چۈشەنچە: مەزكۇر تېما ئاپتورىنىڭ تەلىپى شۇنداقلا ئەسەرنىڭ ئىھتىياجى، مۇنبەرداشلارنىڭ ئەسەرنى ئوقۇشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئەسەرنىڭ داۋامى قوشۇۋېتىلدى ياكى ئۇلىنىش ئارقىلىق كېيىنكى بەتلەردىكى داۋامى كۆرسىتىلدى. ئەسەر داۋامى يەنىلا ئۇلىنىش قىلىش ئارقىلىق 2-قەۋەتتىكى ئىنكاس ئاستىغا بېرىلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاس ئورنىدىن ئىزدىمەي، 1-بەت 2-قەۋەتتىكى "داۋامىX " دېگەن سۆزنى بېسىپلا ئېچىپ كۆرۈڭ. __ باشقۇرغۇچىدىن
__________________________________________________________
بۈگۈن باشقىلارغىمۇ تاڭ ئاتتى ، ماڭىمۇ شۇ . يالغۇز ئۆيدە قانچىلىك يىغلىغىنىمنى ، قانچىلىك ئازابلانغىنىمنى بىر ئۇلۇغ ئاللا بىر ئۆزەم بىلىمەن .
بۇرۇن دوسلىرىم مۇشۇنداق يىغلىسا قاقاقلاپ كۈلۈپتىكەنمەن ، ئەرزىمدۇ ؟ دەپتىكەنمەن ، ئەمدى ئۆزەمگە شۇ سوئالنى قويالمايۋاتىمەن ، تۇنجى مۇھەببەتنى باشقىلارغا ئوخشاش ئالى مەكتەپتە ئۆتكۈزۈپتىمەن ، بىراق ئۇزۇن يۈرمەيلا ئايرىلىپ كەتتۇق ، سەۋەبى، بىر تەتىل كېتىپلا باشقا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان يۇرتدىشى بىلەن پويىزدا ‹ لاڭمەن › مۇھەببەتلىشىپتۇ ، دېيىشچە ئاپىسى ئۆز يۇرتىدىن ئەتكەن چاينى ئوخشىتىپ ئېتەلەيدىغان قىز ئېلىپ بېرەرمىش، يول ئـــــــــۇزۇن ، خۇدايىمغا بەك ئامانەت دەپ ئۇزىتىپ قويدۇم ، قىزلارغىمۇ مەن ئايرىلىپ كەتتىم دەپ يۈرسەم ھېلقى دەلتىنىڭ توبا باش مۇھەببىتى كەچتە ياتاققا كىرىپتۇ ، يوغان مەندىن كەچۈرۈم سوراپ ، قىزلارنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىدىن شۇنداق نومۇس قىلىپ ئولتۇرسام دوستۇم :
- قاراڭ ، ئادىلەچۇ ، ئېلشاتنى سىلەرنىڭ ياتاقتىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن پىرقىرتىپ ، ئەخلەت ساندۇقىدىن تېرىۋېلىپ ئىشلىتەمسىز تاشلىۋېتەمسىز كارىمىز يوق ، ئېلشاتنى بۇرۇندىن ياراتمايتتۇق بىز، ئۆزىڭىز شۇنداق چىرايلىق ، چاچلىرىڭىز سۇمبۇل ، قانداق بۇلۇپ يۈرۈپ قالدىڭىز ؟
- شۇ ، ئەمدى پويىزدا بىللە ماڭغان كەلگەندىمۇ بىللە كېلەيلى دېگەنتى، شۇڭا ، شۇ ئارلىقتا .........
- ئاداااااش ، ئۆچىرە توكنى ، ئۇخلايمەن مەن ، ما ياتاقنىڭ ئىچى بۇنداق پۇرىمايتتى، قىزلار قايسىڭلار ئىشلەتتىڭلار بۇنداق سېسىق ئەتىرنى ؟ -- توبا باشنىڭ گېپى تۈگمەستىنلا دېدى قارىمايلىق شەھىدە. قىزلار پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى ، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلىۋەردىم ، ئاخىرى گەپ قىلىدىغان ئادەم تاپالماي ئۆزى بىلەن ئۆزى خوشلاشقان بۇلۇپ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئەمدى يېپىشىغا قىزلار شۇنداق سەت بىر چىقىرىشىپ كۈلگەنتى ئۆزەممۇ تەڭ قۇشۇلۇپ چىقىراپتىمەن ، قىزلارغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام ، يەنە شۇ ۋات-ۋات شەھىدە .
-ئاداش، ئېلشاتنىڭ سىنىپىدىكى ھېلقى قارىمايلىق قوشماقلار بارغۇ، شۇنىڭ ئۇكىسى ئۆتكەندە سېنى مابىتى بارمۇ دېگەنتى ، ئەتە چىقىپ بىللە تاماق يەمدۇق يا ؟ -دېيىشىگە ، توقسۇنلۇق زۇلپىيە قوپتى :
-ئاتــــــام ، ھەي بىرمە، ماڭا تونۇشتۇرماقچىتىڭغۇ ؟
- ئۇخلاڭلار قىزلار ، ئەتە نامازغا قوپالمايدىكەنسىلەر ، .
ئۇنى بۇنى دېيىشىپ ئۇخلىغان بولدۇق ، يوتقانغا كىرۋېلىپ يىغلىدىم ، ئۇ ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى سۆيۈملۈك ياتاقداشلىرىم ئۈچۈن، بۇرۇن كۆڭلىگە ئازار بېرىپ ئۇنى مەينەت، بۇنى دەرس ئۇقمايدۇ دەپتىكەنمەن ، مانا سېزىپ سەزمەيلا قېرىنداشتەك بۇلۇپ قاپتىمىز، مەن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ غەزەپلەنگىنى،.....
شۇنداق بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئالى مەكتەپنى شۇنداق كۆڭۈللۈك پۈتتۈرىۋالدىم ، سىنىپتا جەمىئي 17 بالا دېپلوم، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالالمىدى ، مەن بولسام تولۇقلىما ئىنتاھان دېگەننى بۇلىشىغا بېرىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىنتىھانىغا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق كېچىكىپ دېگەندەك ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ساق - سالامەت دېپلۇم ئالالايدىغانلار قاتارىغا تىزىلدىم،
دېپلومنى مەكتەپتە ئوقۇغاندىكىن، ئىنتىھاندىن ئۆتكەندىكىن بېرىۋېرىدىغۇ دەپتىمەن ، ئۇففف ، بەك ئىشى تولىكەن ، پالانى بىنانىڭ مانچىنچى قەۋىتىگە چىقىپ ، ما تامغىنى ئۇرغۇزۇپ ، ئاندىن پالانى فاكۇلتۇتقا كىرىپ بىر رەسمىيەتنى ئۆتەپ ...... دېگەندەك . ئەتىگەن سەھەردە پالاقشىغان ئادەم ، ئاشۇ ئىسسىقتا چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشەي دېگەندە ئاران ئاپتىمىز .
دېپلومنى ئېلىپلا يەرگە قويۇپ نەچچىنى دەسسىۋەتسەم ، ئا دېپلوم تارقىتىدىغان يولداش:
- باشقىلار خۇشاللىقىدا سەكرەپ كەتسە ، سەن نېمە دەپ دەسسەيسەن دەيدۇ ،
- مۇشۇ بىر نېمىنى دەپ مەن بۈگۈن قانچىلىك جاپا چەكتىم ، ئاتا-ئانام قانچىلىك جاپا چەكتى؟؟ - دېسەم ، ئــــــو ، دەپ ئولتۇرۇپ قالدى،
نەنسەنگە چىقىپ ئولتۇرۇشۇپ . يىغلىشىپ دېگەندەك ، شۇ سۆيۈملۈكلەر بىلەن خوشلاشتۇق.
جەمىئەت داشۆسىگە داغدام قەدەم تاشلىدۇق .
چىقساملا خىزمەت بارغۇ دەپ بەك ئىشەنگەنتىم ئاشۇ تاغامغا ، ئۇنداق ئاددى ئەمەسكەن ، بىرىنجى بۇلۇپ بېشىمنى قاتۇرغىنى ئۆي مەسلىسى بۇلۇپ قالدى، ئوقۇۋاتقاندا ئاپام ئۆي ئوقۇشقىن ، مۇۋاپىق ئۆي بولسا ئۆي ئالايلى دېسە ، ئاپام دادامدىن ئاجىرشىش نىيىتىدە شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپتىكەنمەن ، ئەمدى ئۆزەم نەگە بېرىشىمنى بىلەلمىدىم ، يانچۇقتا پۇل بار دەپ ، خەقنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ياتقىلى بولمىسا يا، ئاخىرى بىر دوستۇمنىڭ ئاچىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر نەچچە قىز بىرلىشىپ ئولتۇرماقچى بولدۇق،
ئۆينى تېپىپ ، كۆچۈپ كىرگىچە بىر ئۆي تۇتماقنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلدىم ، 100كىۋادىرات ئۆي 1000يۈەن ، ئۈچ ياتاق ئۆيدە ئۈچىمىز تۇرىمىز، ئۆي شۇنداق پاكىز ، چىرايلىق، ئەمدىكى مەسلە خىزمەت تېپىش، ھە دەپ خىزمەت تاپاي دەپ يۈگرەپ يۈرسەم دادام كەلدى، نەدە تۇرۋاتىسىز، قانداقراق ئادەم بىلەن تۇردىڭىز دەپ كەپتۇ بىچارە دادام .
كېلىپ ئۆي ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بىر يىللىق پۇلنى بىراقلا تۆلەپ بېرىپ ، خىزمەت ئىشىمغا ماڭىمەن دەپ ، تاغامغا شۇنچىۋالا پۇلنى تۇتقۇزۇپ ، قولۇمغا يەنە پۇل بېرىپ، قىزلاردىن ئۆينىڭ پۇلىنى ئۆزىڭىز ئېلىپ خەجلەڭ ، ما پۇلنى يېنىڭزغا يوق دەپ قويۇپ قويۇڭ ، دەپ ئۆينىڭ كام نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ ئېلىپ بېرىپ كەتتى.
*** ***
داۋامى:
دادام ھەممىنى تەييار قىلىپ بېرىپ كەتتى، تاغام بىر ئىككى ئايدا ھەل بۇلىدۇ دېگەچكە بىكار ئولتۇردۇم ، كۈندە ئۆيدە بىكار، قىزلارمۇ .ئۆز خىزمىتى بىلەن ئالدىراش، كىم بىكار ،مەن بىكار، بىكارچىلىقتىن دوستۇمنىڭ دوسلىرى بىكەن تونۇشۇپ جەمئىيەتتە دوسلىرىم كۆپىيىپ كەتتى، ئويۇنچى بۇلۇپ كەتتىم، نەگە بارىمىز دېسە كافىيخانا . ئۆيگە ھەممىنى ئەكىرۋېلىپ ئولتۇرىمز، ئۆزەمچە شۇ ۋاقىتتا كۈنلىرىم شۇنداق كۆڭۈللۈك ، خاتىرجەم، مەنىلىك .
قىزلار ئوغۇللارنىڭ گېپىنى قىلىشىپ ئۇچرىشىپ يۈرسىمۇ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى، بەزىدە مېنى تاڭسىڭ ، ‹同性恋› دەپ زاڭلىق قىلاتتى، ئاداش ، سەن مۇشۇنداقلا ئۆتەمسەن دەپ جىلە قىلىپ دېگەندەك ، ئۇنى-بۇنى قىلىپ چاي باشلىۋالدۇق ، 8قىز بالا ، دىبادا ، ياكى تاماقخانىلاردا ئۆتكۈزىدىغان بۇلۇپ دېيىشتۇق، بۇرۇن دىبا دېگەنگە شۇنداق ئۆچتۈم ، چاي باھانىسىدا كىرىپ ئۇ يەرگىمۇ كۆنۈپ قالدىم ، بۇرۇن ئۆچ ، ئۇنداق يەرگە كىرگەن قىز بالىنىمۇ بۇزۇق دەپ ئويلايدىغان مەن ھازىر ئۆزەم پۇل چىقىرىپ ئاپىرىپ ئولتۇرۇپ كېلىدىغان بولدۇم .
ئۇ يەردىكى قىز بالىلارنىڭ ھاراق ئىچىپ قىلۋاتقان رەسۋالىقى ، ئوبۇرنىدىكى ئىس-تۈتەك، تېشىدىكى تۇرۇپ كەتكەن ماشىنىلار.... ، يا ئىچمىسەم ، يا چەكمىسەم شۇ ئولتۇرۇپ شۇلارنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈش پەقەت.
بەزىدە قىزلار بىلەن ئولتۇرسام جوزىمىزغا ئوغۇللار كېلەتتى ،
- تونۇشۇپ قالساق بولامدۇ ؟
-تانسا ئوينايلى،
قىزلار تونۇشۇپ ، ئىچىپ تېلفۇن نومۇرىنى يېزىشىپ ئولتۇرۇپ كەتسە ھەيرا قالاتتىم، مېنى تانسىغا تارتسا ئىتتىكلا دوستۇمغا قارايتىتىم، ئۇ :
- مەن ئويناي، ئۇ بىلمەيدۇ.
سەھنىدە ئويناۋېتىپ شەرەت قىلىپ مېنى تىللايتتى، مەن كۈلۈپ زاڭلىق قىلىپ ئۆزەمنىڭ ئولتۇرىشىنى بىلەتتىم.
ئاياللار بايرىمى كۈنى ، بىر دوستىمىز كابانادا چاي قىلدى، شۇنداق كۆڭۈللۈك ئولتۇرساق يېنىمىزدىكى جوزىغا بىر توپ ئوغۇللار كېلىپ ئولتۇرۇشتى، بىردەمدىن كېيىن، دېسكو چىقىپ ھەممىمىز ئوتتۇردا دېسكو ئويناۋاتساق، بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ بىللە ئوينىدى، بىز يا تونۇمىساق ، دەپ خۇيۇم تۇتۇپ ، ئورنىمغا كېلىپ ئولتۇرۋالدىم ،
- ئاداش، بىزنىڭ تونۇش بالىلار، سەنشىخاڭزىلىق، دەششەت ياڭزىسى بار، ما يەردىن ساق -سالامەت چىقۋالايلى، قاپىقىڭنى تۈرۋالمىغىنە.
ئارىدىكى سېمىزراق بىرسى ئارقا-ئارقىدىن مېنى نەچچە قېتىم تانسىغا تارتىپ تۇرۋالدى، قوپمىسام، يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ :
_ ھەي، مالارنىڭ ئارىسىدا سەن خېلى تۈزۈككەنسەن ، ماڭا ماسلىشىپ گەپ قىلماي ئولتۇرشۇپلا بەر، ئا ئېگىز بالا سېنى سورىغانتى، سېنى مېنىڭ تونۇشۇم ئاكا دەپ قويدۇم ، -دەپلا يېنىمغا تېخىمۇ سۈرۈلۈپ ئۇنى دەپ ، بۇنى دەپ ئولتۇردى...
داۋامى:
ئەسلى تېلفۇننى قويۋېتەي دېگەن ، ئۆزەمنى شۇنداق تۇتۋېلىپ ۋاقىراش-جاقىراشلىرىنى ئۆزەمنى ئاڭلاپ تۇردۇم، بىردەم بولغاندا سەل بېسىقتى،
- گېپىڭىز تۈگدىمۇ؟ ئەمسە مېنىڭكىنى ئاڭلاڭ ، مەن سىز ئويلىغاندەك قىز بالا ئەمەس، مېنىڭ دوسلىرىممۇ ئويۇنچى بولغان بىلەن يامان يولدىكى ياكى مېنى يامان يوغا باشلايدىغان قىزلارمۇ ئەمەس، مەيلى سىز ماڭا قانداق ئويدا بولۇڭ، بۇ ئويىڭىزنى قايتۇرۋېلىڭ ، مەندە سىزگە نىسبەتەن ھۆرمەتلا بار ئىدى، ئۇنىمۇ يوق قىلدىڭىز. ئاللاھدىن تىلەيمەن، كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئۆتۋاتىدۇ، بىر تۇرۇپ مەنىلىك ھېس قىلىمەن بىر تۇرۇپ ئۆتۋاتقان كۈنلىرىمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ، سىزگە باشقىچە تەسىر بەرگەن بولسام كەچۈرۈڭ....
- سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .
شۇ ھامان ئېلشات بىلەن ھېلقى توبا باش مابىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى، نىمىشقىكىن كۆزۈمگە يىغا ئولاشتى،
- قارا، سېنى ئۇ قىزلارغا ئوخشاتقان بولسام ئاشۇ كۈنى بىردەملىك ئىش ئۇ، سەن راس ئۇلارغا ئوخشىمايدىكەنسەن، كۆزلىرىڭ بىر نەرسىدىن ھۈركىگەندەك چۆچۈپلا ئولتۇردۇڭ، بۇ قىز بالا بۇ يەرگە نىمە بوپ كىرىپ قالغاندۇ دەپ ساڭا يېقىنلاشتىم، بوپتۇ ، مەنمۇ دېمىگەن بولاي، لېكىن ما ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداقلا يۈرسەڭ سەنمۇ ئوخشايسەن تۆت كۈندە، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۇ رەپ-رەپ لەر بىلەن ئارلاشما، ئۇلار سېنىڭ پۇلۇڭنى دەپ سەن بىلەن.....
گېپى تۈگمەيلا تېلفۇننى قويۋەتتىم، دوسلىرىمنى تىللىغانغا ئاچچىقىم كەلدى، نەچچە كۈنگىچە پوق يەۋەلغاندەك يۈردۈم،.
كۈنلىرىم يەنە شۇنداق ، چۈش بىلەن قوپىمەن، تاماق يەيمەن ، ئۆينى يۇغۇشتۇرۇپلا كومپىيۇتۇرنى ئاچىمەن، ئولتۇرىمەن، كەچتە قىزلار ئۆيگە كېلىدۇ يا بىر يەرگە بارىمىز يا ئۆيدە قەرت ئوينايمىز....
تاغامدىن تېخىچە خەۋەر يوق، تېلفۇن قىلسام ئۇ بايرام تۈگكەندە، بۇ دەم ئېلىشتىن كېيىن لا دەيدۇ.، يەنە خەۋەر يوق.
سېمىزمۇ شۇ پېتى يوقىدى، بىر كۈنى دوستۇم ئوقۇتقۇچلىق ئىنتھانىغا تىزىملاتماقچىتىم، بېرىشىپ بەر، دېدى، ئۈچ قىز پېچەت ياسىنىپ پەلەمپەيدىن چۈشۋاتساق ناتونۇش بىر نومۇردىن تېلفۇن كەلدى.
شۇ ناتونۇش نومۇر بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدىغىننى ئويلىماپتىكەنمەن .
*** ***
داۋامى :
-ياخشۇمىسىز؟
- ھە ، مەن ياخشى ، كىمۇ ؟؟
- مەن كامىل . ئۆتكەندە كابانادا دوستىڭىزدىن نومۇرىڭىزنى سورىسام ھە دەپ بەرگىن دەپتىكەنسىز ، شۇ ۋاقىتتا...
- قايسى دوستۇم ؟
- رەنا، كەيفاچۈدىكى،
- مەن بىرەرسىگە نومۇرىمنى دەپ بەر دېمىدىم ، -
- سىز دەپ بەر دېمىگەن مەن سوراپ بىلۋالغان .
رەناغا نومۇرۇمنى بىرەرسىگە دەپ بەر دېگىنىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم ،
- بىر يەرگە ماڭغانمىتىڭىز؟
-قانداق بىلۋالدىڭىز؟
-پەلەمپەيدىن چۈشۋاتقاندەك قىلىسىلەر، شۇڭا سورىدىم ،
- ياق ، ئۈستىگە چىقۋاتىمىز، دېيىشىمگە دوستۇم ۋاقىرىدى ،
- يالغان سۆزلىمىسەڭ بولمامدۇ ھەي!! ئۇنىڭغا سەت ئالىيىپ قويدۇم
- مەن ئاپىرىپ قويايمۇ ؟
- بولدى ،، تاكسى توسۇپ بارىمىز،
- بەرىبىر تاكسى توسالمايسىلەر، قاتناش بەك قىس، بۇ سوغۇق ھاۋادا، مەن ماشىنامنى ھازىر يۇغۇزۇپ چىققان ، باشقا ئىشىم يوق ، ئاپىرىپ قوياي،
- مەيلى ، 3- دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تېلفۇن قىلامسىز؟ لېكىن بەك ساقلاتماڭ ، ئالدىرايتتۇق،
- ماقۇل.
يولغا چىقىپ تۇرساق ئاق ماشىنىدىن بىرسى كېلىپ توختىدى، كەينىگە چىقىشقا تەمشىلىپ تۇرسام ، ۋات-ۋات دوستۇم:
-ۋايجان ئاداش، قىشلىق كىيىم بىلەن قىستىلىپ يۈرەىچە ئالدىغا چىقە.
سالام قىلىشىپلا ئالدىغا چىقتىم، دوستۇم ئىككىسى كەينىدە، ئۇنىڭغىچە ئۇ بالىغا تېلفۇن كەلدى، دوستۇمغا ، سەن كۆرگنمۇ دېسەم ، كۆرگەندەك قىلىمەن ، كابانادا رەنا بىلەن سالاملاشقان .
ئۇف .، نومۇرۇمنى راست رەنا دەپ بېرىپتۇ دە، دەپ ئويلاپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ تېشىغا قاراپ ئولتۇرسام ، يېنىمىزدىن بىر ماشىنا شۇنداق سەت يانداپ چىقتى، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، ئىسمىنى كامىل دەۋاغان بۇ يىگىت ئەينەكنى چۈشۈرۈپ بىر نەرسىلەرنى دېيىشتى،
ئۇ دەل ھېلقى سېمىز ئىدى، ‹ تۈگەشتىم . ئەمدى مېنى ئۇدۇل خوڭيەنچىغا ئاپىرىپ ئېسىپ قويىدىغان بولدى، قېچىپ يۈرۈپ ئاغىينىسى ئارقىلىق تۇتۇلدۇم › دەپ قورقىنىمدىن تىترەپ كەتتىم،
-ماشىنىنى توختىتىڭ !!
-نېمە بولدى؟
- توختىتىڭ !!!!
شۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى . ئاق سېرىق كەلگەن، ئۆزىنى تۇتۋالغان ، تەمكىن چىراي ئەجەپلەنگەن ھالدا ماڭا قاراپ تۇراتتىئ
- بۇ يەردە ماشىنا توختاتقىلى بولمايدۇ ،
- توختاتمىسىڭىز سەكرەيمەن . ئىشىككە ئېسىلدىم .
-ئىشىك ئېتىك . ئالدىمىزدا سەل چەتتىرەك توختىتىپ بېرەي ، ياندۇرامسىز ؟؟؟
شۇنداق جىلە بولدۇم ، بىلمەسكە سېلۋالغىننى، سېمىز بىلەن بىرلىشىپ مېنى بىر يەرگە ئېلىپ بېرىپ يا بىر نېمە قىلىشىسەن ، يا ئۆلگۈچە ئۇرىشىسەنغۇ شۇ !!!
ماشىنا يولنىڭ چېتىدە توختىدى، كەينىدىكى ئىككىسىگە چۈشۈشكە شەرەت قىلۋېتىپ ، ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىپ ئالدىرماي دېدىم :
-ئاغىنىڭىزغا دەپ قويۇڭ ، مەن ئۇنىڭغا ھېچ يامانلىق قىلمىدىم، ماڭا بۇنداق تىكو ئوينىغۇدەك مەندە نېمە ئۆچى باركەن ؟ قىزلارنى بۇزۇق دەپ تىللايسىلەر ، شۇ بۇزۇق قىزلارنىڭ كەينىدە مۇشۇنداق قىلتاق قۇرۇپ سىلەرگە نېمە بار ؟ ئاچىڭىز بارمۇ ؟ سىزنىڭ ئاچىڭىزغا كىچىككىنە بىر ئوقۇشماسلىق سەۋەبىدىن بىرسى مۇشۇنداق تىكو قۇرسا سىز نېمە بوپ كېتىسىز ؟ سېمىزگە دەڭ ، ئەگەر ئاچچىقى بولسا ھازىر مۇشۇ يەرگە كېلىپ گېپىنى قىلسۇن ، سىز ئارقىلىق مېنى نېمە قىلماقچىكەن ؟؟
- نېمە دەۋاتىسىز ، چۈشەنمىدىم،
- چۈشەنمىگەن بولسىڭىز مەيلى ، بوپتۇ ئەمسە ئاۋارە قىلدىم رەھمەت .
ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى شۇنداق قاتتىق يېپىپ چۈشۈپ كەتتىم. بايا ھېلقى سېمىىزنى دوستتۇممۇ كۆرۈپتىكەن ، لېكىن ئۇ :
- ئاداش، يا تونۇشىدۇ يا شۇنداق ئۇدۇل كەپ قالغاندۇ ، بەزى ئىشلارنى بەك ئاشۇرۋېتىدىكەنسەن، سېمىزنىڭ سېنى بىر نېمە قىلغۇسى بولسا بىردەمچىلىك ئىش، ئەمدى مۇشۇ يەردىن قانداق ماشىنا توسىمىز ؟؟
ھەر كاللىدا ھەر خىيال ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئالدىراۋاتىدۇ ، بىر بىرىمىزگە گەپمۇ قىلىشماي دۈگدۈيۈپ تۇرساق ، تېلفۇنۇم جىرىڭشىدى، قارىسام بايىقى نومۇر، دوستۇم ئىتتىكلا تېلفۇننى ئېلىپ :
- قاراڭ ، بايا ما دوستۇم سىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتۇ . بايا سىز بىلەن سالاملاشقان ھېلقى سېمىز بالا بارغۇ، ھە ، شۇ سېمىز بالا بىلەن سىزنى بىرلىشىپ ئۆزىگە قىلتاق قۇرۋاتىدۇ ، دەپ ئويلاپتىچۇ بۇ يىشۇ دوستۇم، بۇ قىز بالا ئەسلى دول بودىلاردىن قېلىشمىغىدەك ھوشىيار.. . ئاراڭلاردا ئوقۇشماسلىق بوپتۇ، خاپا بولماڭ ، سىزمۇ يىراققا كەتمىدىڭىز ھە قاچان ، بىزنى دىككىدە ئاپىرۋېتەمسىز؟؟؟؟؟؟؟ ، ھە ماقۇل ماقۇل ، ئاشۇ سىز چۈشۈرۈپ قويغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ساقلايلى .
تېلفۇننى قويۇپ دوستۇم بىر مۇنچە سۆزلىدى، مېنى گۇمانخور، قانچىنچى ئەسىردە ياشاۋاتىسەن، مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتەمسەن... دېگەندەك . ماشىنا توسالمىغاندىكىن ئامال يوق ئەگەشتىم .
*** ***
ئاق ماشىنا بىردەمدىلا كەلدى، ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي كەينىگە چىقىپ ئولتۇردۇم ، دوستۇم خۇددى كونا تونۇشلاردەك پاراڭلىشىپ ماڭدى، شۇنداق تەستە بىر باردۇق ئۇ يەرگە ، ماشىنىدىن چۈشۋاتساق :
- مەن ئاۋۇ تەرەپتىن ماشىنامغا سايمان ئېلۋالاي، سىلەر ئىشىڭلارنى تۈگۈتۈپ تېلفۇن قىلامسىلەر ئەمسە؟ ئاغىزىمنى لۆمشىتىپ گەپنى چىقىرىپ بولىشىمغا ئا ۋات ۋات دوستۇم :
-ۋىيەي ئەجەپ ياخشى. ماقۇل ماقۇل ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق ھە سىزنى . خوش ھېلى كۆرۈشەيلى.
كاللامدا بۇ راست ئويۇن ئەمەسمىدۇ ؟ ئۇدۇل كەپ قالغانمىدۇ ؟ شۇلا خىيال ، ئۆزەم بەش يىل ئوقۇغان مەكتەپنىڭ قايسى بىناسىدا ئىنتھانغا تىزىملىتىدىغاننىمۇ ئاڭقىرالماي تۇرسام ، ۋات ۋات يەنە سۆزلىدى :
- جېنىم ئاداش ، كاللىڭىز ماشىنىنىڭ ئىچىدە قېلىپ قالمىغاندۇ ؟ سىزنى باشقا يەرگە ئاپىرىپ قويمىدى شۇ دېگەن يېرىڭىزگە ئەكەلدى مانا ، يەنە نېمانداق تۈگمەيدىغان ئەندىشە ئۇ ؟؟ ( ئادەتتە تەنە گەپ قىلىشساق سىز دېيىشەتتۇق )
بولە تېز ، تىزىملىتۋېتىپ چىقايلى، كەچتە مەن بىر يەرگە بارىمەن .
ئۇ بىناغا ، بۇ بىناغا قاراپ يۈرۈپ تاپتىم ، ئادەممۇ بەك جىق ئەمەسكەن تىزىملاپ ھەممە ئىشىنى تۈگەتتۇق ، كۆڭلۈمدە ئۇ بالىنى ساقلىماي ئابتوبۇستا بولسىمۇ قايتىپ كېتەرمىز دەپ ئويلىدىم ، مەكتەپ ئالدىغا چىقساق كەينىمىزدىن بىرسى سىگىنال بېسىۋەردى، قارىساق ئاق ماشىنا .
- كەپ بولغانمىتىڭىز ؟ دېدى ۋات ۋات .
- ھە ، بايا كەلگەن ، سىلەرنى ئالدىراپ قالمىسۇن دەپ تېلفۇن قىلمىدىم ، تىزىملاتتىڭلارمۇ ؟
- ھە ، تىزىملىتىپ بولدۇق ، ساقلىتىپ قويدۇق سىزنى ،
- ھېچقىسى يوق، ئادەم كۆپمىكەن ؟
- ياق ئانچە ئەمەس، .
بايىقىدەك جىددىيلەشمىدىم، قورقمىدىم، ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن ئەسكى بالىلاردەك قىلمايتتى .
*** ***
دوسلىرىم بىلەن كامىل شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتى، مەن بولسام بۇ بالا قانداق بۇلۇپ بىزگە بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ؟ نېمە مەقسىدى باردۇ ؟ شۇ خىياللاردا.
- دازەيگۇ تەرەپتە بىر پولوخانا بار ، شۇ تەرەپتىن پولو يەپ كېتەمدۇق ؟؟
- ۋاااااا، سىز نېمانداق ياخشى، ئادىلە بەك ئامراقكەنتۇق ئۇ يەرنىڭ پولوسىغا، دائىم بىزگە بېرىپ يەپ كېلەيلى دەييتى، لېكىن ئارلىق يىراق ، پولونى يەپ ئۆيگە كېلىپ بولغىچە قورساق يەنە ئاچىدىغان گەپ دەڭە ،
ۋات-ۋات دوستۇمنىڭ بۇ گېپىدىن ھەممىمىز كۈلۈشۇپ كەتتۇق ، تاماق يەپ قايتقۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇ ئاساسەن دوسلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى، ئۇ ئىككىسى بىزنى ‹ بەخىت گۈللۈكى › دە تاشلېۋېتىپ كېتىڭلار دەپ شۇ يەردە چۈشۈپ قالدى . ئۇنىڭغىچە يول دېگەن قىستاڭ ،‹ قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسى› (ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق ئالدىمغۇ ) ۋاقتى بۇلۇپ قالدى.
- ئادىلە ،
-ھە؟؟؟؟؟
-ئالدىغا چىقۋېىلىپ ئولتۇرۇڭە ،
-بولدى ئولتۇرېۋېرەي،
-ئالدىمىزدىكى بېكەتتىن ماشىنا توسالماي تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار بولسا ئېلۋالايلى، بۇ سوغۇقتا بەك تۇرۇپ كېتىدۇ بولمىسا.
ئۆزەمچە مېنى پاراڭلىشىپ ماڭايلى ،دەمدىكىن دەپ نازلىنىپ كەتسەم ، ئەجەپ خىجىل بولدۇما ؟ ؟
گەپ قىلماي ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردۇم ، ئۆزەممىغۇ بۇرۇندىن ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتىم . بېكەتتە ئوتتۇرا ياشلىق بىر-ئەر ئايال قولىدا تاماق قاچىسى كۆتۈرۋالغىنىچە ماشىنا ساقلاپ تۇرغانكەن ،
دەرىزىنى چۈشۈرۈپ مەن تەرەپكە سوزولۇپراق ، ئۇلارغا دېدى :
- ئاكا ، نەگە باراتتىڭلار ؟؟
-ئىككىنجى دوىتۇرخانىغا،
-چىقىڭلار، ئاپىرىپ قويايلى
سەل ئىككىلىنىپراق ماشىنىغا چىقتى :
- ئۇكام پۇلنى ھازىر دېيىشېۋالايلى، قانچە پۇل ؟؟
- ئاكا مەن كىرا قىلمايمەن ، قارىسام قولۇڭلاردا تاماق قاچىسى باركەن، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ماشىنا ساقلاپ تۇرۇپ قالمىسۇن دەپ ئالغاچ ماڭدىم
- . ۋىيەي ، ئەجەپ ياخشى بالىلاركەنسىلەر، ئۆتكەندە بىر ماشىنىغا دېيىشمەيلا چىقىپ قاپتىكەنمىز، 20 سوم ئالدى قاراڭ ساقام ، شۇڭا، سەل ....
- دېگىنىڭىز توغرا ھەدە، مۇشۇ قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئادەملەر كىرا قىلىپ 10كويلۇق يولغا 20كوي ئالىدىكەن ، مۇشۇنداق قىلسا ھۆكۈمەت تۇتمامدۇ ؟ قارا تاكسى دېگەن ئالدى بىلەن ما پۇقرانىڭ ، خەلىقنىڭ قوللىشىغا، ياقتۇرىشىغا ئېرىشۋالسا ھۆكۈمەت يوقىتىمەن دەپمۇ يوقىتىپ بولالمايدۇ ، ئۇنداق قىلسا خەق بىر چىقا ، ئىككى چىقا، بۇلىغاندەك ئالسا، شۇ ئاچچىقى كېلىپ بولسىمۇ تۇتۇپ بېرىدۇ، ماسلاشمايدۇ شۇ ،
-شۇ شۇ ئۇكام .
ۋاي توۋا ، مىڭ توۋا، ئىچىمدە نەچچە مىڭ توۋا دېگەچ بۇ بالنىڭ چىرايىغا قارىۋەتتىم ، دۇرداننىڭ پولوسىغا ئامراقلىقىمنى قانداق بىلگەندۇ ؟ مېنىڭمۇ دەل مۇشۇنداق ئويلايدىغىنىمنى بىلىپ قېلىپ دەۋەتقانمىدۇ ياكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇدۇل كېلىپ قېلىشمىدۇ ؟
ئىچىمدە تېخى ئۆتكەندە بولغان بىر ئىشنى ئويلىدىم :
ئاپام يېشىك ساپتىكەن ، ئالغىلى سەل ۋاقچە چىقىپ قاپتىمەن ، ھازىر ئۇنداق بۇرۇنقىغا ئوخشاش سىز نەدە، مەن بېرىپ ئېلۋالاي دەيدىغان ئىشلار قالماپتۇ، ‹ لوقمان تاللا بازىرى › دەپ بىر يەر ئېچىلىپتۇ . شۇ يەردىن 3 يۈەن تۆلەپلا ئېلۋالىدىكەنمىز ، يېشىكنى ئېلىپ خىيالى ماشىنىدىن بىرنى توسۇپ ، 3-دوختۇرخانىنىڭ يېنىغا دەپ ئولتۇرۇپ بىردەمدىلا كەپ بولدۇق ، شوپۇرغا ئەدەپ يۇزىسىدىن قانچە پۇل دەپ سورىسام :
-10 كوي خان
- قانچە؟؟
- 10 كوووووي!!
- ۋوي ، ما سومكامدا پىچاق بار ، بېرەي ، مېنى بۇلاپ باقامسىز يا ؟؟؟ مېنى ما ئۈرۈمچىگە ھازىر چۈشتى دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسىز ؟
- ھازىر ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى،
-ھەجەپ تاكسىنىڭ ئۆسمەپتا ؟ ماشىنىڭىز گازلىق ھەقاچان ، يا بىرەر يەرگە باج تاپشۇرمايسىلەر ،مۇشۇنداق قىلىپ دەپ يۇقۇردا ئا بالا دېگەن گەپلەرنى دەپ 10كوينى بېرىپ :
- ماقا ئەمسە ، كەچكىچە خۇدايىم ماشىنىڭىزنىڭ چاقىنى تىشۋەتمەيراق ماڭاسىز.، مەن بەرگەن پۇلۇمغا رازى .
شۇلارنى ئويلاپ ئولتۇسام كەينىدىكى ئاچىمىز گەپ باشلاپ قالدى:
-ئۈرۈمچىدە قاتناشقا ھېلىمۇ چىدايدىكەنسىلەر جۇمۇ ئۇكام ، يائاللا ، بالامغا ‹ بالام ، بولدى ئابتوبۇس ساقلايمەن دېگۈچە داداڭنىڭكىگە ئوخشاش توكلۇق موتۇدىن بىرنى ئېلۋالساڭ بولمامدۇ ؟ › دېسەم ئۇنىمىدى ، مانا ، سىلەرغۇ ياپياش تۇرۇپ ماشىنا ئېلۋاپسىلەر، ئەر-ئايال ئىككىلەڭلارغا ئەپلىك بوپتۇ ، باشقىلار قانداقمۇ قىلار ، ما دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان تاماق ھازىر نېمە بۇلۇپ كەتتى مانا.....
بىزنى ئەر-ئايال دېگىنىدىن شۇنداق نومۇس قىلدىم ، كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ، ‹ مەن تېخى بۈگۈن كۆرۈشۈم ما بالىنى › دېگىلىرىم كەپ كەتتى،
ئۇ بولسا خىيالى كۈلۈپ قويۇپ بىردەم بىردەم ئۇلارغا گەپ قىلىپ قويۇپ ماشىنىسىنى ھەيدىمەكتە، شۇنداق تەستىمۇ باردۇق ئىككىنجى دوختۇرخانىغا ، ئۇلار ماشىنىدىن چۈشكەندە مەنمۇ ئەينەكنى چۈشۈرۈپ قوشلاشماقچى بۇلۇپ تۇرسام .:
- ۋىييەي، ۋوي بۇ كىچىكلا قىزكەنغۇ ، ئايالىڭىزمۇ يا سىڭلىڭىزمۇ ؟ مەن بايا ئۇقمايلا ، ئەر -ئايال كۈلۈشۈپ كەتتى .
- تېخى توي قىلمىدۇق ،، ئەمدى قىلارمىز خۇدايىم بۇيرىسا،
-ھە ، كىچىكلا قىزكەن ، كەچۈرۈڭ ھە قىزىم،
-ئۇكام ، رەھمەت ساڭا، خۇدايىم ئىشلىرىڭغا بەركەت بەرسۇن ، يولۇڭنى ئوچۇق قىلسۇن ،
-ماقۇل ئاكا، ئېيتقانلىرى كەلسۇن ، ئاللاھقا ئامانەت .
ئۇلار بىلەن كونا تونۇشتەك خوشلىشىپ كۈلۈپ كەتتى .
مەنبە؛ ئۆزۈم .
داۋامى ئىنكاس ئارقىلىق يوللىنىدۇ ...