مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2334|ئىنكاس: 4

مۇھەببەت .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەلكىم تاشلار بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3498
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 04:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                        مۇھەببەت بىر ئۇلۇغ ئۇقۇم . بىز ھەر قېتىم ‹مۇھەببەت› دىگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغىنىمىزدا يۇرىكىمىز ئىللىق بىر سىزىملار قوينىغا غەرىق بولىدۇ . بىز  ‹ مۇھەببەت › دىگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا ئختىيارسىز ھالدا نۇرغۇنلىغان پاراڭلارغا چۆمۈپ  كىتىمىز ... ئەمما سىز ئۇ پارىڭىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟؟؟ بىزنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلاۋاتقان ئاشۇ ھىكايىللىرى سىزنىڭچە ھەقىقى مۇھەببەتمۇ ؟؟؟  بىز ھەر قېتىم ئاشۇ بىردەملىك مۇھەببەتنى ئاغزى - ئاغزىمىزغا تەگمە سۆزلىگەندە بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بەرگەنلەرنى بىرەر قېتىم ئويلاپ قويامدۇق ؟؟؟
                   بىزگە تېخى جان كىرمەستىن تارتىپلا بىز بىلەن بىر تەن بىر جان بولغان ، بىزگە چەكسىز مۇھەببىتىنى بېغىشلىغانلار بىزنىڭ سۆيىشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟  بىزنىڭ مىدىرلاۋاتقىنىنى سەزگەندە بىز ئۈچۈن چەكسىز ھاياجانلارغا چۆمگەنلەر بىزنىڭ سۆيۈشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟  بىز ئۈچۈن ئاچچىق تولغاق ئازابىدا تولغىنىپ ئېڭىرغان ئاشۇ ئاجىز مەزلۇمە بىزنىڭ سۆيۈشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟ بىزنىڭ ‹ ئەڭڭە ... › دەپ توۋلىغىنىمىزنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىپ كۆزىگە ئىسسىق ياشلار ئالغان ، بىزنى كۆتۈرۈپ خۇشاللىقتا سەكرەپ - تاقلاپ كەتكەنلەر بىزنىڭ سۆيشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟؟؟...   تاماقنىڭ ياخشىسىنى يىگەندە گىلىدىن ئۆتمەي بىز ئۈچۈن سىقىنىدىغان . بىر چىنە ئىسسىق سۈيۈقئاش ئشكەندىمۇ بىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانلار بىزنىڭ سۆيۇشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟  كىچىللىرى ئۇيقىسىنى قويۇپ سوغۇق قاراڭغۇ كىچىلەردىمۇ سىرتتا جاپا چىكىپ قوللىرى قاپىرىپ كەتكەن ئاشۇ كىشى بىزنىڭ سۆيۈشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟ پەقەت بالام ئۈچۈن ئۆزۈم جاپا تارتساممۇ بالام جاپا تارتمىسۇن دەپ بىزنى ئەرتىۋالاپ كۆتۈرگنلەر بىزنىڭ سۆيۈشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟ ئەڭ قىسقىسى بىزنى پاكىز چىرايلىق كەيگۈزۈپ ، بىزگە ئەدەپ ئەخلاق ئۈگۈتۈپ كىشىنىڭ بىر قارىسا مەستلىكى كەلگۈدەك ، ھەممە كىشىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئەرزىگۈدەك قىلىپ يىتۈشتۈرگەنلەر ..... ئۇلار بىزنىڭ سۆيۈشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟ بىزنىڭ تەشەككۈر ئېيتىشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟
                  بىزنى تۇنجى قېتىم باغرىغا بېسىپ بىزگە ئىللىق مېھرىنى بەرگنلەر كىم ؟ بىزنىڭ چىكىمىزگە مېھرى بىلەن سۆيۈپ بىزگە چىن قەلبىدىن بەخىت - سائادەت تىلىگەنلەر  كىم ؟ ھەممىدە ئاۋۋال بىزنى ئەسلەيدىغان بىز ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز جان پىدا قىلىشقا تەييار تۇرغانلار كىم ؟ بىز ئۈچۈن پايپىتەك بولۇپ بىز ئۈچۈن ھەقىقىي يېشىنى تۆككەنلەر كىم ؟؟؟........... بىزگە ھەقىقىي مۇھەببەت ئاتا قىلغانلار كىم ؟؟؟ بىزنىڭ ياش تۆكۈشىمىزگە ، پەخىرلىنىپ ئاغزى - ئاغزىمىزغا تەگمەي ماختىنىشىمىزغا ھەقىقىي ئەرزىيدىغانلار كىم ؟؟؟
                 ماڭا ھەقىقىي مۇھەببەت ئاتا قىلغان   ‹‹ ئاپا ، دادا  ›› سىلەرگە تەشەككۈر . نادان قىزىڭلار سىلەرنى كۆپ جاپالارغا سالدى . مانا ئەمدى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ سىلەردىن ئايرىلغاندا سىلەرنىڭ ھەقىقىي قەدرىڭلارغا يىتىۋاتىدۇ . ئاستا - ئاستا سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ تىگىگە يىتىۋاتىدۇ . سىلەرنىڭ مىنى قانچە جاپادا چوڭ قىلغىنىڭلارنى چۈشىنۋاتىدۇ . دۇنيادا مىنى ھەممىدىن بەك سۆيدىغان كىشىنىڭ سىلەر ئىكەنلىكىڭلارنى باشتىلا سەزگەن بولساممۇ مانا ئەمدىلىكتە تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن .
                                                   ئاپا ، دادا  سىلەرنى سۆيىمەن ............. !!!!   

                 قەدىرلىك تورداشلىرىم توردا ئەسەر يازمىغىنىمغا خېلى ۋاقلار بوپ قالغاچقا گەپ سۆزلىرىم قاملاشماي قالدى . شۇنداقتىمۇ سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئاجرىتىپ بۇ  تېمامنى ئوقۇپ بەرگىنڭلارغا كۆپ رەھمەت . كۆپرەك يول كۆرسۈتۈشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
                                                                                                                                      كەمىنە ‹ غۇنچە › دىن

         مەنبە : قەلبىم .

ھەممەيلەنگە بەخىت سائادەت يار بولسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10969
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 10:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى « مۇھەببەت  » ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10181
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64060
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8017 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 11:19:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاببەت - ئۆز نۆۋىتىدە  ئۆزىنىڭ شۇ كەڭ مەنىلىرى بىلەن ، ئەڭ ئالدىدا ياراتقۇچىغا بولغان مۇھاببەتنى بۈيۈكلىكى بىلەن ئىسپاتلىدى . كىيىنكى مۇھاببەت بولسا ، بىزلەرنىڭ ئۇ دۇنيادىكى شاپائەتچىمىز - رۇسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بولدى . .ۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھاببەتلەر بولسا ئالدى بىلەن ئاتا- ئانىغا، ئۆز مەھبۇبىغا ، پەرزەنتىگە  ۋەھاكازلار بولدى . مۇھاببەت سۆزى ھەممىدە .ۆزىنىڭ نازۇكلىقىنى ئىپادىلەپ ، ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتىدە شۇنچىمۇ رول ئوينىدى . بۇ يەردە سىز ئېيتقاندەك ئاتا- ئانىغا بولغان مۇھاببەت شۇنچە مۇقەددەستۇر ھەم بۇرچتۇر . ھىسلىرىڭىزغا ئالى تىلەكلىرىم بولسۇن .

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

سەن ئۈچۈنلار ياش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62234
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 02:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىيقى چىن ‹‹مۇھەببەت›› ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى،بۇنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ،
        مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم ،
        سۇ بەرگەن ئۈستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
       سۈت بىرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا،
         بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.
ئانا دۇنيادا ھىچقانداق نەرسە ئانىدىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ.

پەقەتلا سەن ئۈچۈن

ئابدىقەييۇم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16591
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7147
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 03:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا مۇھەببە ئۇلۇغ ئەمما ھازىرقى زاماندىكى قىز -يىگىتلەر مۇھەببىتى قانچىلىك ؟ بىر قىز ياكى بولمىسۇن بىر يىگىت بىر قىزنىڭ كىچىكىنى سەۋەنلىكىنى كەچۇرۇلمەيدۇ ....... ئەمما ئاتا -ئانامىزچۇ؟ ئۇ سەن قانداق گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئالدىغا كەلسەڭمۇ يەنىلا سىنى بالام دەيدۇ؟ شۇڭا دۇۇنيادا ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتىدىن ئارتۇق مۇھەببەت يۈكسەك مۇھەببەت يوق دەپ قارايمەن ................
-

ئابدىقەييۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش