مەھمۇد بەدەلجان ئۆمەر ئوغلى 1924-يىلى ئالمۇتا شەھرىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا تاماملاپ تىببى ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا چۈشكەن . 1941-يىلى ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى پارتلىغاندا كېڭەيش ھۆكۈمىتى ئۇنى كىروف نامىدىكى ھەربى تىببى ئۇنىۋېرستېتقا ئوقۇشقا ئېۋەتكەن.1943-يىلى بىر قولىدا داۋالاش سومكىسى يەنە بىر قولىدا قورال ئېلىپ دۇشمەن ئالدىنقى سېپىگە كىرىپ جەڭ قىلغان . ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەدە ھەربى خىزمەت ئۈتىگەن . ھەربى خىزمەت ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن كىروف نامىدىكى تىببى ئۇنىۋېرستېتتە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1953 -يىلى تىببى پەنلەر نامزاتلىق دېسىرتاسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلىغان .
1953-يىلى بىرلا ۋاقىتتا مەھمۇد ئۆمەر سوۋېت ئارمىيەسى قارغا ئېتىش كوماندىسى ۋە سوۋېت دولەتلىك قارغا ئىتىش كوماندىسىغا قوبۇللىنىدۇ . 1954 -يىلى سوۋېتلەر سايۇزى ۋە دۇنيا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قارغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ تېزلا تونىلىدۇ. 1955-يىلى بۇخارىستتا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . 1954 -يىلدىن 1961 -يىلغىچە 6 يىل ئۇدا س س س ر دۆلەت چىمپىيونى ، يوۋروپا چىمپىيونى ، دۇنيا چىمپىيونى بولىدۇ.
1956-يىلى مېرلبۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدال . 1960-يىلى ئىتالىيە رىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە يەنە بىر كۈمۈش مېدال غا ئېرىشىدۇ.
ئۇندىن باشقا ماھمۇد ئۆمەر كوماندىلار ئارا مۇسابىقىدە 5 نۆۋەت يوۋروپا چىمپىيونى ، 3 نۆۋەت دۇنيا چىمپىيونى بولغان .
ماھمۇد ئۆمەر بىلىملىك زىيالى كىشى ئىدى .ئۇيغۇرچە ۋە روس تىلىدىن باشقا يەنە نېمىسچە ۋە لاتىن تىلىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىشنى تولىمۇ ياختۇراتتى . ئۇنىڭ ئىجادى نەتىجىلىرى زور بولۇپ ، پىسىخىكىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇنىڭ بۇ كىتاپلىرى روسىيە تىببى ئاكادىمىيىدە ساقلىنىپ يۈكسەك باھالارغا ئېرىشكەن .
1961-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسى لېنىنگرادتا 37 يېشىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان .
ماھمۇد ئۆمەر توغۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشەي دىسىڭىز 1982-يىلى موسكىۋادا نەشىر قىلىنغان «مەشھۇر كىشىلەر ھاياتى » ياكى « سوۋېت ئولىمپىكى » دىگەن كىتاپلاردىن مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىۋالالايسىز . ئۇ كىتاپ ۋە تەشۋىقات رەسىم تاختىلىرىدا مەرھۇم ماھمۇد ئۆمەرنىڭ سۈرىتى باشقا روس داڭلىق كىشىلىرى بىلەن تەڭ بىرىنجى قۇردىن 3-كىشى بولۇپ تىزىلغان .
« 20-ئەسىردىكى مەشھۇر شەخىسلەر » روسچە توپلامدىن تەرجىمە (چىن تۆمۈر تورى)
تىما مەنبەسى: ئۇيغۇر ئاكادىمىيە تورى
مەنبە:
http://bbs.salkin.in:81/read.php?tid=1967