|
|
|
|
ئۆلۈمدىن قورىقمامسىز؟!
بۇنداق دەپ تىما قويسام بەلكىم نەچچىڭلار مىنى دىندىن ياكى بىرەر ھىكمەتلىك سۆزلەردىن پايدىلنىپ پەتىۋا چىقىرامدىكى دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشىڭلار مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە مىنىڭ قولۇمدىن بۇنداق چوڭ ئىشلار ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ. ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك :
مەن بۇندىن 2ئاي بۇرۇن ئالتۇن سىتىۋالغان ئۇ ۋاقىتتا ئالتۇننىڭ ھەرگىرامىنىڭ باھاسى 420 يۈئەن ئەتىراپىدا بولغان،ئارىدىن بىرمەزگىل ئۆتۈپ ماڭا پۇل لازىم بولۇپ قالدى، نەخ شۇ ۋاقىتتا ئالتۇننىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ 358 يۈئەن ئەتىراپغا چۈشۈپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن مەن بىر مەزگىل ساقلاپ سىتىشنى قارار قىلدىم. ئون نەچچە كۈنلەردىن كىيىن ئالتۇننىڭ بازار باھاسى 390يۈئەنگە چىقىپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بارسام راستىلا ئىش شۇنداق بولۇپ چىقتى،لىكىن ساتىدىغانلاردىن بولسا زەرگەر ۋە باشقا ئالتۇنچىلار‹‹ئۆزىمىز ساتساق390كوي،سىتىۋالساق 320كوي بۇنىڭدىن بىر پۇڭ قىممەت ئالمايمىز›› دەپ بىرقانچە ‹‹ئىنساپلىق ئالتۇن ئالغۇچىلار›› دىيىشۋالغاندەكلا شۇنداق دىيشىدۇ، ئامال بولماي ئاخىرى ساتتىم.
شۇنداق قىلىپ ماڭا مۇشۇ ئازغىنە ئالتۇننىڭ ئۆزىدىلا 400 يۈئەندىن ئارتۇقراق زىيان بولدى، بۇنى قويۇپ تۇرايلى(چوڭ ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ قانچىلىك زىيانتى دەپ ئۆز كۆڭلۈمگە تەسەللىي بەردىم) ئارلىقتا بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن سانجىغا(0994)چىقتىم،كوچا ئارلاپ كىتىپ بىرىپ بىر ئالتۇن دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدىمدە ئىچىگە كىرىپ ئالتۇننىڭ شۇ كۈنلۈك باھا كۆرسەتكۈچىگە قارىدىم ‹‹سىرىق ئالتۇن ھەرگىرامى 395 يۈئەن›› دەپ يىزىقلىق تۇراتتى شۇنىڭ بىلەن مەن بىرىپ ‹‹ئالتۇننىڭ ھەرگىرامىنى قانچە پۇلدىن ئىلۋاتىسىلەر›› دەپ سورىسام ‹‹375يۈئەن›› دەپ جاۋاپ بەردى،مەن ئىتايىن ھەيران قالدىم.
مەن ئويلىنىپ قالدىم ھىلىمۇ بىز مۇسۇلمان بوپ قاپتىكەنمىز بولمىسا پۇل ئۈچۈن قانداق قىلىپ كىتەر بولغۇيتۇق-ھە؟! قىرىنداشلار سىلەرمۇ ئويلاپ كۆرۈڭلار ئەتىراپىمىزدا خىلى جىق مىللەتلەر مۇسۇلمان ئەمەس تۇرۇپ ئۇنداق ئىنساپسىزمۇ ئەمەس نىمىشقا بىز ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرۇپ يەنە مۇشۇنداق ئىنساپسىز ،تويماس،ئاچكۆز ياشايمىز؟! مىنىڭ ئەزەلدىن مىللەتنى تىللاش ياكى ھاقارەتلەش بىلەن خوشۇم يوقتى لىكىن بۇ قىتىم مەن پەقەت كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئۇنچە ساختىپەز ياشىمىساقمۇ خۇدايىم رىسىقىمىزنى بىرەتتى ئەمەسمۇ!
ئاخىرىدا بەزى ئاچكۆز،پۇلغا تويماس ئادەملەرگە شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ‹‹سىز ئۆلۈمدىن قورىقمامسىز؟!››.
مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم
|
|
|
|
|
|