ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت ئۆل كە 2011-10-20 12:29 PMئەۋەتىلدى :
نىمە نىمە ؟ خەنزۇ قىز دوستۇم دەمسىز ؟ يا مەن خەتىنى خاتا كۆرۋالدىممۇ ؟..................
ئەجەب ھەممىڭلار مىنىڭ ئىنكاسىم بىلەن قاپسىلەريا ؟ گەپتىن گەپ چىقىپ ئاغزىمدىن چىقىپ
كەتتى ، سىلەردىن يۇشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىچكىرىدە تىجارەت
تازا يۈرۈشمەي زىيان تارىتتىم .
راستىنى دېسەم يانچۇقۇمدا ئۈچ يۈەن پۇل بىلەن قالدىم . ئۆيدىكىلەرگە دىيىشنى ئويلىدىميۇ
، ئەمما ئۆيدىكىلەرنىڭ دەردىمۇئۆزىگەيېتىدۇھەم كىچىكىمدىن مۇستەققىل ياشاشقائادەتلەنگە
چكە ، ھەر قانچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىساممۇ ئۆيدىكىلەرگە ئېغىرىمنى سالمايمەن ، دەپ
ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم .
قانداق قىلىش كېرەك ؟ قان ساتماقچى ، ئوغۇرلۇق ، تىلەمچىلىك قىلىش كېرەكمۇ ؟ ئەمما
ھېچقايسى قولۇمدىن كەلمەيتتى .
نەچچە كۈن تاماق يىمەي ئاچ يۈردۈم . ئوقۇپ بۇلالمىغان بىر سومكا كىتابلىرىمنى
ئەسكى ـ تۈسكى نەرسە يىغدىغان خەنزۇلارغا سېتىپ پۇلىغا يېمەكلىك ئېلىپ قۇرسىقىمنى
تويغۇزماقچى بولدۇم .
ئەمما كىتابلىرىمنىمۇ سېتىشقا كۆڭلۈم ئۇنمىدى. بىرخەنزۇكاۋاپخانىسىدىن ئىش تاپقان ئىدىم
، ئەمما ئۇ ئاشخانىدا بەزىدە چوشقا گۆشى ئىشلەتكەچكە ئۇ يەردىمۇ ئىشلىگۈم كەلمىدى .
خېلى ئىزلەپمۇ شۇنچە چوڭ تىيەنجىن شەھرىدىن بىرەر ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئۇچرىتالمىدىم .
ئەمما قىلچىلىك ئۈمىدسىزلەنمىدىم ، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ، مەغلۇبىيەت
ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم .
ئىشلىرىمنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك يۈرۈشۈپ ياخشى نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم .
‹‹ تارىخ ، شەخىسلەر كۈرەش قىلغان ھىكايىلەر بىلەن تولغان ››.
دەل مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالدىم ، ئۇ ئاتا ـ ئانسى
ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۆيىدىن چىقىپ كىتىپ مەندىنمۇ بەتتەر كۈنگە قالغان ئىكەن .
ئۇنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەن كىيىملىرى ئۇنىڭ خەنزۇ قىزلىرىغا خاس ئۇماقلىقىغا
تەسىر يەتكۈزەلمەيتتى . ئەمما ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايدىن نەچچە كۈن تاماق يىمىگەنلىكى
مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى .
بىز ئۈچۈن بىرەر ۋاق تاماق يىگۈدەك پۇلمۇ ئۆزىنى شۇنچە كۆرسىتىپ قۇياتتى ،
‹‹ ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا ، تازنىڭ كۆزى چاچتا ››دېگەندەك ئىش . يانچۇقلىرىمنى
ئىزدەپ ـ سۇراپ يۈرۈپ چىققان پارچە ـ پۇرات پۇللارغا ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ
يېمەكلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر خۇيزۇنىڭ ئاشخانىسدىن سوغۇق ئاش سېتىۋالدىم .
قۇرساق باقالمايۋاتقاندا ياتاقتا ياتقۇدەك پۇل نەدە ؟
بىز بىر تاغ جىلغىسىغا كەپە ياساپ بىر ئاماللار بىلەن ئۆتكۈزۋاتاتتۇق . ئۇ سوغۇق
ئاشنى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى ، ئاغزىمغا كەلگەن ‹‹ سېرىق سۇ ›› نى يۇتۇپ چىداپ
تۇراتتىم .
چۈنكى بىر نەرسە يەپ باقمىغىلى نەچچە كۈن بولغان ئىدى .
ئىش ئىزلەپ خېلى قاترىدىم ، ئىشقۇ تاپتىم . ئەمما ئۇ ئۇرۇنلاردا بىر ئاي
توشقاندا مائاش تارقىتىدىغان بولغاچقا ، ئاي توشقۇچەشامال يەپ يۈرەمدىمەن ؟
ئۇنىڭغا ئىش تېپىپ ئىشلىمەكچى بولغانلىقىنى دىدىم ، ئەمما ئۇنىڭ مەندىن
ئايرىلغۇسى يوق ئىدى .
ئىش تېپىپ قىلمىسام ئاچ قالدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنى قايىل قىلدىم .
ئۇنى تاغ جىلغىسىدىكى كەپىمىزدە قۇيۇپ چىقىپ كەتتىم .
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى ، بىر قۇرلۇش ئورنىدىن خېلى يۇقرى ھەق بىلەن ئىش
تاپتىم ، ياخشى يېرى بىر كۈن ئىشلىسەك شۇ كۈنىلا ئىش ھەققىمىزنى بىرەتتى .
ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ خىراجىتىگە يىتەتتى .
ئەمما بۇنداق ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ كۆنمىگەچكە بەكلا ئېغىر كەلدى ،
قوللىرىم قاپرىپ ، قانايتتى.
قۇلۇمغا ئازراق پۇل كىرگەندىن كىيىن دەرھال كەپەمگە قايتىتتىم ، ئەسلىدە
ئۇنى كېتىپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم .
ئەمما ئۇ تۆت ـ بەش كۈن يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىقىدا ئاچ قۇرساق مىنىڭ
كىلىشىمنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ .
ئەسلىي ئۇ بىر قۇتا ، تاياق نەرسىلەرنى تېپىپ ، ئۇسسىسا تاغدىكى
ياۋا ئالما مېۋىلەرنى سۈيىنى چىقرىپ ئىچىپتۇ ، قۇرسىقى ئاچسا ئاچچىق
مىۋىسىنى يەپتۇ . بۇنى كۆرۈپ ...
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ ، ئون بەشى ئايدىڭ دىگەندەك بۇ قىيىنچىلىقمۇ
ئۆتۈپ كەتتى ، بىر
دوستۇم ۋە ئاقكۆڭۈل تۇنۇش ـ بىلىشلەرنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچىگە كىلىپ تىرىكچىلىكىمنى باشلىدىم . ئۇنىڭغا مىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىنى ،
ئۆرىپ ـ ئادەت جەھەتلەردە خېلى ئىشلارنى چۈشەندۈردۈم .
ئەمدى مىنى قىيناۋاتقىنى ئۈرۈمچى كوچىللىرىدا كىتىۋاتقىنىمزدا ئۇ دائىم
تۇتۇۋالاتتى ، بەزىدە سىلكىۋىتەتتىم .
چۈنكى ئىككىمىزنىڭ بۇنداق يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىدىن
قانداقتۇر نەپرەت ، يىرگىنىش چاقناۋاتقاندەك بىلىنەتتى .
ئۇنىڭغا بۇ ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا بېشىم قاتاتتى .
ئانام ۋە بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكى كىشىلەر تۇلىمۇ دىندار كىشلەر ئىدى .
( بىر قېتىم مۇئەللىم تاغامنىڭ ناماز ئۇقۇيدىغانلىقى پاش بولۇپ قېلىپ
خىزمەتتىن توختىلىپ قويۇلغان ئىدى )
ئەھۋال مۇشۇ تۇرسا مەن ئۇنى قانداقمۇ خوتۇنۇم دەپ يۇرىت ـ جامائەت
، ئۇرۇق ـ تۇققانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارالايمەن ؟
جىق گەپ قىلىپ كەتتىم ، بىز ئاخىرى ئايرىلىپ كەتتۇق ، سەۋەبىنى
بىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن ؟
شۇ ئىشلاردىن كىيىن خېلى ۋاقىتقىچە ئازابلىنىپ يۈردۈم .
ئاشۇ قېتىملىق ئۇڭۇشسىزلىق ، تەجرىبە ـ ساۋاقلاردىن كىيىن چۇقۇم
كەسپىمنى سۆيۈپ ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ نامراتلىق تەقدىرىنى ھەرگىز ئۆزۈمگە
يېقىن يۇلاتمايمەن . پۇل يىغىمەن دەيدىغان ئىددىيە شەكىللەندى.