چىرايلىق يېزىقىمىز كۆركەملىكىنى يوقاتمىسۇن
ناسىرجان ئابلىزتوغانى
يېزىق مىللەتنىڭ تىل ۋە تەپەككۇرىنى خاتىرىلەيدىغان بەلگە. يېزىق شەكلىنىڭ چىرايلىق، دانىمۇ دانە، ئوقۇشلۇق، رەتلىك بولۇشى كىشىگە بىر خىل يېقىملىق تۇيغۇ، ئىللىق سېزىم، ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ ھەم شۇ خەتنى يازغان كىشىگە نىسبەتەن ھۆرمەت قوزغايدۇ. قايسى بىر يىلى داڭلىق خەتتات نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلغانلىقىنى ھەم نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ماتېرىيالدىن كۆرۈپ بەكمۇ پەخىرلەنگەنىدىم. بىر شائىر:
‹‹ھۆسنخەت شۇنداق چىرايلىق نازىنىن دىلدارىدىن،
ئايغا ئوخشاش يورىتار كېچىنى ئەنۋارىدىن.
گۈل ئېچىلغىنى ھامان يەتكۈسى ۋاقتى غازاڭ،
بۇ گۈلىستان زادىلا ئۆزگەرمىدى گۈلزارىدىن.››
دەپ يازغىنىدەك، ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىلغان قول يازما ياكى بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. شائىر ئېيتقىنىدەك، ئۇ مەڭگۈ سۇلماس گۈلزارلىققا ئوخشاش كىشىگە ھەمىشە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
مەن دائىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلەردىكى كۆرۈمسىز خەتلەردىن ۋايساشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، بىر مىللەت يېزىقىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان خېتىنىڭ ئوقۇغۇسىز دەرىجىدە سەت بولۇشى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا مەكتەپ قوينىغا كىرىپ ‹‹يېڭى يېزىق››تا ساۋاتىمىز چىققانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا قايتقان كۈنلەردە خەتلىرىمىز بەكمۇ سەت، ئۆلچەمسىز ئىدى. يەنە كىتاب خەتلىرىدىن باشقا، قولدا يېزىلغان خەتلەرنى راۋان ئوقۇيالمايتتۇق. يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان يىللاردا پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خېتىنىڭ چىرايلىق، رەتلىكلىكىگە بەكمۇ ھەۋەس قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا، ئۇلار بىردەك ئەينى چاغدا مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر ئىچىدە ‹‹خۇش خەت دەرسى››نىڭمۇ بارلىقىنى، ئۆزلىرىنى تەربىيەلىگەن ئۇستازلىرىنىڭ خېتىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق، ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى، خەت يېزىشتا ئوقۇغۇچىلىرىغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېتىنىڭ سەت، ئۆلچەمسىز بولۇشى ئوقۇتقۇچىنىڭ خېتىنىڭ چىرايلىق بولۇش – بولماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەر بىر ھەرپ ئۆزىگە خاس مەلۇم تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. تاۋۇشلار مىللەتنىڭ تىل قانۇنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە يېزىلىپ، بىرىكىش ئارقىلىق مەلۇم مەنىنى ئىپادىلەيدىغان يېزىققا ئايلىنىدۇ. ئەگەر ھەر بىر ھەرپ ئۆلچەملىك يېزىلمىسا، ئۇنىڭ سۈلكىتى يوقىلىدۇ – دە، ‹‹چالا ساۋات كاتىپ كۆزنى كور يازار، مەنەلىرىنى شېرىن سۆزنى شور يازار›› دېگەندەك ئىش بولىدۇ. ھازىر، پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن يېزىقلىرىمىز كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئۈسكۈنىلەرگە قاچىلىنىپ، يېزىقلىرىمىز مەشغۇلات تاختىسىدىكى كۇنۇپكىلارنىڭ بۇيرۇقىدا ناھايىتى چىرايلىق، سەنئەتلىك يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ يېزىقلار بىر كىشىنىڭ ئەجىر – مېھنىتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى پەن – تېخنىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر. كومپيۇتېر ئومۇملاشقان تەقدىردىمۇ، ئۆز ئىسمىمىزنى ئۆز يېزىقىمىزدا چىرايلىق يېزىشمۇ مەدەنىيىتىمىزگە قىلىنغان ھۆرمەت، ئۇنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ بىر مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار، مۇئەللىملەر مەشىقنى كۈچەيتىپ، يېزىقىنى كۆركەملەشتۈرۈشكە تىرىشسا، مەدەنىيىتىمىزنىڭ شۇ تۈرىنى قوغداشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان بولىمىز. چىرايلىق يېزىقىمىز كۆركەملىكىنى يوقاتمىغاي!
(رەسىم مەنبەسى كىروران تورى)
مەنبە: ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››2011-يىل21-ئۆتەبىردىكى سانى