مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2753|ئىنكاس: 0

كازافىي ئەسلى تىرىك قولغا چۈشكەن  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23872
تۆھپە نۇمۇرى: 3095
توردا: 6109 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 10:24:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرى: كازافىينى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن ئىدۇق دېدى



جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
لىۋىيە «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى» ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەبرائىل 20-ئۆكتەبىر تىرىپولىدا مۇنداق دېدى: كازافىي قولغا ئېلىنغاندا تېخى ھايات ئىدى، ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىشتىن نەچچە مىنۇت بۇرۇن قازا قىلدى. جەبرائىل مۇنداق دېدى: كازافىي قولغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ پەقەت مۈرىسىگە ئوق تەگكەن بولۇپ، ئارقىدىن ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن كازافىي قالدۇق كۈچلىرى ئېتىشقاندا كازافىينىڭ بېشىغا ئوق تەگكەن . ئەمما ئۇ بۇ ئوقنى كازافىينىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاتقان ياكى ھاكىمىيەت دائىرىلىرى خادىملىرى ئاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدۇ دېدى.
جەبرائىل مۇنداق دېدى: لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرى بىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى يېقىندىن ئالاقە قىلدى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى كازافىينىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە جەسىتىنى تەكشۈرۈش تەپسىلاتلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇنى دەپنە قىلىشقا قوشۇلدى.
لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: كازافىينىڭ يەرلىكى مەخپىي تۇتۇلىدۇ، ئۇ بەلكىم لىۋىيەگە ياكى باشقا جايغا قويۇلۇشى مۇمكىن.


مەنبە؛‹‹جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى››

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
hazniqi + 10 ئىشقىلىپ ئۆلدى
toxkanjan + 10 ئاسان ئۆلۈپتۇ بۇ ناكەس.قىينىسچۇ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئادەم بولماق تەس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش