، رامىزاندا ئىبادەتكە كىرىشىدىغان مەۋسۈملۈك مۇسۇلمانلاردىن بولسىڭىز. مەخلۇقتىن قورقۇپ پەرزلەرنى تاشلاپ قويغان پاسىق قەلب بىلەن ياشاۋاتقان بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە قاتتىق سۇئال قويۇپ بېقىڭ.
گۇناھلارنى كىچىك ساناپ ئۆتۈۋاتقان ئەي ئىنسان! ئۇششاق ئوت- چۆپلەردىن توقۇلغان ئاغامچىدا يوغان تۆگە بوغۇلۇپ ئۆلىدۇ. ھالاكەت گۇناھلارنى كىچىك ساناشتىن تۇغۇلىدۇ. ھەر بىرىمىزگەﷲ قا يۈزلەنگەن قەلب بىلەن ھاياتىي دۇنيادا تەۋبىگە مۇشەررەپ بولۇش نېسىپ بولسۇن. ھەقىقىي خاتىرجەملىك مانا بۇ يەردە. ﷲ ۋە ﷲ نىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قەلبىمىزگە ۋىندوۋس پىروگىراممىسىنى قاچىلىغاندەك قاچىلاپ، تۇرمۇشىمىزنى مۇشۇ پىروگىرامما بويىچە ئۆتكۈزۈشتە.
   «پەرۋەردىگارىمىز ﷲ دۇر » دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، كەلگۈسىدىن غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر. [13]  سۈرە ئەھقاف

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Qapaqhenim + 200 خاتىرجەملىك ھەممىمىزگە بولسۇن!
xahida223 + 100 اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .ئامىن
zulayha + 300

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107672
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6951 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 10:56:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇناھلارنى كىچىك ساناپ ئۆتۈۋاتقان ئەي ئىنسان! ئۇششاق ئوت- چۆپلەردىن توقۇلغان ئاغامچىدا يوغان تۆگە بوغۇلۇپ ئۆلىدۇ. ھالاكەت گۇناھلارنى كىچىك ساناشتىن تۇغۇلىدۇ. ھەر بىرىمىزگەﷲ قا يۈزلەنگەن قەلب بىلەن ھاياتىي دۇنيادا تەۋبىگە مۇشەررەپ بولۇش نېسىپ بولسۇن. ھەقىقىي خاتىرجەملىك مانا بۇ يەردە. ﷲ ۋە ﷲ نىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قەلبىمىزگە ۋىندوۋس پىروگىراممىسىنى قاچىلىغاندەك قاچىلاپ، تۇرمۇشىمىزنى مۇشۇ پىروگىرامما بويىچە ئۆتكۈزۈشتە.

ئېسىل تەپەككۈرلىرىڭىز گە اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن . ئىبادەتنىڭ ئالىسى - تەپەككۈر . دىيىلگەنكەن . مۇشۇ تېمىڭىزدىن بىرى زەررىچە ياخشىلىقنى قوبۇل قىلىدىكەن اللە بۇنىڭ ئەجرىنى بەرگۈچىدۇر . تەشەككۈرلىرىم بولسۇن سىزگە.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1528
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 11:26:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم . ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە ئىمانىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىسىل ماقالىڭىزنى يوللاپسىز . اللە بىزنى ئىماننىڭ تەمىنى ھەقىقى  تېتىغۇچىلاردىن ، ئىككى دۇنيا خاتىرجەملىككە ئېرىشكۈچىلەردىن قىلغاي.ئامىن.

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12351
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 3732 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 12:23:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەق  يۇلدا ماڭغۇچىلار ۋە كىشلەرگە ھەقنى دەۋەت قىلغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.

0998ۋارىس

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8430
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 12814 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 12:42:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسىرىڭىزنى بىزگە سۇنغان قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،اللاھ ھەممىمىزنى  خاتىرجەم قىلسۇن.

ئنساننىڭ قەدىرى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49807
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1818
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 719 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 12:54:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ،،ئاللاھ ئىشلىرىڭنى ئاسان قىلسۇن،ھەرۋاقىت بوشاپ قالمغىن!!

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162088
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 12:54:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتىرجەملىك ھەممىدىن ئەۋزەل، تىما ئىگسىگە رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1114
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1423 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 12:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  رەخمەت قىلسۇن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50736
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1646
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 01:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر..

ئوت ئادەمنى ،مۇھەببەت ئالەمنى ئىستىدۇ .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14183
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5657 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 01:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي،ئۇلۇغ كۇنلەردە بىزگە  ھەقىقى بىر مۇسۇلمان مۇئىمىننىڭ ،ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى تۇنۇشقا ئاساس سېلىپ بەرگىنىڭىزگە  مىڭلاپ تەشەككۇرلەر بولسۇن ،اللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش