21 -ئۆكتەبىر:تۆمۈر پۇتلۇق ئۇيغۇر ئوغلانىنىڭ سەپەر خەۋىرى
21- ئۆكتەبىر تەنتەربىيە خەۋىرى : تارىخىمىزدىكى پالۋانلار ۋە قەھىرمانلار ، مەرد - مەردانە قىز- يىگىتلىرىمىزنى بېقىپ ، پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرگەن غۇلجا غەلقى يەنە ئوت يۈرەك ياشلارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشماقتا .
سۆزىمىزنىڭ دەلىلى: ھەر دەرىجىلىك ئىدارە - ئورگانلارنىڭ قوللىشى بىلەن بارلىق رەسمىيەت ۋە رۇخسەتلەرنى تولۇق پۈتتۈرگەن غۇلجا يولۋىسى دەپ نام ئالغان تۆمۈر پۇتلۇق پىيادە يول يۈرۈش ماھىرى ، قىيىنچىلىققا جەڭ ئېلان قىلغۇچى ئەخەت يۈسۈپ بىلەن شىنجاڭ پۇتبۇل ئەلچىسى (شىمالىي شىنجاڭنى پۇتبۇل تېپىپ پىيادە ئايلانغان) پەخىرلىك ئوغلان دىلشاتلار غۇلجا شەھىرىدىن - ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە بولغان 700 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى پىيادە بېسىپ ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى تاۋلاش بىلەن بىرلىكتە دىيارىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سەپەر ئۈستىدە قېيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ 19- ئۆكتەبىر جىڭ ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدى . ھازىر جىڭ ناھىيىسىدىن 40 نەچچە كىلومىتىرچە ئۇزاپ كەتتى ، قاتتىق يامغۇردا ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق دەم ئېلىۋاتىدۇ .
ھاۋا شارائىتى ياخشىلىنىشى بىلەنلا سەپەرگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئەخەت ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشقان چىمبۇلاق خىزمەتخانىسى خادىملىرى ئەخەت ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە سەپەر ئەھۋاللىرىنى تولۇق ئىگەللىگەندىن كېين ئەخەت ئەپەندى ۋاقىت چىقىرىپ تۆۋەندىكى سەپەر جەريانىدىكى سۈرەتلەرنى يوللاپ بەردى .
20- ئۆكتەبىر كەچتە ئەخەت ئەپەندى ۋە دىلشاتلار يوللاپ بەرگەن يېڭى رەسىملەر تورداشلارغا سۇنۇلدى .
غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بولغان 700 كىلومېتر يولنى تۆمۈر ئاياغ بىلەن پىيادە بېسىش سەپىرىنى باشلىغان ئەخەت يۈسۈپ ھەققىدە ئاز-تولا ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بولۇشىڭلار مۇمكىن ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قەتئى ئېرادىسى ۋە يىڭىلمەس روھى بولۇش بىلەن بىرگە ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ياردىمىدىن ئايرىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . 1
تۆۋەندىكىلىرى ئۇنىڭ غۇلجىدىن يولغا چىققاندىكى ياردەم بەرگەن كارخانا ۋە شەخىسلەر :
1. ئىلى ئوبلاستلىق دادافا تىرانسپورت شېركىتى ئەخەتكامنىڭ بۇ قىتىملىق سەپىرىنى ماشىنا ۋە شوپۇر بىلەن تەمىنلىدى ، دىرىكتور ئابدۇكېرىم ئەپەندى .
بىزنىڭ ئاتاقلىق چاقچاقچىمىز ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن پوتبول ئەلچىسى دىلشات ئەپەندىمۇ ئەخەتكامنى قىزغىن قوللاپ ، ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بولدى .
ھەمدە تۆۋەندىكى ئورۇنلار ئەخەتكامنىڭ ئۇچۇرلا تورىغا (uqurla.com) ، ئېلان بېرىپ ئۇنى قوللاپ قۇۋەتلىدى .
1.غۇلجا شەھەرلىك ئابلاجان نانلىرى
2.غۇلجا شەھەرلىك بەختىيار زەرگەرچىلىك دۇكىنى
3.غۇلجا شەھەرلىك ئالتۇن باشاق تېز تائاملىرى
4.غۇلجا شەھەرلىك كۆك قوشقار تېز تاماقخانىسى
5.غۇلجا شەھەرلىك بەگلىك كىيىم-كىچەكلىرى ,;
6.غۇلجا شەھەرلىك ئۆزگىچە تەم راڭپىزىسى
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقارقى ئەخەتكامغا يىقىندىن ياردەمدە بولغان ۋە ئۇنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىزغىن قوللىغان كارخانا ۋە شەخىسلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ۋە مىننەتتارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئەخەتكامنىڭ سەپىرىگە يىقىندىن دىققەت قىپ كېلىۋاتقان ئۇنى قوللاپ مەدەت بېرىۋاتقان كەڭ تورداش قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ رەھمەت ئېيتىمىز. بولسا تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ تېلفۇن ئارقىلىق بولامدۇ ئۇنىڭغا روھى جەھەتتىن ئىلھام بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز . -
ئاخىردا ئەخەتكامنى قوللىغان ۋە قوللاپ كېلىۋاتقان بارىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا يەنە بىر قېتىم كۆپتىن كۆپ رەھمەت .
ئەخەت يۈسۈپ : 13399999007 www.uqurla.com