مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5993|ئىنكاس: 96

كەيخۇسرەۋ  ھەققىدە قىسسە ‹‹شاھنامە›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17227
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6668 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 02:51:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەيخۇسرەۋ  ھەققىدىكى قىسسەلەر (شاھنامە 5-بۆلۈم)
كەيخۇسرەۋنىڭ ئىران تەختىگە ئولتۇرۇشى
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،ئالدىنقى قىسسىمىزنىڭ ئاخىرىنى خۇسرەۋنىڭ سىياۋۇشگىرىدقا كەلگەنلىكى، ئۇ يەردە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ بۇ شەھەرنىڭ شاھى بولغانلىقىنى بايان قىلىپ ئاخىرلاشتۇرغان ئىدۇق.
ئەمدى بۇ قىسسىمىزدە كەيخۇسرەۋنىڭ ئىران تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن  بوۋىسى ئەفراسىياپتىن سىياۋۇشنىڭ قىساسىنى ئالماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئاجايىپ باتۇرلۇق ھىكايىلىرىنى سۆزلەيمىز.ئەفراسىياپنىڭ قورقۇنۇشلۇق چۈشىدە ئايان بولغان ،ئۇنى خارلىق ئىچىدە ئۆلتۈرمەكچى بولغان خىسلەتلىك پالۋان باشقا بىرى ئەمەس دەل كەيخۇسرەۋ ئىدى. قاباھەتتىن دېرەك بېرىدىغان بۇ بىشارەتلىك
چۈش ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ خۇسرەۋ سىياۋۇشنىڭ قىساسىنى ئالالامدۇ؟ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان خۇسرەۋ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ‹‹پەرھاد شىرىن›› داستانىدىكى مۇھەببەت رەقىبى شاھ خۇسرەۋ شۇمۇ ئەمەس؟ بۇ سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ تېپىشنى خالىسىڭىز دىققىتىڭىز يەنە ھەر كۈنى رومانىمىزنىڭ بەشىنچى بۆلۈمىدە بولسۇن!
خۇسرەۋ ئەفراسىياپ بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەندە پىراننىڭ ئەقلى بويىچە ئۆزىنى دەلدۈش ساراڭلىققا سېلىپ خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.ئۇ گەرچە ئەفراسىياپتىن يىراقلىشىپ سىياۋۇشگىرىدقا كەتكەن بولسىمۇ  لېكىن،ئۇ تۇران زىمىنىدا تۇرىدىغانلا بولسا  ھاياتى ھەرقاچان خەتەردىن قۇتۇلالمايتتى.چۈنكى‹‹بىگىزنى قاپتا ساقلىغىلى بولماس›› دېگەندەك خۇسرەۋ دائىم ئۆزىنى يالغاندىن ساراڭلىققا سېلىپ يۈرەلمەيدۇ دە؟! ئەفراسىياپ سادىق جاسۇسلىرىدىن خۇسرەۋنىڭ دەلدۈش ئەمەس بەلكى زېرەك ئادەم ئىكەنلىكىنى،ھېلىقى كۆرۈشۈشتە ساختا كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئالدىۋېتىلگەنلىكىنى بىلىپ قالسا پىرانمۇ خۇسرەۋمۇ بۇ قانخور شاھنىڭ قولىدىن قۇتۇلالمايتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟بىردىن بىر چارە خۇسرەۋنىڭ ئىرانغا قېچىپ كېتىشى ئىدى.سىياۋۇشنىڭ دەردىدە يۈرىكى سەكپارە بولۇپ يۈرگەن كاۋۇس ئامراق ئوغلى ئۆلگەن بىلەن  ئوغلىنىڭ ئورنىغا نەۋرىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسە  قەلىب يارىسىغا شىپاھلىق مەلھەم تاپالايتتى.
پىران بىلەن فەرەنگىسنىڭ ئەقلى بىلەن خۇسرەۋ ئاخىر ئانىسى فەرەنگىسنى ۋە نەچچە مىڭ يېقىن كىشىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىران تەرەپ چېگرىدىكى بىر چۆلتاغقا ئوۋغا چىقىش باھانىسى بىلەن غىپپىدىلا تۇراندىن ئىران تەرەپكە ئۆتۈۋالدى.ئۇنداق بولمىغىنىدا ئەفراسىياپ سىياۋۇشنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغاندەك خۇسرەۋنىمۇ ئامان قويماسلىقى تەبىئى ئىدى.
تەقدىر قىسمىتى دېگەن شۇنداق نەرسىكەن.بىراۋنى نەس باسقىنىدا غەپلەت ئۇيقۇدىكى دۈشمەنمۇ ئويغۇنۇپ قېلىپ ھۇشيارلىشىپ كېتىدىكەن.بىرۋنىڭ ئامىتى كېلىپ ھەممە ئىشلىرى سۇدەك يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقىنىدا بولسا ھۇشيار دۈشمەنمۇ بىخۇدلىشىپ ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاپ  قېلىشى مۈمكىن ئىكەن.
خۇسرەۋنىڭ شەھەرنى تاشلاپ ئانىسى بىلەن ئىرانغا قېچىپ كەتكەنلىك خەۋىرى ئۇلار كېتىپ بىر ھەپتىلەردىن كېيىن ئاندىن ئەفراسىياپنىڭ قۇلۇقىغا ئاڭلاندى.قاتتىق چۆچىگەن شاھ پىراننى چاقىرتىپ كېلىپ :‹‹ئىنىم تۇرۇپ مېنى ئالداپسەن،دۈشمىنىمنى ياقلاپسەن›› دەپ قاتتىق كايىدى،ھەتتا ئۆلتۈرمەكچىمۇ بولدى.لېكىن پىران :‹‹مەن ئۇنى تاغدىن ئەكىلىپلا ھوزۇرۇڭغا ئېلىپ باردىم.ھەممە سىناقنى ئۆزۈڭ قىلدىڭ،ئۇ چاغدا مەنمۇ سەن بىلەن تەڭ ئالدانغان تۇرسام مەندە نىمە گۇناھ؟›› دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
نەۋرىسى بىلەن كېلىنىنىڭ تۇراندىن قېچىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كاۋۇسنى ناھايىتى  خۇشال قىلىۋەتتى.بۇ خۇشاللىقلا ئەمەس بەلكى ئابىھايات بولدى.يالغۇز پەرزەنىت داغىنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق بولىدىغانلىقى،بولۇپمۇ قېرىغان چاغدا ئاران كۆرگەن يالغۇز پەرزەنىتتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ قانچىلىك ئېغىر  ئازاپ بولىدىغانلىقىنى شۇ خىل ئازاپنى تارتىپ باققانلارلا بىلىدۇ.سىياۋۇشنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن كېيىن كاۋۇس تولا يىغلاپ كۆزىنىڭ خۇنى كەتكىلى تۇرغان،بولۇپمۇ قېرى تېنى بۇ ئېغىر ئازاپنى كۆتۈرۈپ بولالماي  ئۇنى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا قىلىپ ئەزرائىل  بىلەن تېزراق كۆرۈشۈشنىڭ ئۆچىرىتىنى ساقلاپ تۇرۇدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
كەيخۇسرەۋنىڭ دىدارى كەيكاۋۇسنىڭ كۆزنى رۇشەنلەشتۈردى.ئوغلى ئورنىغا ئوغلىغا ئوپمۇ- ئوخشاش نەۋرىسىنىڭ كەلگەنلىكى خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق بولۇپ ‹‹خاسىيەتلىك  شىپالىق دورا››غا ئايلاندى.بۇ ‹‹خاسىيەتلىك  شىپالىق دورا›› كاۋۇسنى كېسەل كارۋىتىدىن قوپۇردى.بۇرۇنقىدەك تېتىك ساغلام ھالىغا قايتۇرۇپ كەلدى.كاۋۇس شۇ خۇشاللىقىدا ئىران تەختىنى خۇسرەۋگە بېرىشنى نىيەت قىلىپ قۇتلۇق بىر كۈننى تاللىدى.ئاندىن ناھايىتى كاتتا تەختكە چىقىش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرۇپ نەۋرىسىنى ئۆز قولى بىلەن شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ بۇ ئىشىدىن خۇشاللىق تاپتى.بۇ چاغدا خۇسرەۋ ئەمدىلا ئون ئىككى ياشلارغا كىرگەن ئىدى.ئۇ شۇندىن بېرى 60 يىل شاھلىق تەختىدە ئولتۇردى.ئىران تارىخىدىكى ئەڭ
مەشھۇر شاھلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ نامى تارىخقا يېزىلدى.
ئۇمۇ كەيلەر جەمەتىدىن بولغاچ ‹‹كەيخۇسرەۋ ›› دەپ ئاتالدى.
كەيخۇسرەۋنىڭ ئىراننىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغانلىق خەۋىرى  جاھانغا تارىلىپ ئەفراسىياپتىن باشقا بارلىق شاھلارنى خۇشال قىلىۋەتتى.ئۇ گەرچە بەك ياش بولسىمۇ تېنى چوڭ قىرانلاردەك بولغىنىغا ئوخشاش ئەقىل –پاراسىتىمۇ چوڭلاردىن ئېشىپ چۈشەتتى.ئۇ تەخىتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپلا قالماي بەلكى قانۇننى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ جاھاندا ئادالەت ۋە ھەق بەرپا قىلدى.شۇ كەمدە ئەدلى –ئادالەتتە،ئەقىل پاراسەتە،شاھلىق جاسارەتتە ھىچقانداق بىر شاھ ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشەلمەتتى.كاۋۇس ئۇرۇش قىلسا ياكى ئوۋغا چىقسىلا سىرتقا چىققىنى بىلەن قالغان چاغدا ئوردىدا شاھلىق ھوزۇرىنى سۈرۈپ يېتىپ ئەل –ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئانچە كارى بولۇپ كەتمىگەن ئىدى.كەيخۇسرەۋ بولسا ئۇنداق قىلمىدى.‹‹ ماڭغان ئىزلىرىڭدىن قىزىل گۈل ئۈنسۇن›› دېگەن غەزەل مىسراسىدىكىگە ئوخشاش كەيخۇسرەۋنىڭ نىيىتى دۇرۇس،تۇتقان يولى توغرا،قوللانغىنى ئادالەت بولغاچقا ئۇ پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ  قەيەر ۋەيران بولغان بولسا شۇ يەرنى قايتا ئاۋاتلاشتۇردى.قەيەردە غەمكىنلەر ئۇچرىسا شۇنى غەمدىن ئازاد قىلدى.ئادالەت مىھرى مۇھەببەتكە تەشنا بولغان خەلققە يازدىكى شىپالىق بۇلۇتتەك ‹‹يامغۇر ›› تۆكۈپ قۇرۇغان زېمىننى ياشناتتى.‹‹قۇرۇشقا يۈزلەنگەن مايسا››لار قايتا جانلىنىپ كۆكلەپ كەتتى.گويا پۇخرانىڭ بارلىق غېمى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك ھەممە تەرەپتىن خۇشاللىق كۈلكىلىرى ياڭرايدىغان.پۇخرا خاتىرجەم  ياشايدىغان بولدى.
كەيخۇسرەۋنىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغانلىق خەۋىرىگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ ئاقىل- پازىللىقى،ھەق ئدالىتى ھەققىدىكى تەرىپلەرمۇ تەرەپ  تەرەپكە تاراپ جاھان ئەھلىنىڭ قايىللىقىنى قوزغۈۇدى.بۇ قايىللىق ھۆرمەت ئېلىپ كەلدى.يىراق –يىراق يۇرتلاردىكى نى- نى مەشھۇر زاتلاردىن،ئۇلۇغ بەگلەردىن ئارقىمۇ –ئارقا ئەلچىلەر كېلىشكە باشلىدى.بۇ ئەلچىلەر ئەلۋەتتە قۇرۇق كەلمەيتتى،ئۇلار نۇرغۇن سوغا سالاملار بىلەن شۇ يۇرتلارنىڭ بەيئەت خېتىنى ئالغاچ كېلىشەتتى.
بۇ خەۋەر نىمرۇز ۋىلايىتىگىمۇ ئاڭلاندى.نىمرۇز سەردارى تەھەمتەن رۇستەم بۇ يېڭى شاھنىڭ سىياۋۇشنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ كۆپ خۇرسەن بولدى.ئۇنىڭ بېرىپ بۇ ياش شاھنى كۆرگۈسى،ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قوللىغۇسى،مۇناسىپ ئىشلاردا دوستلۇق ياردىمىنى بەرگۈسى،ئۆز يېرىنىمۇ ئۇنىڭ زېمىن تەۋەلىكىگە قوشۇپ بەرگۈسى  كەلدى.چۈنكى ئۇ ئاتا دوستى ئىدى- دە!
رۇستەم شۇ نىيەت بىلەن غەزىنىسىدىن  ناھايىتى كۆپ مال دۇنيا ئېلىپ چىقىپ تۆگىلەرگە ئارتتى.نىمرۇزنىڭ ئۇلۇغلىرىدىن نەچچە ئون كىشىنى  ۋە نەچچە مىڭ  باتۇر ئاتلىق لەشكەرنى ئەگەشتۈرۈپ  بىنەپشە تۇغ ئەلەملىرىنى لەپىلدەتكىنىچە ئىرانغا قاراپ سەپەرگە چىقتى.بۇ چوڭ قوشۇن كەڭ دەشتنى قاپلاپ ئىرانغا قاراپ تېز سۈرئەتتە سىلجىشقا باشلىدى.ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن ناغرىلارنىڭ ھەيۋەت نەرىسى قوشۇلۇپ چۆللەرنى تىترەتتى.
كەيخۇسرەۋ تەختىدە ئولتۇراتتى رۇستەمنىڭ چاپارى كىرىپ،رۇستەمنىڭ  بەيئەت ئۈچۈن ئادەم باشلاپ  كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى.كەيخۇسرەۋ ئەلچىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ شادىمانلىق ئىچىدە شۇنداق دىدى:
-ئەي خۇش مۇبارەك ئەلچى،تولىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەپسەن.دائىما ئامان بولغايسەن.رۇستەمنى مەن ياخشى تونۇيمەن.گەرچە ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ لېكىن بوۋامدىن تەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغانمەن.ئۇ ئاتامنىڭ ئۇستازى،يېقىن دوستى شۇنداقلا قۇدرەت مادارى ئىدى. ئۇ ئالەمدە تەڭدىشى يوق باتۇر.ئۇ بارلىق جەڭ  ھۈنەرلىرىدىن خەۋىرى بار پىرى كامىل. ئۇنىڭ ماڭىمۇ كېلىشى مېنىڭمۇ ئامىتىم!
شۇندىن كېيىن چاپارغا كۆپ سوۋغات بېرىپ قايتۇردى.ئارقىدىنلا رۇستەمنىڭ ئالدىغا كۈتۈۋېلىشقا ئادەم چىقىرىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈردى:
-ئىران باتۇرلىرىدىن گېۋ،گۇدەرىز،تۇس قاتارلىق ئۈچ پالۋانغا پەرمان! سىلەر دەرھال نەچچە مىڭ باتۇر ئاتلىق لەشكەر بىلەن ئىككى كۈنلۈك يىراقلىققا رۇستەمى داستاننىڭ ئالدىغا كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بېرىڭلار. ناغرا-سۇنايلارنى  شادىيانە كۈيلەرگە راسا چېلىپ  قىزغىن كۈتۈۋېلىڭلار.
گېۋ قاتارلىق پالۋانلار پەرمانغا بىنائەن  تاج كۇلاھلىرىنى كىيىشىپ،شاھانە ئاتلارنى مىنىشىپ ،سوغا سالاملار راسلىشىپ ،بەلگىلەنگەن لەشكەرلەر بىلەن سەپەرگە چىقىپ كەتتى.ئىككى كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن  قوشۇنلار بىر بىرىگە يېقىنلىشىپ كەلدى.تەھەمتەننىڭ بايرىقىنى كۆرگەن ھامان ئىران لەشكەرلىرى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا رەتلىك تىزىلىپ سەپ تۈزۈپ ناغرا –دۇمباقلىرىنى چالغىنىچە ساقلاپ تۇرۇشتى.گېۋ.گۇدەرىز،تۇس قاتارلىق ئۈچ پالۋان ھەمراھلىرىنى قالدۇرۇپ رۇستەم تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ كېتىشتى.ئۇلار يېقىن كېلىشكىنىدە رۇستەممۇ ئۈچ باتۇرمۇ ئاتلىرىدىن چۈشۈشۈپ پىيادە بولۇشۇپ بىر بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشتى.رۇستەم ئۈچ باتۇر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى،ھال ئەھۋال سورىشىشتى.كېيىن ئۈچ باتۇر رۇستەمگە سوغا تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاتلىرىنى مىنىشىپ بىرلىكتە  سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.ئۇلار خۇشال خورام سەپەر قىلغاچ يولدا ئۇچرىغان يۇرت مەھەللىلەرنى سەير قىلىپ مېڭىشتى.يولدا ئۇلار فەرامەرزدىن ئۆتتى.بۇ تولىمۇ گۈزەل جاي ئىدى.ئۇلار بۇ جاينىڭ گۈزەللىكىنى قانغۇچە تاماششە قىلىپ ئاندىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.يەنە بىر كۈندىن كېيىن شاھ يېنىغا يېتىپ كېلىشتى. ئۇچرۇشۇشتا رۇستەم بىلەن خۇسرەۋ بىر بىرىگە كۆز سېلىشىپ ئۇزاق ئايرىلىپ قايتا تېپىشقان تۇققانلاردەك قىزغىنلىق ئىچىدە كۆرۈشۈشتى.بولۇپمۇ خۇسرەۋنىڭ كۆزى رۇستەمگە چۈشكەن ھامان خۇددى ئۆز ئاتىسىنى كۆرگەندەك بىر خىل تەسىراتتا بولۇپ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تۆكۈلدى.كەيخۇسرەۋ يەر سۆيۈپ تازىم قىلماقچى بولۇۋاتقان رۇستەمنى يۆلۈۋېلىپ شۇنداق دېدى:
-ئەي تەڭداشسىز پالۋان،سەن مېنىڭلا ئەمەس ئاتامنىڭمۇ بۇزرۇكۋارى ئىدىڭ.جاھاندا دانالىق بولار-سەندىكىچە بولار،مەرتلىك بولار-سېنىڭچىلىك بولار.مەن سېنى ئاتام ئورنىدا قەدىرلەيمەن .مەن بىلەن مۈلكۈم ھەم تاجۇ-تەختىمدىىن تەڭ بەھرىمەن بولغايسەن.
كەيخۇسرەۋ شۇنداق ياخشى گەپلەرنى ئارقىمۇ- ئارقا قىلىپ رۇستەمنى ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت قىلاتتى.رۇستەم بولسا ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرى،قىياپىتى،ھەركىتى،ئولتۇرۇپ قوپۇشى،قارشلىرىغا نەزەر سېلىپ ئۇنىڭدىن سىيياۋۇشنىڭ سىيماسىنى قايتا  كۆرگەندەك بولاتتى.قارىغانسېرى دىلى دەرتكە تولۇپ سىياۋۇشنىڭ ئىشلىرىنى ئېسىگە ئالاتتى.شۇڭا ئۇ كەيخۇسرەۋگە شۇنداق دەيتتى:
-ئەي شەھرىيار،سەن ئاتاڭدىن بىزلەرگە قالغان قىممەتلىك يادىكارسەن.ئاتاڭغا ئوخشاشلا شۆھرەتلىك زاتسەن.مەن شۇ ئۆمرۈمگىچە نەچچە يۈزلىگەن شاھلارنى كۆردۈم،لېكىن ئۇلار ئارىسىدا سەندەك دانا شاھنى كۆرمەپتىكەنمەن.ئاللاھ ئىگەم دۆلىتىڭنى زىيادە قىلسۇن.
شۇنداق پاراڭلار بىلەن ئۇلار تەختتىن چۈشۈشۈپ رۇستەمنىڭ شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەڭ كاتتا شاتلىق بەزمىسىگە كېلىشتى. يانداش قويۇلغان بىر جۈپ تەختتە ئولتۇرۇشۇپ يەپ- ئىچىشىپ ،ناخشا -ساز ئاڭلىشىپ كەيىپ سۈرۈشتى.تۈن يېرىم بولۇپ قالغاندىمۇ شاھ قايتىپ ئارام ئالماستىن بەزمىنى داۋاملاشتۇردى.
مەنبەسى :‹‹شاھنامە›› داستانى
ئۆزگەرتىپ ئىشلىگۈچى ئۆز قەلىمىم.
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ.

كۆپرەك دوستۇم بولسا ھە؟!

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18349
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 7758 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 03:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە ئېسىل تېمىنى كۈرىدىغانلار، ئىنكاس يازىدىغانلار يوقمىكىنا؟

ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ، يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟ كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ، بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17227
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6668 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 11:44:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەيخۇسرەۋنىڭ مەملىكەتنى ئايلانغانلىقى
بىر كۈنى قۇياش يالقۇن شەمشىرىنى تارتقان،قارا تۈن يەردىن زۇلمەت چېدىرىنى كۆتۈرۈپ  ساپسېرىق ئالتۇن نۇرلار ئارا غايىپ بولغاندا شاھ دەرگاھىدىن ناغرا دۇمباقلار ياڭراپ كەتتى.بۇ ئوردا ئۇلۇغلىرى ۋە لەشكىرى ئەمەلدارلارنىڭ ئوردىغا  يىغىلىشى ئۈچۈن چېلىنغان بولۇپ ھەممە بىلىدىغان بەلگە ئىدى.ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئۇلۇغلار شۇئان ئولتۇرغان بولسا قوپۇپ ،ياتقان بولسا چاچراپ تۇرۇپ ،باشقا ئىش قىلىۋاتقان بولسىمۇ قويۇپ تۇرۇپ شۇئان شاھ تامان يۈرۈشتى.بۇ يىغىلىشقا تۇس،گۇدەرىز،گېۋ،گۇرگىنۇ،گۇستەھ،رۇھھام...قاتارلىق ئۇلۇغلارنىڭ بىرىمۇ قالماي دەل ۋاقتىدا شاھ سارىيىغا  تەل بولۇشتى.شاھ ئۇلارغا يىغىلىش مەقسىدىنى ئايان قىلىپ  مۇنداق دېدى:
-مەن ئىراننى مۇكەممەل بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقماقنى ئىستەر ئىدىم .لېكىن قايسى يۇرتلار ئاۋات،قايسى يۇرتلار نامرات،قەيەرلەر گۈزەل ئوتلاق –ئىكىنزار،،قەيەرلەردە  ۋەيران بولغان ئەسكى تام خارەبە بار بۇنى بىلمەيمەن.شۇڭا ئوۋ ئوۋلىغاچ يۇرت ئارىلاشنى،ئەل يۇرتنىڭ ھال كۈنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ  تەكشۈرۈپ بىلىشنى قارار قىلدىم.بۇنىڭغا نىمە دەيسىلەر؟!
ئۇلۇغلار بۇ قارارنى دانا قارار بوپتۇ دەپ ماختاشتى.بىردەك قوللاشتى.تېخى يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ شاھ بىلەن بىرگە چىقىپ جاھان كۆرۈپ كەلگۈسى كېلىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش قارار قىلىنىپ سەپەرگە چىقىدىغان قۇتلۇق كۈن بېكىتىلدى.كاۋۇس تېخىچە ھايات بولغاچقا ئوردا ئىشىنى باشقىلارغا  ھاۋالە قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى.بۇ تەكلىپكە كاۋۇسمۇ قوشۇلدى.
سەپەر كۈنى كەيخۇسرەۋ رۇستەم،گېۋ،گۇدەرىز،كەشۋاد،شاپۇر،بەھرام،گۆرگىن،بېجەن،فەرھاد،زەنگە،شاۋەرقاتارلىق ئىران باتۇرلىرىنى ھەمراھلىققا تاللاپ ئىككى تۈمەنگە يېقىن باتۇر ئاتلىق لەشكەر بىلەن ئوۋغا چىقتى.بۇ خېلىلا كۆپ لەشكەر بولغاچقا چۆلگەكىرسە چۆلنى،يايلاققا كىرسە يايلاقنى بىر ئالاتتى. ئادەم كۆپ بولغاچقا نەگىلا بارمىسۇن ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ بىرىنى قويماي ئوۋلاپ قۇرۇتۇپ ماڭاتتى.شۇڭىمۇ ئوۋلانغان ھايۋانلارنىڭمۇ،باسقان يوللارنىڭمۇ ھېسابى بولمىدى.ئۇلار ئۇدۇللا سەپەر قىلماستىن ئوۋ قىلغاچ ماڭغاچقا يوللاردا ھىچكىم زېرىكىش ھىس قىلمىدى.ئوردىدىن ئوزۇق سۆرەپ مېڭىپ يۈك ئارتىۋېلشنىڭمۇ ھاجىتى بولمىدى.ئۇلار شۇنداق ئايلىنىپ يۈرۈپ پۈتۈن ئىران زېمىنىنى كېزىپ چىقتى.قەيەر ئاۋات،قەيەر ۋەيرانە نامرات ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بىلدى.ئىشنى كەينىگە سوزماي قەيەر نامرات ۋە ۋەيرانە بولسا شۇ يەرگە تەختىنى قۇرۇپ بىر مەزگىل تۇردى.  شۇ يەردە خەزىنىسىنى كەڭرى ئېچىپ خەلىققە ئىنئام تۆھپىلەر تارقاتتى.بۇزۇلغاننى ئوڭشاتتى،سۇلاشقاننى ياشناتتى...ئاندىن يەنە سەپىرىنى داۋام قىلاتتى.كەڭرى يايلاقلار،گۈزەل مەنزىرىلىك جايلار ئۇچرىسا شۇ يەردە سەيلە- ساياھەت قىلغاچ كۆڭۈل ئاچاتتى.ئوۋ غەنىمەتلىرىدىن كاۋاپلار ئەتتۈرۈپ،كۈچلۈك شاراپلاردىن ئىچىپ كەيىپلەر سۈرۈپ ،ئويۇن تاماششا سەيلىگە قانغاندا يۈرۈپ ، ھەم كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلىك بىر سەپەرنى داۋام ئەتمەكتە ئىدى.
بىر كۈنى ئۇلار ‹‹ئازەرئاباد›› دېگەن بىر جايغا كەلدى.بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل،يۇرتى ئاۋات،خەلقى باياشات ئىدى.دانا كىشىلىرىمۇ كۆپ ئىدى.شاھقا بۇ يۇرتنىڭ مەنزىرە ئاب- ھاۋاسىمۇ،ئادەملىرىمۇ ،قۇش ھايۋانلىرىمۇ ئىشقىلىپ ھەممىلا تەرىپى ياقتى.شۇڭا بۇ جاينىڭ چېتىدىكى چوڭ بوشلۇققا چۈشكۈن قىلىپ بىر  مەزگىل تۇرۇپ قالدى.ئات چېپىپ ئوۋ ئوۋلىدى،سەيلە قىلدى.يەرلىك كىشىلەر بىلەن مۇڭداشتى.بەزمە –مەشرەپلەر ئۇيۇشتۇرۇپ ئويۇنلار ئوينىدى،شاراپلار ئىچتى. ..بەزى كۈنلىرى يەرلىك كىشىلەرنىڭ دىنى مۇراسىملىرىغىمۇ قاتناشتى.بۇ پۇقرا بىلەن شاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قەلىبداشلىقنى كۈچەيتىپ  دكلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى مۇھىم سىياسى تەدبىر ئىدى.
كېيىن خۇسرەۋ  ئۇيەردىن قوزغۇلۇپ يەنە نەچچە كۈن يۇرت ئارىلىدى.ئاخىرى  سەپىرىنى تاماملاپ  ئىرانغا قايتىپ كېلىپ كاۋۇس بىلەن كۆرۈشتى. كاۋۇس  شاتلىق بەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ نەۋرىسىدىن ھاردۇق سورىدى.ئۇلار سورۇندا كۈلكە چاىچاقلار بىلەن  شادىمان ئولتۇردى. خۇسرەۋ بۇ سورۇندا بوۋىسىغا سەپەردىكى قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇنىڭ قايىللىقىنى قوزغۇۋەتتى. ئۇلار گۈل شاراپلىرىدىن ئىچىشتى.شاراپ باشلارنى قايدۇرۇپ ئۇيقۇ ئەلچىلىرىنى باشلاپ كەلگەنگىچە بىرگە ئولتۇرۇشۇپ ئاندىن تارقاشتى.

كۆپرەك دوستۇم بولسا ھە؟!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61075
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 386
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2011-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 11:57:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17227
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6668 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 12:29:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  mnafk كە 2011-10-23 11:57 PMئەۋەتىلدى  :

قىنى مىھمانلار تارتىنماي ئالغاچ ئولتۇرىلى قاۋۇلجان مۇئەللىمنىڭ بېغى بولغاندىنكىيىن تارتىمايلى يەۋىرىلى
سىز توردىكى دوستۇممۇ جەمىيەتتىكىمۇ؟

كۆپرەك دوستۇم بولسا ھە؟!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61075
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 386
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2011-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 12:47:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17227
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6668 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 04:43:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەيخۇسرەۋ بىلەن كاۋۇسنىڭ ئەفراسىياپقا قارشى ئەھدۇ پەيمانى
زۇمرەتتەك كۈن تاڭدا ياشناپ چىققان چاغدا ئۇنىڭ سېخى نۇرلىرىدىن قارا يەر خۇددى غايات چوڭ چىراق ياققاندەك  يورۇدى. بۈگۈن كاۋۇسنىڭ ھەشەمەتلىك مېھمانسارىيىدا جاھاندار كەيخۇسرەۋ بىلەن شەھرىيار كاۋۇس بىر جۈپ تەختتە تەڭلا چىققان قۇياش بىلەن ئايدەك تەڭ پارلاپ ئولتۇرۇشاتتى.بىرازدىن كېيىن رۇستەممۇ يېتىپ كەلدى.بۈگۈن كاۋۇس كەيخۇسرەۋ بىلەن ئەفراسىياپقا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئەھدۇ-پەيمان تۈزمەكچى بولۇپ ئۇنى سارىيىغا چاقىرتقان،ئەھدىگە گۇۋاھ بولۇش ۋە كەيخۇسرەۋگە ياردەمدە بولۇشى ئۈچۈن رۇستەممۇ چاقىرتىلغان ئىدى.ھەممەيلەن يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن كاۋۇس ئەفراسىياپنىڭ قارا يۈزلۈكى،سىياۋۇشقا سالغان چەكسىز جەبرۇ زۇلۇمى،ئۇنى رەھىمسىزلەرچچە ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى توغرىسىدا بىر ھازا قايناپ سۆزلىگەندىن كېيىن  ئاخىرىدا رۇستەمگە قاراپ مۇنداق دېدى:
- ئەفراسىياپ دېگەن بۇ قارا يۈز ئەبلەخ ئوغلۇم سىياۋۇشقا نىمىلەرنى قىلمىدى-ھە؟! ئۇنىڭ قانچە يىللاردىن بېرى ئىرانغا سالغان قايغۇ-كۈلپەتلىرى ئاز ئەمەس.بۇ كۈرەشتە قانچىلىغان پەھلىۋانلار قۇربان بولدى.بۇ پەھلىۋانلار ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن قانچە-قانچە ئاياللار تۇل ،بالىلار يىتىم بولۇپ كەتتى.ئىراننىڭ قانچىلىغان ئاۋات شەھەرلىرىنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى.ئەي رۇستەم،بۇ ئىشلاردا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار،ئەينى چاغدا سەن سىياۋۇشنىڭ ئەفراسىياپ بىلەن يارىشىش ھەققىدىكى تەكلىپ خېتىنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە  مەن ھامان مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە قوشۇلمىغان ئىدىم.چۈنكى ئەفراسىياپ دېگەن بۇ قېرى تۈلكىنى مەن ھەممىدىن بەك چۈشۈنىمەن.خەير ئۆتكەن ئىش ئۆتتى كەتتى،بولدى ئۇنى قويۇپ تۇرايلى.سەن ھېلىمۇ دۇنيادا تەڭدىشىڭ يوق باھادىرسەن،داناسەن،قولۇڭ قۇدرەتلىكتۇر،نېمە قىلىمەن دېسەڭ قىلالايسەن.چۈنكى سەن تەلىيىڭ پارلىغان ئۇلۇغ زاتسەن.ئورنۇڭمۇ شاھلاردىن ئۈستۈنرەك،لەشكىرى كۈچۈڭمۇ تولۇقتۇر.مەن سەن بىلەن بىر ئەھدۇ پەيمان قىلىنى ئىستەيتتىم،سەن بۇرۇنقىدەكلا ھەقتىن ۋە ئادالەتتىن كەچمەي ماڭا ياردەم بەرگەن بولساڭ.ئوغلۇم سىياۋۇشنىڭ ناھەق ئۆلۈمى ساڭىمۇ ئايان،ئۇنىڭ قىساسى ۋاقتىدا ئېلىنماي تا ھازىرغىچە سۆرۈلۈپ كەتتى،سەندىن كۈتۈدىغىنىم نەۋرەم كەيخۇسرەۋگە ياردەملىشىپ بار كۈچۈڭنى ئايىماي ئەفراسىياپتىن ئووغلۇمنىڭ قىساسىنى ئېلىشىپ بەرگەن بولساڭ.
رۇستەم بۇ تەلەپنى قان –دىلى بىلەن قوبۇل قىلدى.كېيىن كاۋۇس كەيخۇسرەۋگە قاراپ ئۇنىڭغىمۇ ئەھدۇ-پەيمان توغرىسىدا ئېغىز ئاچتى:
-ئەي خۇسرەۋ،مەن سەن بىلەنمۇ بىر ئەھدۇ -پەيمان قىلىشسام دەيمەن،بۇنداق دېگىنىم ساڭا ئىشەنمىگىنىم ئەمەس بەلكى، ئېرادەڭنى چىڭىتىپ قويۇش،مەسئۇلىيىتىڭنى ئېنىق بىكىتىش ئۈچۈندۇر.ئەفراسىياپمۇ ماڭا ئوخشاشلا سېنىڭ بوۋاڭ ،قىساس ئېلىنىدىغان  ھالقىلىق پەيتتە تۇققانچىلىق مىھرى توسالغۇ بولۇپ ئاتاڭنىڭ قىساسىنى ئالالماي قالساق،ئاتاڭمۇ تىنىچ ياتالمايدۇ. ئۆلسەم مېنىڭمۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كېتەلمەيمەن.شۇڭا سەندىن كۈتىدىغىنىم،دىلىڭ ئەفراسىياپقا قارشى ئۆچمەنلىككە تولسۇن،غەزىپىڭنىڭ يالقۇنى كۈنسېرى ئۇلغايسۇن.ھەرگىزمۇ ئانا قېرىنداشلىقىنى ياد قىلما،ئۆز قىزىنىمۇ ئاياپ قويمىغان ئۇ تەلۋىنىڭ قىلچە ئايىغۇچىلىكى يوق.قىساسكارغا پەقەت قىساس ئىستىكىلا قانات بولالايدۇ.ئاتاڭغا ئوخشاش بايلىققا بېرىلىپ ئالدانما،ئىگىز پەس يوللارغا دۇچ كەلسەڭ مۈشكۈل كۆرۈپ ماڭغان يولۇڭدىن داجىما.جەڭ پەيتلىرىدە گۈرزە- قىلىچلىرىڭ،تەخت كۇلاھلىرىڭدىن ھەرگىز ۋازكەچمە.قارار چىقرىشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىپ چىقار،شاھنىڭ پەرمانى چاقماقتەك تېز ئۆتكۈر قىلىچ.ئۇنى بېرىپ بولۇپ قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ.ئۆزى قىلغان پەرماندىن ئۆزى يېنىۋالىدىغان شاھنىڭ ئەل ئالدىدا ئابرۇي ئىناۋىتىمۇ بولمايدۇ.مەن ئەمدى ساڭا قىساسنىڭ نىمىلىكىنى سۆزلەپ بېرەي.قىساس-ئەقىلدار تەنگە مەزمۇندۇر.دۈشمىنىدىن قىساس ئېلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.ھايۋان جېنىدا قىساس
ئېلىشنى بىلىدۇ. بۇ قىساسنى جەزمەن ئېلىش ئۈچۈن ،ئاي بىلەن كۈننى ياراتقان تەڭرى ھەققىدە قەسەم ئىچ! تاجۇ-تەختىڭنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇر،فەرىدۇننىڭ ئىنسابىنى ،ياخشى يوللىرىنى،ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇر .سىياۋۇش قانۇنىنى جېنىڭ ئۈچۈن تەخت دەپ بىل. قولۇڭدىكى قىلىچ،نەيزە ۋە گۈرزىلىرىڭ ھەرقاچان مەدەتكارىڭ بولسۇن.پەقەت ئۇلارنى چىڭ تۇتالىساڭ،جەڭ مەيدانىدا دۈشمىنىڭ بېشىنى ئۇتالىساڭ  مەڭگۈ غالىپ ئورۇندا تۇرالايسەن.

كۆپرەك دوستۇم بولسا ھە؟!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17227
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6668 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 04:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياش شەھرىيار خۇسرەۋ  كاۋۇسنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قېنى قىزىدى،يۈزى ئوت بولۇپ ياندى.ئۇ شۇ ھالىدا ئادالەتپاناھ كاۋۇس ئالدىدا ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە قەسەم ئىچتى.بۇ قەسەم سۆزىدە ئاپئاق كۈندۈز،قاپقارا تۈن،نۇرلۇق قۇياش بىلەن ئاي،شاھلىق بەلگىسى- تەخت ،مۆھۈر ۋە زەر كۇلاھ،قاتارلىقلار شىپى كەلتۈرۈلدى.
-مەن ئەفراسىياپنىڭ يالغان ياۋىداق سۆز،ئازدۇرغۇچى سىھىر ئەپسۇنلىرىغا ۋە ساختا مىھىر -مۇھەببەتلىرىگە ئوڭۇم تۈگۈل چۈشۈمدىمۇ ئىشەنمەيمەن !
شاھنىڭ تەلىپى بىلەن ئەھدۇ پەيمان  ئاپئاق شايىغا پەھلەۋى تىلىدا چىرايلىق خەت بىلەن پۈتۈلدى ۋە ئىمزا قويۇلدى.رۇستەم بۇ ئەھدىگە گۇۋاھ بولدى.بۇئەھدە بارلىق ئۇلۇغلار،باھادىرلار،لەشكەرلەر ئالدىدا ئوقۇلۇپ ئورتاق قەسەم ئىچىلدى.ھەممە شاھقا ساداقەت بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىندى.كېيىن كۆپچىلىك بىردەك بۇ ئەھدىنى رۇستەمى داستانغا ساقلاپ بېرىشكە بېرىشتى.
كېيىن ئىراننىڭ ئۇلۇغلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر ھەپتە بەزمە مەشرەپ ئۆتكۈزۈشۈپ يىيىشتى،ئىچىشتى، كۈي ناۋا ئاڭلاپ كۆڭۈل ئېچىشتى.كەڭرى سۆھبەتلەردە بولۇشۇپ سىردىشىشتى.كېيىن يەنە كاۋۇسنىڭ ھوزۇرىغا جەم بولۇشتى.
سەككىزىنچى كۈنى شەھرىيار كەيكاۋۇس كېچىدىلا ئورنىدىن تۇردى.پاكىز يۇيۇنۇپ كىرىپ تەڭرىگە ھەمدۇ-سانالار ئېيتىپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.كېچىنىڭ كىيىنكى يېرىمىنى ئەنە شۇنداق ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزدى.تۈن پەردىسى يىرتىلىپ كۈن چىقىشقا باشلىغاندا ئىبادىتىنى توختۇتۇپ پەرياد قىلىشقا،كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى راۋان ئاققۇزۇشقا باشلىدى .بىز ئۇنىڭ پەريادىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى:
-ئەي پەرۋەردىگار،بۇ جاھاندا پەقەت بىر ئۆزۈڭلا رىزىق بەرگۈچىسەن.جاھاندارسەن،ھەممىگە ھامىيسەن،لېكىن ئۆزۈڭ تەنھاسەن.ياشلىق مەزگىلىمدىن بېرى مېنى كۆپ قېتىم بالا –قازالاردىن ئامان ساقلاپ قالدىڭ.ياۋۇز ئەژدىھالارنىڭ قارنىدىنمۇ خىسلىتىڭ بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭ.تۇراننىڭ سەرلەشكىرى ساڭا ئايان،ئۇ ئالدىڭدا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر گۇناھقا پاتتى.ئۇنىڭ زۇلمىغا چىدىمىغان ئاجىز پۇخرالار ھەرجايدا ئۇنىڭغا لەنەتلەر ئوقۇشىدۇ. بىگۇناھ كۆڭۈللەر ئۇنىڭدىن كۆرگەن  ئورۇنسىز كۈلپەتلىرى ئۈچۈن غەزەپلەنمەكتە.ئۇنىڭ گۇناھى تاغدىنمۇ ئېغىر. ئۇ ئاۋات شەھرلەرنى ۋەيران قىلدى.خۇددى  ئاچكۆز زۈلۈكتەك سىياۋۇشنىڭ قېنىنى قويماي  سۈمۈرىۋالدى.تاجۇ –تەختىگە ئامانلىق بولمىغاندا ھەرقانداق شەھرىيارنىڭ دىلى تىترەپ كۈرەش ئۈچۈن يەڭ تۈرۈپ چىقىدۇ.سەن ماڭا مەدەت قىلغايسەن،ئۇ يامانلىق ئۈچۈنلا يارالغان  ئەپسۇنچى ناكەسنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىشىمغا مەدەتكار بولغايسەن.
ئۇ شۇ تىلەك بىلەن توپىغا بېشىنى يېنىش يېنىشلاپ سۈركەپ تەڭرىگە ئەرزى ھالىنى ئېيتاتتى.مەدەت تىلەيتتى.
دەل شۇ چاغدا كەيخۇسرەۋ قوبۇل قەسىرىگە بېرىپ قاي جايلاردىن كەلگەن لەشكەر باشلىقلىرى ۋە يۇرت باشلىقلىرىنىۋە باشقا  ئىران ئۇلۇغلىرىنى كۈتۈۋالدى.ئۇ ئالدىدا مەغرۇر تۇرۇشقان پەھلىۋانلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى:
-ئەي بۇرادەرلىرىم،سىلەر مېنىڭ خەنجەركەشلىرىم ۋە جاھانگىرلىرىمسىلەر.مەن يېقىندا ئىران زىمىنىن ئاتلىق كېزىپ ئۆتتۈم،بۇ سەپەردە ئازەرگۈشەسىپ دىگەن جايغا باردىم .بۇ يەردە بىرمۇ كىشىنى خۇشال ھالەتتە كۆرمىدىم.بىزدەك كۈچلۈكلەرنىڭ يېرىمۇ مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرسا دۇرۇس بولامدۇ؟!قېرى- ياش ھەممىلا كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن قانلىق ياشلىرى توختىماي ئاقىدۇ.ئەفراسىياپ دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىسا ھەممە قورقۇپ تىترەپ كېتىشىدۇ.بۇمەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر جەبرى -زۇلۇم،مەن بۇ جەبرى- زۇلۈمغا ئەمدى پەقەت چىدىمىدىم.شۇڭا ئەمدى سەۋرى قىلىپ يېتىۋەرسەك بولمايدۇ.تۇرانلىقلارغا قارشى جەڭ باشلايلى،ئەمدى ۋەيران بولۇش قىسمىتىنى تۇرانلىقلانىڭ بېشىغا سالايلى.ئەگەر سىلەر راستىنلا مېنىڭ يېقىن دوستلىىرىم بولساڭلار مېنىڭ بۇ مۈشكۈل ھالىمغا نەزەر سېلىڭلار.مەن ئاتامنىڭ قىساسىنى ئېلىشقا بەل باغلىدىم.مەن شۇ بانادا ئىراننى كۈلپەتلەردىن تۈگەل ئازاد قىلماقچىمەن.ئەگەر سىلەر مەن بىلەن بىرلىشىپ جەڭ باشلاشقا ھەمكارلاشساڭلار ،ھەر بىرىڭلار يولۋاس بىلەن شىردەك بولۇپ مەن بىلەن دۈشمەنگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشقا قەسەمياد قىلساڭلار ،مەن جەڭنى باشلاش پەرمانى چىقىرىمەن.چۈنكى سىلەر مېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىم،غەيرەت –جاسارىتىم . سىلەر بولغاچقىلا تاغنى تالقان قىلماق بولساممۇ ھايالسىز  قىلالايمەن.ئاتامنىڭ جازا مەيدانىدا تۆكۈلگەن ناھەق قانلىرى ئۈچۈن مەيلى كىم گۇناھكار بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ھىچكىمنى ئاياپ قويمايمەن.بۇ جەڭدە لەشكىرىمدىن كىمىكى شېھىت بولسا ئۇ جەننىتىدۇر.چۈنكى بىز ئادالەتسىز ئۇرۇش قىلمىدۇق.دۈشمەن بىزگە ئاۋال قول سالغان،ئادىمىمىزنى ئۆلتۈرگەن، زۈلمى جاندىن ئۆتكەن،چىدارغا سەۋرى تاقىتىمىز قالمىغاندا ئاندىن قوزغالدۇق.شۇڭا تۇرانلىقلار جازاسىنى تارتىشى كېرەك.
بۇ تەسىرلىك نۇتۇق ئىران ئۇلۇغلىرىنىڭ غەزىپىنى قايناتتى،كۈرەش ئىرادىسىنى چڭىتتى.گۇدەرىز پالۋانلارغا ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى:
  -ئەي شاھىم،دىلىڭنى شاد تۇتقىن،تېنىڭنى مۈشكۈل مۇشەققەتتىن ئازاد تۇتقىن.بىز بۈگۈندىن باشلاپ جېنىمىز ۋە تېنىمىزنى يولۇڭغا پىدا قىلىمىز.شادلانساڭ شادلىنىپ،قايغۇرساڭ قايغۇرىمىز.ئانىدىن تۇغۇلدۇق،ھامان بىر كۈنى ئۆلۈمىز.گەرچە ھەممىمىز ھكر ئادەملەر بولساقمۇ ئالدىڭدا ساداقەتمەن قۇلۇڭ بولۇپ ئۆمۈر بويى خىزمىتىڭنى قىلىشقا قەسەمياد قىلىمىز.
ئەنجۈمەندىكى بارلىق باتۇرلاردىن شۇ خىل جاۋاپ چىقىپ شاھنى قانائەتلەندۈردى.خۇسرەۋنىڭ كەيپى چاغ بولۇپ يۈزى قىزىلگۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى.

كۆپرەك دوستۇم بولسا ھە؟!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17227
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6668 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 10:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەيخۇسرەۋنىڭ پالۋانلارنى سىناپ كۆرگەنلىكى
سۇنبۇلە ئېيىدىن كېيىنكى ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى قۇياش ئىللىق نۇرىنى سېخىلىق بىلەن چېچىپ تۇرغان بىر كۈنى كەيخۇسرەۋ بارلىق خادىملىرىنى يېنىغا باتۇرلار مۇسابىقىسى ئۈچۈن  چاقىردى.ئىككى ھەپتىگىچە مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ مەملىكەتنىڭ دەۋا دەستۈر ئىشلىرىنىقىلىدىغان قوبۇلخانا ئىشىكىنى ئەتتى.كەيىۇسرەۋنىڭ مۇنداق قىلىشتىن مەقسىدى ئىران باتۇرلىرىنى مۇسابىقە ئارقىلىق سىناپ كۆرۈپ باتۇرلارنىڭ باتۇرى،نوچىلارنىڭ نوچىسىنى تاللاپ چىقىش،بۇرۇن تونۇلمىغان،يېڭىدىن يىتىشىپ چىققان، بۇرۇنقى باتۇرلارنى بېسىپ چۈشكۈدەكلەر بولسا مەيدانغا چىقىرىش ئىدى.بۇ مۇسابىقىگە كاۋۇس تۇخۇمىدىكىلەردىن ئۆزىنى باتۇر ئەزىمەات چاغلايدىغانلاردىن 110 سەركەردە كېلىپ باتۇرلار سېپىگە قېتىلدى.بۇلار ئىچىدە كاۋۇسنىڭ پەرىبۇرز ناملىق ئوغلىمۇ بار ئىدى.ئۇ سىياۋۇشنىڭ  ئاتا بىر ئانا باشقا قېرىندىشى بولغاچقا يېڭى شاھ كەيخۇسرەۋنىڭ تاغىسى ھېساپلىناتتى.يەنە نۇزەر ئۇرۇقىدىكىلەردىن 80 نەپەر گۈرزىدار باتۇرمۇ كېلىپ سەپكە قېتىلدى. زەرەسىپ ئۇلارنىڭ سەردارى ئىدى. قولىغا قىلىچ ۋە گۈرزە تۇتقان تۇسنىڭ پەرزەنتىمۇ بۇ سەپتە بار بولۇپ ئۇمۇ شاھ ھىماتلىرى قاتارىغا قېتىلغان ئىدى.ئۈچىنچى بىرى كەشۋادنىڭ ئوغلى گۇدەرىز بولۇپ، ئىران قوشۇنى ئۇ بولغاچقىلا نۇرغۇن جەڭلەردە شان قۇچقان ئىدى.كەشۋادنىڭ 78ئوغۇل نەۋرىسى بار بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرى تاغلاردا باتۇر ئۆكتەم،چۆللەردە ئاتلىق شۇڭقار ئىدى.بۇلار جەڭلەردىكى ئاجايىپ باتۇرلۇقلىرى بىلەن كاۋە بايرىقىغا شان-شەرەپ كەلتۈرەتتى.ئىران شاھىنىڭ تەختى- بەختىنىڭ ئامانلىق كاپالىتىنى ئۇلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى.گەجدەھەم ئەۋلادىدىن 63 باتۇر كەلگەن بولۇپ ئۇلارمۇ ئاساسەن ئىران ئۇلۇغلىرىدىن سانىلاتتى.ئۇلارنىڭ باشلىقى گۇستەھەم ئىدى.مىلاد جەمەتىدىكىلەردىن 100 ئاتلىق باتۇر كېلىپ سەپكە كىردى.بۇلارنىڭمۇ ھەممىسى بەرقارار ۋە غالىپ سەركەردىلەر ئىدى.تەۋابە جەمەتىدىن 85 نەپەر باتۇر كېلىپ سەپكە تىزىلدى.ئۇلار مۈلۈكدارلاردىن بولۇپ خەزىنە يىغىش ،باشقۇرۇش ۋە ساقلاشقا ماھىر ئىدى.ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بەرتە ئىدى. پەشەڭنىڭ ئەۋلادىدىن 33 نەپەر باتۇر كەلەەن ئىدى. ئۇلار ھەرقاچان جۇپىننىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئەڭ باتۇرى رېۋ ئىسىملىك سەزگۈر باتۇر ئىدى.ئۇ ھەرقانداق جەڭدە يىڭىلمەيدىغان غالىپ قەھرىمان ھېساپلىناتتى.شاھ كۇيوغلى تۇس ۋە ئادەملىرى مەيدان مەركىزىگە، ناغرىچىلارنىڭ يېنىغا سەپ تۈزگەن بولۇپ قالغانلار ئۇنى قوغداپ تۇرۇشقان ئىدى.بەرزىن تۇخۇمىدىكىلەردىن 70 نەپەر مەرت پالۋان ھازىر بولغان بولۇپ ،ئۇلار ھەممىسى  جەڭ كۈنلىرى شىردەك جەڭ قىلىدىغانلاردىن ئىدى.بۇلارنىڭ يولباشچىسى فەرھادنى كىشىلەر ‹‹جەڭگاھ ئوتىدا تاۋلانغان پولات›› دەپ تەرىپلىشەتتى.گۇرازە ئەۋلادىدىن 105پالۋان كېلىپ سەپكە تىزىلدى.ئۇلارنىڭ پاسىبانى گۇرازە ئۆزى ئىدى.ئۇ كونا پالۋانلارنىڭ سەرخىلى ھېساپلىناتتى.
بۇ مۇسابىقىگە شۇنداق كۆپ باتۇرلار كېلىپ قاتناشقان ئىدىكى، بۇ كۆركەم خىسلەتلىك ناملارنىڭ كۆپلۈكىدىن ھىساپلىغۇچى ھېساپتىن ئېزىپ كېتەتتى.شۇنداق بولسىمۇ چىچەن  لەشكىرى مىرزىلار ھەممىسىنىڭ نامىنى تولۇق خاتىرلەشتى.بۇ قېتىمقى يىغىلىش نوقۇل مۇسابىقىلا بولۇپ قالماي ھەقىقىتى مۇسابىقە باھانىسىدىكى لەشكىرى يىغىلىش ئىدى.بۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرانغا قارشى يۈرۈش قىلىدىغان ‹‹قىساس ئېلىش ئۇرۇشى›› بار ئىدى.
بارلىق مۇسابىقەلەر ئۆتكۈزۈلۈپ يېڭىپ چىققانلارغا كاتتا مۇكاپاتلار تارقىتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن كەيخۇسرەۋ يېڭى پەرمان چۈشۈرۈپ ،بارلىق سەركەردىلەرنى ئۆز لەشكەرلىرىنى باشلاپ شەھەردىن چىقىشقا، شەھەر سىرتىدىكى چوڭ دەشتتە سەپ تۈزۈشكە بۇيرۇدى.بۇ قېتىمقى جەڭگە ئىراننىڭ بارلىق لەشكىرى كۈچى دېگۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ قىساس ئېلىش ئىستىكى چوڭ ئىدى.پەرمان چۈشۈرۈلۈپ لەشكەر ۋە سەركەردىلەر ھەممىسى يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن كەيخۇسرەۋ؛‹‹ئاي چىققان ھامان يۈرۈش باشلاش›› بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.پەرمان قاكالانغاندىن كېيىن بارلىق باشلار شاھ ئالدىدا شاھقا ئىگىلىپ قۇللۇق بىلدۈرۈشتى.شۇنداقلا شاھىنشاھنى تەبرىكلەشتى:
-ئەي زىبا يۈزلۈك شەھرىيار،تەڭرى ئىلتىپاتى،ئاۋامنىڭ رايى بىلەن تاجۇ-كەمەر سېنىڭ ئىختىيارلىقىڭغا ئۆتتى.بىز بارلىق ئىرانلىقلار سېنىڭ ئىتائەتمەن قۇللۇرۇڭمىز.سەن بولساڭ بىزنىڭ ئۇلۇغ شاھىنشاھىمىزسەن.مەيلى يەر مەيلى كككتە سەن بىزنىڭ پاناھىمىزسەن.سەن نېمىگە بۇيرۇساڭ شۇنى قىلىمىز.سەن بىلەن تەقدىرداش بولۇپ يىغلاپ كۈلۈمىز.

كۆپرەك دوستۇم بولسا ھە؟!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17227
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6668 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 12:28:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەيخۇسرەۋنىڭ پالۋانلارغا خەزىنە تارتۇق قىلغانلىقى
كەيخۇسرەۋنىڭ ئادىتىچە ئۇ پات –پات پالۋانلارنى تۈرلۈك مۇسابىقە ياكى ماھارەت سىنىششىلارغا تەشكىللەپ،مەرتلەر مەيدانى ھازىرلاپ گاڭ بىلەك، شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنى تاللاپ تۇراتتى. تاللانغانلارغا ئايىماي مال- دۇنيا سوغا قىلىپ غەيرىتىنى ئاشۇراتتى.بۇ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش يېڭى –يېڭى باتۇرلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايتتى.
مانا قاراڭ، بۈگۈنمۇ  كەيخۇسرەۋ پالۋانلارنى سالما تاشلاپ يىلقا تۇتۇش مۇسابىقىسىگە ئۇيۇشتۇردى.شاھ چۈشكۈن قىلغان بارگاھنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم ئاتلار كەلتۈرۈلدى.بۇ ئاتلار تېخىچە كۆندۈرۈلمىگەن،ئۇچىسى ئادەم كۆرمىگەن ياۋا ئاتلار ئىدى.ئۇلار قۇلاقلىرىنى شىڭتايتىپ،بوراندەك چېپىشىپ چاڭ چىقىرىپ يۈرىشەتتى.ئۇلارنىڭ قچىپ كەمەسلىكى ئۈچۈن تۆت ئەتراپتىن لەشكەرلەر قورشاپ تۇراتتى.
چوپان كىرىپ ئاتلارنىڭ تەييار بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن كەيخۇسرەۋ پالۋانلارغا پەرمان چۈشۈردى:
  -مانا بۈگۈن جەڭ ئارا پەرۋاز قىلالايدىغان گاڭ كۆكرەك ئەزىمەتلەر ئۈچۈن ئۆز  ماھارىتىنى كۆرسۈتىدىغان مەيدان ھازىرلاندى.كىمدە- كىم بۇ ئاتلارغا سالما ئېتىپ تۇتۇپ باغلىۋالالىسا شۇ ئاتنىڭ ئۆزىنى تارتۇق قىلىپلا قالماي ئالتۇن ئىگەر،كۈمۈش يۈگەنلەر قوشۇپ سوۋغا قىلىنىپ ئۇلۇغ نامى‹‹چەبدەس باتۇر ئەزىمەتلەر›› تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىدۇ.
بۇ مۇسابىقە ناھايىتى بەك قىزىپ يۈزلىگەن باتۇرلارنىڭ غەلىبە قىلىشى،قاتمۇ- قات تارتۇقلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.  شاھنىڭ مۇنداق قىلىشتىن مەقسىدى باتۇرلارنى تاللاشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنى تارتۇقلاش،كۈچ بەرمىگەنلەرنى ئېتىۋارسىز قالدۇرۇش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىش،پالۋانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ بۇ ئارقىلىق كىيىنكى قىساس ئېلىش ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا ياخشى ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئىدى.
بىرىنچى قەدەم ئوڭۇشلۇق تاماملانغاندىن كېيىن كەيخۇسرەۋ ئىككىچى قەدەمنى باستى.
كەيخۇسرەۋ يەنە بىر كۈنى ئالتۇن تەختىگە چىقىپ گۈرزە تۇتۇپ ئولتۇردى،ئىران باتۇرلىرىنى يېنىغا چاقىرتتى.ئۇ غەزىنە ئىشىكىنى ئاچتۇرۇپ ئۇنىڭدىن ناھايىتى كۆپ مال دۇنيالارنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ياندا قويدى.ئاندىن پالۋانلارغا دىدىكى:
-ئۇلۇغلاردىن مال –دۇنيا ئايىماقلىق شاھلار ئۈچۈن ئۇيات ئىشتۇر.ئۇلار دېگەن گاھىدا  شىددەتلىك جەڭلەرگە كىرىپ دۈشمەن بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ شاھلار تەختىنى قوغدايدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەجىر -تۆھپىلىرى ئالدىدا مال –دۇنيا دېگەن ئەرزىمەس نەرسە.مەن مەرد باتۇرلارغا بارلىق مال-دۇنيالىرىمنى ھەدىيە قىلىش قارارىغا كەلدىم.مەن باتۇرلاردىن ھىچنىمەمنى ئايىمىسام، ئۇلارمۇ ماڭا جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلسا ،دۈشمەنلىرىم يوقۇتۇلۇپ ئەل-ئاۋام تىنىچلانسا بەخت -ئىخپالىم قۇياشقا تەڭ بولمامدۇ؟!
گەرچە شۇ دەپى- دۇنيالار ئىنسانلارنى قىزىقتۇرۇپ جاھاندا ھەردائىم دەھشەتلىك جەڭلەررنى پەيدا قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى يامان نەرسە دىگىلى بولماس.ئۇ كىمنىڭ ئىلكىدەبولسا شۇ كىشىگە زور ياردىمى تېگىدۇ.
شاھنىڭ ئالدىغا ئالدى بىلەن  گۆھەر ۋە ئالتۇن بىلەن بىزەلگەن تىۋىت ۋە يىپەك توقۇلمىلىق يۈز تاي رۇم مېلى،يەنە بىر شاھانە جامدا لىپمۇ-لىق گۆھەر كەلتۈرۈلدى. بۇ بايلىقلار سورۇن ئەھلىنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىۋەتتى.شاھ پالۋانلارغا قاراپ مۇنداق جاكالىدى:
-ئالدىمدىكى بۇ بايلىقلار تۇران شاھىنىڭ باتۇر ئەجدىھاسى،رەھىمسىز جاللات پەلاشاننىڭ بېشىنىڭ باھاسىدۇر.ئەفراسىياپ ئۇنى تەڭداشسىز پەھلىۋان دەپ تونارمىش.ئۇ كېچە –كۈندۈز شاھىنى قورۇقداپ ئۇنىڭ يېنىدا قونارمىش.پەلاشان ئۇيقۇسىز قوغداپ تۇرغان چاغدىلا ئۇخلاپ دەم ئالارمىش.ئاراڭلاردىن كىمىكى ئەشۇ پەلاشاننى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى ئېلىپ كېلەلىسە ئالدىمدىكى بۇ تارتۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بەرگەننىڭ سىرتىغا يەنە بېشى بىلەن تەڭ ئالتۇن بېرىمەن.
شاھنىڭ سۆزى ئايقلىشا-ئاياقلاشمايلا باتۇر گېۋنىڭ ئوغلى جەسۈر بېجەن لىككىدە سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ پەلاشاننى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى كېسىپ كېلىش ۋەزىپىسىنى مەرتلىك بىلەن ئۆزئۈستىگە ئالدى.شاھ ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ بايلىقلارنى بېجەنگە بېرىۋەتتى.بېجەن شاھقا قۇللۇق بىلدۈرۈپ بايلىقلارنى تاپشۇرۇۋالدى.

كۆپرەك دوستۇم بولسا ھە؟!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش