مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2293|ئىنكاس: 2

داڭگال لېرىكىللىرى -ئىنتىلىش ‹6-8› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 06:33:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  


                                                                                             ‹6›

  قوياش مۆكۈپ،قارا بۇلۇتلار تۈگۈمەس ،ئۇيقىسىز كىچىللىرىمنىڭ يەنە بىرىنى ئالدىمغا سۈرىۋاتىدۇ.دىدارىڭ  خۇددى يورۇق بىلەن تەڭ  مەندىن يېراقلىشىۋاتقاندەك كىچە قاراڭغۇلىقى  يېقىنلاشقانسىرى چىدۇغۇسىز بىر خىل ۋىسال مۇشاقىتى مىنى چۈشكۈنلۈك ،بۇرۇختۇملۇق ھويلىسىغا سۆرەپ كىتىۋاتىدۇ.

   يۇلتۇزسىز ئاسمانغا ھاڭۋىقىپ ،تاڭ ئاتقىچە كىرپىك قاقماي ساڭىلا باش ئىگىپ ئۆتكۈزۋاتقان تۈنلۈرۈمگە تەسلىم مېنىڭ ھاشىقلىقىم بىرە قېتىم بولسىمۇ چۈشلۈرۈڭگە ئايان بولسىچۇ-كاشكى!

  ھالبۇكى ،سەن بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىرىڭ چارچاشلىرىدا ئاللىقاچان بەخۈدۈك ئۇيقىدا.

  ئەمما مەن ھامان تاڭ سۈزۈلۈپ ماڭا ئاپتاپلاردەك جىلۋە قىلدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.گەرچە مۇھەببىتىمنى قوبۇل قلىشقا رايىڭ بولمىسىمۇ مىنى بىرئاز بولسىمۇ چۈشۈنۈپ يىتەلەيدىغانلىقىڭدىن ئۆزەمنى ئەشۇ ئېرىشىشنىڭ مەمنۇنلىقىدا كۆككە ئاتىمەن...

                                                                                 ‹7›
   
    ئاھ،دىلبىرىم! سېنى قانچە سۆيۈپ ،قانچىلىغان بۈيۈك كۈتۈشلەردە بىر ئېغىز ئىبارەڭگە تەشنا-تەقەززا ساقلاۋاتقانلىقىمنى بىلەرسەنمۇ؟!

   شۇنداق،يىللار ياشلىقىمنى ئاللىقاچان ئىلىپ كەتتى.لىكىن ياشاش ۋە جۇشقۇنلۇق ھېلىمۇ كۆتۈرەڭگۈ.مىنى ئازاپ ۋە ھەسرەتنىڭ زىندانلىرىدا تۇنجۇقتۇرغان نەۋباھارىمنىڭ ئاچچىق يالدامىللىرىغا پەرۋا قىلغۇم يوق.سولۇشۇپ كەتكەن بىچارە گۈللەرگە غەيرەت ۋە شىجائەت بىلەن پەرۋىشلەردە بولغۇم بار.

   ھايات يەنىلا قايناق.تۇرمۇش سەن بەرگەن كۈلكە بىلەن تېتىملىق.ئاھ ،دىلبىرىم ! سېنى پىنھان ھوجرامدا تىز ئۆتۈپ كەتكەن چۈشتەك  ئەمەس مەڭگۈ ئەشۇ شېرىنلىككە ئىگە قىلغۇچى خوشاللىقىم كەبى كۆرەي...

                                                                         ‹8›

   ئاسمان يىڭى ھازىدارلاردەك تۆكۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ.كىشىلەر نىمىشقىدۇر ئالدىراش.بازاردىكى ۋاڭ-چۇڭلار ،ئاشخانىدىكى موزىكىلارغىچە بېسىقتى.بىراق مەنلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئەشۇ سۇلغۇنلۇق ئىچىدىن سېنى ئىستەۋاتىمەن .چاچلىرىڭ ھۆل،كۈنلۈكسىز ئالدىمدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بوپ قالىدىغاندەك ئەتراپىمغا زەڭ سېلىپ قاراپ كەتتىم.
  
   سوغ شامالنىڭ يۈزلىرىمگە ئۇرغان تىتىمسىز تامچىللىرىنى يىڭەم بىلەن سۈرتۈپ ئادەم قالمىغان كوچىلاردىن ئاستا-ئاستا ئايرىلدم.شۇندىلا سېنىڭ دىرىزەڭدىن بويۇنداپ ئالەمنىڭ بۇ ئازاپلىق كۆز ياشلىرىغا مۇڭلۇنۇپ تىكىلىپ تۇرغان ھالىتىڭ كۆز ئالدىمغا كەلدى.

   بىردىنلا بالىكۇندىن سەكرەپ چۈشۈپ ،ئەسەببىلەرچە ۋاقىراپ يامغۇرغا قۇچاق ئېچىۋاتقىنىڭدىن ئەندىكىپ كەتتىم.
--ھەيييي!-سېنى زۇكامداپ قالمىسۇن تارتماقچى بولدۇميۇ خىيالدىن باش كۆتۈرۈپ قوللۇرۇمنىڭ ھاۋادا لەيلەپ قالغانلىقىنى جەزىملەشتۇردۇم...ئاھ،مېنىڭ بىچچارە قەلبىم!

     مەنبە؛ قەلەم.


              

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
OTYAK + 100
jasur777 + 20 ئاخى رى قىنى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 120   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59182
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5266
تۆھپە نۇمۇرى: 939
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2011-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 09:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا تەقەززا قىلماي تىز راق يوللارسىز 1111111111111111111111

جەنۇپ بلوگى

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 12:44:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داڭگال لىرىكىلىرى ئۇزۇلۈپ قالمىسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش