خاتىرىدىكى ئىزنالار
(1)
ئاسمان كۆپكۆك، يۇلتۇزلار شۇ قەدەر نۇرانە ۋە جەزبىدار ... خىياللىرىمدا يەنىلا سېنىڭ سىمايىڭ ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. بىر يۈرگەن ئاشۇ باغچىلار تەنھا مۇڭسىراپ قالغاندۇ بەلكىم...
سېنى سۆيمەيمەن دېدىڭمۇ؟ پەقەتلا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ. ئىشىنىشكىمۇ ئامالىم يوق... سېنىڭ بارلىقىڭ، كۆزلىرىڭ مۇھەببىتىڭنى مەڭگۈ يۇشۇرالمايدۇ. ئاشۇ مۇھەببەت بولغاچقىلا مەن يەنلا مەغرۇر ھەم ئىشەنچىلىك يۈرىۋاتىمەن.
. سېنى سۆيمىگەنلىكىم ئۈچۈن سەندىن ئايرىلدىممۇ، بىلمىدىم. ئەمما قەلبىمدە ساڭا بولغان بىر خىل سېغىنىش، تەشنالىق كۈيلىرى مۇڭسىراپ تۇرۇپتۇ، مەن بىلىۋالدىم، نۇرغۇنلىغان ساختا سۆزلىرىم سېنى ماڭا ئىشەنمەس قىلۋەتكەندەك كۈرۈنسىمۇ، گەرچە مەندىن ئاغرىنساڭمۇ يۈرۈكىڭدە مېنى يەنىلا ئەپۇ قىلىۋېتەلەيدىكەنسەن.
ئادەم تۇلىمۇ ئەخمەق ھەم شەخسىيەتچى بۇلىدىكەن، بەزىدە ئۈزىنىڭ نىمىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسىمۇ يەنىلا شۇ يولدا مېڭىشنى تاللايدىكەن
مەن سەن ئارقىلىق مۇھەببەتنى بارا ـ بارا تۇنۇپ يېتىۋاتىمەن. سېنى سۈيىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەمما سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن خۇشال ۋاقىتلارنى دائىم ئەسلىمىلىرىم ئىچىدىن ئاقتۇرۇپ قالىمەن. گاھىدا ئەسلىمىلىرىمدىن سۈيۈنۈپ ئۈزەمچە كۈلۈمسىرەيمەن.
مەن سېنى ئالداپ خاتا قىلدىم. ئەمما بۇ خىل ھاياتلىق كۈنىنى مەنىلىك ھېس قىلىۋاتىمەن ... چۈنكى مەن بارا ـ بارا سېنىڭ مېنى قانچىلىك سۈيىدىغانلىقىڭنى چۈشىنىپ قېلىۋاتىمەن.
كۆڭلۈم ماڭا پۇرسەت بەر ...
سۇبات يازمىسى (ماھىرە)