ئەقىدەم زارى (ھىكايە)
ئاپتۇرى:تاتلىق ئۇيغۇر
مەن دادامدىن كىچىك قالغان بولغاشقا ئاپام نىڭ گىپىنى بەك ئاڭلايتىم.كىچىكىمدىن شوخ كەپسىز بولغانلىقىمدىن باشقىلاربىلەن ئىشتىكلا چىقىشىپ بەك يېقىن بۇلۇپ كىتەتتىم.مىنىڭ دىن بىرنەچچەياش چوڭ بىر دوستۇم بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن مىجەزىمىز بەك كىلىشەتتى.ئۇمۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى.بىز ھەر ئىككىلىمىز، مەكتەپنى ياختۇرمايدىغان بولغاچقا مەكتەپكە بارغىمىز كەلسە بېرىپ بولمىسا مەھەللىمىزدەنى ئوڭتەي توڭتەي قىلىپ خوشنىلارنى ئارامىدا قويمايتتۇق.مەھەللىمىزدە ھەممە كىشلەرنىڭ ئاغزىدا،بىزئەسكى باللار ئىدۇق.ئىشقىلىپ بىز بەك بەڭۋاش بولغاچقا كىشلەرنىڭ دىرېزە ئەينەك لىرى داۋاملىق چېقىلىپ تۇراتتى.شۇنداق ئۈتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،دوستۇمنىڭ دادىسى بىزنى چاقىرىپ ھۈنەر ئۆگۈنۈشىمىزنى ئېيتتى،
نىمە ھۈنەر ئۆگەنسەك بۇلا قاسىمكا؟ دىدىم مەن،
ئوغلۇم،سىلەرنى ساتىراچلىق ھۈنەرگە بېرىمەن.ساتىراچلىق پاكىز،يىنىك دەسمايە ئازكىتىدىغان ھۈنەر باللىرىم.دەپ بىزنى ھۈنەرگە بەرمەكچى بولدى.مەن ئاپامغا دەپ بېقىشنى.ئېيتتىم ئاپامغا دىۋىدىم ئاپاممۇ تىزلا قۇشۇلدى.مەكتەپتىن بىزنى ئاللىبۇرۇن،قوغلاپ بولغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ قاسىمكام ئىككىمىزنى ئۆزى ياش ئوتتۇربوي ئوتتۇز ياشلا ئەتىراپىدىكى بىر ساتراچقا بىزنى شاگىرتلىققا بەردى.دوستۇم ئىككىمىزنى باشقىلار قەتتى ئارىۋىتەلمەيتى.بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئۈسۈپ چوڭ بولغان بولغاچقا،نەگە بارساق تەڭ باراتتۇق ئىش قىلساقمۇ تەڭ قىلاتتۇق.شۇڭا ھۈنەرنىمۇ بىللە ئۆگەنمەكچى بولغان ئىدۇق.شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ساقال ئېلىۋىتىپ باش يۇيدىغان كۈنلىرىمىز باشلاندى.بىزنىك ئالدىمىزغا كاللىسى تاز قوتۇر بېسىپ كەتكەن.ئىشقىلىپ ھەرخىل كىشلەر كىلەتتى.كىچىك بىچارە بوۋاقلارنىڭ يىغلاشلىرىغا قارماي چېچىنى ئۇرۇپ تاشلىۋىتەتتى.بىزنىڭمۇ خېلى قولمىز كىلىپ قالغان بولغاچقا.باشقىلارنىڭ ئانچە مۇنچە ساقاللىرىنى ئېلىپ قۇياتتۇق.بەزىلەر بىزنى كىچىك ئىش ئۇخمايدۇ دەپ ئۇستاڭنى چاقىر دەپ تۇرۋالاتتى.بەزىدە كىشلەرنىڭ كاللىسىنى كىسىپ قويساق ئاچىغاپ تىللاپ كىتىدىغانلىرىمۇ بارئىدى ئەلۋەتتە.شۇنداق قىلىپ يېشىمىزنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ تۇرقىمىزمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى.بىزمۇ چوپ چوڭلا يىگىت بۇلۇپ قالغان ئىدۇق.بىزمۇ قىزلاغا گەپ ئاتىدىغان،چىرايلىق قىزلانى كۆرسەك قارايدىغان بولدۇق،بىزنىڭ دۇكاننىڭ يېنىدا،ئۇشاق نەرسەكېرەك ساتىدىغان.بىر دۇكاندار بۇلدىغان.ئۇلار بىزنىڭ دوكاننىڭ پاڭدۇڭ ئىدى.ئۇلارنىڭ بىرقىزى بۇلۇپ كىينىشلىرى بەك تەبى ئۇيغۇرلاغا خاس كىينەتتى.بىزداۋاملىق پاراڭلىشىپ تۇردىغان بۇلۇپ ياخشى دوست لاردىن ئىدۇق. مەنمۇ ئۇ بولسىلا دۇكىنىغا كىرىپ ئۇشاق يىمەكلىك ئېلىپ يەيتتىم.شۇ بانادا ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشۋالاتتىم.ئويلاپ باقسام ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن ئۇنۇڭغا تەلەپ قويدۇم ئۇمۇ ماڭا قۇشۇلدىغانلىقىنى ئېتتى.بىز يۈرۈپ قالدۇق.مەن ئۇنۇڭغا تىكىلىپ قاراشتىنمۇ تەپ تارتاتتىم.ئىشقىلىپ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز دەرۋەقە پاك ئىدى.ئۇنىڭغا سىزنى ياخشى كۆرىمەن،سىزنى سۈيمەن دەپ قېلىنلىق قىلالمايتىم.چۈنكى ئۇنى قەلبىمدە چۇڭقۇر سۈيەتتىم ھەم كۈيەتتىم.ئۇنىغا ھەقىقەتەن ئىشىنەتتىم.قەلبىمدە سىنى چۇقۇم بەختلىك قىلمەن دەپ ئويلايتىم.بىزنىڭ سۆيگۈمىز ئېتىشتا ئاشكارە بولغان بىلەن بىر-بىرمىزنى يۈشۇرۇن ياخشى كۈرەتتۇق.شۇنداققىلىپ بىزمۇ ھۈنەر گە خېلى پىشىپ قالدۇق. ئۇستاممۇ بىزگە ئامراق ئىدى.دوستۇم بەزىبىر باللار بىلەن ئارلىشىپ.ئاتالمىش دىباغا ئۆگۈنۈپ قالدى.ئىچىشنى چىكىشنى تېپۋالدى.ئۇنىڭغا شۇنچە دىسەممۇ كارقىلمىدى.تېخى مىنىمۇ ئاشۇنداق يەرلەرگە ئاپارغۇسى با تېخى.مەن بەڭۋاش كەپسىز بولغۇنۇم بىلەن تا مۇشۇ كەمگۈچە يا چىكىپ يا ئىچىپ باقمىغان.دىبا دىگەن يەرگە ئېزىپ قېلىپمۇ كىرمەيتىم.شۇ ۋاقىتلادا ئاپام مىنى باشقا يۇرتىدىكى ئىنىسنىڭ تىجارىتىگە ياردەملىشىپ بېرىشىمنى ئېيتىپ ئەۋەتمەكچى بولدى.ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىشقا ھېچ بىر قىيالايدىغاندەك ئەمەس ئىدىم.ئۇنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلدى شۇنداق قىلىپ مەن بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلمەكچى بۇلۇپ يولغا چىقتىم، بېرىپ ئۇنىڭا تېلېفۇن قىلىپ سالاملىشىپ كۆڭلۈم خېلى ئارام تېپ قالغاندەك بولدى.شۇنداق قىلىپ ئاپامىنىڭ ئىنىسىنىڭ تىجارىتىگە ياردەملەشتىم.كۈنلەر شۇ تەرەقىدە ئۆتىۋەردى.كۈندە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭ لىشىپ تۇردۇم.بىرمەزگىلدىن كىيىن .ئۇنىڭ ماڭا بولغان پوزىسىيىسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى.مەن شۇنداقتىمۇ مىجەزى ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ،بىرەسىدىن خاپا بولغان چېغى دەپ بىلمەي يۇرۇپ تىمەن.مەن ئالتە ئاي دىن كىيىن يېنىپ كەلدىم.بىز كۈرۈشمەكچى بولۇپ كۈرۈشتۇق بىراق مىنىڭ ياخشى كۆردىغان ئادىمىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. چاشلىرىنى ھەرخىل بويۋالغان قىستاپ كىيۋالغان پادىچىلا ئىشتىنى.كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قېلۋاتاتتىم.ئۇنىڭدىن شۇنداق تەپ تارتىدىغان بولغاشقا ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن دىمەكچى بولغان گەپلىرىممۇ قېچىپ كەتكەن ئىدى.ماڭا سۆزلىگەندىكى قوپاللىغىچۇ تېخى ھەي دىمەيلا قۇياي ئۈزۈمنى زورىغا بېسۋېلىپ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ كۈرۈشمەكچى بۇلۇپ قايتىپ كەلدىم.ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىگە نىمە سەۋەپ بولغىنىنىى قەتتى بىلەلمەي ۋاتاتتىم.بىز كۈرۈشۈپ تۇردۇق ئۇنىڭ كۈندىن كۈنگە ھاكارۋۇرلىشىپ مىنى تۆۋەن كۈرىشىگە چىدىيالماي.ئاخىرى جۈرئەتكە كىلىپ ئۇنىڭغا دىدىم.
سىز گە نىمە بولدى ؟ياخشى كۆرۈش مۇشۇنداق بۇلامدۇ؟ مىنى قانداق ياخشى كۆرۋاتسىز؟
-نىمە؟ كىم سىزنى ياخشى كۈردىكەن. سىزبىلەن ئادەتتىكى تۇنۇش بىلىش خالاس
ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قاققان قۇزۇقتەك بوپقالدىم، قۇلقۇمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.
بىزنىڭ بىر-بىرمىزگە بەرگەن ۋەدىللىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟
قايسى ۋەدىنى دەيسىز؟ ھە ھېلىقى ۋاقىتلاردىكىما،بولدى ئىسىڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ مەن سىزنى مۇنداقلا ئالداپ قويغان،ئەمىليەتتە،ئويلاپ باقسام سىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن.
نىمە؟ ئۇنداقتا مىنى نىمىگە ئالدايسىز؟
كىم سىزنى ئالداپتۇ،مەن ھېچقاچان سىزنى ياخشى كۈرۈپ باقمىدىم.مىنىڭ ياخشى كۈردىغان ئادىمىم بار ئەمدى ئىش ئايدىڭلاشتى.سىزگە ئۈزۈم دەيدىگەن ئىدىم.
بۈگۈن ئاخىر دەۋالدىغان بولدۇم.ئەمدى ماڭا تېلفۇن قىلماڭ، دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
كاللامدا نەچچەمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن.كۆز ئالدىمدىكى رىياللىققا ھىچ ئىشەنەلمەي ۋاتاتتىم. يەنە ئۈزۈمنى تۇتۋېلىپ سورىدۇم،
سىزنىڭ لايقىڭىز،كىم؟ مەن ياخشى كۆرگەندەك سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟
ئەلۋەتتە ياخشى كۈرىدۇ،مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.ئۇ سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىز پەرھات
نىمە؟پەرھات يەنە كاللام پىقىراپ كەتتى.پەرھات مىنىڭ كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان،ساتىراچچىلىقنى بىللە ئۆگەنگەن دوستۇم شۇ ئىدى.توۋا بۇ قانداق گەپ پەرھات ئىككىمىزنىڭ يۈرۋاتقانلىقىنى بىلەتتىغۇ،بۇ قانداق بوپ ئىككىسى يۈرۈپ قالىدۇ دەپ ھىچ ئەقلىم يەتمەي ۋاتاتتى.
بۇقانداق گەپ؟بىزنىڭ يۈرگەنلىكىمىزنى پەرھات بىلەتتىغۇ؟
شۇنداق لىكىن ئۇمىنى بەك ياخشى كۈرىدۇ،سىزدەك يەرگە قاراپ نازلىنىپ تۇرمايدۇ،كۆڭلىدە نىمە بولسا ماڭا تارتىنماي دەيدۇ،مەن ئۇنىڭ كەسكىن لىكىگە ئامراق،يەنە تېخى ئۇمىنى دائىم مىھمان قىلىدۇ، كىيىم كىچەك ئېلىپ بىرىدۇ داۋاملىق بىللە ئويناپ كىلمىز،لىكىن سىزچۇ بىر يەردە كۆرسىڭىزمۇ يەرگە قاراپ ماڭسىز،سىزنىڭ ئۇنداق،ئادەمنى شاتلاندۇرالمايدىغان نامدا با ئەمەلدە يوق مۇھاببىتىڭىز ماڭا لازىم ئەمەس. بولدى ئەمسە ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇشۇ يەردە تۈگسۇن دەپ كىتىپ قالدى.
ھەي كۆز ئالدىمدىكى رىياللىققا قەتئى ئىشنەلمەي ۋاتاتتىم.كۆزلىرىم دىن شۇ دەقىقىدە ياش تامچىپ كەتتى.ئۇنىڭ دىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ئەمەس پاك چىن قەلبىمنى ئايماي بېرىپ،ئۇنىڭغا قىلغان ئەقىدەمگە ئېچىنىپ ياشلىرىم تامچىپ كەتتى.رىياللىق ھامان رىياللىق.كۆنمەي ئامال يوقكەن.
شۇنداق مەن ئۇنى دىسكو خانا،رىستۇران،ئارامگا لارغا ئاپىرالمىدىم.ھەم ئاپىرالمايتىم.چۈنكى مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنداق يەردىكى كىشلەر بىر ئوچۇم داشقال
ئەقىللىق ساپالىق كىشلەر ئۇنداق يەرگە كىرمەيدۇ دەپ ئويلايتىم.بىراق ئۇنداق ئەمەسكەن.مەن شۇنچە ھۆرمىتىنى قىلدىغان قەلبىمدىكى ئەڭ بىغۇبار پەرىشتەممۇ ئەنە ئاشۇنداق جايلارنى ياختۇردىكەن.توغرا مەن بەك مەتو كەنمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ مەنمۇ ئاشۇنداقلارنىڭ قاتارىغا كىردىم.بۇ يەر ھەقىقەتەن قىزىق ئىكەن توۋا بىز ئۇغۇللا قىز كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىرسەك قىزلا نىمدەپ كىردىغاندۇ، ئويلىغان سىرى كاللام يەتمەي قېلىۋاتاتتى.توۋا مەنمۇ خېلى كىلىشكەن بالا ئوخشايمەن جۇمۇ،مانا بۈگۈن ماڭا چىرايلىق بىر قىز تەلەپ قويدى.توۋا زامان قانداق بۇلۇپ كىتىپ باردىغاندۇ ؟
ئۇغۇللارمۇ تەپ تارتىپ ئاران دەيدىغان بۇ گەپنى كۆز ئالدىمدىلا دەۋاتىدۇيا؟
سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمە؟
ئابدۇراخمان،
سىزبەك ئوماق سىرلىق بالىكەنسىز گىپىڭىزمۇ بەكلا ئۇرۇنلۇق سىزنى ياختۇرۇپ قالدىم مۇھەببىتىڭىز بارمۇ ؟
يۈزۈم قىزرىپ كەتتى.تىلىم كالۋا لىشىپ قىزنىڭ گىپىگە ھەيران بۇلۇپ تاڭ قېتىپ قالدىم.
ياق مىنىڭ لايىقىم يوق،بىراق مەن سىزنى تۇنىمايمەن ھەم چۈشەنمىسەم قانداق بولىدۇ؟
قىزىق گەپ قىلدىكەنسىز مانا تۇنۇشىۋاتمايمىزمۇ،ئسمىم ئىززەت،مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۋاتمەن يېشىم 19 ياش سىزنىڭچۇ؟
مەنىڭ كەسپىم ساتراچ يېشىم 18ياش ،
ئاپلا سىزدىن بىر ياش چوڭكەنمەن ھە؟ ئۇنداق قارمىسىڭىز يۈرۈپ قالايلى،سىزگە بەك ئامراق بۇلۇپ قالدىم،
ياقەي ھىش قىسى يوق يۈرسەك يۈرەيلى سىزمۇ بەك ئۇچۇق ئۇبدان قىز كەنسىز،
شۇنداق قىلىپ بىر ئاي دىباغا قاتىراپ يۈرۈپ ئىززەت ئىسىملىك بۇ قىزبىلەن يۈرۈپ قالدىم.بۇ قىز بەك ئەقىللىق كۆڭلۈمدىكىنى ئىشتىكلا تېپۋالالايدۇ،بۇنىڭ بىلەن يۈردۈم.گىپىمنى بەك ئاڭلايتى بۇنىڭ بىلەن دىبالاغا بىللە باراتتىم.مىجەزىممۇ خېلى كەسكىن.كىچىكىمدىنمۇ ئۇرشۇپ چوڭ بولغاچقا باللار بىلەن تېزلا سۇقۇشۇپ قاللاتتىم.
بەزىدە تاياق يەپ بەزىدە ئۇرۋېلىپ دىگەندەك جەمىيەتتە نۇرغۇل ئەسكى باللار بىلەن بىللە ئوينايدىغان بولدۇم.ئىشقىلىپ ماڭا قىززىققۇچى قىزلار تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.دىباغا كىرسەكلا قىزدىن غەم قىلمايمىز.شۇنداق قىلىپ ئىززەتتەك چىرايلىق قىزبىلەن نەچىسى بىلەن يۈرۈپ نەچىسىنى تاشلاپ قىز بالدىگەنگە قىزىق ماس بۇلۇپ قالدىم. بىرەسى بىلەن شۇنچە يۈرگەن بولساممۇ ئازراق ئىش چىقىپ قالسىلا يۈز ئۆرۈيدىغان قىلچە پەرۋا قىلمايدىغان بولدۇم.مانا مىنى كۆزگە ئىلمىغان مىنىڭ ئەقىدەمنى چۆرۈپ تاشلىغان تۈنجى لايىقىم توي قىلماي تۇرۇپلا بىربالىنىڭ ئانىسى بۇلۇپ قالدى.توۋا بىچارە ئاتا ئانىسىنى ئويلاپ باقسا بولمامدىغاندۇ.
ھەي بىچارە ئاتا-ئانا بالا باققانىڭ گۇناھى شۇ بولدىمۇئەمدى.ئويلاپ ئىچىم ئاچىق بۇلۇپ قالدى.ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدىكەن.بولدى بەس مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۋالاي.
مانا بۇنداق ئۇيۇن تاماشانىمۇ كۆردۇق مانا ئاشۇنداق ئۆزقەدىرنى بىلمىگەن ئەتىۋا قىزلارنىمۇ كۆردۇق.ئەمدى يىتەر مەن بۇنداق ئۇغۇل بالا ئەمەس،ئۈزۈمنى ئوڭشايدىگەن نىيەتكە كەلدىم.بارلىق دىبا شۇناس دوستلۇرۇمدىن قولۇمنى ئۈزدۈم ھەم مەھەللىمىزدىكى دوپپا تىكىدىغان بىر سەبى قىز بىلەن تويۇمنى قىلدىم. مانا كۈنلۈرۈم ھەرھالدا يامان ئەمەس كىتىپ بارىدۇ.تاتلىق ئايالىمنىڭ تۈرۈتكىسىدە بەشۋاق ناماز باشلاپ ئاللاغا قۇلچىلىق قىلۋاتىمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئەسەر مۇشۇ يەردە تاماملاندى.
قەدىرلىك ئۇقۇرمەن بۇ ئەسەردە بايان قىلغىنىمىز ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى سۆككەنلىك ئەمەس بەلكى،جەمىيەتتىكى بىر تۈركۈم ئۆزىنىڭ تېرىسىگە پاتماي ۋاتقان كىشلەرگە دەرىسلىك بولۇپ قالاردەپ يېزىلدى.ئەدەپ ئەخلاقلىق ئىمانى باك كىشىلىرىمىزگە ئۈتۈپ كەتمەسلىكىنى چن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
مەنبە: ئۆزقەلەم
تەھرىردىن : بۇندىن كىيىن ئەسەر يازغىنىڭىزدا ئورتاق تىلنى ئىشلىتىڭ ،بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك ، ھەم ئىملاغىمۇ بىزنى ئوڭشايدۇ دىمەستىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ !!!