مەزكۇر تېما پەقەتلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلىپ قالسۇن دېگەن مەقسەتتە يوللاندى. ئۆزۈم تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان مۇنبەرنىڭ بىر ئاددى ئەزاسى.
مەكۇر تېمىدا Samsung I9000/Galaxy تىپلىق يانفونغا چۈشىدىغان android سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغانلىقى سۆزلەنگەن، ئەمما يېقىندا بۇ تىپتىكى يانغۇنلا ئەمەس، خېلى كۆپ خىل تىپتىكى يانفونغا ماس android سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن بەزىلەر خەۋەردار، بەزىلەر بولسا يەنىلا خەۋەرسىز، شۇ ۋەجىدىن بۇ يەرگە چاپلاپ ئەكەلدۈرۈلدى.مۇنبەردە تېمىغا ماس سەھىپە تاپالماي، مۇشۇ سەھىپىگىلا يوللاپ قويدۇم، خاتا يېرى بولسا باشقۇرغۇچى مالال كۆرمەي تۈزىتىپ قويسا...
(تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى بىلمەكچى بولسىڭىز مۇناسىۋەتلىك توربىكەتلەرنى ئىزدەپ كۆرۈڭ، ھەممىنى تونۇشتۇرسام باشقۇرغۇچىلار مېنى ئېلانچىكەن دەپ تېمامنى ئۆچۈرمىسۇن يەنە...)
تېمىغا كەلدۇق
-----
Samsung I9000/Galaxy نىڭ ئۇيغۇرچە رومى تارقىتىلىپتۇ
كۆپلىگەن دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە، بىرقانچە ھەپتە جاپالىق ئەمگەكتىن ۋە كۆپ سىناشلاردىن كېيىن Samsung I9000 نىڭ ئۇيغۇرچە رومىنى كۆپچىلىككە سۇندۇق. بۇندىن كېيىن سىزمۇ ئانا تىلىمىزدىن زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ھوزۇرلىنىڭ.
روم نەشىرى 2.3.5 بولۇپ، بىرقانچە يانفۇندا سىناپ، مەسىلىلە بايقالمىغاندىن كېيىن كۆپچىلىككە سۇنۇلدى. ئەگەر سىز Recovery نى ئىشلىتىشنى بىلسىڭىز، wipe data ۋە wipe cache لەرنى بىر قېتىمدىن ئىجرا قىلۋىتىپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر Recovery نى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندە دەرىسلىكى سۆزلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ روم پەقەت مۇشۇ تىپتىكى يانفۇنغىلا ماس كېلىدۇ، Samsung I9000 دىن باشقا يانفۇنلارغا قاچىلىماڭ.
ئۇيغۇرچە روم نى ئەسلى مەنبەدىن چۈشۈرۈڭ :
http://www.alip.biz/thread-1459-1-1.html