كۆك نۇر دىسكىسى (蓝光光碟) ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ھازىر تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ئائىلىلەردە كومپىيۇتېر، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلېۋىزور... قاتارلىقلار ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بۇرۇنقى ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بولغان VCD، DVD لار ئاللىبۇرۇن ئېھتىياجقا ماسلىشالماس بولۇپ قالدى (بىراق رايونىمىزدا كۆك نۇر ئەمەس ھەقىقى ئۆلچەمدىكى DVD پىلاستىنكىلىرىمۇ بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا، بىز تېخىچە VCD دەۋرىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىدۇق)، شۇ سەۋەبتىن كۆك نۇر تېخنىكىسى تەتقىق قىلىپ چىقىلدى ۋە تىز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. بۇ يازمىدا كۆك نۇر دىسكىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز تېمىدا بولسۇن.
1. كۆك نۇر دىسكىسى (蓝光光碟 ) دېگەن نېمە؟
كۆك نۇر دىسكىسى (蓝光光碟, Blu-ray دىققەت: Blue-ray ئەمەس) بولسا DVD دىن كېيىنكى ئوپتىك دىسكا شەكلى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سۈرەت-ئاۋاز، چوڭ سىغىملىق ھۈججەت... قاتارلىقلارنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆك نۇر دىسكىسى بولسا( قىسقارتىلىپ BDدەپ ئاتېلىدۇ) SONY ، Panasonic ئېلىكترونى قاتارلىق كارخانىلاردىن تەركىب تاپقان " كۆك نۇر دىسكىسى بىرلەشمىسى " (蓝光光碟联盟Blu-ray Disc Association:BDA) پىلانلاپ چىققان دەۋر ھالقىغان (次时代 دېگەننى نېمە دەپ ئېلىشنى بىلمىدىم) ئوپتىك دىسكا ئۆلچىمى بولۇپ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 405nmبولغان كۆك رەڭلىك نۇر دەستىسى ئارقىلىق ئۇچۇر ئوقۇش- يېزىش مەشخۇلاتىنى تاماملايدىغان بولغاچقا كۆك نۇر دىسكىسى دەپ ئاتالغان ( دىققەت: نىمەئۈچۈن Blue-ray بولماي Blu- ray دىيىلىدۇ؟ چۈنكى ياۋرۇپا – ئامېرىكا ئەللىرىدە Blue-ray دېگەن سۆز ئېغىز تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە چۈشەندۈرۈشچانلىق خاسلىقى بولغان سۆز بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ قانۇنى بويىچە بۇنداق سۆزلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن e ھەرىپىنى ئېلىۋىتىپ Blu- ray دەپ تىزىمغا ئېلىنغان).
2. تەرەققىيات تارىخى
ئەڭ دەسلەپتە كېيىنكى ئەۋلاد DVD نامزاتى ئەسلى ئىككى خىل ئۆلچەم بولۇپ، بىرسى HD-DVD يەنە بىرسى Blu-ray ئىدى، بۇ ماقالە كۆك نۇر توغرىسىدا يېزىلغان بولغاچقا HD-DVD توغرىسىدا توختالمىدىم، لېكىن يازما ئاستىدىكى ئىزاھاتتا ئازراق چۈشەندۈرىشى بار،قىزىقىدىغانلار توردىن ئىزدەپ كۆرۈۋالغايسىلەر.
كۆك نۇر دىسكىسى فورماتىنى " كۆك نۇر دىسكىسى بىرلەشمىسى" تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ،بۇ بىرلەشمە 2004- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 170 تىن ئارتۇق ئەزا شىركىتى بار.
بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇدىرىيەتكە ئەزا 19 كارخانا بار بولۇپ، ئۇلار :
Sony
PHILIPS
Panasonic
Pioneer
SHARP
Apple
Hewlett-Packard
SAMSUNG
(قىسقارتىلدى)
1998- يىلى PHILIPS ۋە Sony كېيىنكى ئەۋلاد ئوپتىك دىسكا تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار ماقالىدە تاق يۈز، تاق قەۋەتلىك ئوپتىك دىسكىدا 23GB-25GBئارىلىقىدىكى سانلىق مەلۇمات ساقلىغىلى بولىدىغان تېخنىكا لايىھەسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
2002- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى PHILIPS ، Sony ، Panasonic ... قاتارلىق شىركەتلەر بىرلىكتە 0.9 نەشىرىدىكى كۆك نۇر دىسكىسى تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ھېسابتا كېيىنكى ئەۋلاد DVD نامزاتى – كۆك نۇر دىسكىسى دۇنياغا كەلدى، 2002- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۇلار يەنە رەسمىي نۇسخدىكى (1.0 نەشرىدىكى ) BD ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى.
2006- يىلى Sony،PHILIPS، Pioneer، Samsung قاتارلىق شىركەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ئۆزىنىڭ كۆك نۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگودا بولسا 2006- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى تۇنجى كۆك نۇر مەھسۇلاتىنى Benq ياساپ چىقىپ ئېلان قىلدى، شۇڭا 2006 يىلى تۇنجى " كۆك نۇر " يىلى بولۇپ قالدى.
2008- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو 华录 دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ " كۆك نۇر دىسكىسى بىرلەشمىسى" گە ئەزا بولۇپ كىردى ۋە DRA ئاۋاز چاستوتا كودلاش ئۆلچىمى بىلەن AVS ۋىدىئو چاستوتا كودلاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى.
2008- يىلى 2- ئايدا TOSHIBA ئۆزىنىڭ HD-DVD ئۆلچىمىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئەزەلدىن پەقەت HD-DVD ئۆلچىمىنى قوللاپ كېلىۋاتقان Microsoft مۇ ھەر ئىككى خىل ئۆلچەمنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنداق قىلىپ كېيىنكى ئەۋلاد ئوپتىك دىسكا " جېڭى " كۆك نۇر دىسكىسىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
3. فىزىكىلىق قۇرۇلمىسى
نۆۋەتتە DVD تېخنىكىسى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 650nm(نانو مېتىر) بولغان، قېلىنلىقى 0.6mm بولغان ئوپتىل دىسكا، يورۇقلۇق چەمبىرىكى 0.6 بولغان فوكۇس لىنزىسى ۋە قىزىل رەڭلىك لازىر نۇرى ئارقىلىق ئوقۇش – يېزىش مەشخۇلاتىنى تاماملايدۇ. لېكىن كۆك نۇر بولسا دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 405nm بولغان كۆك رەڭلىك نۇر دەستىسى ، يورۇقلۇق چەمبىرىكى 0.85 بولغان كەڭ بۇلۇڭلۇق فوكۇس لىنزىسى ئارقىلىق ئوقۇش- يېزىش مەشخۇلاتى تاماملايدۇ، ھەمدە ئوربېتا ئارىلىقى ئاران 0.32μm (دۋد ئوربېتا ئارىلىقىنىڭ يېرىمى) بولغاچقا سىغىمى DVD دىن كۆپ يۇقىرى. نۆۋەتتە BD نىڭ سىغىمى ( تاق يۈز، تاق قەۋەتلىك) 25GB بولۇپ، 4 سائەتلىك يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى فىلىمنى ساقلاشقا يېتىدۇ (تاق يۈز، قوش قەۋەتلىك BD نىڭ سىغىمى 50GB). كۆك نۇر دىسكىسى يەنە قەۋەت قوشۇش ئارقىلىق سىغىمىنى چوڭايتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ھازىر 4قەۋەتلىك 100GBسىغىمدىكى ۋە 8 قەۋەتلىك 200GB سىغىمدىكى كۆك نۇر دىسكىلىرى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ.
4. كۆك نۇر دىسكىسىنىڭ DVD بىلەن پەرقى
تېخىمۇ ياخشى سۈرەت سۈپىتى:
كۆك نۇر دىسكىسىنىڭ فىلىم مەنبەسى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى (HD:High Definition, 高解析度) فىلىم مەنبەسى بولۇپ، ئېنىقلىق نىسبىتى P1080 بولغان يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى سۈرەت كۆرسىتەلەيدۇ. DVD نىڭ بولسا P480 ،ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر كۆك نۇر قويغۇچتا ئادەتتىكى DVD قويساق، ئۇنىڭ سۈرەت سۈپىتىنى 30% ئەتراپىدا يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
تېخىمۇ ياخشى ئاۋاز سۈپىتى:
كۆك نۇر دىسكىسىنىڭ سىغىمى چوڭ بولغانلىقتىن ئاۋاز پىرىسلاشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا كۆك نۇر دىسكىسى 7.1 ئايلانما ئاۋاز يوللۇق پىرىسلانمىغان ئاۋاز شەكلىنى قوللايدۇ.
تېخىمۇ چوڭ سىغىمى:
ئادەتتىكى كۆك نۇر دىسكىسىنىڭ سىغىمى 25GB بولۇپ، DVD نىڭ 5 ھەسسىسىگە تەڭ، شۇڭا ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال ساقلىغىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدارى:
BD-Live بولسا كۆك نۇر ئابونتلىرىنى رەڭدار تور مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىز كۆك نۇر دىسكىسىدىكى يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى فىلىمدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا BD-Live ئارقىلىق كېنو قىسقا خەۋەرلىرى، كېنونىڭ ئالدىن تەشۋىقات قىسقا فىلىمى، يېزىق ئۇچۇرلىرى... قاتارلىقلاردىنمۇ ھوزۇرلىنالايمىز. بۇ ئىقتىدارنى DVD دا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
5. كۆك نۇر دىسكىسىنىڭ رايونغا ئايرىلىشى
كۆك نۇر دىسكىسىمۇ DVDغا ئوخشاش رايونغا ئايرىلغان بولۇپ (مەقسەت: ئوغۇرلۇقچە نەشىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش)، ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ رايونغا ئايرىلغان:
A رايون: شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا (فرانسىيەگە قاراشلىق يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ياپونىيە، تەيۋەن، كورىيە، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا
B رايون: ياۋرۇپا، گرىنلاندىيە، فرانسىيەگە قاراشلىق مۇستەملىكە رايونلار، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ئاۋستېرالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيە.
C رايون: ھىندىستان، رۇسىيە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، بېنگال، نىپال، پاكىستان ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرى.
6. كۆك نۇر بۇرۇنقى ئۆلچەمدىكى دىسكا ئۆلچەمىلىرىنى قوللامدۇ؟
ئەلۋەتتە قوللايدۇ، قوللاپلا قالماستىن يەنە DVD سۈرەت سۈزۈكلۈكىنى 30% يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە CD، VCD لارنىمۇ قوللايدۇ.
7. قانداق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كۆك نۇرنىڭ " پەيزى " نى سۈرگىلى بولىدۇ؟
ئاۋال سزنىڭ تېلېۋىزورىڭىز يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاۋاز- سۈرەت ئۇچۇرىنى بىرتەرەپ قىلالىشى كېرەك (ھازىرقى تەكشى ئىكرانلىق تېلېۋىزورلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قوللايدۇ)، ياكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆلەڭگۈ چۈشۈرۈش ئاپپاراتى بولسىمۇ بولىدۇ،ئاندىن كۆك نۇر قويغۇچ، Playsation3 ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقى قاتارلىق كۆك نۇر دىسىكىسى قويۇش ئىقتىدارى بار ئۈسكۈنىلەر بولىشى كېرەك. (ئۇلاردىن باشقا يەنە ئەگەر 7.1 ئايلانما ئاۋاز يوللۇق ئاۋاز شەكلىنى قوللايدىغان ياڭراتقۇ گورۇپپىسى بولسا ئۈنۈمى كېنوخانىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ)
يازمىدىكى بەزى ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:
HD-DVD: بۇمۇ كېيىنكى ئەۋلاد DVD نامزاتى بولۇپ، High Definition DVD دىگەن سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى. ئۇنى HD-DVD نى ئومۇملاشتۇرۇش بىرلەشمىسى (HD DVD Promotion Group) تەتقىق قىلىپ چىققان.ئۇ رىقابەتچىسى كۆك نۇر دىسكىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ دىئامېتىرى ئوخشاشلا 12CM، ئوخشاشلا دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 405nm بولغان كۆك رەڭلىك نۇر ئارقىلىق ئوقۇش- يېزىش مەشخۇلاتىنى تاماملايدۇ. گەرچە ئۇنىڭ كۆك نۇر دىسكىسى بىلەن ئوخشاشلىقى كۆپ بولسىمۇ (مەسىلەن: سىغىمى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋىدىئولارنى قوللىشى )، بىراق قاتتىق دىتال سەۋەبىدىن كۆك نۇر دىسكىسىغا ئوخشاش تەرەققىيات ئىستىقبالى تازا دېگەندەك ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلاد DVD نامزاتىنى تاللاش " جېڭىدە" مەغلۇب بولدى.
HD : بۇ يۇقىرى سۈزۈكلۈك (高清High Definition) دىگەن ئېنگىلىزچە سۆزلەرنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، سۈرەت پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 720P (يەنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 1280X720) دىن يۇقىرى بولسا HD غا تەۋە، ئەگەر سۈرەت پەرلەندۈرۈش نىسبىتى 1080P ( 1920X1080) بولسا Full HD دەپ ئاتېلىدۇ. مەسىلەن: VCD نىڭ سۈرەت پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 352X288 PAL ۋە 352X240 NTSC ، DVD نىڭ 720X576 PAL ۋە 720X480 NTSC، BD نىڭ 1280X720 ۋە 1920X1080
Playstaion3: قىسقارتىپ PS3 دەپ ئاتېلىدۇ، بۇ Sony نىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقى، 2006- يىلى 11- ئايدا بازارغا سېلىنغان، Microsoft نىڭ XBOX360، Nintendo نىڭ Wii قاتارلىق ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقلىرى بىلەن رىقابەتتە، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭغا كۆك نۇر سەپلەنگەن1080Pئېنىقلىقتىكى ئويۇنلارنى قوللايدۇ. (مەن ئادەتتە كۆك نۇر دىسكىسىنى PS3 ئارقىلىق كۆرىمەن).
ئەسكەرتىش:
1. خەنزۇچە سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى، بۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمنىڭ كۆپ بولماسلىقى سەۋەبىدىن يازمىدا خاتا كەتكەن، كەم قالغان جايلار بولىشى تەبىئىي، بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويسا، ھەممىمىز تەڭ بەھرلەنسەك.
2. بۇ يازمىنى بىرلا ۋاقىتتا مىسرانىم مۇنبىرى ۋە قۇتلان تور بېكىتىگە يوللىدىم، باشقا تور بېكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مېنىڭ ماقۇللۇقۇمنى ئېلىشىڭىز شەرت! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار: 百度百科، بىرقىسىم ئاۋاز-سۈرەتكە ئائىت مۇنبەرلەر، ئۆزۈمنىڭ بىلىدىغانلىرىم.