قۇمۇل ۋىلايىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم تايۇنىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان .
شەرقتىن گەنسۇ ئۆلكىسى، غەربتىن تۇرپان ۋىلايىتى ۋە سانجى خۇيزۇ
ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن
تۇتىشىدۇ. شىمالدىن تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى
ئۇزۇنلۇقى 595 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى
440 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 404 كىلومېتىر. ئومۇمىي
يەر مەيدانى 137 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 1 شەھەر،
2 ناھىيە (قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاتۈرۈك ناھىيىسى)
قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق
مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات
مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى
شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 588 كىلومېتىر كېلىدۇ. قېنى، سىزمۇ بۇ ئالتۇن دىيارنىڭ
گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھىرلىنىپ بېقىڭ!
قۇمۇل پويىز ئىستانسىسى
قۇمۇلدىكى مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى-قۇمباغ
بۇ يەرگە ساياھەتچىلەر دائىم كېلىپ تۇرىدىكەن .
سۈزۈك بۇلاق سۈيىنىڭ قۇملۇققا سىڭىپ كەتمىگىنى سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
قاراڭ، بۇ يەرنىڭ قۇملىرى باشقا ھېچقانداق جايلارنىڭ قۇملىرىغا ئوخشىمايدۇ. باشقا جايلاردا قۇم پەسكە يېيىلىپ چۈشسە، بۇ جايدىكى قۇم پەستىن يۇقۇرىغا قاراپ ئۆرلەيدىكەن . شامالدىمۇ چېچىلىپ كۆزلەرگە كىرىپ كەتمەيدىكەن . ساياھەتچىلەر يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە سېرىلىپ چۈشكەندە پەسكە چۈشكەن قۇملار يەنە ئۈستىگە قاراپ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن . شۇڭا بۇ قۇمتاغ يېيىلىپ كەتمەي ياكى ئۇچۇپ تۈگۈمەي ئۇزاق يىللاردىن بۇيان مۇشۇ تاغ ھالىتىدە تۇرۇپتۇ .
چەكسىز قۇملۇقتىكى پادىلاردىن چوقۇم سۆيۈنمەي تۇرالمايسىز! .
قۇمتاغ
قۇمتاغقا چىقىپ-چۈشۈۋاتقانلار
ساپ ھاۋالىق گۈزەل مەنزىرىدىن قانغىچە زوقلانغىڭىز كەلدىمۇ؟
ئاۋۇ ئۆي- بېلەت سېتىش ئورنى
ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ياسالغان كېگىز ئۆيلەر
مەنبەسى: ئۆزۈم تارتقان