مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2478|ئىنكاس: 5

داڭگال لىرىكىسى _ ئىنتىلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 04:02:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                      ‹1›


مەن سېنىڭ مېنى قانداق ئاتاپ ،قانداق چاقىردىغانلىقىڭنى بىلمەيمەن.لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى مەن سېنىڭ خىيالەن قەددىڭدىن ھەر بىر ئىشارە ،رېتىمىڭغا تەئەججەپ بىلەن كۆز سالىمەن ۋە ئەكسىمنى ئىزدەيمەن.

  بىلسەڭ ،ھەر بىر كۈلكەڭ ،زىناقلىرىڭدا بىلىنەر بىلىنمەس پەيدا بولغان ھەر بىر رازىۋى قاراشلىرىڭ قەلبىم دۇنيارىنى يورۇتۇپ ئۇنىڭ تاتلىق ،غۇبارسىز تىنىقلىرى زىمىنىم ياق پۈتۈن مۇھەببەت ئالىمىمگە سېڭىپ كىتىدۇ.

  يۈرۈكۈم ھەر قاچان ساڭا زۇۋان سۈرمەك بولغان بولسىمۇ ئەپسۇسكى ئازاپ بۆشىكىگە بۆلەندى.يېرىلغۇدەك بولدى-يۇ ئەمما تەڭقىس روھى بېسىملار يەنە سۈكۈت قىلىشقا ،كۈتۈش ئەمەكلىرىدە سېنى مەڭگۈ سۆيۈپ تۇرۇشقا ئىمكان بەردى.

                                                                           ‹2›

   توۋا،مۇھەببىتىڭ ماڭا ماغدۇر بېرىۋاتىدۇ.ئۇ زېھنىمنى ئېچىپ ،پۇت-قولۇمغا جان بېرىپ ياشىماق ئەلۋەڭلىرىدە تىپچەكلىگەن بارلىرىمغا مەدەت بېرىپ يوللۇرۇمغا پايانداز سېلىۋاتىدۇ.

  مۇھەببىتىڭ ماڭا نۇر بېرىۋاتىدۇ.ماڭا ھەقىقەت ،پاكلىق،سەمىمىلىك ،ۋاپادارلىق ئاتا قىلىپ ۋۇجۇدۇمدىكى ساختىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىكلەرنى ئارقىسىغا ئېتىۋاتىدۇ...مىنى بار كەمكۈتىسىزلىكلەردىن سۆرەپ چېقىۋاتىدۇ....

  مۇھەببىتىڭ ماڭا ئۇلۇغلۇق ۋە قەدىر-قىممەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلدۈرۋاتىدۇ.مەن چوقۇم ئاددى بولغان ھايات مۇساپىللىرىمنى قەدىرلەپ داۋانلىرىمدىكى توساقلاردىن قورقۇمسىز ھالقىپ باياۋانلىرىمنى پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرگە پۈركەيمەن.

                                                                     ‹3›

   ئۇزۇن ،ئىسسىق يازلىرىمىز ھالسىراپ ئۆتۈپ سېرىق ئالتۇندەك لىباسلانغان كۈزنىڭ ئۇنتۇلماس دەملىرىدە مانا سەن بىلەن رومۇ-رو ئولتۇرشۇپ ھېيقىشلىرىمىزنى چۆرۈپ پىنھان دىدارلىشىپ ئولتۇرغىنىمدىن يۈرۈكۈم ئارام ۋە خاتىرجەملىك تۇيغىسىدا.

   ئارمان،ھەۋەس ۋە دۇنيا ھەققىللىرىدە قىلىشقان قىزغىنلىرىمىز ئىلگىركى جىمجىت ،غەمناك قەسرىمىزنى بۇزۇپ بىزنى ئەمدى ياشاش ھەققىدە يىڭى يىڭى قەسىدىلەرنى ئوقۇشقا پۇرسەت بېرىۋاتىدۇ.

  مەن بىلەن يەنە بىللە ئولتۇرۇپ ئەسرالىشىشقا مەڭگۈ يىنىمدا ئولتۇرۇپ ئېيتماقچى بولغانلىرىمنى ئىشتىشكە رايىڭ بامۇ-ئەزىزەم؟!

                                                                    ‹4›

  كۆپ ئويلۇنۇپ ،يۈرۈكۈمنى توختۈتۈپ سۇنغان بۇ گۈلنى قوبۇل ئېتەرسەنمۇ؟ مەن ئۇنۇڭغا مىنى مەيۈس،ئازارلىق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدىغان تۇزاڭلارنىڭ مەزگىلسىز قونۇپ قىلىشىنى خالىمايمەن.

  بىلىمەن ۋە بىلىسەن،سەن بىر ئايال. ئۆز مەجبۇرىيەت ۋە كىملىكىڭنى چوقۇم سېنى قەدىرلىگەن ۋە چىن دىلىدىن سۆيگەن بىر يۈرەككە تۇتقازكى ھەرگىزمۇ شەخسىيەتتىن بۇلغانغان ،ئادىمىلىكتىن چەتنىگەن قوللارغا تۇتقازما.

  مەن سەن ئۈچۈن چامدىلىۋاتقان ئالدىراڭغۇ كۈندۈزلىرىمنىڭ ،سېنى ۋە سېنىلا ئوربىتىمدىن خالى قىلالمىغان غېرىپ كېچىللىرىمنىڭ تۇيدۇرماستىن ئاخىرلىشىپ سەندىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشىمنى ئەسلا ئۈمۈت قىلمايمەن.
  
   ساڭا بەرگەن بار ئىمكانلىرىمنى ۋۇجۇدۇڭ بىلەن تونۇپ قەلبىم بەرگىللىرىنى چېھرىڭگە قىسالامسەن؟!

                                                                   ‹5›

   سۇلغۇنلۇق،غەمكىنلىك  ئەسر رۇخسارىڭغا قاراپ قامىتىم تىترەپ كەتتى.سۇس ئەمما ئۈمۈت ئۇچقۇنلىرى پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىڭگە تىكىلگەنسىرى ساڭا ئىختىيارسىز چۆكۈپ كەتتىم.

  مەن خۇددى سەن بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىدىلا ياشاپ كېلىۋاتقاندەك بۇ كۈنۈمنى پۈتۈن ھاياتىمدىن يەڭگىل ۋە ئاراملىق ھېس قىلدىم.مەن بۇ دەقىقىللىرىمنىڭ ئەبىدى تۈگەپ قالماسلىقىنى شۇنچە تىلەيتىم-يۇ بىپەرۋا،زوقلىرىمغا بىباپ ئېيىتماقلىرىڭدىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئەكسىمنى يوقاتتىم.

   مەن تا شۇ كەمگىچە كۆرۈپ باقمىغان ماڭا رايىش جامالىڭغا تويماي قاراپ ئولتۇرغىنىمدىن خىجالەتتە ئىدىم. ھېشقاچان كۆرۈلمىگەن ئاجايىپ بىر سەزگۈ كۆڭۈل خانەمدە بەرىق ئۇرۇپ  شۇنچە لەزىز ھېس-تۇيغۇلارغا چېچەك ئاچتى. بىلسەڭ ،ئاھ! مەن ئاللىقاچان سۆيگۈڭنىڭ مۇساپىرى بوپ بولغان ئىدىم.


      مەنبە: قەلەم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
OTYAK + 200

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئاللاھتىن بەختى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28786
يازما سانى: 823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10896
تۆھپە نۇمۇرى: 1150
توردا: 7155 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 05:35:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ!.....بۇ لىرىكىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ جۇمۇ......
ئەگەر مۇزىكا بىلەن ئازراق رومانتىك رەسىم كىرىشتۈرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن.....

كونا مۇنبەرداشلارنى سېغىندىم

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29085
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2074 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 05:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




[mp3=1]http://www.drmoiz.com/pix/Songs-Video/Yanni.mp3[/mp3]


نىمدىگەن ھېسلارغا باي قۇرلار بۇ !!! ئوقۇپ ، ئوقۇپ باشقىچە ھېسلارغا چۈمۈلۈپ قالدىم . قەلىمىڭىز ئەجەپمۇ ئۆتكۈركەن دېسە.يەنىمۇ ئېسىل كۈيلىرىگەن تەشناىمىز!


كىمنى كۆرسەڭ ئۆز يايرىم دېمە،يار بولالماس ئۆتكەن~كەچكەنلەر…

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15268
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3616 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 02:33:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمەن بىلىسەن، سەن بىر ئايال. ئوز مەجبۇريەت ۋە كىملىگڭنى چوقۇم سىنى چىن دىلىدىن قەدىرلىگەن ۋە سويگەن بىر يۇرەككە تۇتقازكى، ھەرگىز شەخسىيەتتىن بۇلغانغان ئادىمىيلكتىن  چەتنىگەن قوللارغا تۇتقازما، مانا بۇ قۇرلارنى مەن بەك ياقتۇردۇم.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 05:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداق ئىسىل لىرىكىلارنى ئوقۇمىغىلى خىلى ۋاقىتلار بولغان ئىدى. ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. يوقاپ كەتمەي  ئىسىل يازمىڭىزنى يوللاپ تۇراسىز. داڭگال توردىشىم.

مىنى دوزاخ ئوتلى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12364
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8166
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 01:02:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يازمىلىرىڭىزدىن ھەممەيلەن شاتلاندۇق ،كۆپ تەشەككۈر داڭگىلىم

مىنى دوزاخ ئوتلىرىغا تاشلىساڭمۇ مەيلى ئەمما يۈرىكىمنى قالدۇرۇپ قوي چۈنكى ئۇ يەردە سەن بار ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش