مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6532|ئىنكاس: 37

قەشقەر  پاراڭلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25501
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3567 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 07:54:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈم بىۋاستە قاتناشقان ياكى ئاڭلاپ شاھىت بولغان پاراڭلارنى ‹قەشقەر پاراڭلىرى›دىگەن نەمدا ئالغاچ كەلدىم ، ھوزۇرلانغايسىلەر!

        سىنىپتا تولىمۇ خېنىم مىجەز بىر ئوغۇلبالا بار ئىدى ، ئادەتتە  گەپ – سۆزلەرنى شۇنداق سىلىق قىلاتتى ، سىلىق دىگەندىن كۆرە خوزنەك دىسەك توغرا بولاتتى . ئۇنىڭ قىزلاردەك قىلىقى ، گەپ – سۆزلىرى سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭلا ئەمەس قىزلارنىڭمۇ ئىچىنى پۇشۇراتتى. ئەمما ھەممىسى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بىرنىمە دىمەيتتى . بىر كۈنى ئوتتۇرا ياشلىق ئەدەبىيات مۇئەللىمى دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن سوئال سورىغاندا ئۇنىڭ خېنىم مىجەزلىكنى كۆرۈپ ئەرۋايى ئۇچتى . ئۇ جاۋابىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا مۇئەللىم ئۇنىڭغا مۇنداق دىدى،
: ئولتۇرە ئۇكام ئولتۇرە، ھەجەپ ئوغۇلبالىغا ئوخشايدىكەنسەنيا.
مۇئەللىم چىقىپ كەتكەندىن كىيىن سىنپتا ئۇزۇنغىچە كۈلكە ئۈزۈلمىدى.

       ياقا يۇرتتىن كەلگەن بىر كىشى قەشقەرلىك سودىگەردىن ئاياغ ئالماقچى بولدى.
-ئۇستام بۇ ئايغىڭىز نەچچە پۇلدۇ؟
-120كوي بەسىلە،
-ئايغىڭىزغا 60 سوم بەرسەم بىرەمسىز؟
-خاپا بولمىسلا ئاكا قەشقەردە ئاياغىنى پاچىلاپ ساتمايمىز.

       ياقا يۇرتلۇق بىر كىشى قەشقەردە يولدىن ئۆتمەكچى بولۇپ كىلىۋاتقان بىر ماشنىنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرۇپ قالدى، شوپۇر ئۇستام ھېلىقى كىشىگە قاراپ مۇنداق دىدى:
-قايلىسلا قوللىرىدىن يىتىلەپ ئۆتكۈزۈپ قويايما؟

      ياقا يۇرتلۇق بىر شوپۇر ماشنىسىنى ھەيدەپ قەشقەردە ئايلىنىۋاتقاندا قىزىل چىراغدا توختاپ قالدى ، ئەمما قېيىشقاندەك يىشىل چىراغ يانغاندا ماشىنا ئوت ئالمىدى، سېرىق چىراغمۇ ياندى ، ماشىنا يەنىلا ئوت ئالمىدى. دەو شۇ چاغدا قاتناش ساقچىسى شوپۇرنىڭ ئالدىغا كىلىپ سورىدى:
-قايلىسلا ، قانداق چىراغ ياندۇرۇپ بەرسەك ئاندىن ماڭىلا؟

     تەنەپپپۇس ۋاقتى ئىدى ، سىپتا ساۋاقداشلار پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى ، ئۈرۈمچىلىك بىر ئوغۇلبالا قەشقەرلىك بىر قىز ساۋاقدىشىنىڭ ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى كۆرستىپ مۇنداق دىدى: ھەي خان ، ما سۇنى ئەمدى ئىچمەڭ جۇمۇ ، مەن ئىچىپ قويدۇم.
قەشقەرلىك قىز كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى:
:رەھمەت ئەسكەرتكىنىڭىزگە ، خاتىرجەم بولۇڭ ، سىز ئىچكەن سۇدا پۇتۇمنىمۇ يۇمايمەن.
سىنىپتا ئۇزۇنغىچە كۈلكە بېسىقمىدى.

      ياقا يۇرتلۇق بىر كىشى قەشقەردە ھاجەتخانا ئىزدەپ تاپالماي  ئۇدۇل كەلگەن بىر كىشىدىن سوراپتۇ:
-    سوراپ باقاي ، قەيەردە ھاجەتخانا بارلىقىنى بىلەمسىز؟
قەشقەرلىك كىشى جاۋاپ بىرىپتۇ:
-    رەھمەت ، بىلىمەن ،بايىلا كىرىپ چىقتىم،دەپتۇدە- يولىغا مېڭىپتۇ.

       سىپتا بىر سۇيۇق قىز قەشقەرلىك بىر يىگىتكە دەپتۇ، قاراڭ غەيرەت، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، سىزچۇ؟
يىگىت قاپىقىنى تۈرۈپ قويۇپ :
-    قايلاڭ ،يېقىننىڭياقى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ ئالدىراشچىلىقتا بەزىدە كىيىم ئالماشتۇرغىلىمۇ چول يوق دەڭا، لىكىن سىز دىگەن دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرسىز ، ماسلاشمايمىز، دەپتۇ-دە سىرىتقا قاراپ مېڭىپتۇ.

        بىر كىشى تاماق يىگىلى ئاشپۇزۇلغا كىرىپتۇ، ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا تامىقى ئۇزۇنغىچە چىقماپتۇ ، ئۇ كۈتكۈچى يىگىتكە تاماقنى سۈيلەپتىكەن ، كۈتكۈچى يىگىت دەپتۇ:
-    قايلىسلا ئاكا ، ما سىلىگە تاماقنى خەقكە قىلغاندەك قىلىپ بەرسەك بولمايدۇ ئەمەسمۇ ، شۇڭا باللا سىلىگە ئايرىم قازاندا تاماق قىلۋاتقان ھايال بولۇپ قالدى ، بىردەم ساقلاپ تۇماملا....
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىشى خوشلۇقتا ئالدىرماي تاماق ساقلاشقا باشلاپتۇ.







\
    خېرىدار: ساپلا سۆڭەكلىك بولۇپ كەتتىغۇ بۇ گۆش، ئۇستام سەل تەڭشەپ ساتماملا !
قاسساپ: قوي دېگەننىڭكى سۆڭىكى بولمىسا ئۆرە تۇرمايدۇ . سۆڭەكسىز گۆشنىڭ تەمى بولمايدۇ. ئېلىۋەرسىلە تەقسىر .
باققال: قوغۇن-تاۋۇز بولاڭخۇي، لاۋزا بولسا پۇل ئالمايمەن.
خېرىدار: ماۋۇ قوغۇنلىرى كۇس چىقتى، تاۋۇزلىرى سوپۇندەك ئاق چىقتى قانداق قىلىمىز ؟
باققال: ئەمدى قايلىسىلا، قوغۇن-تاۋۇز دېگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمايدىكەن. بۇنى ياندۇرساق قانداق ساتىمىز؟
پىچىپ قوياپلا، يەۋەتسىلە، قورساق تويىدۇ، ئۇسسۇزلۇق قانىدۇ .
خېرىدار: بۇ سەۋزە-چامغۇرلار بەك ئۇششاق ئىكەن، ئەرزانراق بەرسىلە .
ئوتياشچى: قايلىسىلا، بەش بارماق دېگەن ئوخشاش بولمايدۇ، يەرنىڭ تېگىگە باش ئالىدىغان نەرسىكەن، ئەمدى قانداق قىلاتتۇق، سىلىمۇ ئۆي تۇتقان، بالا چوڭ قىلىپ باققان. ھەقىچان بالىلارنىڭ كىچىكلىرىنى ھەيدەپ چىقارمايدىغانلا .
خېرىدار: بۇ ياڭاقلىرى ساپلا سېسىق-پۈچەك چىقىپ قالدى. سىلى بەك داڭلاپ قىممەت ساتقانتىلە، بۇنى قانداق قىلارمىز؟
گۈلە-قاقچى: ئەمدى قانداق قىلىمىز دەيلا، بىزمۇ ئالىمىز، ياڭاقلىق بېغىمىز بولمىغاندىكىن. يا خەقتىن ئالغاندا سىتىغاسېلىپ تەكشۈرۈپ ئالغىلى بولمايدىكەن. بالىلار ئىچى پۇشقاندا يەر ياكى ئويناپ تۈگىتەر .
گىلەمچى: ماڭا قارسىلا ھاجىم، ماۋۇ خوتەننىڭ گىلەملىرى، بىر-ئىككى پارچە ئېلىپ ئۆيلىرىگە سېلىۋالماملا؟ پۇلىمۇ ئانچە ئۆرە ئەمەس .
خېرىدار: ئالارمىز ئالدىرىماي، بالىلارمۇ چوڭ بولىۋاتىدۇ، تويىنى قىلىدىغان چاغدا ئالارمەن، ھازىرچە قولۇم سەل قىسقا تۇرىدۇ، تۇرۇپ تۇراي.
گىلەمچى: ھاجىم ئۆزلىرىنى كەم سۇندۇرمىسىلا، بۇ گىلەملەر ئات-تۆگىگە كەلمەيدۇ. بىرەر-ئىككى مىڭ كوي دېگەن ئۇ يەردە قويسا بۇ يەردە يوق. بۇنداق گىلەملەر ھازىر ئى مۇئەللىملەرنىڭ ئۆيىدىمۇ بار جۇمۇ !
دۇكاندار: ئەجەپ قاتتىق سودا قىلىدىكەنلا، مۇئەللىم(خانىم) ئوخشىماملا ؟
خېرىدار: بۇ دېگەن بازار، دېگەنلىرىگە ئالساق بولامتى ئەمىسە، مۇئەللىم (خانىم) دېگەننى ئۇنداق پەس كۆرۇشمىسىلە جۇمۇ، ئوقۇتقۇچى، زىيالىيغا ئۆچ بولغاچ كۆرگەن كۈنىمىز مۇشۇنچىلىك.
دۇكاندار : كادىر خەق دېگەنغىغۇ گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايتتى...
ئاشخانا مۇلازىمى: ئاكىلار، لەغمەننى پۈتۈن ئەكىلەيمۇ-يېرىممۇ؟
شەھەرلىك مېھمانلار: ئۇكام بىزنى سەھرالىق كۆرۈپ قالمىغانلا، لەغمەننى پۈتۈن يەيدىغان؟ ئىككىمىزگە يېرىمدىن ئىككى ئاش، ئاش چىققۇچە بىر چىنىدىن سۆنتەڭ(لازا-ئاچچىقسۇ ۋە ئازراق قورۇما سۈيى قوشۇلغان ئاش سۈيى) ئەكەلسىلە .
ئاشخانا مۇلازىمى: (ياندىكى ئۈستەلدىكى يېزىلىق مېھمانلارغا) ھەر قايسىلىرىغىمۇ يېرىمدىن ئاش ئەكىلەمدىمەن؟
يېزىلىق مېھمانلار: يوقسۇ، ئاشنى پۈتۈن ئەكىلىۋېرىڭ، بىز شەھەرلىك ئەمەس، ئاشنى يېرىم يەپ، قورساقنىڭ چالىسىنى مەنتەڭ بىلەن تولدۇرىدىغان .

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوزنەك  دىگەن نىمە گەپ ؟ كەچۈرۈڭ .

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59182
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5266
تۆھپە نۇمۇرى: 939
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2011-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:23:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىقكەن

جەنۇپ بلوگى

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6424
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2699 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:26:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا  ھاجەتخانا سورىغانغا تازا كۈلۈپتىمەن،

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43245
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7992
تۆھپە نۇمۇرى: 1890
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:28:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ «پاراڭ» لار بوپ قويىدىكەن ، بەزىلىرى جاندىن ئۆتىدىكەن .

بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4561
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7734
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 1768 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى-ھى....
بۇنى كۆرۈپ ئەجەپ ئۆيگە كەتكۈم كەلدى-دىسە، ،روزا ھېيىت،قۇربان ھېيىتنىمۇ ئۆيدە ئۆتكۈزەلمەيمەن...

ھۆرمىتىم ھەممىنى بىلگەنگە ئەمەس،ئۆزىنى بىلگەنگە !

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:39:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزقارلىق پاراڭلار، قەشقەرنىڭ گەپلىرى ھەقىقىتەن جانغا ئۈتىدۇ كۈلكىلىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى...ھى...ھى......ھى.......راسىت بىر كۈلىۋاپتىمەن .......

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5270
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7852
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2021 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  umak88 كە 2011-10-25 09:22 PMئەۋەتىلدى  :
خوزنەك  دىگەن نىمە گەپ ؟ كەچۈرۈڭ .
چىرايىڭىزدىن  خېلى  ئەقىللىقىڭىز  چىقىپ  تۇرىدىكەن  ، چۈشنەلمەپسىزدە ؟  
يۈرۈش  تۇرۇشى ،  ئاۋازى  ، ئىش  ھەرىكەتلىرى  قىزلارغا  ئوخشاپ  كىتىدىغان  ئۇغۇللارنىڭ ‹‹ خۇۋەينىسى ››نى  مۇشۇنداق ئاتسا  كېرەك .  
ما   تېما  ئەمدى  يۇرىت  ئايرىمچىلىق  جىدىلى  تېرىمىغىدى ...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55786
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5183
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ «پاراڭ» لار بوپ قويىدىكەن ، بەزىلىرى جاندىن ئۆتىدىكەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش