ئەسسالام ! قۇربان ھېيىت يىتىپ كىلىش ئالدىدا ھەر قايسىڭىزلارغا قۇيماق سېلىش دەرىسلىكىنى ئېلىپ كەلدىم .
قۇيماق بولسا بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ھېيىت - ئايەملەردە داستىخاندىن كەم قىلمايدىغان داستىخان يارىشىقلىرىدىن بىرى . ھەم ئۇنى ئادەتتىمۇ سۈت چاي بىلەن يىيىشكە ناھايىتى باپ كىلىدۇ .
1. ئېچىتقۇنى قىززىق سۇدا ئىرىتىسىز .
2. ئۇننىڭ ئوتتۇرسىنى ئورەك قىلىپ ، ئازراق شېكەر ، ئېچىتقۇ قوشۇلغان ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ، نورمال خېمىر يۇغۇرىسىز ، ئاندىن ئۇنى ئىسسىق يەرگە قويۇپ بولدۇرىسىز ، ئۆزىدەك ئىككى ھەسسە چوڭايسا بولىدۇ
خېمىرنى توم پىلتە قىلىپ ، تەكشى چوڭلۇقتا كېسىسىز
ئەنبەلگە ياغ سۈركەپ ، خېمىرنى ئېچىپ دىئامىتىرى 10 سانتىلىق قېلىنلىقى بىر سانتىمىتىر چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرىسىز ، ئوتتۇرسىغا 3 پىچاق ئۇرىسىز .
قازانغا ياغ قۇيۇپ 200 گرادوس قىززىغاندا ( بۇ ۋاقىتتا ياغ ئاستا ئاستا قايناشقا باشلايدۇ ) قۇيماقنى سېلىپ ئىككى تەرىپىنى ساغارتىپ ئالىسىز
ياغدا پىشۇرغاندا ئوت كۈچلۈك بولماسلىقى لازىم ، بولمىسا تېشى كۆيۈپ كىتىپ ئىچى پىشماي قالىدۇ .
مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى
http://www.axpaz.cn/bbs/read.php?tid-4704-fpage-2.html