مەن گۈلۈمدىن ئايرىلىپ قالدىم
ئاپتورى:تاتلىق ئۇيغۇر
مەنا بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا،توپتوغرا بىرئاي بولغان كۈن.جېنىم مىنىمۇ بارغان يېرىڭگە ئېلىپكەتسەڭ بولماسمىدى.سەنسىز بۇدۇنيا ماڭا ماتەم بولدى جېنىم.
خىيالىمدا سەن بىرلا،يول ماڭساممۇ سەن ياتساممۇ سەن قوپساممۇسەن،ئىشقىلىپ يۈركۈمدىمۇسەن،كاللامدىمۇسەن پۈتكۈل ھۇجۇدۇمدا بىرلاسەن،سەن كىتىپ ھاياتىمنىڭ بىرقىسىمى تۈگەپ كەتكەندەك،ھىس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم جېنىم.باشقىلارنىڭ نەزىردىكى قابىل سالماق كەمتەر ئابدۇراخمان،سەندىن ئايرىلىپ غەمكىن بىغەم گومۇش بۇلۇپ قالدى جېنىم.مانا بۈگۈن بارلىق دەتلىرىمنى ئاپپاق دەپتىرىمگە تۆككۈم كەلدى.باشقىلا بىرەسىگە دەپ بىرىپ دەرت تۆكسە،مەن ئاپپاق قەغەزگەتۆكەي چۈنكى مىنىڭ بىرەسىگە دەت ئېيتقۇدەك جۈرئىتىم ھەم يۈرىكىم يوق بۇ ئازاپنى مەنلا تارتسام يىتەر.
مەن ئائىلىمىزدە ئوغۇلنىڭ چوڭى بالىنىڭ ئۈچۈنچىسى ئىدىم.مەن دادامنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغاچقا دادامدىن قالسىلا مىنىڭ گېپىم گەپ ئىدى.تۇرمۇشىمىز باشقىلانىڭكىدەك،باي بولمىسىمۇ ئىشقىلىپ ۋىجدان غۇرۇرىمىزغا چۇشلۇق ئىللىق ئائىلىمىزبار ئىدى.كەمبەغەل بولساقمۇ دادامنىڭ كۈينىشى بىلەن تا ھازىرغىچە باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالغىنىمنى بىلمەيمەن.دادام ماڭا بەكلا ئامراق بۇلۇپ يېنىدا پۇل قالمىسىمۇ ماڭا بىرەتتى. شۇنداق قىلىپ مەن چوڭ بۇلۇپ دادامنىڭ ئىشلىرغا ياردەم بەرگۈدەك،بولدۇم.كىچىكىمدىن كەپسىز بولغانلىقىمدىن مەكتەپتىن قوغلىنىپ كەتكەن ئىدىم.مەكتەپتە شۇنچە ئۇقۇغۇم بولسىمۇ مۇئەللىملىرىمنىڭ ئۆچ كۆرىشى بىلەن مەكتەپتىن،ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم.شۇنداق قىلىپ مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەچكىمىكىن مىجەزىم قوپال ئۇرۇشقاق غوراقاپاق ئىشقىلىپ تەتۈرلا چوڭ بۇلۇپ قالغان ئىدىم.دادام مىنى ناۋايلىققا ھۈنەرگە بەردى.مەنمۇ دادامنىڭ گىپىنى بەك ئاڭلايدىغان بولغاچقا ھۈنەر ئۆگۈنۈشكە ماقۇل بولدۇم.كۈنلۈرۈم تۇنۇرغا ئوت يېقىش خېمىر يۇغۇرۇش زۇگۇل تاۋلاش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى.ئۇستام مىنىڭ گەپكە ئۇستۇلۇقۇمنى بانا قىلىپ نان سېتىشقا چىقىرىپ قويدى.گەپكە ئۇستا بولغۇنۇم بىلەن نان سېتىپ باقمىغان بولغاچقا،نان ئالغىلى كەلگەن خېرىدارلابىلەن ئىشتىكلا گەپ تالىشىپ قالاتتىم.دىمىسىمۇ مىڭ بىر تەسلىكتە قىزىق تۇنۇرغا ياققان ناننى كەمسىتكەن خېرىدارغا ساتمىسام ساتمىدىم ناننى كەمسىتىشكە يول قويمايتىم.ئۇستامنىڭ قايتا-قايتا تەڭقىت قىلغىندىن مىكىن،خېرىدارلارغا ئانچە قوپال تەگمەس بولدۇم. ئىشقىلىپ بارا-بارا سودا قىلىش قابىليىتىم ئېشىپ، باشقا نان ساتقۇچىلارنىڭ ئالدى بۇلۇپ قالدىم.ئۇستاممۇ ماڭا خېلى پۇل بېرىدىغان بۇلۇپ قالدى.كۈنلۈرۈم شۇ تەرەقىدە ئۆتىۋەردى.مانا بىزكۈتكەن قۇربان ھېيىت ئاخىرى يىتىپ كەلدى.ئۇستام بىزنى بىرھەپتىلىك قۇيۇپ بەرگەن ئىدى.ھەم ماڭا بىر قۇر كىيىم ئېلىپ بەرگەن ئىدى. ئىشقىلىپ ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى مەن بەك خۇشال ئىدىم.باللاربىلەن كوچا ئايلىنىپ كىتىۋاتاتتۇق.پارىڭىمىزبەكلا قىزغىن چىرايىمىزدىن كۈلكە كەتمەيتى.شۇنداق پاراڭلىشىپ كىتىۋېتىپ،بىرقىزمىنىڭ پۇتۇمغا پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كەتتى.باللار ھەممىمىز قىزغا بۇرلۇپ قىزنى يۆلىمەكچى بولدۇق.دوستلۇرۇممۇ قىزبالنى كۆرگەندە مەندىن يۈز ئۈرىدىمۇ قانداق،قىزبالنى مۇشۇنداقمۇ تەپكەن بامۇ؟ نەرىڭ ئۇغۇل بالا سىنىڭ دەپ قىزغا ياخشى چاخ بۇلۇشقا باشلىدى. قىز ماڭا شۇنداق قاراپلا بىرسەت ئالىيۋەتتى.ئادەم جىق يەردە يىقىلغان بولغاشقا ئىزا تاتقاندۇ بەلكىم دەپ ئويلۇدۇم كۆڭلۈمدە.كەچۈرۈڭ ئاۋايلاپ ماڭسىڭىز بولمامتى كۈپكۈدۈزدە يىقىلىپ يۈرۈيدىكەنسىز تازىمۇبىر.دەپ تەنە ئارلاش كەچۈرۈم سوراپ قويدۇم.ئۇقىز نىڭ ئاچچىغى كەلدى بولغاي،نىمە جېنىمنى چىقىرسىز، نىمانداق ھاكاۋۇر بالاسىز، نىمە؟مەن ھاكاۋۇر مىكەنمەن،يولماڭغاندا باغۇ ئاتىراپىڭىزغا قاراپراق ماڭاسىز.پۇتۇمغا پۇتلۇشۇپ يېقىلىپكەتسىڭىز ماڭا ئۈسمەي. ئۆزىڭىزدىن كۆرمەمسىزدەپ قىزدىن تۈزۈك كەچۈرۈم سورىغىلى ئۇنمۇدۇم.مىنىڭ ئورنىمدا باللار كەچۈرۈم سوراپ يۆلەشتۈرۈپ قۇيۇپ كىتىپ قالدۇق. مىنىڭ مىجەزىم قىزلارغا قەتتى بويۇن ئەگمەسلىك قىزلانى كەمسىتىشكە ئامراق،ئىدىم.بايامقى قىزغا كەلسەك، ئۇنداق مايماق لاردىنمۇ كەچۈرۈم سورامدۇ ئەمدى.ۋايجان قىز بالدىن كەچۈرۈم سورايدىغان غىلجىڭ مىجەز ئابدۇراخمان ئەمەس مەن.دەپ ئۈزۈمگە مەدەت بىرەتتىم،شۇنداق قىلىپ ھېيىتمۇ خۇشال خۇرام ئاياغلاشتى.مىنىڭ يەنە نان ساتىدىغان بەزىدە كۈلكۈلۈك بەزىدە غەزەپلىنىپ ،ئۆتىدىغان كۈنلۈرۈم باشلىنىپ كەتتى.بىركۈنى بازار خېلى قىززىغان كۈنى ئىدى.مىنىڭ دائىملىق خېرىدارىم بۇلدىغان بىر ھەدەش مەن تەرەپكە كېلۋاتاتتى يېنىدا مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىرقىزبۇلۇپ مەن بەك دىققەت قىلمايلا باشقاتەرەپكە قاردىم.قاردىميۇ دەرھال قىزغا قاردىم.ئۇ قىز ھېلىقى پۇتۇمغا پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كەتكەن قىز شۇ ئىدى.ۋاي توۋا دەپ تۇرشۇمغا قىزماڭا قاردى.قىزمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتى،ئۇلا ئاللابۇرۇن يېنىمغا كىلىپ بولغان ئىدى.ھەدەش نان ئېلىپ بولغۇچە يۈركۈم گۈپۈلدەپ بىرخىل قورقۇنۇش بېسۋالماقتائىدى.ۋاي ئاللا بۇ قىز ئەمدى مىنى يىقىتۋەتكەن بالا مۇشۇ دەپ ئاپىسىغا دەمۇ؟ئويلىغانسىرى قوللىرىم تىتىرەپ ئاغزىم گاچىلىشىپ كەتتى.تۆتۆتۆ....تۆت كوي بولدى.دەپ ئارانلا دىيەلىدىم.ھەدەش پۇلنى بىرىپ رەخمەت ئەمسە دەپ قۇيۇپ يولغا راۋان بولدى.قىز بولسا كەينىگە بۇرلۇپ،سەت ئالىيۋەتتەدە ئالدىغا قاراپ كىتىپ قالدى.ئۇھ....ۋاي خۇدا ھەنىم بولسا ئاپىسىغا دىمىدى دىگەن بولسا ھەي قانچىلىك تەڭلىكتە قالا بولغىتتىم دەپ ئۆزەمنى خېلى ئەركىن بۇلۇپ قالغاندەك ھىسقىلدىم.يەنە بىركۈنى قىز بازاردا پەيدا بولدى.ئاپىسى نان ئەكىلىشكە بۇيرىغان بولسا كېرەك دەستە-دەستە تىزىلغان نانلارغا قاراۋاتاتتى.مەنمۇ سىزىپ قالغاندەكلا،كەسلە ئۈرۈك ئۇتۇندا ياققان نان تۇنۇرمىز شور تۇنۇر مىللى پاگىدا ياققان دىگەندەك، خېرىدار چاقىرىرىپ ئىشتىكلا قىزنىڭ دىقىتىنى تارتتىم.قىزمىنى كۆرۈپلا باشقىلارنىڭ ئالدىغا مېڭىشقا تەمشىلىشىگە، ھەي پاتىمە،دەپ توۋلىدىمدە كەينىگە ئىشتىك بۇرۇلدى.قىز ماڭا قارشىغىلا،بۇياققا كىلىڭ ئاپىڭىز دائىم مەندىن نان ئالاتتى.دەپ شەرەتلەپ گەپ قىلدىم قىزمۇ دەرھاللا ئالدىمغا كىلىپ قانداق بالاسىز؟ مىنىڭ ئىسمم پاتىمە ئەمەس جۇمۇ ھەجەپ ئاغزىىڭىزغا كەلگەنچە توۋلايدىكەنسىزيا؟دەپ قاپاقلىرىنى سۇزۇپ قويدى.مەنمۇ ئىككىلەنمەيلا خوش بۇلىڭە ئاپىڭىز دائىم ناننى مەندىن ئالىدۇ ئەگەر باشقىلارنىڭ كىنى ئەكىرسىڭىز سىزدىن خاپا بولمامدۇ.ۋاي غوجام ھەجەپ ئەقىللىق كەنسىز دەپ تەنە ئارلاش رەخمەت دەپ ئالىيىپ قويدى.ئىشقىلىپ تەنە ئارلاش بولسىمۇ خېرىدارىمغا ناننى سېتۋالدىم بىرنەچچە كۈندىن كىيىن ئاپىسى بىلەن يەنە چىقىپ نان ئېلىپ كىرىپ كەتكەچ قىزىنى ناننى مەندىن ئېلىشقا تاپىلاپ قۇيۇپ يولىغا راۋان بولدى.ھە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستامنىڭ تىرىشچانلىقى.مىنى سودىغا مۇشۇنچىلىك پۇشۇرمىغان بولسا خېرىدارلىرىم نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز ئەمدى ئۇستام ناننىمۇ بەك ئۇبدان ياقاتتى بەك جىڭ ئادەمتى.شۇنداق قىلىپ ئۇقىز مەندىن داۋاملىق نان ئالدىغان ھەم خېلى قىزغىن پاراڭلىشىدىغان بۇلۇپ قالدۇق.بارغانسىرى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. بۇرۇن مەندە قىزلاغا نىسپەتەن بۇنداق كۆزقارش بوپ باقمىغان ئىشقىلىپ ئۇ قىزنى باشقا قىزلاغا سېلىشتۇرۇپ باقاتتىم.سېلىشتۇرغانسىرى ئۇ قىز بەك ئۇماق ھەم گەپ قىلىشلىرىمۇ بەك قىزغىن ئىشقىلىپ بۇ سېلىشتۇرۇشنى تەسۋىرلىيەلمەيمەن.بىركۈنى نان ئالغىلى چىقتى كۆزلىرىمىز كۈلكە تەبەسسۇم بىلەن سالاملاشتى.سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئۇقمايدىكەنمەن دەپ بەرسىڭىز بۇلاھە؟ ماڭا مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ ئەلۋەتتە بولىدۇ،ئىسمىم روشەنگۈل،ھە سىزنىڭ ئۆيىڭىز بۇ بازارغا يېقىنما؟ھەئە،ئالدىمىزدىكى ئائىلىكلەقورۇسىدا،سىزنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن؟ھە،مەن ئۈرۈمچىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدىم.خىزمەت كۈتۋاتمەن،سىزنىڭ پۇتىڭىزغا پۇتلۇشۇپ كەتكەن چاغدا كەلگىنىمگە بىر ئايدەك بولغان ئىدى.ھە،بىرخىل خىجىل بۇلۇپ قالدىم.مەن ئۇقۇپ باقمىغان بولغاچقىمىكىن ئۈرۈمچىدە ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدىم،دىگەن گىپىدىن ئۇ قىزغا ھۆرمۈتۈم ھەسسىلەپ ئاشتى. مەنمۇ ئوقۇغان بولسام بۇ قىزدەك ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇقىيالىشىم مۇمكىن ئىدى،لىكىن مەن ئاللىبۇرۇن كىچىككەن ئىدىم.مەن ناۋاي خالاس.ھەي قانچە پۇل؟دىگەن گەپتىن چۆچۈپ خىيالىمدىن ئۇيغۇنۇپكەتتىم.ھە،بولدى بىرە قېتىم مېڭىۋىرىڭ.ياق ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ ئېلىڭە دەپ كەسكىن ئاچىقلىغان قىياپەتتە پۇلنى ماڭا تەڭلىدى.مەن بۇ قىزغا شۇنداق ئامراق بۇلۇپ قالدىم.ھەم كۆڭلۈمدە بەك بىلىملىك ئۈرۈمچىدە ئۇقۇپ كەلگەن دەپ بەك چوڭ بىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.شۇنداق بولغاچقامىكىن.بۇ قىزنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن پۇلنى ئېلىپ،سەت بولدى دەپ ئاشقان پۇلنى قايتۇردۇم ئۇ قىز ماڭا ياقاي دەپ كۈلۈپ قويۇپ،ئەمسە رەخمەت مەن ماڭاي دىدى ،ماقۇل ئەمسە كەپتۇرارسىز دەپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدۇم.روشەنگۈل شۇنداق ئىسمى روشەنگۈل،مەن روشەنگۈلنىڭ كەينىدىن ئۇزاق قاردىم بارغانسىرى كىچىكلەپ كۈزۈمدىن غايىپ بۇلۇشقا باشلىدى.ھەي بۇ قىز نىمىدىگەن بەخىتلىك دەپ بىرخىل ئىچىم تارلىق قىلۋاتامدۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىم مەن ناۋاي ئۇ قىز ئۇقىغان بىلىملىك، ئىشقىلىپ مەندەك قارا تۈرۈك ئەمەس. مەن ھەرقانچە قىلساممۇ،ئۇ قىز ئۈچۈن بەرىبىر،بەلكىم مەن روشەنگۈلنىڭ نەزىردە نان ياقىدىغان ناۋاي خالاس.لىكىن شۇنداقتىمۇ كاللامدا پەقەت روشەنگۈل.بىركۈنى دوستلۇرۇم بىلەن پاراڭلىشىپ بىر قىزغا ئامراق بۇلۇپ قالغانلىقىمنى دەپ بەردىم.گەپلىرىمدىن،ئاداش سەن ئۇ قىزنى ياختۇرۇپ قاپسەن،ھەئە راس ياخشى كۈرۈپ قاپسەن دەپ بىردىن بىردىن گەپ قىستۇردى.يائاللا ئاداش سەندىمۇ بىرەسىنى ياخشى كۈرۈپ قالغۇدەك يۈرەك باكەن جۇمۇ،دەپ تەنە قىلىشقا باشلىدى.دىمىسىمۇ مەن تا مۇشۇ كەمگۈچە بىرە قىزبىلەن يۈرۈپ باقمىغان ئىدىم.مۇھەببەتنى چۈشەنمەيمەنمۇ،يا بىرەسىنى ياخشى كۈرۈپ باقمىغاچقا شۇنداق بۇلامدۇ،بىلمەيتىم. ئەمسە قانداق قىلىسام بۇلا؟ قانداق قىلاتتىڭ.مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم دەيسە ئەخمەق،خېلى جىگەرلىك بالىتىڭ سەن ئەمدىلىكتە بىر قىز بالىغىمۇ قانداق قىلسام بۇلا دەيسىنا ئاداش.دىمىسۇمۇ بۇرۇن خېلى مەن مەن دىگەن ئۆزىنىڭ تېرىسىگە پاتماي قالغان قىزلارنى قانداق ياشاشنى قانداق يۈرشنى ئۆگۈتۈپ، بەك ھەدىدىن ئاشقانلىرىغا بوسا تىىلاپ دىگەندەك قەتتى يېنىمغىمۇ كەلتۈرمەيتىم.ئەمدىلىكتە ياخشى كۆرۈشنى چۈشەنگەندەك بۇلۇپ قېلىۋاتاتتىم.
شۇنداق قىلىپ روشەنگۈلگە خەت يازماقچى بولدۇم.چۈنكى ئېغىزىمدا دىيىش مۇمكىن ئەمەس،ئىدى.بۇرۇنقىدەكلا خېرىدار سۈپىتىدە ئالدىمغا كەلدى مەن تۇيماي قاپتىمەن تېخى.ۋۇي يىگىت نىمىنى خىيال قىلۋاتسىز؟ئىشتىك دىقىتىمنى خېرىدارغا تىكتىم.ھە،سىزمىتىڭىز شۇ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.ناننى ئوغۇرغا بەرمەڭ ھىلى دەپ بوش كۈلۈپ قويدى.ياقاي ناننى ئوغۇرغا بەرگىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىدىم مەن.دەپ مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ بوش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدۇم.ئۇنداقتا ياخشىغۇ!
ھەراس سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمۇ؟ مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇراخمان،ھە،شۇنداق قىلىپ ناننى ئېلىپ بولدى.يەنە تەلەيسىناپ تۇرسام يانچۇقۇمدىكى خەتنى بىرەلمەيدىغاندەكلا،مەن سىزگە بىر خەت يازغان دىدىم دۇدۇقلاپ تۇرۇپ،نىمە،خەت؟ ھە ئەكىلىڭ ئەمسە مەن ئۇقۇپ باقاي،ياق ھازىر ئۇقىسىڭىز بولمايدۇ، ھىشكىم يوق يەرگە ئاپىرىپ ئۇقۇڭ دىدىم.مەخسىتىمنى ئالىبۇرۇن چۈشۈنۈپ بولدى بولغاي.ماقۇل ئەلۋەتتە بۇلۇدۇ،دەپ كىتىپ قالدى. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن روشەنگۈل كەلدى.ماڭا شۇنداق قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. كىتىدىغان چاغدا ماڭا خېتىمنى قايتۇرۇپ بەردى. ناننى ئېلىپ خوشلۇشۇپ كىتىپ قالدى.خەتنى قۇلۇمغا ئېلىپلا،كاللامغا بىرچەلەك سۇ قۇيغاندەك بۇلۇپ قالدىم.خېتىمنى ئچىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم.ئاشتىميۇ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم.مەن يازغان خەتنىڭ ئاستىدا روشەنگۈلنىڭ يازغان خېتى تۇرغان ئىدى. خەتتە مۇنداق دىيىلگەن ئىدى.ئەسسالام ئابدۇراخمان،راستىمنى دىسەم مۇشۇ كۈنلەردە سىزنى خىيال قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.سىزنى مەن چۈشەنمىسەممۇ كۆڭلۈم دەپ بېرىدۇ سىز ياخشى بالا،سىزنىڭ قوپال مىجەزىڭىزگە بۇلۇپمۇ مەن بەك ئامراق ئىشقىلىپ سىزدە ئۇغۇللاغا خاس جەسۇرلۇق بار،سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىيەلمەيمەن چۈنكى مەن سىزنى تازا ياخشى چۈشنۈپ كەتمەيمەن.خالىسىڭىز،بىز بىر-بىرمىزنى چۈشنۈپ باقايلى دەپ جاۋاپ بەرگۈچى روشەنگۈلدىن، دەپ يېزىلغان ئىدى.خەتنى ئۇقۇپ شۇنداق خوش بولدۇم يۈركۈم شۇنداق ئىللىق. ئەتىسكە روشەنگۈل چىقتى بىز شۇنداق تارتىنىپ قىزغىن پاراڭلاشتۇق.ھەم بىزھەپتىنىڭ ئاخىرى كۈرۈشمەكچى بولدۇق.بۇ كۆرۈشۈشنى توت كۈزۈم بىلەن كۈتىۋاتاتىم. كۈنلەر شۇنداق ئاستا ئۆتكەندەك بىلىنىدى.ئۇھ....
ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئاخىركەلدى مەن ئۇستامدى رۇخسەت ئالدىم،مەن كىلىشكەن جايدا ساخلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇمۇ كەلدى،بەك ساخلىتىۋەتىممۇ؟ياقەي،مەنمۇ ئۇزۇن بولمىغان كەلگىلى.ئۇنداقتا نەگە بارمىز،؟سىزنىڭ نەگە بارغۇڭىزبار؟سىز نەگىلا دىسىڭىز مەيلى.،ماقۇل ئۇنداقتا تاماق يىگىلى بارايلى،ياق مەن تاماق يەپ چىققان.شۇنداق بولسىمۇ سىزنى مىھمان قىلمەن دەپ ئۇنىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنماي چۈچۈر ئىچىشكە قۇشۇلدۇردۇم. تاماق يەپ بۇلۇپ شۇنداق قىزغىن ئايلىنىپ پاراڭلاشتۇق ئۇنىڭ مىللەت ۋەتەن دىگەندەك كۆز قاراشلىرىدىن مەمنۇن بولدۇم.ئاشۇنداق قەلبىمدىكىنى چۈشەنگەن بىرى بىلەن پاراڭلاشقىنىمدىن ئۈزۈمنى بىرخىل بەخىتلىك ھىس قىلىپ قالدىم.مەن بۇ ئۇچۇرشىشتىن سىزنى خېلى ئۇبدانلا چۈشۈنۈپ قالدىم.ئابدۇراخمان،مەنمۇ سىزنى خېلى چۈشەندىم.قانداق چۈشەندىڭىز؟ئۇخمايمەن.ئىشقىلىپ سىزبەك ياخشى قىز،مەن سىزدەك ئۇقۇيالمىغان،شۇڭلاشقا كۆڭلۈمدىكىنى سىزگە دەپ بىرەلمەي قالدىكەنمەن.،مۇشۇ گىپڭىز سىزنى يۈز ئۇغۇللار ئىچىدىن ئايرىپ تۇردۇ ئابدۇراخمان،باشقىلار قىزبالنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا بەكلا ئۇستا،لىكىن سىزنىڭ ئوتلۇق قارشىڭىزدىنلا سىزنىڭ قەلبىڭىزنى چۈشنىۋالدىم.بىز تېخىمۇ چۈشنىش ھاسىل قىلايلى بۇلامدۇ؟ ھە بولىدۇ.
بىز مۇشۇنداق مەنىلىك ئەھمىيەتلىك پاراڭلىشىپ كەچ بولغىنىنىمۇ سەزمەي قاپتۇق،كوچا چىراقلىرى يانغاندىلا ۋاقىت توشقانلىقىنى بىلىپ خوشلاشماقچى بولدۇق. ئۇ ماڭا ،مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن بۇيان.بۈگۈن ئەڭ خۇشال بولغۇنۇم.رەخمەت سىزگە! مىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم قىزبالا بىلەن سىرتقا چىقىپ بېقىشىم سىزگىمۇ رەخمەت! بىز شۇنداق قىلىپ خوشلاشتۇق.ئۇماڭا ئۆيىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرنى دەپ بەردى، كۈندۈزى ئاساسەن ئۆزى ئالالايدىغىنى كەشتە ئەتىگەندە ئاتا-ئانىسى ئېپقىلىشىنى ئەسكەرتتى،ماقۇل دەپ قايتىپ كەلدىم.كىچىچە خىيالىمدا بىرلا روشەنگۈل، قاچانمۇ تاڭ ئاتا،تاڭ ئاتسىلا سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم دەيمەن دەپ نىيەت قىلدىم تاڭمۇ ئاتتى. سائەت ئونلاربىلەن تېلفۇن قىلدىم،دەرۋەقە روشەنگۈل،ئالدى،ۋەي كىمۇ؟مەن ئابدۇراخمان.ھە،تىشلىقمۇ؟ خۇداغا شۇكرى.ھەي دىدىم مەن.ھە؟سىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتىمەن سىزنى ئويلاپ كىچىدىن ئۇخلىيالمىدىم.مىنى قانداق ئويلىغان بولسىڭىز مەيلى،ئىشقىلىپ سىزنى ياخشى كۈرىمەن. مەنمۇ سىزنى ياخشى كۈرىمەن،ئۇنداقتا بىز كۈرۈشەيلى دىدىممەن.ياق بولمايدۇ ئاپامغا دىيشىم كېرەك،مەن ئەتە ئاپامدىن رۇخسەت ئالاي دىدى،ماقۇل بۇلۇپ بىردەم پاراڭلاشقاندىكىن،خوشلۇشۇپ تېلېفۇننى قويدۇم.ئەتىسى ئۇستامدىن رۇخسەت ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈشكە چىقتىم شۇنداق قىلىپ ئۇنۇڭ بىلەن مۇھەببەت يولىدا ماڭدۇق بىر-بىر مىزنى شۇنداق ھۆرمەتلەپ پاك مۇھاببىتىمىز باغلاندى.ئۇنىڭ بىلەن كۈندە كۈرۈشۈپ ۋىسالىمىزغا يەتمىسەم كۈنۈم ئۆتمەيدىغان دەرىجىگە باردى ئۇنىڭ ماڭا تاتلىق ئەركىلەشلىرى ماڭا ئۇقۇتقىچىلىق قىلىپ دەرىس ئۆگەتكەنلىرنى،ئويلىسام مەن بەك بەخىتلىك، سىنى سۈيىمەن جېنىم.مەنمۇ سىزنى سۈيىمەن.سىزگە ئىشنىمەن تاتلىقىم سىزمىنى ئالدىمايسىز.سىنى قانداقمۇ ئالدىغىم كەلسۇن.سىنى ئالدىمايمەن جېنىم،سەن ياتقان بىلەن مەندەك قوپال قاپىقى يامان بالىنى كىم يارتىدۇ؟مەن يارتىمەن تاتلىقىم ھىشكىم ياراتمىسا تېخى ياخشى سىزنى مەنلا يارتاي باشقىلار ياراتمىسۇن تازا،توۋا بەك تاتلىق جۇمۇسەن،دەپ ئۈزۈمگىمۇ ھەۋىسىم كەپ قالاتتى.ئۇزۇنغا قالماي،توي تەكلىۋىنى قويدۇم. مەن سەل باشقىچە چوڭ بوپ قالدىممۇ بىلمەيمەن ،ئۇ خىزمەت قىلمەن دىسىلا ئاچىقىم كىلەتتى.ئۈزۈمنىڭ ھەرقانچە جاپاتارتساممۇ باقالايدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم.شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكىلەرگىمۇ ئۇختۇردۇق ئۇلانىڭ ئەلچىلىككەبارغانداروشەنگۈلنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ قوشۇلدى بولدى دەپ قايتىپ كەپتۇ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسى باي بولغان بىلەن،قەتئى كىبىرى يوق شۇنداق ياخشى كىشلەر ئىدى.مىنىمۇ قەۋەتلا چوڭ بىلەتتى،مىجەزىم ئۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئۆزگىرىپ خۇشپىئېل كەمتەر بۇلۇپ باشقىلارمۇ خېلى ۋاي دەيتتى،شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاتا-ئانىسىغىمۇ خېلى ئۇبدانلا ياخشى تەسىر بېرىپ تىمەن.كۈنلۈرىمىز توينى قاچان بىكىتىش بىلەن ئۈتىۋاتاتتى، بىركۈنى تېلېفۇن قىلسام شۇنداق ئۇزۇندا ئالدى،ۋەي كىمۇ؟مەن جېنىم نىمىش قىلۋاتسە ھەجەپ يوقاپ كەتتىڭغۇ،مەنشۇ ئۆيدە ئاۋازى تىتىرەك ئارلاش چىقىۋاتاتتى.ھەم ھۆتۈلۈپ-ھۆتۈلۈپ قۇياتتى.ھەي نىم بولدۇڭ،ھىچ-ھىشنىمە بولمۇدۇم زۇكام شۇ،ھە ئەمسە چىقە كۈرشەيلى، مىڭبىر تەسلىكتە ماقۇل بولدى.شۇنداق ئۇزۇن ساقلاپ كەتتىم ھىش چىقماي ۋاتاتتى،بىركەمدە چىقتى ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ ئۇنى كۆرۈپ يەنىلا خوش بولدۇم. ھەجەپ ساقلاتىڭغۇ،كەچۈرۈڭ تاتلىقىم مىجەزىم تازا ياخشى ئەمەس نىمە،ماڭە دوختۇرغا ئاپىراي دەپ قۇلدىن تارتىپ چىڭ تۇرۋالدىم.لىكىن قەتئى ئۇنمىدى،ئۇ ماڭا بىرگەپنى دىمىسە بولمايدىغىنى،خالى بىر جايغا ئاپىرشىمنى ئېيتتى ئۇنىڭ دىگىنى بۇيىچە ئايرىم سۇرۇنلۇق،بىر تورت خانىغا ئەكىردىم،بىز تورت يىگەش قىزقارلىق مەنىلىك قىزغىن پاراڭلاشتۇق،بىر ئازدىن كېيىن،ئۇ كۈزىگە ياش ئالغان ھالدا سىزگە بىرگەپنى،دەيدىگەن نىمە، يىغلاۋاتامسەن،يىغلىماي دىمەمسەن،بىز ئايرىلىپ كىتەيلى،بۇگەپنى ئاڭلاپ خۇدۇمنى ئۇقمايلا قالدىم.نىمدىگىنىڭ بۇ،ھىش چۈشەنمىدىمغۇ،مەن ئەيدىس ،بوپ قاپتىمەن.نىمە ئەيدىس؟كاللام ئىشلىمەيلا قىلۋاتاتتى.ئەيدىسنىڭ يۇقۇشنىڭ يوللىرى بىر-بىرلەپ كاللامدا ئەكىس ئىتىۋاتاتتى.بۇ پاھىشىمۇيە،ياق-ياق مەن بۇنىڭ ئۇنداق،ئىش قىلىشىغا قەتئى ئىشەنمەيمەن.توۋازەھەر چىكەمدىغاندۇيا،ياق،بۇنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا تېخىمۇ ئىشەنمەيمەن،چۈنكى تاماكا چەككەن كىشلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ قالساقمۇ،مىنىڭ قۇلۇم دىن تارتقان پېتى ئەكىتەتتى.ھەم مەنمۇ قەتتى تاماكا چەكمىگەشكە مىنى بەكلا چوڭ بىلەتتى،بۇمۇ مۇمكىن بولمىسا،بۇزادى قانداق گەپ،بىرتۇرۇپ ئۇنىڭ گىپىگە ئىشەنمەي قالدىم.ئۇ مىنى داۋاملىق ئەنسىرتىشنى ياخشى كۈرەتتى.ئۈنىڭ ئۈچۈن جىددى لىشىپ تەمتىرەپ كەتسەم.يائاللا ئىنساۋىڭىزغا رەخمەت تاتلىقىم.سىزبەك كۈيۈمجان،سىزنى ئالداپ قويدۇم،دەيتتى.لىكىن بۇقېتىم قەتئى ئېچىلالماي ۋاتاتتى.كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ تۇرشىدىن يۈركۈم قان بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.دىگىنە قېنى،بۇقانداق گەپ سەن قانداقمۇ ئەيدىس بوپ قالسەن؟تۈنۈگۈن قەتئى مىجەزىم يوق دوختۇرغا بارغان ئىدىم.دوختۇرمىنىڭ ئەيدىس ۋىروسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتا ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى.دوختۇرنىڭ دىيىشچە بەك بولسا ئەلتەئاي ئۆمۈر كۈرەلەيدىكەنمەن.ئۆزەمنىڭ قانداق بوپ بۇنداق كەسەل بوپ قېلىشىمنى قەتئى بىلىپ بۇلالمىدىم.ئاسمان قاراڭغۇلۇشۇپ كۈزۈمگە ھىشنىمە كۈرۈنمەس بۇلۇپ قالدى.ئۆز ئۆزەمگە نالە قىلىپ پەريادىم پەلەككە يەتتى.لىكىن رىياللىق ھامان رىياللىق،سىزگە چۈشەندۈرۈشنى قارار قىلدىم.مىنى كەچۈرۈڭ ئابدۇراخمان.سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن.بۇنىڭ گىپىدىن كۈزۈمگە ئىسىق ياش ئەگىدى.سەن قانداق بۇلۇپ ئەيدىس بوپ قالسەن دەپ ئارانلا دىيەلىدىم ئاۋازىم تىتىرەپ كەتكەن ئىدى.توۋا مەن تۇنجى قېتىم قىزبالا ئۈچۈن كۈزۈمدىن ياش چىقارغان ئىدىم.مەن قەتئى يىغلىمايتتىمغۇ ئوغۇل بالا يىغلىسا قانداق بۇلۇدۇ.ھەم قىزبالا ئۈچۈن يىغلىسا قانداق بولىدۇ دەيتىم.لىكىن بىز ئۇغۇللارمۇ يىغلايدىكەنمىز كۆزىمىزدىن ياش چىقىرىپ ئەمەس قەلبىمىزدىن ياش چىقىرىپ يىغلايدىكەنمىز.بىز بىر-بىرمىزگە چىدىماي قوللىرىمىزنى چىڭ سىقىمداپ يىغلىۋەتتۇق.ھەي قېنى بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئارزۇلىرىمىز قىنى بىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىمىز.مەن يەنىلا مىنى ئالداۋاتىدۇ دەپ ئۇنى دوختۇرغا ئاپاردىم.نەتىجىسى ئوخشاش.ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم.ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى،ماقۇل بۇلۇپ ئۆيىگە كىرسەم ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇ كاللىسى جايىدا ئەمەس.بىرخىل بۇرۇق تۇرمىلىق ئىچىدىلا سالاملاشتۇق.چاي قۇياي دىگىنىگە ئۇنماي ئۆيگە قايتىشنى ئېيتتىم ئۇلارمۇ كۆڭلۈمنى سەزدى بولغاي بەك تۇتۇپ قالمىدى.كۈنلۈرۈم روشەنگۈلنى خۇشال قىلىش ئۈزىنى روخلۇق تۇتۇش تېخى خۇدا شىپالىق بىرىپ ساقىيىپ كىتىدىغانلىقىنى دەپ ئۇنىڭ،غەم قايغۇدىن يىراق قىلىشىغا تىرىشاتتىم.بىر كۈنى كىشلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈيى تەرەپكە نامازغا كىرىپ كىتىپ بارغان كىشلەرنى كۆردۈم كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپ باردىم يۇ قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم.ماتەم تۇتقىچىلار ئۇنىڭ دادىسى ئانىسى قالغان تۇققانلىرىمۇ بار ئىدى.ئۇلانىڭمۇ دىققىتى ماڭا بۇرۇلدى مىنى كۆرۈپ يىغا يەنە پەلەككە يەتتى.يۈركۈم يىغلاشقا شۇنچە ئۈندىسىمۇ يگىتلىك غورورۇم بۇنچە كۆپ كىشلەر ئارىسىدا يىغلاشقا يول قويمىدى.شۇنداق قىلىپ مەن تاۋۇتنىڭ بىر ياغىچىنى كۆتۈرۈپ مىيىتنى،ياق مىنىڭ مەلىكەمنى جاندىن ئەزىز لەيدىغان سۆيگۈنۈمنى ئاللانىڭ دەرگايغا يولغا سېلىپ قويدۇق.
خاتىمە: بىركۈنى ئاپىسى مىنى چاقىرتىپ ماڭا قىزىنىڭ تاپىلغان خېتى بارلىقىنى،مىنى ئېلىپ كىتىشىمنى ئېيتتى.بېرىپ خەتنى ئېلىپ يالغۇز كىلىپ خەتنى ئاۋايلاپ ئاچتىم.خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى.ئەسسالام ئابدۇراخمان ياخشى تۇرۋاتامسىز؟مەندىن ئەھۋال سورسىڭىز سىزنىڭ ماڭا كۈينىشىڭىزدىن مەن بەك خۇشال ھەم سالامەت تۇردۇم.مەنسىزگە ئېغىزىمدا دىيەلمىگەن گېپىمنى خەتكە قالدۇرۇپ.قويۇشنى قارار قىلدىم.مەن ئەسلى ئوقۇشقا يېڭى بارغان مەزگىلدە ساۋاقداشلىرىم.مىنى بىرخۇيزۇنىڭ كالا گۈشى ئۈگۈرخانىسىغا باشلاپ كىردى.بۇتاماقنى قەۋەتلا ياختۇرۇپ قالدىم بىكار بولساملا شۇ تاماقخانىغا باراتتىم.بىركۈنى بىرقىزنىڭ قانىغان قۇلىنى قەغەز بىلەن سۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.تاماق بۇيرۇتۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تاماق چىقتى كىچىكىمدىن ياغ لازىغا ئامراق بولغانلىقىمدىن،لازىغا قاردىم،لازا ھەقىقەتەن ئوخشىغان ئىدى،كۈنجۈت بىلەن شۇنداق ئوخشىغان لازىدىن بىرنەچچە قۇشۇق سېلىشىمغا بايامقى قۇلدىكى قاننى سۈرتىۋەتكەن قىز مەنىلىك قارۋىتىپ.سىز نىمىش قىلسىز دەپ سوردى،مەن ئۇقۇغۇچى،شۇنداق بولغاندىكىن قالايمىقان سىرىتلادىن بەك تاماق يىمەڭ دەپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىپ قالدى.ئاردىن.بىر مەزگىل ئۆتتى بىركۈنى مەكتەپ بۇيۇنچە قان تەكشۈرش بارلىقىنى ئېيتتى مەن دەرۋەقە ئەيدىس بىلەن يۇقۇملىنىپ تىمەن.ئەسلى ئۇقىز قۇلىنى كىسىپ ياغ لازىغا قېنىنى تېمىتۋەتكەن ئىكەن.شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپتىن چىكىندىم.يۇرۇتقا كىلىپ ئۇزۇنغا قالماي سىزبىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.سىزنىڭ ماڭا كۈينىشلىرىڭىنى كۆرگۈنۈمدە مەن بەرىبىر ئۈلۈپ كىتمەن دەپ ئويلاپ قالساممۇ يەنىلا سىزبىلەن سىردىشىپ مىللەت كەلگۈسى ئۈستىدە پاراڭلىشىالىغىنىمنى غەلبە بىلدىم.سىزگە نەچچەرەت دىيىشنى قارار قىلغان بولساممۇ سىزنىڭ كىسلىم دىن قورقۇپ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورۇقتۇم. سىزنى ئالدىدىم سىزنىڭ پاك مۇھاببىتىڭىزدىن چۇڭقۇرشاتلاندىم.مىنى كەچۈرەلەسىزمۇ تاتلىقىم سىزگە يۈزكىلەلمەيمەن.مىنى ئەپۇ قىلىڭ.سىزنىڭ تەلەيسىز مەلىكىڭىز مۇيەسسەر.
خەتنى ئۇقۇپ ئەسلىمگە كەلسەم ياشلىرىم يۈزۈمى يۇيۇپ قىزارغان كۆزلىرىم قىسلىپ كىتىپتۇ.ياق سەن مىنى ئالدىمىدىڭ،سەن ماڭا توغرا يولنى ئۆگەتتىڭ ياخشى كۈرۈشنىڭ نىمىلىكىنى كىشلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەتتىڭ.بىزنىڭ تەقدىرىمىز.كاج ئوخشايدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئەسەر مۇشۇ يەردە تاماملاندى.
ئەسەر تۇقۇلما ئەسەر بۇلۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلمەن
تەھرىردىن : سىزنىڭ بۇندىن كىيىن ئەسەر يوللىغاندا ئىملا غا ئالاھىدە ئەستايىدىل بولىشىڭىزنى قەتئى ئەسكەرتىمەن !!
مەنبە:تاتلىق ئۇيغۇر ئىجادى ئەسەر
ۋىسال مۇنبىرى مۇكاپاتىغا تاللانغان ئەسەر