مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2477|ئىنكاس: 8

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانداق نەرسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62323
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 08:06:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانداق نەرسە
ئىجتىمائى سۇغۇرتابولسا ،دۆلەت قانۇن بويىچە قۇرغان ئەمگەكچىلەر ياشانغاندا ، كېسەل بولغاندا ، پەرزەنىت كۆرگەندە،يارلىنىپ مېيىپ بولغاندا ، ۋاپات بولغانداقاتارلىق ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا ياكى ئىشسىز قالغاندا ،شۇكىشى ياكى ئائىلىسى تۇرمۇش مەنبەسىدىن ئايرىلغاندا جەميەتتىن (دۆلەتتىن ) يىتەرلىك ماددى ياردەمگە ئېرىشىدىغان تۈزۈمدۇر . ئىجتىمائى سۇغۇرتا مەجبۇرلاش ، ئۆزئارا تۇلۇقلاش ، پايدىنى ئاساس قىلماسلىق خاراكتىرىگە ئىگە . ‹‹ئەمگەك قانۇنى يىشىمى».
1. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دىگەن نىمە؟  ئىجتىمائى سۇغۇرتا بىلەن جىسمانى سودا سۇغۇرتىنىڭ پەرقى نىمە ؟
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، دۆلەت قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسيلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشىدىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى، پۇقرالارنىڭ ياشانغان، كېسەل بولغان، ئىشتا يارلانغان، ئىشسىز قالغان، تۇغۇت قاتارلىق ئەھۋاللاردا قانۇن بويىچە دۆلەت ماددىي يارىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بىرخىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەڭ چوڭ پەرقى ئىجتىمائى سۇغۇرتا بولسا ئىشچى خىز مەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى مەخسەت قىلىدۇ ، پايدا ئېلىشنى مەخسەت قىلمايدۇ ، مەجبۇرلاشنى ۋاستە قىلىدۇ
2. قايسى كىشىلەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ؟
ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بولسا، شەھەر- بازاردىكى بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە قارىتىلغان، مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلغان بىر تۈرلۈك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى. « ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» دا ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشىچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ئورتاق تاپشۇرىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچى ياللىمىغان يەككە تىجارەتچى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار ۋە باشقا ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، شەخىسلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرسا بولىدۇ. مەمۇرىيلار ۋە مەمۇرىيلار قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش  سۇغۇرتىسىنىڭ ئۇسۇلىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

3. ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي سۇغۇرتىسى فوندى قانداق جۇغلانغان؟
ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخىسي تاپشۇرۇش ھەمدە ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مۇشۇ ئورۇندا خىزمەت قىلغۇچى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي مائاشى نىسبىتى بويىچە  ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىر تۇتاش فوندىغا كىرگۈزىلىدۇ، نۆۋەتتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرىدىغان نىسبەت ئادەتتە مۇشۇ ئورۇن مائاشى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر دۆلەت بەلگىلىمسىدىكى مۇشۇ ئادەمنىڭ مائاش نىسبىتى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇپ، شەخسىي ئىسچوتقا كىرگۈزىلىدۇ، نۆۋەتتە شەخىسىيلەر %8 نىسبىتىنى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ.
ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياللىمىغان يەككە تىجارەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار ۋە باشقا ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار، شەخىسلەرنىڭ ئىختىيارى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقىنى قارار قىلسا بولىدۇ. قاتناشماقچى بولغانلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرىشى كېرەك، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىر تۇتاش پىلانلاش فوندى ۋە شەخسىي ئىسچوتقا ئايرىم- ئايرىم ھالدا كىرگۈزۈلىدۇ.

4. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىشنىڭ شەرتى نىمە؟
«ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» بەلگىلەنگەن، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىش شەرتى: بىرىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيىگە چىقىش يېشگە يېتىشى كېرەك. ئىككىنچى، سۇغۇرتا تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا يەتكەن بولۇشى كېرەك.
دۆلىتىمىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پىسنسىيىگە چىقىش يېشى: 1. پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى ئورگانلار، كارخانا، كەسپىي  ئورۇنلارنىڭ كادىرلىرى، ئەرلەر يېشى 60 ياشقا توشقان، ئاياللار 55 ياشقا توشقان بولۇشى، ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان مۇددىتى 10 يىل بولغاندا پىنسىيىگە چىقسا بولىدۇ، ئەرلەر 50 ياشقا توشۇپ، ئاياللار 45 ياشقا توشۇپ، ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان مۇددىتى10 يىلغا توشقان، دوختۇرخانا خىزمەت ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىق ئىسپاتى بەرگەنلەر پىسىيىگە چىقسا بولىدۇ. 2. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، ئەرلەر 60 ياشقا توشسا، ئاياللار 50 ياشقا توشسا، ئۇدا خىزمەت قىلغان خىزمەت ئىستاژى 10 يىلغا توشقان، ياكى قۇدۇق ئاسىت، يۇقىرى بوشلۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، بولۇپمۇ  ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك ياكى سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان خىزمەت قىلغۇچىلار، ئەرلەر 55 ياش، ئاياللار 45 ياش، ئۇدا خىزمەت قىلغان ئىستاژى 10 يىلغا توشقانلار پىنسىيىگە چىقسا بولىدۇ.
ئەرلەر 50 ياشقا توشقان، ئاياللار 45  ياشقا توشقان، ئۇدا خىزمەت قىلغان ئىستاژى 10 يىلغا توشقانلار، دوختۇرخانا ئىسپاتى بولسا، ھەمدە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى جەزىملەشتۈرگەن، پۈتۈنلەي ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقانلار پىنسىيىگە چىقسا بولىدۇ.
«ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن: ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخىسلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيىگە چىقىش يېشىغا يەتكەندە، جەمئىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا يەتمىگەنلەر 15 يىلغا يەتكەنگە قەدەر تاپشۇرسا بولىدۇ، ھەر ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ؛ يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ياكى شەھەر – بازار ئاھالىسى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يۆتكەپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسىمۇ بولىدۇ

5. دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈپ قالغان يۇرتىغا قايتىپ داۋاملىق ھەق تاپشۇرمىسا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشنى توختىتىپ ياكى يېزىغا قايتىپ داۋاملىق ھەق تاپشۇرمىسا، ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغۇچى ئورۇن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ،  ئۇنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپھەق تاپشۇرغان بارلىق خاتىرىسى ۋە شەخسنىڭ ئىسچوتىنى ساقلايدۇ، شەخسنىڭ ئىسچوتىدىكى ساقلاپ قويغان سوممىسى بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق ھېسابلىنىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەرگە قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ھەمدە داۋاملىق ھەق تاپشۇرسا، مەيلى ئەسلىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان رايوندا ئىشقا ئورۇنلاشسۇن ياكى باشقا شەھەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسۇن، ئوخشاشلا ھەق تاپشۇرۇش مۇددەت بەلگىلىمىسى بويىچە جەملەپ ھېسابلىنىدۇ، شەخسنىڭ ئىسچوتىدىكى ساقلاپ قويغان سوممىسى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىمان بولۇشقا ماس كىلىدىغانلار، شەھەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىمان بولالايدۇ؛ دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەر-بازارلارغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلاشمغان بولسا ، شەھەر-بازارلاردا سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان خاتىرىسى ۋە شەخسي ئىسچوتىنىڭ ھەممىسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ھەمدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بەلگىلەنگەن كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىمان بولۇشقا ماس كىلىدىغانلار، شەھەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىمان بولالايدۇ ؛ ياكى يېڭى تىپتىكى يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزىلىدۇ.
6.قايسى كىشىلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرىلىدۇ؟ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى قانداق تاپشۇرىدۇ؟
نۆۋەتتە،  دۆلەت مەمۇرلىرى بىلەن «دۆلەت مەمۇرىلار قانۇنى» نى بويىچە باشقۇرىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملاردىن سىرت، بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ ياكى توختاتقاندىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى بار. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمى دائىرىسى ئىچىدىكى ئورۇن  ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ھەمدە ھەق تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتكە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئىش ھەققى  ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 2% بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ مائاشىنىڭ 1% بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ. رايۇن ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى مەزكۇر ئادەم بىلەن تەڭ يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتى جەملەپ ھېسابلىنىدۇ.
7. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا سوممىسىنى ئېلىش ئۈچۈن قايسى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىشسىز خادىملار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىشنى توختىتىلىدۇ؟
ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىشقا ماس كېلىدىغان ئىشسىز خادىملار چوقۇم تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: (1) ئىشسىز قېلىشتىن ئىلگىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ كىشىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغىنىغا بىر يىل بولغان بولسا؛ (2) ئۆز ئارزۇسىدىن باشقا سەۋەب بىلەن ئىشتىن توختاپ قالغان بولسا؛  (3) ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپى بولسا. ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتسىغا قاتناشقان بولسا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.(ئىشسىزلار تاپشۇرىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، شەخسلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ).
ئىشسىزلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى توختىتىلىدۇ ھەم باشقا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تەمىناتلىرىمۇ توختىتىلىدۇ:(1)  قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار؛(2)  ئەسكەر بولۇپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەنلەر؛
(3)  چېگرا سىرتىدا ئولتۇراقلاشقانلار؛(4)  ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغانلار؛(5)  شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق ياكى ئاپپارات تونۇشتۇرغان مۇۋاپىق خىزمەتنى ياكى ئۇنىڭ تەربىيەلىشىنى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ رەت قىلغانلار.
8. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟
ياللانما ئىشچىسى بولمىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان باشقا كىشىلەر ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا بولىدۇ.
9. شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟
شەھەر – بازار ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ. شەھەر – بازار ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىش بىرلەشتۈرۈلىدۇ.
ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان مېيىپلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى 60 ياشتىن ئاشقانلار، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر شەخسىي تاپشۇرىدىغان قىسمىغا ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىدۇ.

10. ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟ قايسى خىل تەمىناتلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ؟
ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.
     تۇغۇت سۇغۇرتا تەمىناتى تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:(1) تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى؛  (2) پىلانلىق تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى؛ (3) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا خىراجەتلەر. ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ:
(1)  ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۇغۇت رۇخسىتى ئالغانلىرى؛(2)  پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيە ئوتپۇسكىسى ئالغانلار؛(3)  قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
     11. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، شەخسىلەر ھەق تاپشۇرامدۇ-يوق؟
     ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.
     12. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشتىن كېلىپ چىققان راسخوتتىن قايسىنى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىسىدىن بېرىلىدۇ؟ قايسىنى ئىدارە بېرىدۇ؟
     ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ كېلىپ چىققان راسخوتنى بېرىش تۈرلىرى:
(1) ئىشتا يارىلانغانلارنى داۋالاش خىراجىتى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى؛
(2) كېسەلخانىدا يېتىش تاماق ياردەم پۇلى؛(3) غەملىگۈچى جايدىن باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ قاتناش، تاماق – ياتاق پۇلى؛(4) مېيىپلىك قوشۇمچە سايمانلىرىنى سالدۇرۇش خىراجىتى؛(5) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار ئۈچۈن بېكىتكەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش پۇلى؛(6) بىر يولىلا بېرىلىدىغان مېيىپلىك ياردەم پۇلى ۋە 1 – دەرىجىدىن 4 – دەرىجىگىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان مېيىپلىك ياردەم پۇلى؛
(7) ئەمگەك توختامى ئاخىرلاشقان ياكى بىكار قىلىنغاندا بىر يولىلا بېرىلىدىغان داۋالىنىش ياردەم پۇلى؛(8) ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان دەپنە ياردەم پۇلى، تۇغقانلىرىنى باقىدىغان نەپىقە پۇلى ۋە ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ياردەم پۇلى؛(9) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش پۇلى.
     ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىدىغان تۈرلەر: (1) ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالانغان مەزگىلدىكى مائاشى، پاراۋانلىقى؛ (2) 5-6 دەرىجىلىك مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى؛(3) ئەمگەك توختامى ئاخىرلاشقان ياكى بىكار قىلىنغاندا بىر يولىلا بېرىلىدىغان مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى.
     13. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلانغاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىغا قارىتا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
     ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھادىسىدە يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ياكى كەسپىي كېسەلنى ئالدىنى ئېلىش  داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە باھالانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايدىكى ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ،   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنمىسا، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ھادىسىدە يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈن ياكى كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە باھالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايدىكى ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
     ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ بەلگىلىمىدىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ئىچىدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنمىسا، بۇ مەزگىلدە نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا چىقىم قىلىنغان ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى خىراجىتىنى شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۆتۈرىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
1.    سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش
  دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى،كارخانا قۇرۇشنى تەستىقلاش گۇۋاھنامىسى ياكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى،دۆلەت تېخنىكا نازارەتچىلىك تارمىقى تارقاتقان تەشكىلىي ئاپپاراتلار بىر تۇتاش كود كىنىشكىسى،شۇنىڭدەك ئۆز ئورنىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى  توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلىپ،شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ،كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تىزىملاش توغرىسىدا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى؛ «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش كىنىشكىسى» ئالغاندىن كېيىن،كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك..
  ئەركىن كەسىپتىكىلەر ۋە يەككە سودا – سانائەتچىلەردىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدىغانلىرى يەككە سودا – سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى،ئۆزىنىڭ كىملىكى  ۋە يازما ئىلتىماسىنى ئېلىپ،شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ،كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچى شەخسلەرنى رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم.
2. ھەق تاپشۇرۇش
  ئورۇنلار ۋە شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن،تۆۋەندىكى چارە بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا بولىدۇ:
(1) دۆلەت،كوللېكتىپ ئىلكىدىكى،جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىي يەرلىك كارخانىلار كارخانا مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ،شەخسلەر ئۆز مائاشىنىڭ %6ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛
  (2) شەھەر – بازارلاردىكى يەككە ئەمگەكچىلەر ۋە ئەركىن كەسىپتىكىلەر ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 — %300 ئىنى ئاساس سان قىلغان ھالدا،%17لىك نىسبەت بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛
  (3) شەھەر – بازاردا قۇرۇلغان يېزا – بازار كارخانىلىرى مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %9 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ،شەخسلەر مائاش %6 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛
4› ئورگان،كەسپىي ئورۇنلاردىكى توختاملىق ئىشچىلارغا شۇ ئورۇن توختاملىق ئىشچىلار  ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %15 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ. شەخسلەر مائاشنىڭ %3 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛  كىرىم – چىقىمغا ئۆزى ئىگە كەسپىي ئورۇنلار ئورۇن ھېسابىدا خىزمەتتىكى خادىملار مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %18 ئى ۋە دەم ئېلىش،پېنسىيە پۇلىنىڭ %42 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ،شەخسلەر مائاشىنىڭ %3 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ.
3. شەخسىي سچوت
  شەخسىي سچوت سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر شەخسىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى ۋە كارخانىغا تاپشۇرىدىغان ھەقتىن ئاغدۇرۇلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھېسابلاش نىسبىتى شەخسلەر تاپشۇرغان ھەق ئاساس سانىنىڭ %11 ئى بويىچە بولىدۇ،شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ( يۇقىرى بولغاندا %8 بولىدۇ)،ئىدارىنىڭ ئاغدۇرۇپ بېرىدىغان قىسمى مۇناسىپ تۆۋەنلەيدۇ.
شەخسىي سچوتنىڭ تەركىبىي قىسمى: (1) شۇ يىلى تاپشۇرغان ھەقنىڭ دىرى؛ (2) شۇ يىلى دىرىدىن بولغان ئۆسۈم؛ (3) ئىلگىرى تاپشۇرۇپ كەلگەن ئامانەت سوممىسى ۋە ئۇنىڭدىن بولغان ئۆسۈم.
5. پېنسىيە
  سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە (خىزمەتتىن چېكىنىش) يېشىغا يېتىپ،تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە چۈشكەنلىرى پېنسىيە رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ.
  (1) يېشى 60 قا توشقان ئەرلەر،50 كە توشقان ئاياللار،55 كە توشقان ئايال كادىرلاردىن ھەق تاپشۇرغان يىلى (جۈملىدىن ھەق تاپشۇرىدىغان يىل سانىسىغا باراۋەر دەپ قارالغانلار،تۆۋەندىمۇ شۇنداق) 15 يىلغا توشقانلىرى (ئورگان،كەسپىي ئورۇنلارنىڭ 10 يىل بولىدۇ،تۆۋەندىمۇ شۇنداق).
  (2) قۇدۇق ئاستى،ئېگىز بوشلۇق،يۇقىرى ھارارەت شارائىتىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر  جىسمانىي ئەمگەك ياكى سالامەتلىككە زىيانلىق باشقا خىزمەت بىلەن شوغۇللىندىغان،يېشى 55 كە توشقان ئەرلەر،45 كە توشقان ئاياللاردىن ھەق تاپشۇرغان يىل سانى 15 يىلغا توشقانلىرى.
  (3) يېشى 50 كە توشقان ئەرلەر،45 كە  توشقان ئاياللار ئىچىدىكى ھەق تاپشۇرغان يىلى 15 يىلغا توشقانلاردىن،دوختۇرخانا ئىسپات بەرگەنلىرى ھەمدە ئەمگەك باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىرى.
  (4) ئىش ئۈستىدە مېيىپ بولۇپ،دوختۇرخانا ئىسپات بەرگەن ھەمدە ئەمگەك باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىرى (ھازىرچە ئورگان،كەسپىي ئورۇنلارغىلا تەتبىقلىنىدۇ).
   سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەخسلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن  پېنسىيە يېشىغا،ھەق تاپشۇرغان يىلى 15 يىلغا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقانلىرى «دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىقىدىغانلارنى تەسىتقلاش جەدۋىلى»،ئۆزىنىڭ ئارخىپى ۋە كىملىكى،ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ شەخسىي سچوت ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونى قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئەمگەك – كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ،پېنسىيە رەسمىيىتى ئۆتىسە بولىدۇ.
  5.كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىنى چىقىم قىلىش
  1) كارخانىدىن پېنسىيە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسى
  (1) ئاساس سۇغۇرتا پۇلى = ئۆزى پېنسىيىگە چىققان يىلىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە سۇغۇرتا پۇلى × %20؛
  (2) شەخسىي سچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلى = شەخسىي سچوتقا قويۇلغان جەمئىي ئامانەت پۇل سوممىسى ÷ %120 ؛
  1995 - يىل  31- دېكابردىن  بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقانلاردىن پېنسىيە يېشىغا يەتكەنلىرى ئاساس كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي سچوت كۈتۈنۈش پۇلىنى ئايمۇئاي ئالغاندىن باشقا،ئۇلارغا يەنە ئۆتكۈنچى كۈتۈنۈش پۇلى ۋە ئۆتكۈنچى تەڭشەش پۇلى قوشۇپ بېرىلىدۇ.
(1) ئۆتكۈنچى كۈتۈنۈش پۇلى = ئۆزىنىڭ ئىندېكىسلاشقان ئايلىق ئوتتۇرىچە تاپشۇرغان ھەققى × ھەق تاپشۇرغانغا باراۋەر دەپ قارالغان يىل سانى × %4.1؛
(2) ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك تەڭشەش پۇلى = ئۆزىنىڭ ئىندېكىسلاشقان ئايلىق ئوتتۇرىچە تاپشۇرغان ھەققى × ھەق تاپشۇرغانغا باراۋەر دەپ قارالغان يىل سانى ÷35 × %21 (1996 – يىلى %21،ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى %1 تىن كېمىيىپ بارغان).
2) ئورگان،كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاش تارقىتىش چارىسى
(1) ش ھ [1986] 61 – نومۇرلۇق ھۆججەت ۋە [1994] 48 – نومۇرلۇق ھۆججەتكە ئاساسەن،ئورگان،كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر پېنسىيىگە چىقىشتا،خىزمەت ستاژىغا قاراپ،ۋەزىپە (تېخنىكا) مائاشى،قوشۇمچە پۇل،جاپالىق رايون،چېگرا رايون ياردەم پۇلى،لەيلىمە دەرىجە ۋە  مۇقىم دەرىجىسىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىلىدۇ،زىيالىيلار ياردەم پۇلى،گېزىت – ژۇرنال پۇلى ئۆزگەرمەيدۇ. خادىملار ئەسلىدە بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھۆكۈمەت ئالاھىدە قوشۇمچە پۇلى،ئوقۇتقۇچىلىق ستاژ قوشۇمچە پۇلى دەم ئېلىشقا ۋە  سىستېرالىق ستاژلىق قوشۇمچە پۇلى،پېنسىيىگە چىققاندە %100 بېرىلىدۇ؛
(2) توختاملىق ئىشچىلار پېنسىيىگە چىقىشتا ۋە خىزمەتتىن چېكىنىشتە،تەمىنات ھېسابلاپ بېرىش چارىسى ش ك س[1997] 25 – نومۇرلۇق ھۆججەت بويىچە بولىدۇ،تەمىناتىنى ھېسابلاپ بېرىشتە سۇغۇرتىغا ئەمەلىي قاتنىشىپ،ھەق تاپشۇرغان يىلى ئاساس قىلىنىدۇ،ئومۇمىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 10 يىلغا يەتمىگەنلەرگە بىرلا قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
(3) يۆتكىلىپ يۈرگۈچىلەر ئورگان،كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي غەملىمىسىگە قاتنىشىپ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن  بېرىلىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى ش ك [1998] 4 – نومۇرلۇق ھۆججەت بويىچە بولىدۇ،شۇ رايوندىكى كەسپىي ئورۇن خادىملىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئاساس سان قىلىنىدۇ،ھېسابلاپ تارقىتىش نىسبىتى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ھەق تاپشۇرغان يىلى 10 يىلغا توشمىغانلارغا بىرلا قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
يۇقىرىقى خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بانكا،پوچتا ئىدارىسى ئارقىلىق بېرىدۇ ياكى ئۆز ئورنى ئايمۇئاي بېرىدۇ
مەنبە بىلوگىم يەنى- ۋولقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى
ئادىرسى: http://www.wolkan.biz
بو توغرىسىدىكى مەسلىھەت، پىكىر ،تەلەپ بولسا بىلوگىمغا قالدۇرۇپ قويساڭلار  كۆپچىكىل بىلەن تەڭ بەھىرلەنسەك ، كەسپ ئەھلىلىرى بولسا كۆپچىلىككە تەڭ مەنپىئەت يەتكۈزسەك بولىدۇ.

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21306
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 3926 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 02:41:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىش بار مەن قەتئىي چۈشەنمەيۋاتقان.
يۇقىرى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋاش نېسبىتىنى قەيەر ھېسابلاۋاتىدۇ؟دوختۇرخانىلارغا مۇشۇ چەكلىمىنى قويىۋاتقان ئورۇن زادى قەيەر؟دوختۇرخانىدىن يۆتكىلىش جەدىۋىلىنى ئېلىش نېمانچە قىيىن؟ھەر قانداق بىر پۇقرانىڭ دوختۇرخانا ۋە دوختۇر تاللاپ داۋالاش ھوقۇقى بار،بۇ ئەقەللىي ساۋات.نېمىشقا پۇقرالارنىڭ بۇ ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ؟يۆتكىلىش جەدىۋىلىنى ئالماي يۇقىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغانلار نېمە ئۈچۈن ئاتچوت قىلدۇرالمايدۇ؟مۇشۇنداق ھۆججەت ياكى بەلگىلىمە بارمۇ؟

If one day, you said you want to me, I will say to you: "late

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62323
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 09:19:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  shakira كە 2011-10-28 02:41 AMئەۋەتىلدى  :
بىر ئىش بار مەن قەتئىي چۈشەنمەيۋاتقان.
يۇقىرى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋاش نېسبىتىنى قەيەر ھېسابلاۋاتىدۇ؟دوختۇرخانىلارغا مۇشۇ چەكلىمىنى قويىۋاتقان ئورۇن زادى قەيەر؟دوختۇرخانىدىن يۆتكىلىش جەدىۋىلىنى ئېلىش نېمانچە قىيىن؟ھەر قانداق بىر پۇقرانىڭ دوختۇرخانا ۋە دوختۇر تاللاپ داۋالاش ھوقۇقى بار،بۇ ئەقەللىي ساۋات.نېمىشقا پۇقرالارنىڭ بۇ ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ؟يۆتكىلىش جەدىۋىلىنى ئالماي يۇقىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغانلار نېمە ئۈچۈن ئاتچوت قىلدۇرالمايدۇ؟مۇشۇنداق ھۆججەت ياكى بەلگىلىمە بارمۇ؟
http://www.wolkan.biz/?p=234 مۇشۇ يەر دە سىز ئىز دىگەن جاۋاب بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6444
تۆھپە نۇمۇرى: 920
توردا: 2529 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 10:43:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ.مەنمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىنى قىلىمەن.لىكىن مىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىم يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا خىزمىتى بولغاچقا باشقا تۈردىكىلىرىنى ئانچە چۈشەنمەيتىم،ئەمدى بىلىۋالدىم.تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43245
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4992
تۆھپە نۇمۇرى: 1800
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 11:20:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نان بىرىدىغان تىما ، ئىنكاس يىزىپ ساقلاپ قوياي

بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 01:09:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(wolkan207) نىڭ تېمىسىغا

مەن ئشلەۋاتقان ئۇرۇندىن بىزنى مەجبۇرى 5 خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان ،ھەر ئايدا 149 يۇئەن تۇتىدۇ ،ئۇنداقتا ئىدارىنىڭ ئايدا تۇلەيدىغان پۇلى قانچىلىك ؟ بۇ بەش خىل سۇغۇرتا قايسى-قايسىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ ؟ مىنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشۇم قانداق كاپالەتكە ئىگە بۇلىدۇ ؟ خاپا بولماي چۇشەندۇرۇپ قۇيغان بولسىڭىز ،رەخمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162087
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 02:37:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمكەن. تىما ئىگسىگە رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62323
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 09:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئاپتور(wolkan207) نىڭ تېمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  1670154432 كە 2011-10-28 01:09 PMئەۋەتىلدى ئاپتور(wolkan207) نىڭ تېمىسىغا :
مەن ئشلەۋاتقان ئۇرۇندىن بىزنى مەجبۇرى 5 خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان ،ھەر ئايدا 149 يۇئەن تۇتىدۇ ،ئۇنداقتا ئىدارىنىڭ ئايدا تۇلەيدىغان پۇلى قانچىلىك ؟ بۇ بەش خىل سۇغۇرتا قايسى-قايسىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ ؟ مىنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشۇم قانداق كاپالەتكە ئىگە بۇلىدۇ ؟ خاپا بولماي چۇشەندۇرۇپ قۇيغان بولسىڭىز ،رەخمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
سىز ئوتتۇرغا قويغان مەسىللەر مۇشۇ تىمىدا تەپسىلىي ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئوقۇپ چىقىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62323
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 12:44:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئاپتور(wolkan207) نىڭ تېمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  1670154432 كە 2011-10-28 01:09 PMئەۋەتىلدى ئاپتور(wolkan207) نىڭ تېمىسىغا :
مەن ئشلەۋاتقان ئۇرۇندىن بىزنى مەجبۇرى 5 خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان ،ھەر ئايدا 149 يۇئەن تۇتىدۇ ،ئۇنداقتا ئىدارىنىڭ ئايدا تۇلەيدىغان پۇلى قانچىلىك ؟ بۇ بەش خىل سۇغۇرتا قايسى-قايسىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ ؟ مىنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشۇم قانداق كاپالەتكە ئىگە بۇلىدۇ ؟ خاپا بولماي چۇشەندۇرۇپ قۇيغان بولسىڭىز ،رەخمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
بەش خىل سۇغۇرتا: ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشچى - خىز مەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتسى، ئىشسىزلىن سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا يېزاياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ، شەھەر- بازار ئاھاللىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر- بازار ئاھاللىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، بوۋاقلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار.
سىز پىنسىيە يېشىغا يەتچىكە ئەڭ كام بولغاندا 15 يىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇسىڭىز ،پىنسىيە چىقىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىمان بولىسىز، ۋاپات بولغاندا دەپنە خىراجىتى ۋە نەپىقە بولىدىن بەھرىمان بولىسىز.
كۈتۈنۈش پۇلىڭىز سىزنىڭ تۆلىگەن سۇۇرتىڭىزنىڭ يىل سانى، تۆلگەن ئۆلچەم ۋە شۇ ۋاقىتتى ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققى قاتارلىقلار بويىچە ھىسابلىنىدۇ، يەنى ئۇزاق، يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىگەنلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى يۇقىرى بولىدۇ،تۆلىگەن پۇل 15 يىلغا يەتمىسە پىنسىيە يېشىغا يەتكەندە ئۆسىمى بىلەن قۇشۇپ بىر قېتىمدىلا قاييتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش