مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 485|ئىنكاس: 1

ئائىلە تەربىيەسىدىكى خاتا ئۇسۇللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىقىلغان يەردىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9208
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 11:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە تەربىيەسىدىكى خاتا ئۇسۇللار
گۈلقىز تەۋەككۈل
   ھازىرقى دەۋىردە پەرزەنت تەربىيەسى بارغانسېرى سىستېمىلىشىپ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەت ۋە پەن بولۇپ شەكىللەنمەكتە ، پەرزەنت تەربىيەسى ھەربىر ئاتا– ئانا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى . بالىلار تەربىيەسى توغرىسىدا ئۇلۇغ پەيلاسوپلاردىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى . بالىلار تەربىيەسى توغرىسىدا قىممەتلىك تەجىرىبىلەرنى ، بۈيۈك نەزەرىيىلەرنى ياراتتى ، نۇرغۇن توم –توم كىتابلار يېزىلدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، ئىنسانلار دۇنياسى ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بالىلار تەربىيەسى بىر كۈن بىر سائەتمۇ توختاپ قالمىدى . ئۇنداقتا بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى ، ھەممە بالىلار ئەخلاقلىق ، گۈزەل ئىنسانىي خىسلەتكە ئىگە ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتىمۇ ؟ بالىلار تەربىيەسىنىڭ ھەممىسى ياخشى ئۈنۈم بەردىمۇ ؟ بىزنىڭ تەربىيە شەكلىمىزنىڭ ھەممىسى توغرىمۇ ؟ بۇلارنى ئويلىنىپكۆرۈشكە ئەرزىيدۇ . تارىختا ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان بىر قىسىم ۋەھشىي ئادەملەرنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى ، ھازىرقىشارائىتتىمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان بىر قىسىم ياشلارنىڭ بولغانلىقى بالىلار تەربىيەسىىدىكى بىر قىسىم خاتا قاراشلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .
  بالىلار تەربىيەسىدە ھىچكىم مېنىڭ ئۇسۇلۇم خاتا دىمەيدۇ ، بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزنىڭ بىر قىسىمئۇسۇللىرىمىزنىڭ ئانچە مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
1. بالىلارنى دائىمئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش.
   نۇرغۇن ئاتا–ئانىلار ياخشى ئوقۇغان ، شان–شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ، ئاتا–ئانىسىغا كۆيۈنگەن ، باشقىلارنىڭھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بالىلارنى كۆرگەندە ، ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئاشۇ بالىلاردەك ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنىئۈمىد قىلىدۇ ، بۇ جەھەتتە ئاتا–ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ ، بۇنى ھەرگىزمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ ، بىراق بۇنداق ئۇسۇل دائىم تەكرارلىنىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بالىلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقنى كۆرەلمەيدىغان ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ، تىرىشقۇسى كەلمەيدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ. ئۆز بالىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، رىغبەتلەندۈرۈش ، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ،تەجىرىبىسىنى سۆزلەپ ئۇنى ئۆرنەك قىلىشقا مەدەت بېرىشى ، ھە دېسىلا يېتەرسىزلىكنى كۆپ سۆزلەپروھىي بېسىمغا دۇچارقىلماسلىقى كېرەك . قىسقىسى بالىلار ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ .
2. ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنى زىيادە بىلەرمەن چاغلاش.
   بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلىرىغا تەربىيە بەرگەندە ‹‹مەن سەندەك ۋاقتىمدا ئۇنداققىلاتتىم ، مۇنداق قىلاتتىم، سېنىڭ قولۇڭدىن ئىش كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ ›› دېگەندەكسۆزلەرنى قىلىپ بالىلىرىنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلايدۇ ، تەلەپنىھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق قويىدۇ ، نەتىجىدە بالىلار نېمە قىلىشنى ، قانداق ئۆگىنىشنى بىلمەيدۇ. بالىلارغا قاتتىق تەلەپ قويغان توغرا ، لېكىن بېسىم ئاستىدا ياشىغان بالىلاردا كۆڭۈل ئازادىلىكى ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ، ئائىلىگە بولغان مېھرىبانلىق كەمچىل بولىدۇ ،شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنى ئائىلە باشلىقلىق ئورنىدا قويۇپ بالىلىرىغا قوپال مۇئامىلىدە بولماسلىقى ، قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشى ، بالىلار بىلەن يېقىن دوستانە مۇئامىلىدە بولىشى ، بالىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن ئورونغا قويۇۋالماسلىقى كېرەك . ئاتا-ئانىلار مەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ، مەن نېمە دېسەم بولىدۇ، بالىلار شۇ بويىچە ئىش قىلىش كېرەك دەپ قارىغان بىلەن ،بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىق كىبىرىنى ياقتۇرمايدۇ .
3. بالىلارنىڭ بىرەر قېتىملىق خاتالىقىنى تۇتۇۋېلىپ توختىماي تاپا-تەنە قىلىش.
   بالىلار ئادەتتە شوخ، جۇشقۇن ، تېتىك ، ھېسىياتچان ، ھەممە ئىشقا قىزىقىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان مىجەزلىك بولىدۇ. مانا مۇشۇنداقشوخلۇق تۈپەيلىدىن دائىم دېگۈدەك يا ئۇنداق يا بۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ ، ھەتتا بۇنداق سەۋەنلىكلەرنى كۈندە سادىر قىلىپ تۇرىدىغان بالىلارمۇ بولىدۇ ،نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاربالىلارنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنى كۆڭلىگە سىغدۇرالمايدۇ ، توختىماي تاپا-تەنە قىلىدۇ، ئۆزىچە بۇنى تەربىيە قىلغانلىق دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە تاپا-تەنىنى ھەرگىزمۇ تەربىيە شەكلى دېگىلىبولمايدۇ ، بالىلار بىرەر سەۋەنلىك سادىرقىلسا ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ سەمىمىيلىك بىلەن تەربىيە ئىشلىشى ، بالىلار شوخ ، جۇشقۇنلۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر قىسىم مەسىللەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئالدىن بىشارەت بېرىپبالىنى ئېھتىيات قىلىشقا ئۈندىشى ، ھە دېگەندە ئۆتكەن ئىشلارنى تاپا-تەنە قىلماسلىق كېرەك .
4. بالىلارنىڭ دوست تۇتۇشىنى چەكلەش خاھىشى
   بالىلار ھېسىياتچان بولغاچقا ، ئۆزئارا ناھايىتى ئاسانچىقىشىپ كىتىدۇ . بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاربالىلارغا تەربىيە بەردىم دەپ پالانىنىڭ بالىسى بىلەن دوست بولما ، ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ، پۇستانىنىڭ بالىسى بىلەن ئارىلاشما ، مەن ئۇ ئائىلىنى ياقتۇرمايمەن . . . دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ بالىلارنىڭقەلبىگە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ، يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يات جىنىسلىقلار بىلەن ئارىلىشىشىنى چەكلەيدۇ ، بۇنى بالدۇر مۇھەببەتكە بېرىلىپ كەتكەنلىكى دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇلارنى توغرا تەربىيە ئۇسۇلى دېگىلى بولمايدۇ ،ھىچ بولمىغاندا بۇنىبىر تەرەپلىمىلىك ئۇسۇل دېيىش كېرەك ، بالىلارنىڭ دوست تۇتۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بالىلارغا تاڭسا ياكى پەرزەنتلىرىگە ئىشەنمەي ھەممە ئىشنى زىغىرلاپ تۇرىۋالسا بالىلاردا باشقىلارغا نىسبەتەن روھىيتوسالغۇ پەيدا بولۇپقالىدۇ ، بالىلارنىڭدوست تۇتۇش مەسىلىسىدە ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك .
5. بالىنىڭ ھەممە ئىشىغا چات كېرىۋېلىش .
   بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە قىزىقىش دائىرىسى بەك كەڭ ، بىر قىسىم بالىلار ئادەم تەسەۋۋۇر قىلمىغان ، ئويلاپ يەتمىگەن ئىشلارنى قىلىدۇ . ئۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۇنداق ئىشنى قىلما،بۇنداق ئىشقا ئارىلاشما،يولدا مۇنداق ئىشقادىققەت قىل ، ئۇنى يىمە، بۇنى قىلما دەپ جىكىلەپ تۇرىدۇ،بۇنى تەربىيىدىكى ئەستايىدىللىق دەپ قارايدۇ،لېكىن بۇنداق تەربىيە شەكلىنى كۆپىنچە بالىلار ياقتۇرمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىش خاھىشى بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز، بۇ بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىشىغا يول قويۇشكېرەك دېگەنلىك ئەمەس،پەقەتبالىلارغا روھىي جەھەتتە ئەركىنلىك بېرىشدېگەنلىك . ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئەسكەرتىپتۇرغىنى ياخشى ، ئەمما بۇنداق ئەسكەرتىش چەكلەش خاراكتېرىنى ئەمەس، يېتەكلەش خاراكتېرىنى ئېلىشى كېرەك.بالىلارنىڭ ھەممە ئىشقا چات كېرىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆز،ھەربىر قەدەم،ھەربىر ھەرىكىتىگە چەك بەلگىلەپ بەرسە بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى يوقايدۇ ، ئاكتىپچانلىقى بوغۇلىدۇ، ئىجادچانلىق خاراكتېرى يېتىلمەيدۇ .
   ئەمەلىيەتتە بارىلىق ئائىلىدە شۇ ئائىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس ھالدا تەربىيە ئۇسۇلى ۋەشەكلى بولىدۇ ، بىر ئائىلىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ يەنە بىر ئائىلىگە تامامەن ماس كېلىشى ناتايىن. بالىلار تەربىيەسىدە تەربىيەنىڭ سۈپىتىنى شۇ ئائىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئاتا-ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە قوپال تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ ، يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ، ھازىرقى زامان پەرزەنتلىرىنىڭ ئېڭىنى ئۇنداق ئاددىي چاغلاشقابولمايدۇ .
   شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان توغرا، ئىلمىي بولغان بالىلار تەربىيە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىشى، قوپال، ناچار تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن ۋاز كېچىشى، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .

ۋاقىت      كەينىگە  يانمايدۇ  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8926
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1592 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-27 12:09:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:6] مۇشۇنداق تىمىكەن ماۋۇ ، ئاتا -ئانىلار كۆرۈڭلار ماتىمىنى ، مىنىڭ ئويلىغان ، ئىچىمدىكى گەپلەرنى ماڭا ۋاكالىتەن دىگەندەك .........
رەھمەت سىزگە ...... [s:2]  [s:2]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش