مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2775|ئىنكاس: 0

كازافىي قازا قىلدى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23872
تۆھپە نۇمۇرى: 3095
توردا: 6109 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 12:06:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى كازافىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى



(ئەسكەرلەر كازافىنىڭ جەسىتىنى سۈرەتكە تارتماقتا)


  
  
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەبرائىل تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كازافىنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قوراللىقلىرى سىرتنى ئىشغال قىلىش كۈرىشىدە تۇتۇلغانلىقى، يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
جەبرائىل: لىۋىيە خەلقى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ھازىر يېڭى لىۋىيە بەرپا قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى، دېدى. ئۇ ئالجىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالجىرىيەگە قېچىپ بارغان كازافىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كازافىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چەتئەللەرگە ئېلىپ كەتكەن مال-مۈلۈكنى لىۋىيە خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، كازافى قۇراللىق كۈچلىرىگە تەۋە بىر قانچە ئەسىر كازافى ھەمدە سابىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىنى ئاشكارىلاپ قويغان، ھاكىمىيەت دائىرىلىرى ئارقىدىن بۇ يەرنى ئاختۇرغاندا، مىسراتادىن كەلگەن قەبىھ يولۋاس قىسمى كازافىنى تۇتتىۋالغان.
لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى فېسۇر ئەرەبى كازافىنى تۇتۇش جەريانىدا ئۇنىڭ يۈزى، پۇتىغا ئوق تەگگەنلىكى، ئۇنى مىسراتاغا يۆتكەش داۋامىدا يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
سىرت ۋە تىرىپولىدا ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قۇراللىقلىرى كازافىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كوچىلارغا چىقىپ ساليوت ئېتىپ تەبرىكلىدى.
كازافى 1942-يىلى سىرتتا كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1969-يىلى 1-سېنتەبىر ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىدرىس پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ رەئىسى قوشۇمچە قۇراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1979-يىلى 3-ئايدا بارلىق مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، 1-سېنتەبىر ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىلا ئۆتىگەن.
بۇ يىل 17-فېۋرال، لىۋىيەدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش بولدى، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ دۆلەتتە مالىمانچىلىق تىنچىماي كەلگەنىدى.
مەنبە؛‹‹جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى››

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
DEDO + 10 مۇستەبىتلەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇ~ خو!!!
hazniqi + 10 ئۆلەپتۇدە .......
Xaparang + 100 مۇستەبىتلىقنىڭ ئاقىۋىتى شۇنداق بولا
Naprat2009 + 10 ئەزان ئېيتىپ قويغان ئىسمى قازافى
toxkanjan + 100 ئاسانلا ئۆلۈۋاپتۇ،قينسىچۇ
aptap104 + 10 قۇلۇپلاش نە ھاجەت
mnafk + 10 نەزىرسىگە ئىيتمىغاندۇ پولا يەتۇق

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 250   باھا خاتىرىسى

ئادەم بولماق تەس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش