مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8276|ئىنكاس: 69

يەكەن سەئىدىيە خانلقنىڭ تەقىلدى ئوردا سېپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12667
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2128 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 10:57:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن ناھىيىلىك خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ  يېقىندا كەڭ شەھەر ئاممىسىغا
ئاشكارىلىشچە،يەكەن ناھىيسى 35مىليون يۋەن مەبلەغ سېلىپ يەكەن سەئىدىيە خان 
 ئوردىسنىڭ تەقىلدى قۇرۇلىشنى ئېلىپ بارماقچى بولغان، ھەمدە ئېلمىزدىكى داڭلىق لاھىيلەش
ئورۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ  مەزكۈر قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى لاھىيسىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان.
  ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستقى ۋە شاڭخەي شەھىرىنىڭ
ياردىمنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى تەييارلقىلىرنى
پۇتكۈزۈپ بولغان.


بۇ قۇرۇلۇش پۇتكەندىن كىيىن 300دىن ئارتۇق كىچىك دۇكان، ساياھەت يايىمىسى كەڭ
خەلىق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇ.بۇ جاي يالغۇز ساياھەت مەكىزى بولۇپلا قالماي، يەنە سودا، مەدەنىيەت
مەركىزى بولۇپ قالغۇسى.




قىستۇرما رەسىم


  
ئەمدى بىز مەزكۈر قۇرۇلۇشنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
مىلادىي1514 - يىلى تۇغلۇق تۆمۇرنىڭ 8- ئەۋلاد نەۋرىسى سەئىدخان دوغلاد قەبىلىسىنىڭ
6- ئەۋلاد باشلىقى ئابابەكرى دوغلادنىڭ ھۆكۇمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىدى ۋە 1514-يىلى 9- ئاينىڭ 3-كۈنى قاش
قارايغان ۋاقىتتا خاندانلىق قۇرۇلغانلقىنى جاكارلىدى، ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستاننىڭ «چوڭ خانى» دەپ ئېلان قىلدى
؛ پايتەختى يەكەن بولدى،تارىختا بۇ خانلىق ياركەنىد سەئىدىيەخانلىقى دەپ ئاتالدى. سەئىدخان تۇغلۇق تۆمۇرخاننىڭ
8 - ئەۋلادى بولۇپ تامامەن ئۇيغۇرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسىگە تەئەللۇق بولۇپ كەتكەن ۋە ئىسلام ئېتىقادچىسىغا
ئايلانغان ئادەم ئىدى.سۇلتان سەئىدخان يىراقىنى كۆرەلەيدىغان ئادەم بولغاچقا خاندانلىق ئورننى تاللاشقا تولىمۇ
ئەھمىيەت بەرگەن.يەكەننىڭ ئاستانە قىلىپ تاللىنىشىدا مۇنداق سەۋەبلەر بار

قىستۇرما رەسىم

:1-يەكەن نامىنىڭ تولۇق ئاتالمىسى بولغان«ياركەنىد» ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم ئەھىللىلرى توپلانغان.جۇغراپىيلىك ئورنى
ئالاھىدە ياخشى بولغان بوستانلققا جايلاشقان ئىدى.قاراسۇ دەرياسى(يەكەن دەرياسنىڭ )قەدىمكى نامى، تىزناپ،
خالاستان قاتارلىق چوڭ ئېقىنلار بۇ شاھانە دىيارنى ھەر تەرەپتىن قۇچاغلاپ ئۆتكەچ سۇ مەنبەسى تولىمۇ مول ئىدى،شۇڭا
بۇ دىيار قەدىمدە«ياركەنىد» يەنى دەريا بويىدىكى شەھەر دەپ ئاتالغان.2-يەكەن قەدىمىكى كارۋان يولىنىڭ مەركىزى
تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ يەكەندىن ئۆتمەي ھېچقانداق بىر ئۇيغۇردىيارىغا ئۆتكىلى بولمايتتى،
قىسقىسى يەكەن ھەققەتەنمۇ ئىسمى -جىسمىغا لايىق ئاستانە بولۇشقا لايىق دىيار ئىدى.
3-
يەكەننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىم مەرىپەت ئىشلرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ ئەسەبىي  دىننىي كۈچلەرنىڭ
تەسىرىدىن مۇستەسنا ئىدى.



قىستۇرما رەسىم:
يەكەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن- مۇقامشۇناس شائىرە  خانىش ئاماننىساخان

يەكەن پايتەخىت قىلىپ تاللانغاندىن كىيىن سۇلتان سەئىدخان مەشۇر ئۇستىكارلارنى تەكلىپ قىلىپ خانلىق
ئوردىسىنى ياشاشقا تۇتۇش قىلدى ئون يىلغا يەتىمگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىچكىرى-تاشقىرى خانلىق، مۇھاپىزەت
ئورۇنلىرى مۈكەممەل،تەھسلخانا،مەجىلسخانلىرى مۇكەممەل بولغان خانلىق ئوردىسى شەكللەنگەن بولۇپ ئورنى
ھازىرقى يەكەن شەھەررايۇننىڭ كوناشەھەر مەركىزى بۆلىكىگە توغىرا كېلەتتى.

 
قىستۇرما رەسىم: يەكەن كوناشەھەر مەدەنىيەت مەيدانى  
 
ئاردىن نەچچە ئەسر ئۆتۇپ تارىخ چاقى ئاپاق غوجا دېگەن مەلئۇنغا كەلگەندە مەزكۇر ئوردا دەسلەپكى بۇزغۇنچىللققا
ئۇچىرىدى، ياقۇپ بەگ ئالتە شەھەر ھاكىميىتىدە بۇلاپ تالاپ بۇ ئوردىنى ئىسمى بار جىسمى يوق ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى،
چىڭ سۇلالسى  قوشۇنى يەنە بىرقىسمنى ۋەيران قىلدى 1770-يىللار ئەتىراپدىكى دەشەتلىك كەلكۈن بۇ ئوردىنى يالمىۋەتتى،
پەقەت تامىلرىلا ساقىلنىپ قالغان بۇ ئوردا قۇشقاچ يېغلقى مەزگىلدە  تۇڭگانلار قوشۇنى تەرىپدىن تۈزلىۋىتىلدى.يېرىم ئەسىر
ئۆتۈپ ئاپتۇنۇم رايۇنمىز مەدىنىيەت ئاقارتىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى.1990-يىللارنىڭ ئالدى -كەينىدە ئاماننىساخان
ھەققىدە فىلىم ئىشلەش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوردىنىڭ ئالدى قىسمى تەقىلدى ھالەتتە ياساپ چىقىلدى.

قىستۇما رەسىم:90-يىللىرى ياسالغان تەقىلدى ئوردا قۇۋۋۇقى:



تۆۋەندىكىسى ئەسلى ئوردىغا تەقىلدى قىلنغان يەكەن سەئىدىيە خانلقى ئوردىسنىڭ  كۆرۈنۈشلىرى:

  ئەسلى رەسىم:يىڭى لاھىيە

1


2




يەكەن ناھىيىلىك خەلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرىشى




دوستانە تەۋسىيە
:
         
 يۇقىردا ئېيتىلغاندەك مەزكۈر قۇرۇلۇش پات يېقىندا باشلانماقچى،ئەمما قەدىمكى ئوردىنىڭ ئورننى مەلۇم
سەۋەپلەر تۈپەيلى ئېگەللەۋالغان ئوي ئېگىلرى نۇرغۇن تۆلەمگە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ  قانائەت قىلماي
يەنە مۇناسىۋەتىلىك خادىملارنى رەت قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئەگەر شۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلرى بۇ تېمنى كۆرگەن
بولسىڭز،  ناھىيىنىڭ ئاران تەستە قولغا كەلتۇرگەن بۇ قۇرۇلۇش تۇرنى قوللاپ قويغايسىز!


قىستۇرما رەسىم:
يەكەن مەنزىرىسى

مەنبە:يەكەن ناھىيىلىك خەلىق ھۆكۈمىتى تورى:www.shache.gov.cn
(پايدىلنىشقا توغىرا كەلگەندە،مەزكۈر مۇنبەرنى،تېما ئېگىسىنى  ئەسكەرىتكەن ئاساستا پايدىلنسا بولىدۇ)

تەستىقىلغۇچىغا كۆپ رەھمەت....!
ئىنكاسلار تېتقىسىز بولسا ئەھۋالغا قاراپ تېمنى قۇلۇپىلۋەتكەيسىز!
 
 قالايمىقان ئىنكاس يىزىشقا بولمايدۇ!

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 12:18:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 12:21:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9238
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 3307 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 08:29:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  hekmat-uyghur كە 2011-10-26 12:21 AMئەۋەتىلدى  :
  پۈتكەندىن كېيىن ئاچقۇچىنى ۋاڭ  جىڭلى  ياكى  جاڭ  لوبەنگە تۇتقۇزۇپ، ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققى  قىلدۇرۇشقا  تاپشۇرۇلۇپ،خەقنىڭ  يانچۇغىنى  تومپايتىدىغان گەپ  ھەقىچان.

ھەق گەپ قىپسىز. كۇچادىكى ۋاڭ ئوردىسىمۇ سىز دىگەنگە ئوخشاش .

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42321
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8586 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 09:08:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇچادىمۇ ۋاڭ ئوردىسىغا 40يۈەن ئالدىكەن،يېڭىدىن ياسىغاچقا،يەكەندە پۈتۈپ قالسا،ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق پۇل ئالارمۇ؟بولسا،زامانىۋىلىق بىلەن قەدىمىيلىكنى بىرلەشتۈرۈپ سالسا ناھايىتى ياخشى ئىش،كېيىنچە،تارىخىي كىنۇ ئىشلەش كېپ قالسا،ۋاقىت،ماكان،زامان چەكلىمىسىگە بەك ئۇچراپ كەتمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7672
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 6153 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 09:32:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرغا نىسبەتەن بۇمۇ بىر ياخشى  قۇرۇلۇش بولغىدەك،نۇرغۇن كىشى تارىخنى  تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىدەك.ئۆزئەينى تەقلىد قىلسا مەسچىت مىھرابلارمۇ ياسىلىدۇ دىگەن گەپ. شۇڭا ئارتۇق سۆزلىمەي پۇتكەندە كۆرەيلى!
     ئۇڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا تىلەكداشمەن.

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

ياردەم مەزمۇنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10669
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6827 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 10:01:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز ۋاقتىدا ئوتتا  43   كۇن  كۆيۇپتىكەنمىش   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14914
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8826
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3894 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 10:46:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن ياسالمىسۇنمۇ. پۈتكەندە بىر ئىش بۇلا.

دۇنيادا ۋەتەنسىز ئىنسان بولمايدۇ،ۋەتەن سۆيمىگەن ئىنساندا ۋىجدان بولمايدۇ، ۋىجىدانسىز ئىنساندا ئىمان بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2118
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10365
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 10:57:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەتتىن مەبلەغ سېلېپ ،ئەينى دەۋىردىكى مەدىنىيىتىمىزنى قايتا نامەندە قىلىپ بەرگىنىگە  رەھمەت دىيىشىمىز كىرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52097
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3656
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2241 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 11:05:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كمنصث يانچذقغغا پايدا بذلشصدصن قةتصئص نةزةر ياسالمغندصن ياسالغنص ياخشص؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش