ئەلى ئاقنىياز زىيارەت قىلغۇچى«ھەسەل ھەرىسى» بىلەن بىللە
ئەلى ئاقنىياز تۆمۈرخان رۇزى، ئەخمەت ئېلى ۋە «قارا ھىجران تورى» شۇنداقلا
«مىسرانىم تورى» دىكى بىرقىسىم مۇنبەرداشلار بىلەن بىللە
«ئۇماچتىن چاچىراپ چىققان»سەنئەتكار
«ھەسەل ھەرىسى»
يېزىلىقلارنى زاغرا تىلىدىكى چاقچاق گەپلەردە«ئۇماچتىن چاچىراپ چىققان سەھرالىق»دەپ قويىدۇ. جەمئىيىتىمىزدىكى مۇشۇنداق «ئۇماچتىن چاچىراپ چىققان سەھرالىق»لار ئىچىدە ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ قورسىقىغا«ئۇماچ قاچىلاپ»،كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار ئاز ئەمەس. كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى قارمىقىدىكى «كۇچا ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكى»نىڭ ئارتىسى ئېلىجان ئاقنىياز ئەنە شۇنداقلارنىڭ بىرى.
كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن 10 – ئۆكتەبىر كەچتە كۇچا ناھىيەلىك «كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانى»دا ئېلىجان ئاقنىيازنىڭ «ئۆرلە ۋەتەن» تېمىسىدىكى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.كېچىلىكتە ئېلىجان ئاقنىياز ئۆزى مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن ھەم ئاكوردلاشتۇرغان، تېكىستىنى ئەخمەت كىبىر يازغان«مېنىڭ قۇياشىم»،«ئۆرلە ۋەتەن» قاتارلىق 20نەچچە ئۇيغۇچە،خەنزۇچە ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ،كېچىلىكنى كۆرۈشكە كەلگەن3000غا يېقىن تاماشىبىننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ناھىيە رەھبەرلىرى سەھنىگە چىقىپ ئېلىجاننى ئالاھىدە مۇبارەكلىدى.كېچىلىك بېلەت سېتىلماي ھەقسىز ئۆتكۈزۈلدى.بۇ ،كۇچا ناھىيەسى تارىخىدا تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەن يالغۇز كىشلىك ناخشا كېچىلىكى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. « بۇ ياشنىڭ ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسىنى قايىل قىلىپ،يالغۇز كىشلىك ئىجادىي ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگىدەك زادى قانچىلىك ماھارىتى باردۇ؟ قايسى ئالىي دەرىجىلىك سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندۇ؟» دەپ سورىغىڭىز كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ ياش شايارلىق بولۇپ،ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.
كەسىپنى قىزغىن سۆيۈپ، جاپا-مۇشەقەتكە چىداپ ئىشلەيدىغان روھ، ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادە تىكلىگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ غايىسى ئەمەلگە ئاشماي ،ئىشلىرىدا نەتىجە كۆرۈلمەي قالمايدۇ. ئېلىجان ئاقنىياز1974 -يىلى 10 ئاينىڭ 4- كۈنى شايار ناھىيەسنىڭ يېڭى مەھەللە بازىرى بوستان كەنتىدە بىر دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئېلىجان ئاقنىياز ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن مەزگىلدە مۇخبىرمازارغوجام ئېلىجان ئاقنىياز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.قېنى دېقىتىڭلار بۇ نەق مەيدان سۆھبىتىدە بولسۇن:
سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى:
[mp3=0]http://www.djvdj.com/m/1b0f944e0e58ce9d7fa2803b2f4f13a712/djvdj.com.mp3[/mp3]
ئەمدى تۆۋەندە ئەلى ئاقنىياز ئەپەندىمنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى ھوزۇرۇڭلاردا:
بۈگۈن ۋە ئەتە
[mp3=1]http://www.alimuzika.com/nahxa/bugun.mp3[/mp3]
مېنىڭ قۇياشىم
[mp3=0]http://www.alimuzika.com/nahxa/kuyaxim.mp3[/mp3]
قارا-قارا قاغىلار
[mp3=0]http://www.djvdj.com/m/ef4c5829d886f1781c7e1f976a99501c33/www.djvdj.com.mp3[/mp3]
تېخىمۇ كۆپ ناخشىلىرىن بەھىر ئالماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن ئاڭلاڭ: http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=564
جەمئىيىتىمىزدە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ يۇرت ئاتلاپ چىقىپ كەتكەن نۇرغۇن ياشلار ۋاقتىنى قالايمىقان ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ،ئەخلاقسىزلىق،قانۇنسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.بىراق، ئېلىجان ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەي كەسىپ ئىگىلەشكىلا قاراتتى..كېيىنچە ناخشا،مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شوغۇللانغان.ئۇ ئىجاد قىلغان «تۈكۈلگەن ياپراق» قاتارلىق 10نەچچە ناخشىنى ئەكبەر قەھرىمان ئۆزى نەشىر قىلدۇرغان قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىغا ئوقۇغان. ئەكبەر قەھرىمان 1995- يىلى ئۆزىنىڭ ناخشا كېچىلىكىدە ئېلىجان ئاقنىيازنى قوشۇمچە ناخشا ئوقۇتۇپ،ئۇنى تۇنجى سەھنە بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرگەن.ئېلىجاننىڭ سەھنە ھاياتى شۇنىڭدىن باشلانغان. ئۇ كىيىن ئۆز ئىجادىيەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان «ئۈمۈتۋار ياشا» ناملىق بىر قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى نەشىر قىلدۇرۇپ ،بارا-بارا تونۇلۇشقا باشلىغان. ئېلىجان ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىللىرىدە يەنە خەنزۇچە تىل-يېزىق ،كومپىيوتېر،تور بىلىملىرى،كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش،ئاكوردلاشتۇرۇش بىلىملىرىنى ئۈگەندى.
ئېلىجان ئاقنىياز 2009-يىلنىڭ ئاخىرىدا كۇچا ناھىيەسىگە كېلىپ رېستۇرانلاردا مۇزىكا چېلىپ ناخشا ئېيتتى ،يەنە بىر تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى سېتىۋېلىپ مۇزىكا نەزەرىيەسى ۋە نوتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆگەندى.70مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ھەل قىلىپ ،مۇزىكا ئۈسكۈنلىرى،كومپىيوتېر،مۇزىكا ئىشلەش،ئاۋازغا ئېلىش ئۈسكۈنلىرى سېتىۋېلىپ ،ناھىيە بازىرىدا «ئەلى مۇزىكا مۇلازىمەت ئىشخانىسى»نى ، شۇنداقلا يەنە «ئېلى مۇزىكا تور بېكىتى»قۇرۇپ،كۇچادىكى جۈملىدىن، شىنجاڭدىكى مۇزىكانتلارنى ئۆز- ئارا بىلىم ئالماشتۇرىدىغان ،نۇرغۇن ئوقۇش شارائىتى يوق ،قىزغىنلىقى ئوتتەك ئۇرغۇپ تۇرغان مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىلىم ئالىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بەردى.
«سەن كەسىپنى سويسەڭ، كەسىپمۇ سىنى سويىدۇ» دىگەندەك ،ئېلىجان چۇڭقۇر ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىگىلىگەن يۇقارقى كەسىپلىرىدە نەتىجە كۆرۈلۈپ،كەسپمۇ ئۇنىڭغا «نان بېرىش»كە باشلىدى ھەم جەمئىيەتتىكى ھۆرمىتىنى ئاشۇردى. ئېلىجان ھازىرغىچە ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن تورداشلارغا ناخشا-مۇزىكا بىلىملىرىدىن دەرىس بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەسپىي،ئىشتىن سىرىتقى سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە ناخشا،مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ناخشا ،ئۇسۇل مۇزىكىللىرىنى ئاكوردلاشتۇرۇپ،ئاۋازغا ئېلىپ بەردى.ئېلىجاننىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ،تالانتىنى كۆرگەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى 2009-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى ناھىيەلىك مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ئىدارىسى قارمىقىدىكى «كۇچا ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكى»گە قوبۇل قىلدى. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇ خەنزۇچە ناخشا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانماقتا.ئۇ بۇ يىل 7-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90يىللىقىنى تەبرىكلەش كارا ئوك ناخشا ئېيىتىش مۇسابىقىسىدە ئۆزى ئىجاد قىلغان خەنزۇچە ناخشا «ئۆرلە ۋەتەن»نى ئورۇنلاپ،«مۇنەۋەر ناخشىچى»مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.يەنە چىڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن2011-يىللىق خەلقارالىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايرىمىدا ئۆزى ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە«مېنىڭ قۇياشىم»دېگەن ناخشىنى ئورۇنلاپ، 41 دۆلەتتتىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ ھەم بايرام ئىشتىراكچىللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن. ئېلى ئاقنىياز داۋاملىق تۈردە ناخشا،مۇزىكا ئورۇنلاش، زامانىۋىي ئۇسۇلدا مۇزىكا ئىشلەش ،ئاكوردلاشتۇرۇش،ئاۋاز ئېلىش ۋە كومپىيوتېر تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقۇرى پەلىگە ئۆرلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
مەنبە:«ھەسەل ھەرىسى» ۋە «ئەركزات»