مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4069|ئىنكاس: 14

ئاجايىپ جانلىق ___  RODS [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11130
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 06:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 ئاجايىپ جانلىق

ئىزدىنىش  ۋە  بايقاش (3-قىسىم) 

  ( بۇ  نامەلۇم جانلىق كىچىك تاياقچە  شەكلىدە بولغاچقا  خەنزۇ تىلىدا  ئۇچقۇر تاياق ( 飞棍 )  دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما   ئۇيغۇر تىل يېزىق  خاتىرىلىرىدە  تېخى   خاتىرىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن تېمامدا   ئىنگىلىسچە ئاتالغۇسى بويىچە  ئىپادىلىدىم،باشقىچە قاراشتا بولمىغايسىلەر!  )

         1994-يىلى ئامېرىكا ‹‹›› تېلىۋىزىيىسىنىڭ فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى  مېكسىكىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى بىر تاغ جىلغىسىغا فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن كېلىدۇ، بۇ 1500 مىتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ جىلغىسى بولۇپ،پاراشۇت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ پائالىيەت مەيدانى ئىدى. گۇرۇپپا ئەزاسى  ماك  رېيچ  مەخسۇس پاراشۇت   ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالاھىدە ماھارەت ھەركەتلىرىنى سۆرەتكە ئالاتتى. ئۇ  بۇقېتىم سۆرەتكە ئالغان  ماتىرياللارنى رەتلەش جەريانىدا ئېكران يۈزىدىكى ئىنتايىن سۇس سىزىقچىلارنى بايقاپ قالىدۇ  ،ئۇ دەسلەپتە بۇلارنى  تېلكامىرا يۈزىدىكى داغ، ياكى سىن لىنتىسىدىكى كاشلا بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالىدۇ، لېكىن كېيىنكى قېتملىق سىنئالغۇغا ئالغان كۆرۈنۈشلەردىمۇ ئوخشاشلا ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماك رېيچ سۆرەتنى ئەڭ ئاستا ھالەتتە قويۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەھۋالنى بايقايدۇ.
         ئېكران يۈزىدە كۆرۈلگەن  سۇس سىزىقچە قانداقتۇر لېنزىدىكى داغ ياكى سىن لېنتىسىدىكى كاشىلا بولماستىن  بىر خىل ئۇچۇش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغان جانلىق بولۇپ،ئۇنىڭ ئوزۇنلىغى 5سانتېمىتىردىن 10 سانتىمىتىرغىچە ، ئەمما  سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 160 كىلومىتىردىن ھەتتا نەچچە مىڭ كىلومىتىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئادەتتە كۆزبىلەن كۆرگىلى بولمايتتى.
     كېيىن بۇ بايقاش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ، بىر قىسىم مۇتەخخەسسىسلەر ۋە قىزىققۇچىلار بەس - بەستە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ يا تېرىكى ياكى ئۆلىكىنى قولغا چۈشىرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ھامان يەنە شۇ سۈرئەت بىلەن كەينىگە قايتىپ كېتەلەيدىكەن.شۇنداقلا قونغان يىرىدە بىر سىكونتتىن ئارتۇق تۇرمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ھەقىقى تىپى ،ۋە خارەكتىرىنى ئېنىقلاپ چىقالمىغان. پەقەت يوقۇرى ئېنىقلىقتىكى تېلكامىرا بىلەن سۆرەتكە ئېلىپ، سۆرەتنى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئۇچۇش سۈرئىتىنى ۋە يۈزەكى تەن قۇرۇلمىسىنىلا بېكىتىپ چىقالىغان.
         2002-يىلى كۈزدە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم فىلىم ئىشلەش ئورنىنىڭ ئوپىراتورتېخنىكى جاڭ خې بىڭ شەھەر جەنۇبىدىكى  يۈنجۈ ئىبادەتخانىسى ئەتراپىنى سۆرەتكا ئالغان بولۇپ ، ئۇ سىنغا ئالغان سۆرەتلەردىمۇ ئوخشاشلا  بۇ خىل جانلىق بايقالغان. ئۇنىڭ ئۇچۇش تېزلىگى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن.  جاڭ خې بىڭنىڭ ئېيتىشىچە ھەر سىكونتلۇق كۆرۈنۈش 25 بۆلەكلىڭ سۈرەت چاستوتىدىن  شەكىللىنىدىغان بولۇپ.تاغ چوققىسى بىلەن بۇتخانا ئۆگزىسىنىڭ ئارلىغى 5كىلومىتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن ، بۇ ئارلىقتا  پەقەت 3بۆلەكلىك سۈرەت چاستوتىدىلا  بۇخىل جانلىقنىڭ ئۇچۇپ ئۆتكەن كۆرىنىشى كۆرۈلگەن، دېمەك ئۇ 5كىلومىتىر مۇساپىنى 25\3 سىكونتتا تاماملىغان، ئەگەر شۇنداق ھىساپلىغاندا ئۇنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 14مىڭ كلومىتىردىن ئېشىپ كېتىدىكەن.  
       ئۇنداقتا بۇ سىرلىق جانلىق زادى قانداق نىمە؟ ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى   بىرخىل ھاشارەت ياكى قۇشمۇ ؟
    ھازىرغىچە بايقالغان ھاشارەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇچۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھاشارەتنىڭ   سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتىمۇ ئاران 53.6كلومىتىر كېلىدۇ.  ئۇچۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز  قۇش    ھەرىقۇش     بولۇپ، ئۇنىڭ سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتىمۇ  113   كلومىتىردىن ئاشمايدۇ. دېمەك تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەيلى جانلىق مەيلى ھاشارەت بولسۇن بۇ خىل سۈرئەتە ئۇچالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ھەقىقەتەن تەبئەت دۇنياسىدىكى بىر خىل جانلىق بولسا  نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچەئۇنىڭ  بىرەر تال تىرىكى ياكى ئۆلىكى تېپىلمايدۇ؟
         ئۇنداقتا بۇ كىشىلەر ياسىغان بىرخىل  يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئۇچۇش ئۈسكىنىسىمۇ؟  ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا بۇنى كىم قانداق تېخنىكا بىلەن  نىمە ئۈچۈن  ياسىغان. ئەجەبا شۇنداق يۇقۇرى تېخنىكا بىلەن ياسىغان ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە نەرسىنى نىمە ئۈچۈن  ئاشۇنداق ئادەمنىڭ  نەزىرى چۈشمەيدىغان جايغا قويۇپ بېرىدۇ؟  
         بەزىلەر ئۇنى تاشقى دۇنيادىن كەلگەن يوقۇرى دەرىجىلىك  ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە جانلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان، ئەمما يەنىلا يىتەرلىك ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن. ئۇنداقتا بۇسىرلىق نەرسە  زادى قانداق نەرسە؟  بۇنىڭغا تېخى  ھىچكىم جاۋاپ تاپالمىدى.
        بىز بۇ سىرلارنىڭ تېزراق يىشىلىپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشىشنى تۇلىمۇ  ئۈمىت قىلىمىز.
     مەنبەئە:   cctv-10
                   بەيدۇ  تورى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۆزۈم
                 
       سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا   تەرجىمە ۋە تەھرىرلەش جەريانىدا  بەزى  خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، كەڭ ئوقۇرمەن،تورداش دوستلارنىڭ    ئەپۇ قىلىپ،تۈزىتىپ ئوقۇپ چۈشىنىپ كېتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

(ھېكمەت ئۇيغۇر  )                                                                       
        



    


          

    
  

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 06:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن ،ئۇ زادى نىمىدۇ ؟تىزاق ئېنىقلاپ چىققان بولسا ،بىزمۇ ئاز -تۇلا چۇشەنچىگە ئىگە بولغان بۇلاتتۇق ،تېما ئىگىسىگە رەخمەت ،بولسا مۇشۇنداق يېڭىلىقلاردىن بىزنى كوپرەك خەۋەردار قىلىپ تۇرارسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40738
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3167
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2011-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 06:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيانىڭ سىرلىرى بەك كۆپ ئۇنى ئىچىپ بولماق تەس

http://www.seburi.com/my/?خۇشخۇي بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك، ئۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك.http://www.65933.com/109416

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16211
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4803
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 5785 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 07:26:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداقمۇ ئىش بامىكەن ؟ كىم بىلىدۇ بۇنى

ەاقدقدەىقسشاندشىندىقنشدەبنشۈبندەىنشبن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61248
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 07:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق سىرلىق ۋە جەلىپ قىلارلىق !؟ مەن مۇشۇنداق ھادىسىە ۋە سىرلارغا ئالاھىدە قىزىقىمەن ، بولسا يەنە يوللاپ تۇرارسىز ، رەھمەت .

بىزگە  كۆڭۈل بۆلىۋاتقان  بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئالغا !!!

ئىنسان قىغان ياخ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 08:25:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادا بىز بىلمەيدىغان سىرلار تىخى بۇلارلا ئەمەس، نۇرغۇن سىرلار بار بىز بىلمەيدىغان.

ئىنسان قىغان ياخشى-يامان ئېشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر.

يىغلار يۈرۈگۈم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 866
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4444
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1123 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 01:52:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادا بىز بىلمەيدىغان سىرلار تىخى بۇلارلا ئەمەس، نۇرغۇن سىرلار ئىچىشنى كۈتۋاتدۇ.

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1844
تۆھپە نۇمۇرى: 161
توردا: 1835 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 04:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر بۇ جانلىقنىڭ سىرى ئېچىلسا، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ شۇنداق ئۇچالايدىغان ئۇچقۇ ياساپ چىقىلايدۇ.

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20544
تۆھپە نۇمۇرى: 862
توردا: 7866 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 12:01:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ شۇمۇ؟









ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20544
تۆھپە نۇمۇرى: 862
توردا: 7866 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 12:24:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش