مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4809|ئىنكاس: 37

تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56259
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 08:32:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى

گۈلەن

ئابدۇكېرەم ئابلىز ئورۇنلىغان ”سىيىت نوچى“ داستانىدىن ئارىيەدە سىيىت نوچى ”شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قوزغالغان گېلاۋخۇي تەشكىلاتىغا قاتناشقان“ دېيىلىدۇ. مەن بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن گېلاۋخۇيغا دائىر تارىخى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم. گېلاۋخۇي دېگەن بۇ گوروھ ئەسلى سىچۈئەننىڭ گولۇ دېگەن يېرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ بەزىلەر گېلاۋخۇي دېگەن بۇ ئىبارىنى گولۇ گوروھى مەنىسىدىكى گولۇخۇيدىن كەلگەن دەپ قارايدىكەن. بۇ گورۇھنىڭ زوزوڭتاڭ قۇرغان خۇنەن قوشۇنىدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان. خۇنەن قوشۇنى لىيۇجىنتاڭنىڭ قۇماندانلىقىدا شىنجاڭنى ئالغاندىن كېيىن گېلاۋخۇي قەشقەردە پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان. خەنسۇچە تارىخى مەنبەلەردە قەشقەردىكى گېلاۋخۇي ھەققىدە مەلۇماتلار بار، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن بۇ گورۇھقا قاتناشقانلار ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن. بۇ گورۇھ 1912-يىلىنىڭ بېشىدا ئىسيان قىلىپ قەشقەرنىڭ دوتىينى ئۆلتۈرگەنىكەن. شۇ زامانلاردا مويدىن خەلىپە، تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن تۇڭگان قوشۇنىنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىرى لى شوفۇ بىلەن بىر قاتاردىكى مافۇشىڭ گېلاۋخۇينى باستۇرۇپ قەشقەرگە تىتەي بولغان.“ سىيىت نوچى“ داستانىدا تىلغا ئېلىنغان ماتىتەي(مافۇشىڭ)، ماشاۋۋۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى خەنسۇچە تارىخى مەنبەلەرگە ئۇيغۇن، ئەمما داستاندا گېلاۋخۇيغا قاتنىشىپ تۈرمىدا ياتقان دېيىلگەن ھاشىم گېلاۋخۇي، ئۆلتۈرۈلگەن سىيىت نوچىلارنىڭ گېلاۋخۇي تارىخىدا ئىسمى يوق. سىيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيدىكى ئۇستازى ھەققىدە ”سىيىت نوچى“ داستانىدا

بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم
گېلاۋخۇي ھاشىم
چامباشلىقنى ئۆگەتتى ئۇ
قاتقاندا باشىم


دەپ يېزىلغان بولسا، ”ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى“ دېگەن كىتاپتىكى سىيىت نوچى قوشاقلىرىدا

بولدى خەنزۇ ئوتياشچى
لاۋ جاڭ ئاداشىم
ئۇ ئۆگەتتى چامباشنى
قاتقاندا باشىم

دەپ يېزىلغان. بىز بۇلاردىكى پەرقلەردىن سىيىت نوچىنىڭ زادى كىمنىڭ ۋاستىسى بىلەن گېلاۋخۇيغا ئەزا بولغىنىنىمۇ بىلەلمەيمىز. قارىغاندا، ”سىيىت نوچى“ داستانى ۋە ”ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى“ دىكى سىيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيغا قاتناشقانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار 1949-يىلدىن كېيىن زاماننىڭ ئىھتىياجى بويىچە توقۇلغاندەك. چۈنكى سىيىت نوچى دەۋرىدە خەنزۇ دېگەن گەپ ئۇيغۇرچىدا قوللىنىلمايتتى، قەشقەردە خەنزۇ ئوتياشچىلارمۇ يوق ئېدى. نۇرمەھەممەت زاماننىڭ ”ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى“ ناملىق ئەسىرىدە سىيىت نوچىنى رۇسسىيەگە بېرىپ ئۆكتەبىر ئېنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېيىلگەن. ئابدۇكېرىم راخمان تۈزگەن ”ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى“ ناملىق كىتابتا ئۇنى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىكى گېلاۋخۇيغا قاتناشقان دېيىلگەن. ئېنىقكى، ئۇيغۇر تارىخدىكى ۋەقەلەر يا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، ياكى ئۆكتەبىر ئېنقىلابىنىڭ يېتەكلىشىدە يۈز بەرگەن بولىدىكەن. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بىر ئىشنى باشلاش ئىقتىدارى يوقمىكەن. چوقۇم مەلۇم تاشقى كۈچنىڭ يېتەكلىشىنى دائىم قوبۇل قىلىشى كېرەكمىكەن. سىيىت نوچى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرىگە، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ تەسىرىگە، ئىسمايىل غاسپىرالىنىڭ تەسىرىگە، رىزائۇددىن پەخرۇددىننىڭ تەسىرگە ئۇچرىسا نېمىشقا بولمايدىكەن؟ ئەمەلىيەتتە يۇقارقىدەك توقۇلمىلار باشقا ساھەلەردىمۇ خېلى جىق. مەسىلەن، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شىنخەي ئىنقىلابى تەسىرىدە شەكىللەنگەن، ئۇيغۇر تېبابىتى جۇڭگۇ تېبابىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرلار سەددىچىن سېپىلىنى قۇرۇشقا قاتناشقان…ئۇيغۇرچە مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا يۇقارقى گەپلەر بولغان بىلەن خەنسۇچە جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى، جوڭگۇ تېبابەت تارىخى، جوڭگۇ مەدەنىيەت تارىخى دېگەن كىتابلاردا ئۇنداق گەپلەر يوق. بۇنداق گەپلەرنى ئۇيغۇرنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيتى ۋە بۈگۈنكى رىياللىقىنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرىدىغان زىيالىلار توقۇپ چىققان. سىيىت نوچى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىكى گېلاخۇينىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇنى قىلغان، بۇنى تەۋرەتكەن دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇڭزىنىڭ شاگىرتى، كەكمەنىر ئىسىملىك ئۇيغۇر شائىرى ”خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم“ دەپ شىئېر يازغان، دېگەندەك ئىنقىلابىي رىۋايەتلەرنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن.

سىيىت نوچى نېمە ئۈچۈن ئۆلگەن

بىرىنجى، خانلىققا ۋە خانغا بولغان ساداقىتى ئۈچۈن ئۆلگەن.
داستاندا يېزىلىشىچە سىيىت نوچىنى ماتىتەينىڭ چىرىكلەرى باغلىغاندا قارشىلىق قىلمايدۇ، قېچىپمۇ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە چىرىكلەرگە

ھىچ گۇناھ يوق سىلەردە
خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى
يۇرت جامائەت خوش ئەمدى
رىزا بولۇڭ قەشقەرلىك
ئۇلۇغ ئۇششاق بارلىقى


دەپ قوشاق توقۇپ باغلىنىشقا رازى بولىدۇ. بۇ قوشاقتىن مەلۇمكى سىيىت نوچى مۇسۇلمانلىق نوقتىسىدىن چىقىپ ”خاننىڭ يارلىقىنى ۋاجىپ“ دەپ بىلىدۇ. كۈلكىلىك يېرى سىيىت نوچى باغلانغان چاغدا جوڭگۇدا خان ئاللىقاچان تەخىتتىن چۈشكەن بولۇپ، جوڭگۇنى شىمالى مىللىتارىستلار ھۆكۈمىتى باشقۇرىۋاتاتتى. بۇ ھۆكۈمەت ئىسلامدىكى پەرز، سۈننەت، ۋاجىپ دېگەنلەرنى ئىتىراپ قىلمايتتى. سىيىت نوچى شەرىئەتنى ئىتىراپ قىلمايدىغان بىر ھۆكۈمەتكە ئاتا بوۋىسىدىن قالغان شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن مۇئامىلە قىلغان. تۆۋەندىكى قوشاق سىيىت نوچىنىڭ ”خاننىڭ ئەمرى ۋاجىپ“ دېگەن ئەقىدىسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەي ئامبال، دېدى گاڭگۇڭ
تەڭلىكتە تۇرۇپ قالما
خاننىڭ ئالدىدا ئاسىي
گۇناھكار بولۇپ قالما


دېمەك سىيىت نوچى خاننىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇشنى خالىمايدۇ، ھەم باشقىلارنىمۇ گۇناھقا قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. ئۇنىڭچە خان گۇناھكار ئەمەس. خانلىق تۈزۈم گۇناھكار ئەمەس، خاننىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئاسى، گۇناھكار. خاننىڭ سىياسەتلىرى توغرا، زۇلۇم قىلىۋاتقانلار پەقەت بىر ئوچۇم پارىخور ئەمەلدارلار، يەرلىك باي غوجاملار. سىيىت نوچى ئۆزىنى بىلمەيدىغان. ئىتىقادىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان، زالىم خاننىڭ ”ۋاجىپ“ بۇيرۇقىغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆلۈمگە رازى بولغان.

ئىككىنجى، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان ئەقىدىسى ئۈچۈن ئۆلگەن
سىيىت نوچى تۇزچى بوۋاينىڭ خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش ھەققىدىكى نەسىھېتىگە قۇلاق سالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ”ئامانەتكە خىيانەت نامەرد ئىشىدۇر“ دەپ قارايدۇ. ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ئەقىدىسى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كۆرۈنمەس بىر مەۋجۇداتنىڭ ھەرقانداق چاغدا ئىنساننىڭ بارلىق قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان خەلقنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن چەكلەش رولىغا ئېگە. بۇنداق ئەقىدىگە ئىگە بولمىغان خەلق ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. سىيىت نوچى ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ئەقىدىسىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما بۇ ئامانەتنىڭ كىمنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكىگە، ئامانەت بەرگۈچىنىڭ ئۆزى بىلەن ئەقىدىداش ياكى ئەمەسلىكىگە سەل قارايدۇ. ئادەتتە ئەخلاق مىللىي بولىدۇ. بىر خەلق ئۈچۈن ئەخلاقسىزلىق سانالغان قىلىق يەنە بىر خەلق ئۈچۈن ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن، ئامېرىكىلىقلاردا پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن سىر ساقلىشى ئەخلاققا ئۇيغۇن، ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردا ئۇنداق ئەمەس. شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ جا فامىلىلىك بىر پروفېسسورى ئۇيغۇرلارنى ئاخماق دەپتۇ. سەۋەبى ئۇ كىشى ئاقسۇغا بارغاندا ئۇيغۇرلاردىن ئۈرۈك ئالغانمىش. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ئۈرۈكنى كىلولاپ ساتماي يەپ بولغاندا ئۈچكە (ئۇرۇقچە) سىنى ساناپ ساتقانمىش. ئۇنىڭچە ناۋادا خېرىدار ئۈرۈكنى يەپ ئۈچكىسىنى يوشۇرۇۋالسا ساتارمەن زىيان تارتارمىش. مېنىڭچە كىشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئەخلاقى بويىچە ساتارمەننىڭ قىلغىنى ئاخماقلىق ئەمەس، بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان خاڭجۇلۇق زىيالىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئاخماقلىق. سىيىت نوچى باشقىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مۇئامىلە قىلغان ۋە بۇنىڭ جازاسىنى تارتقان. سىيىت نوچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مەردلىك قىلغان، ماتىتەينىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە ئاخماقلىق قىلغان.

ئۈچىنجى، روھى قۇللۇق بەدىلىگە ئۆلگەن
سىيىت نوچىنىڭ روھىدا قۇللارچە خوجايىنىغا مايىللىق ۋە تاما بولمىسا ئېدى، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ماشاۋۋۇنىڭ ئوردىسىدا ياتمىغان بولاتتى. ماشاۋۋۇنىڭ ئوردىسىغا مېھمانغا ئەمەس ھاشىم جانبازدەك دوستلىرىنىڭ قىساسىغا بارغان بولاتتى. ھەمدە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى گېپىگە ئالدانمىغان بولاتتى.

قەشقەردىكى تىتەيگە
خەت يېزىپ بېرەي ئەكەت .
خەتنى كۆرسە ما تىتەي ،
دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمەت .
سەن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ ،
قىلدىڭ بىزگە كۆپ خىزمەت . .
ئەجرىڭ قەدرىگە لايىق ،
مەنمۇ بىلدۈرەي ئىززەت .

بۇ خېتىمنى ئاپىرىپ ،
بەر تىتەينىڭ ئۆزىگە .
سېنى باشلىق قىپ قويار ،
تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگە ، .
باشلىق بولۇپ شۇندا سەن ،
ئويناپ كۈلۈپ ئۆتەرسەن . .
گاڭگۇڭ نامىڭغا لايىق ،
مۇرادىڭغا يېتەرسەن

.

بۇ قوشاقلارغا قارىساق سىيىت نوچىنىڭ دوست نېمە، دۈشمەن نېمە ئايرىيالمايدىغان، ئىناۋەتنى خەلقتىن ئەمەس خوجايىنىدىن تىلەيدىغان، ئىنقىلاپنى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئەمەس خوجايىننىڭ ئىتىراپى ئۈچۈن قىلىدىغان ئاجىزلىقى ئەكىس ئېتىدۇ. ئەسلى ئۇيغۇرلار بەرگەن باتۇر دېگەن ئاتاقلا سىيىت نوچىغا يېتىشى كېرەك ئېدى. ئەمما ئۇ يەنە ھاكىمىيەتنىڭ ئىتىراپىغىمۇ ئېرىشمەكنى، خوجايىننىڭ ئىنئاملىرىغا نائىل بولماقنى تاما قىلغان. بۇنداق قۇللارغا خاس تاما تۆمۈر خەلىپىدىمۇ بولغان، ئۇ كىشىمۇ خەلق بەرگەن خەلىپە ئۇنۇۋانىغا قانائەت قىلماي ھۆكۈمەتنىڭ يىڭجاڭلىقىغا قۇل بولغان. 1933-يىلى قەشقەرنى ئالغان تۆمۈر ئېلى ماشاۋۋۇدىن سىلىڭ دېگەن تامغىنى تارتىۋېلىپ بىر كۈن قەشقەرنى ئايلىنىپ داۋراڭ قىلغانىكەن. ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە ئۆزى قارشى تۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ سىلىڭ دېگەن تامغىسىنى ئالغىنىغا خوش بولۇپ كەتكىنى ئېچىنىشلىق. ئۆزنامىغا تامغا ئويدۇرسا، ئۆز تىلى بىلەن ئۆزىنى ھۆكۈمران دەپ جاكارلىسا بولمايدىغان نېمىسى بار. بۇلاردىن ئۆزىنى مالايلىققىلا يارالغاندەك، خوجايىنسىز ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان، پۈتۈن تىرىشچانلىقى پەقەت خوجايىندىن ئازراق مەرتىۋە تارتىۋېلىش بەدىلىگە بولىدىغان قۇللۇق روھىنىڭ يىلتىزى ۋە دائىرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

بۈگۈنكى سىيىت نوچى
سىيىت نوچى داستانىنىڭ سىيىت نوچى قەتلى قىلىنغان ۋاقىتتىن كېيىن يېزىلغان بىرەر قوليازمىسى يوق. بۇ داستان ئىزچىل خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلگەن. زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭغا ھەرقايسى دەۋرلەرگە خاس تەركىپلەر قوشۇلۇپ ماڭغان. ئابدۇكېرىم ئابلىز“ سىيىت نوچى“نى سەھنىگە ئېلىپ چىققاندىمۇ بەزى تەپسىلاتلارنى قوشقان. بۇنىڭ بىرى ئوردىدىكى ئۆرۈمە چاچ (سىيىت نوچى ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىت مافۇشىڭنىڭ 1915-يىلى ماشاۋۋۇنى ئۇچتۇرپانغا قوغلىۋېتىپ قەشقەرگە مۇستەقىل ھۆكۈمران بولغاندىن كېينگە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۆرۈم چاچ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالغان) ئەمەلدارنىڭ سىيىت نوچىغا ياخشىلىق قىلىشى، يەنە بىرى ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ سىيىت نوچى ھەققىدە ئۆرۈمە چاچقا مەلۇمات يەتكۈزىشى. بۇ يەردە بۈگۈنكى تاماششابىنلارغا يەتكۈزىلىۋاتقان ئۇچۇر؛ سىيىت نوچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى جاسۇسلار تۇتۇپ بەرگەن، ئۆرۈمە چاچلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىمۇ سىيىت نوچىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ئېدى… دېگەندىن ئىبارەت. قىزىق يېرى، يەنە شۇ ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى يەنىلا ئۇيغۇر. ھاكىمىيەت تۇتقانلار ئىچىدىمۇ سىيىت نوچىغا دوستلار بار ئېدى… ۋاھاكازالار. شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۆرۈمە چاچنىڭ مۇكاپاتى بولمىغان بولسا تۇماقلىق ئۇيغۇر جاسۇسلۇق قىلالمايتتى. ئۆرۈمە چاچ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان تۈزۈم جاسۇسلارنى قوغۇدىمىغان، تەربىيىلىمىگەن بولسا جاسۇسلۇق مەۋجۇد بولمايتتى.

سىيىت نوچى نېمە ئۈچۈن يادلىنىدۇ
سىيىت نوچىنى قەتلى قىلغانلار ئۆلدى، ئەمما سىيىت نوچى ئۆلمىدى، ئۇنىڭغا ئاتاپ داستان يېزىلىپ مەدداھلىق سورۇنلىرىدا سۆزلەندى، دەرسلىك كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى، ناخشىلار ئېيتىلدى. 2011-يىلى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئورۇنلىشىدا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. ئۇنداقتا سىيىت نوچى نېمىشقا ئارىمىزدا شۇنچە يىل ياشىيالايدۇ. مەنچە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلاردىكى باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىققا بولغان شەيدالىقتىن ئىزدەش كېرەك. ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلۈم قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىغا، ئادەملەرگە، دۇنياغا، ۋە ئۆزىگە مەردانە يۈزلىنىپ ياشىيالماسلىق ئەڭ قورقۇنچلۇقتۇر. ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلۈم ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس بەلكى يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلىنىشى. ئۇيغۇرلارتارىختىن بېرى ياشىسا قورقۇمسىزلىق بىلەن ياشايدىغان روھنى قەدىرلەپ كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا ”يا ئۆلۈم يا كۆرۈم“ دېگەن گەپ بار. بۇ يەردە ئۆلۈم بىلەن كۆرۈم ئارىسىدا پەقەت ئىككىلىنىش، ئارىلىق يوق بولۇپ ئۇيغۇرچە تەپەككۇردا پەقەت بۇنىڭ بىرىلا مەۋجۇد. يا ئارمانىڭغا يېتىسەن، يا ئارمان ئۈچۈن ئۆلىسەن. سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى قورقۇمسىزلىقى ئەزەلدىن قەھرىمانلىققا چوقۇنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئىھتىرام ئويغاتقان، شۇڭا سىيىت نوچىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى ھەققىدىكى بۇ داستان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان شەكىلدە تەكرارلىنىپ كەلگەن ۋە تەكرارلانماقتا.

ئاپتور : گۈلەن

ئۆلۈم پەقەت بىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9034
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6655
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 09:44:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز گۈلەن ئەپەندى شۇممۇ؟

چۈش بولسىچۇ گۆرگىنىم ھەممە، يىغلاپ _ يىغلاپ ئويغنىپ كەتسەم.....

باھادىرنامە.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37446
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1583
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 10:01:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئوغۇل  بالا بولساڭ  قىلغان  ئىشىڭغا پۇشايمان قىما، ئەگەر  بىر  ئىشنى  قىلىپ  بۇلۇپ ،ئارقىدىن  پۇشايمان  قىلساڭ، ئۇ  ئىش دەل  سىنىڭ   ئاجىزلىقىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2136
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5755
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 3441 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 10:37:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ پىكىر قىلىدىغان زاتلار كۆپكەن، ھازىرقىغا سېلىشتۇرۇپ باقىلى، ھازىرمۇ «خاننىڭ ئەمرى ۋاجىپ» بولۇۋاتمامدۇ، مۇشۇنداق يوغان زاتلارنىڭ قايسى بىرى سىيىت نوچىغا ئوخشىماي، ئۇنىڭدىنمۇ نوچى بولۇپ كىتەلەر؟ ھازىرقىغا سېلىشتۇرۇپ باقساق، ھەر قانچە يوغان گەپ قىلىشقانلىرىمىزمۇ خىزمەت دىگەننى تالىشىپ قىلىپ، ئىدارە مەسئۇللىرىغا بولغان نارازىلىقنىمۇ يولىدا ئىپادىلىيەلمەي يۇرۇشمەيمىزمۇ مانا!
   شۇ چاغلاردىكى جەمىيەتنىڭ رىئال ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ مەدىنيەت ساپاسى، تەربىيلىنىش ئەھۋاللىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، سىيىت نوچىنى ئەيىپلەشكە بەك قوشۇلۇپ كەتمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42518
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 2141 سائەت
تىزىم: 2011-5-30
ئاخىرقى: 2012-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 10:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. ھەممە ئىشنىڭ ئىككى تەرپى بولىدۇ خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق. بىز ھەممە ئىشنىڭ ئەكىس تەرپىنى كۆرۋالماي مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىزگە روھى ئوزۇق بولدىغان تەرپىنىمۇ كۆرشىمىز كىرەك.

چاڭقاق كارۋان،

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50814
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 894
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 11:04:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈزۈمگەكۈرۈندۈڭ دۇنيادابارچىدىن،چىرايداسۆلەتلىك، بىلىمدىمۇيىتىشكەن ھەم ئۇيغۇرغاغاس ئىماندادۆلەتلىك،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2059
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 11:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49579
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1200
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 2433 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 12:24:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت.

مانا بۇ تېما، سىيىت نوچى ھەققىدىكى ئەڭ توغرا باھا ، ئىنكاس بوپتۇ...

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18657
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6454 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 12:26:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  qangkakkarwan كە 2011-10-22 11:04 PMئەۋەتىلدى  :
  
بەكمۇ تەسىرلىك ئىنكاس يىزىپسز.

ئابدۇ.....

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15188
تۆھپە نۇمۇرى: 5921
توردا: 5288 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 12:29:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇرنىڭ بۇ ماقالىسى، ئۇنىڭ يازمىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يارىغىنى بولدى.

ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى  سىيىت نوچىلار ھەققىدىكى تەھلىلى
خېلى قايىل قىلارلىق بوپتۇ.  رەھمەت!

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60705
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 01:09:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ -بۇ ماقالە بەكمۇ تەسىرلىككەن،ئىنسابىڭىزغا رەھمەت،سىزنى مۇشۇنداق بىلىملىك چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىڭىزغىمۇ رەھمەت،ئۇيغۇر تارىخىنى ناھايىتىمۇ ئەتراپلىق ئۆگۈنىۋېتىپسىز.
مۇشۇنداقلا ئۆگەنسىڭىز كوم-پارتىيە ئەزاسى بۇلۇشىڭىزدا گەپ يوق،كىيىنچە سىزنى مەركەزگە باشلىق قىلىپ ئەكەتسە بىزلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ.مەركەز سىزدەك بىلىم ئىگىلىرىگە مۇھتاج،ھەرگىزمۇ بىزدەك قارا قورساقلارغا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9039
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 5367 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 01:28:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخشمىغان،ئويلاپ باقمىغان تەرەپلەردىن پىكىر قىلىپسىز،ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

خوراز چصللصماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10666
تۆھپە نۇمۇرى: 526
توردا: 10424 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 01:36:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىسە ئاپتورنىڭ ئويلىغىنىدەك بولسا، سىيت نۇچى ، سىيىت گاڭگۇڭ دەپ نەم بەرگەن شۇ ۋاقىتتىكى خەلىقنىڭ كوزى كور، ئەقلى يوق نادەنلاركەندە...

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

يىغلار يۈرۈگۈم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 866
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4444
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1123 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 01:40:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىيىت نوچنى يەنلا ئەخمەق قاتارغا چىقىرپسىز دە ئاخىردا...ھەي  نادانلىق .

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

سالام دوسلار

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54191
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2011-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 02:00:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش