ئۆكسۇش
بولسا گەر كۇنلەرجاپا،
سەن ئاڭا بولما خاپا.
دۇنيا شۇنداق بىۋاپا،
سەنمۇ بىر كۇنلەر ئەيلەرسەن ناۋا..........
ئىغىر قەدەم لىرىمنى سۆرەپ تولىمۇ تەستە كىتىپ بارىمەن، ئەپسۇس نەگە بىرىشىمنى بىلسەم كاشكى........
تولىمۇ چارچىدىم، يۇرۇگۇم يەنىلا شۇنچە كۇشلۇك سوقماقتا، بۇ بەلكىم ھاياتلىققا بولغان تەلپۇنۇشتۇر..........
كۆڭلۇم ،ھەي كۆڭلۇم ،كونىلارنىڭ:
كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ،
كۆڭۇل ھەر جايغا باشلايدۇ.
سەمەرقەنت ئالمىسىدەك،
ئاپىرىپ چوللەرگە تاشلايدۇ.
دىگەن سۆزى ھەقىقەتەن مۇ دۇرۇس ئىيتىلغان سۆز ئىكەن. مانا تەنھا ياش توككىنىمدە جىنىمدىن ئاتا -ئانامدىن ئەزىز كۆرگەن ئەزىزىم كىملەرنىڭ قوينىدا ياشاۋاتقىنى ماڭا نامەلۇم!!!!!
بىز يۈرگەندىن بېرى مەن ناھايىتىمۇ خۇشال ئىدىم. ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ چىن ياخشى كۆرەتتىم . كۇندىلىك خاتىرەم ئۇنۇڭ مۇھەببىتىگە ئاتاپ يازغان شىئېرلىرىم بىلەن توشۇپ كىتەتتى.ئۇنى پات-پات ئۇ يەر بۇ يەر لەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلەتتىم.
ئۇ تورخانىغا سەل ئامراق بولۇپ داۋاملىق بىكار بولۇپ قالساقلا كىرىلى دەپ تۇرىۋالاتتى بۇگۇنمۇ يەنە كىردۇق. مەن پۇل تاپشۇرۇپ تۇراتتىم تۇيۇقسىز ئىگىز، قارامتۇل ، قىسقا چاچ قويغان .شىم كەمزور كىيگەن 25 ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا كىرىپ كەلدى ، بەلكىم ئاينۇرنىڭ پۇتىنى دەسسىۋالدى بولغاي ئاغزى ئىتتىك ئەزىزىم ئۇنى قارىغۇ دەپ تىللاپ سالدى......
قاراڭغۇ ھاياتنىڭ مۇشۇ كۇندىن باشلىنىشىنى ئويلاپ چۇشۇمگىمۇ كىرمىگەن ئىدىم، مانا ئەمدى مەن ئارىغا چۇشمىسەم بولمايتتى. ئۇ يىگىتنىڭ ئاغزىمۇ خىلى باركەن بولدى قىل دىسەم ئۇنىمىدى ، مەنمۇ ئەركەكلىكىمنى كۆرسىتىپ ئۇنۇڭغا ئىتىلدىم،ماڭىمۇ ياۋا مۇشتىن بىر قانچىسى تىگىپ كىتىپ ئۆزۇمنى كونتىرول قىلالمىدىم.ئانامنىڭ بالام سەن تىخى كىچىك پىچاق ئاسمىغىن دىگىنىگە ئۇنىماي ئىسىۋالغان بۇ قەلەمتۇراچىمنى ئۇنۇڭغا ئۇردۇم..........
ئاھ.........،مەن نىمە قىلدىم! ھەممىمىز ئۇنۇڭغا قاراپ تۇراتتۇق ، ئۇ شۇ ھامان يىقىلدى ، مىنىڭ مۇ قىچىپ كىتىشكە ھىچ ئىشەنچىم يوق ئۇنى دوختۇر خانىغا ئىلىپ باردىم ، بىراق ئۇ ئاللىقاچان جان بەرگەن ئىدى ، تەلىيىمنىڭ كاجلىقىمۇ ياكى بۇ تەقدىر پىشانام مىكىن پىچاق ئۇنۇڭ دەل يۇرىگىگە سانجىلغان ئىدى.
يىغلىدىم ، پۇشايمان قىلدىم ، ئەممە كىچىككەن ئىدىم......
سوت يېشى توشمىغان ھەم جىنايىتىدىن قاشمىغان دىگەندەك ئاقلاش سۆزلىرى بىلەن ھەم دادام ئازراق يول ماڭغانمۇ 7 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 270 مىڭ يۇەن جەرىمانە قويدى، مەن تۇرمىگە كىرىپ 3-يىلنىسى دادام ، يەنە بىر يىلدىن كىيىن ئانام تۇگەپ كەتتى ، ئەلەم ئۇستىگە ئەلەم،دەرت ئۇستىگەدەرت كەلدى ، مانا مەن تۇرمىدىن چىققان بىرىنجى كۇنى يالغۇز مەن . ساقلايمەن سەن ئۇچۇن ياشايمەن دەپ ئىيتقان شۇ ئەزىزىممۇ دادام ئۆلۇپ كەتكەن شۇ يىلنىسى ئويدىكىلەر مەجبۇرلىدى دەپ ئەرگە تىگىۋالدى ، ئەلۋەتتە ھەشكىممۇ كاراپ تۇرۇپ قىزىنى قاتىلغا بەرمەيدۇدە.... ھەي پۇشايمان ھەي ئۆكسۇش ئەپسۇس ئازراق ئۈنۈم بەرسىدى كاشكى......
بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇز بەر گەن ھەقىقى ۋەقە ئۇ كىشى بىز نىڭ مەھەللىدىن بولۇپ ماڭا ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ئاز تولا يېزىپ قويدۇم ، دوستلىرىم ئاچچىقنىڭ ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەيلى ‹چىلىشتا يەڭگەن ئادەم نوچى ئەمەس ،ئاچچغى كەلگەندە ئۆزىنى بىسىۋالغان .ئادەم ھەقىقى نوچىدۇر.› بۇ سۆزنى مەن ئەمەس، ئەبۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.