ئاكا ،سەندىن ئۆتۈنەي ماڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلما
ياتاقتا ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىزلا دادامغا تىلىفۇن قىلغۇم كىلىپ تىلىفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم. چۈنكى ئىلگىرىكى ئىككى كۈندە ئىمتاھان بىرىپ ۋاقتىم چىقمىغاندى.
‹‹ۋەي.تىچلىقمۇ دادا؟ ئۆي ئىچى قانداقراق؟ ئاپام ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى قانداقراق››؟
‹‹تىچلىق قىزىم.ئاپىڭىزمۇ ياخشى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىچلىق. ئۆزىڭىزچۇ؟ ئوقۇشىڭىز ياخشىمۇ؟ بىرەر نەرسىدىن قىينىلىپ قالمىغانسىز قىزىم؟››
‹‹ياق دادا. ئوقۇشۇممۇ ياخشى. مەندىن ئەنسىىرىمەڭ. ھەممە ئىشىم جايىدا››
‹‹ئۇنداق بولسا يەنە تىلىفۇن قىلارسىز قىزىم.ئاللاغا ئامانەت››
‹‹ئاللاغا ئامانەت دادا››شۇنداق دەپ تىلىفۇننى قوياي دەپ تۇرۇشۇمغا ئاكامنىڭ‹‹خەي، ھارامدىن بولغان قانجۇق،تىلىفۇننى قوي››دىگىنى ئاڭلاندى.
نىمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي دادامدىن سورىسام ئۇ ‹‹ھىچنىمە دىمىدى›› دەپلا تىلىفۇننى قويىۋەتتى. ئاكامنىڭ ئۇ گەپلىرى ماڭا شۇنداق ھار كەلدى. ئۇ گەپنى ئاڭلاپ يىغلاشقا باشلىدىم. كىچىكىمدىن تارتىپلا شۇنداق ئادىتىم بار،بىرەر ئىشتىن خاپا بولساملا چىدىماي يىغلاپ كىتىمەن. تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى،قارىسام دادامنىڭ نۇمۇرى.تىلىفۇننڭ ئالدىم.كىم بىلسۇن بۇ ئاكام ئىدى.‹‹ھەي پاسكىنا ،دادامغا نىمە دىدىڭ؟››
مەن ھىچنىمىنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا‹‹ھىچنىمە دىمىدىم، شۇ تىلىفۇن قىلىپ ئەھۋال سورۇدۇم. نىمە قىلغىنىڭىز ئۇ؟ نىمىشقا مىنى ئۇنداق تىللايسىز؟ مەن سىز گە نىمە قىلدىم››شۇنداق دەپلا يىغلاپ كەتتىم. ئۇ يەنە‹‹كەيپىمنى ئۇچۇرۇپ نىمىگە يىغلايسەن؟ تىلىفۇننى قوي ھارامدىن بولغان››دەپلا تىلىفۇننى ئۈزىۋەتتى.ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ تىخىمۇ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتىم. مىنى نىمىشقا ئۇنداق تىللايدىغىنىنى بىلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە تىلىفۇن قىلىپ ئەھۋالنى بىلىپ باقاي دەپ ئۆيگە تىلىفۇن قىلدىم. تىلىفۇننىڭ چوڭ ئاكام ئالغانىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يىغلاپلا كەتتىم. ئىغىزىمغا ھىچ گەپ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ مىنىڭ نىمىشقا تىلىفۇن قىلغانلىقىمنى بىلدى بولغاي‹‹ئوماك ئۇكام يىغلىماڭ، ئاكىڭىز بايا دادام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانىدى، سىز دەل شۇ چاغدا تىلىفۇن قىپسىز، شۇڭا ئۇ سىزنىمۇ قوشۇپ تىللىدى››دىدى. يىغام ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ۇ ماڭا تەسەللىي بەرگەنسىرى تىخىمۇ يىغلاپ كىتىۋاتاتتىم. ئۇ يىغامغا چىدىمىدى بولغاي تىلىفۇننى قويىۋەتتى.
يىغلاۋاتىمەن. گويا ئىچىمدىكى بارلىق دەرت-ئەلەملىرىمنى بىراقلا چىقىرىۋالاي دىگەندەك شۇنداق قاتتىق يىغلىماقتا ئىدىم. شۇنداق يىغلاۋىتىپ تۇيۇقسىز ئانام ئىسىمگە كىلىپ،تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن نۇمۇرنى باستىم.
مەن ئىسىمنى بىلسەم چوڭ ئۆيدە ئىكەنمەن. ئۆز ئانام توي قىلىپ مەن تۇغۇلۇپ سەككىز ئايلىق بولغاندا دادام بىلەن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنىكەن. شۇنىڭدن تارتىپ مىنى چوڭ ئانام بىلەن چوڭ دادام بىقىپ چوڭ قىلغانىكەن. ئۇلار ماڭا بەكمۇ ئامراق.نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرىپلا كەلگەن. لىكىن مىنىڭ تۆت ئاكام باربولۇپ،ئىككىنچى ئاكام بىلەن ئەڭ كىچىك ئاكام مەن بىلەن تولا ئىتىشاتتى. كىچىككىنە ئىشلارنى باھانە قىلىپ تولا سوقىشاتتى. كىچىكىمدىن باشلاپ بىز تالاي قىتىم ئۇرۇشقان بولساقمۇ،لىكىن بۇ قىتىم ماڭا بەكلا ھار كەلگەنىدى. بەلكىم بۇرۇن كىچىكلىكتە بەزى بىر گەپلەرنى ئىغىر ئەپ كەتمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. لىكىن چوڭ بولغانسىرى ئۇلارنىڭ قىلغان گىپى جىنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ ھەر قىتىم تىللىسا‹‹ھارامدىن بولغان››دىگەن گەپ ئىغىزىدىن چۈشمەيتتى. بۇرۇن بۇ گەپنى چۈشەنمىگەچكىمۇ ئانچە ئىغىر ئەپ كەتمەيتتىم.لىكىن بۇ يىل مەن 19 ياشقا كىردىم.ئۇنچىلىك گەپنىڭ ئەلۋەتتە تىگىگە يىتەلەيمەن.مۇشۇ چاغقىچە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسام ھىھقاچان ئانامغا دەپ باقمىغانىدىم لىكىن بۇ قىتىم دىمىسەم زادى چىدىمىدىم.
‹‹ۋەي،ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم››
‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام››دىدىم مەن. بۇ دەل ئانامنىڭ ھازىرقى يولدىشى ئىدى. مەن ‹‹ئانام بىلەن كۆرۈشەي دىگەن ، ئۇ يينىڭىزدا بارمۇ››دىگەن گەپنى ئارانلا قىلالىدىم.ئۇ‹‹مەن ھازىر ئۆيدە ئەمەس،سەل تۇرۇپ تىلىفۇن قىلاي››دىدى مەن ‹‹ماقۇل››دەپلا تىلىفۇننى قويدۇم.
تىلىفۇننى قويدۇميۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدىم.كۆز ياشلىرىم ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. كاللامدا نۇرغۇنلىغان چىگىش خىياللار.تەقدىرىمدىن زارلىناتتىم،ئاغرىناتتىم.مىنىڭ مۇشۇنداق يىتىم بوپ قالغۇم بارمۇ؟ ئەجىبا يىتىم بوپ قىلىشىم مىنىڭ سەۋەنلىكىممۇ؟ يىتىم بوپ قالغىنىم ئۈچۈنلا مۇشۇنداق ھاقارەتلىنىشىم كىرەكمۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلىغانسىرى تىخىمۇ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدىم.تۇيۇقسىز تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى.
قارىسام ئانام ئىكەن. تىلىفۇننى ئالدىم.ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا نەدىن كەلگەن يىغا بولغىيدى.تىخىمۇ ئىچىنىشلىق يىغلاپ كەتتىم. بىچارە ئانام بولسا توختىماي ماڭا تەسەللىي بىرىۋاتاتتى. ‹‹ئوماق قىزىم،سىزگە نىمە بولدى؟مىنى ئەنسىرەتمەي دىسىڭىزچۇ››
مۇشۇ دەقىقىدە گەپ قىلاي دىسەممۇ ئىغىزىمغا گەپ كىلىدىغاندەك ئەمەس.يىغلاۋاتىمەن،يىغلاۋاتىمەن............................
توۋا ئادەمنىڭ كۆز يىشى دىگەنمۇ ئاجايىپ كۆپ بولىدىكەن دىسە،بىر ۋاقىتتا ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋىلىپ ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى دەپ يەنە ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتىم. ئانام‹‹جىنىم بالام،خاپا بولماڭ،ئۇنداق ئىچىڭىزگە ئىلىپ كەتمەڭ.ئۇنىڭغا مەن ئۆزۈم گەپ قىلاي،ئۇنداق قىلسىڭىز ئاغرىپ قالىسىز،ئوماق بالام ھەرگىز يىغلىماڭ››دىدى. تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم‹‹مەن كىچىك بىر قىز بالا تۇرۇپ ئاكامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مۇشۇنداق كۆڭلۈمگە كەلسە،ئانامنىڭ قانچىلىك كۆڭلىگە كىلەر؟››
ئۇنىڭغا دىگىنىمگە پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن يىغلاشتىن ئۆزۈمنى ئاران-ئاران تۇتىۋالدىم.يىغام پەس بولغاندىن كىيىن يەنە بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ تىلىفۇننى قويىۋەتتى.مۇشۇ تاپتا ھىچنىمە خىيالىمغا كەلمىدى.پەقەت ‹‹بۇنداق ياشىغۇچە ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ؟››دىگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالدى. ئاكامنىڭ دىگەن گەپلىرى ھىلىھەم قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلىماقتا ئىدى. قۇلىقىمنى قوللىرىم بىلەن توسىۋالدىم.
ئەينەككە قارىدىم.كۆز ئالدىمدا يىغىدىن كۆزلىرى ئىششىپ ھەم قىزىرىپ كەتكەن،چاچلىرى چۇۋۇلغان،چىرايى شۇنداق سۇلغۇن بىر بىچارە قىز پەيدا بولدى.ئۆزۈمنىڭ بۇ ھالىتىمگە قاراپ تىخىمۇ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ئىچ-ئىچىمدىن يىغلاپ تاشلىدىم.ئۆز -ئۆزۈمگە شۇنداق سۇئاللارنى قوياتتىم:مىنىڭ يىتىم بوپ قىلىشىم مىنىڭ سەۋەنلىكىممۇ؟ئەجىبا مۇشۇنداق يىتىن بوپ قالغانلىقىن ئۈچۈن باشقا بىرسىدىن ئەمەس بەلكى ئۆز ئانامنىڭ بىر تۇققان ئىنىسىدىن مۇشۇنداق ھاقارەت ئاڭلىشىم كىرەكمۇ؟ئەجىبا مەن ئادەم ئەمەسمۇ؟مەندە ھىسيات يوقمۇ؟ ئۇ نىمىشقا مىنىڭ كۆڭلۈم بىلەن ھىساپلاشماي مىنى شۇنداق ھاقارەت قىلىدۇ؟››
شۇ كۈنى قاچانغىچەيىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن.ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام كۆزلىرىم تىخىمۇ ئىششىپ كىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىمگە دەپ رۇخسەت سوراپ دەرىسكىمۇ چىقمىدىم.بىشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپلا تۇراتتى.كاللامدا يەنە شۇ ئاكامنىڭ گەپلىرى.......................................
ئامال بار خىيالىمنى باشقا ياققا بۇراۋاتاتتىم........................................
ئىككى-ئۈچ كۈن شۇنداق روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك يۈردۈم. ئەمدى ياخشى بوپ قىلىۋىدىم،يەنە ئاكام،يەنە شۇ ئاكامنىڭ گىپى..................
بۈگۈن ئارام كۈنى بولغاچقا ياتاقتىنمۇ چىقمىدىم.كىر -قاتلىرىمنى يۇيۇپ،ماتىرىياللىرىمنى رەتلىدىم.كىيىن دوستۇم تىلىفۇن قىپتۇ.ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتسام ئاكامدىن تىلىفۇن كەلدى.شۇنىڭ بىلەن دوستۇمنىڭ تىلىفۇنىنى ئۈزۈپ ئاكامنىڭ تىلىفۇنىنى ئالدىم.
‹‹ۋەي››بۇ دەل كىچىك ئاكامنىڭ ئاۋازى ئىدى.يۈرۈگۈم‹‹جىغ››قىلىپ كەتتى.‹‹نەدە سەن››مەن جاۋاب بەردىم‹‹ياتاقتا››
ئۇيەنە ‹‹سەن بەك نوچى شۇنداقمۇ››دىدى.مەن دەماللىققا نىمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ سورىدۇم‹‹يەنە نىمە ئىش بولدى؟››
‹‹تىخى مەندىن سوراۋاتامسەن››دىدى ئۇ.مەن گەپ قىلمىدىم.ئۇ‹‹سىنى تىللاپ قويسام ئاناڭغا دەپسەن شۇنداقمۇ؟››دىدى. مەن ‹‹ھەئە،دىدىم›› دىدىم. ئۇ‹‹ئۇ گەپنى دىگەندىكىن ماۋۇ گەپلىرىمنىمۇ دە››دەپلا يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.‹‹مىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن سەندەك سىڭلىم يوق،سەنمۇ ھەم مەندەك ئاكام بار دەپ ئويلىما.ساڭا تىلىفۇن قىلىشنىڭ ئورنىدا باشقىلارغا تىلىفۇن قىلىپ پاراڭلىشىمەن،ئاڭلىدىڭمۇ؟ئىشقىلىپ بۈگۈندىن باشلاپ مىنىڭ سەندەك سىڭلىم يوق.››بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.ئۇ مەندىن ياندۇرۇپ سورىدى‹‹مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن،ئاڭلىدىڭمۇ؟ئىسىڭدە بولسۇن،ھازىرلا تىلىفۇن قىلىپ ئاناڭغا دە،سەن ئاناڭنىڭ بالىسى بولغاندىكىن ئۇمۇ ساڭا يان بىسىپ،مەندىن كەچسە مەيلى،ئاڭلىدىڭمۇ دەۋاتىمەن.››بۇ قىتىم ئۇنداق قاتتىق يىغلىمىدىم.پەقەت ئۇنىڭغا‹‹ئاڭلىدىم.لىكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن.سىز مىنىڭ ئاكام ،مەن سىزدىن ھەرگىز كەچمەيمەن ئاكا.ئاكا سىزدىن ئۆتۈنەي مىنى ئەمدى ئۇنداق ھاقارەتلىمەڭ››دىدىم.ئۇ بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ جىم بوپ قالدى دە يەنە‹‹مەن سىنىڭ ئاكاڭ بولغاندىكىن ئۈنچىلىك تىللاپ قويسام نىمە بوپتۇ؟يا سەن مىنىڭ ئاچام بولمىساڭ››دىدى.مەن يەنە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.بارچە ئازاپنى مەن تارتقان تۇرۇقلۇق مەن يەنە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورۇدۇم‹‹ئاكا ،خاپا بولماڭ،مەن بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلاي،ئۇنداق دىمەڭ››دىدىم،شۇنداق دەۋىتىپ كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.ئۇ‹‹ماقۇل ئەمىسە،مەن ساڭا كىيىن تىلىفۇن قىلاي››دەپ تىلىفۇننى قويىۋەتتى.تىلىفۇننى قويدۇم.مۇشۇ دەقىقىدە بۇ دۇنيانىڭ شۇنداق رەھىمسىز ،ئادالەتسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم.ئاكام بولغان ئادەم شۇنداق قىلىۋاتسا مەن يەنە جەمىئەتتىن ئادىللىق تەلەپ قىلالامدىم؟تىلنىمۇ مەن ئاڭلىسام،مىنىڭ كۆڭلۈم ئاغرىسا ئۇ مەندىن ئەمەس،بەلكى مەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورۇدۇم.بۇمۇ بوپتۇ.بۇ كۈنلىرىممۇ ئۆتۈپ كىتەر..............................................................
بۇرۇنمۇ بۇنداق ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغان،لىكىن چىدىغانىدىم.ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمەيمەن.بۇرۇن كىچىك ئىدىم.ئەمدى چوڭ بولدۇم.
دىلىم ئازار يىدى،ئازار يىگەندىمۇ خىلى قاتتىق ئازار يىدى.توغرا، تىخ يارىسى ساقىيىدۇ،ئەمما دىل يارىسى ساقايمايدۇ،ساقايغان تەقدىردىمۇ مەڭگۈلۈك داغ قالىدۇ.ئەمدى يىغلىمايمەن،ھەرگىز يىغلمايمەن،كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن ئىككى قىتىملىق زەربە مىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.ھىچكىمگە چىراي ئىچىپ گەپ قىلغۇم كەلمەيدۇ،ھەممە نەرسە خۇددى ماڭا ھىسداشلىق قىلىۋاتقاندەك شۇنداق سۈكۈتتە تۇراتتى............................................................
پەقەت ئىچىمدە‹‹ئاھ خۇدا!مۇشۇ كۈنلىرىممۇ ئۆتۈپ كىتەر،ھەممە بەندەڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن››دىگەننىلا ئويلىدىم.
نىچۈنكىن بۇ دۇنيا ئازاپقا قۇرداش،
كۈتۈشلەر ۋىسالسىز،كۈلكىلەر مۇڭداش.
ئەزەلدىن مۇشۇنداق تەتۈرمۇ جاھان؟
خۇشاللىق نىسىگە يىغىلار يانداش.
‹‹ئاكا ،جىنىم ئاكا، سەندىن ئۆتۈنەي،مىنى ئۇرساڭ مەيلى،لىكىن مىنى ئۇنداق ھاقارەت قىلما،ئۇنداق تىللىما››
(ئاسانمۇ )
[mp3=1]http://www.misranim.com/lirika/03.htm[/mp3]