مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5675|ئىنكاس: 29

«مۇنبەر مەدەنىيىتى» توغرىلىق ئىككى كەلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355826
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3049 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 05:19:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورغا چىقىپ كېلىۋاتىمىز . يوق بولۇپ كەتمىدۇق ، نېمىشقا يوق بولۇپ كېتىمىز ؟ ياق ، يوق بولۇپ كەتمىدۇق . بىراق ، يوق قىلىنىپ كېتىۋاتىمىز ...
بۇرۇنلاردا ( 2007-2008-يىللىرى ) ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە خېلى ئات چاپتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ ، گەرچە ئەمەلىي بىرەر قويلۇق ھەتتا بىرەر كويلۇق ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن بولساقمۇ ، دىلى سۇنۇقنىڭ ئاھىغا ھەمدەم زارىغا ھەمغەم بولۇشۇپ ، مىللىتىمىز ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تورلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ توردىن پىتنىڭ كۆزىچىلىك بولسىمۇ نەپ ئېلىشىغا ئازراق ھەسسىمىزنى قوشۇپ كەلگەچكە ، شۇ زامانلاردا ئاۋازىمىز مىكروفونسىزمۇ خېلى چوڭ ئۈنلۈك چىقاتتى تورلاردا ، مانا ئەمدى بۇ سەھنىگە ئېلىشقان ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن ، مال بازىرىدا قالغاندەك قېرىغانسېرى ئۈنىمىز چىقماي ، تېخى تورداشلار « يوقاپ كەتتىڭغۇ ؟ » دەيدىغان بولىۋالدى ...
خوش ، گەپنىڭ ئۈچكىسىنى چېقىپ مېغىزىغىلا كېلەيلى :
كەمىنە فەقىر 2006-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا كىرگۈزۈشنى ئۆگەنگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىگە ، جۈملىدىن مۇنبەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن . كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەر بۇ يەردە يۈز بەرگەن ، ھە يۈز بەرگەن . يەنى ئەزا سانىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، تېخىمۇ كۆپلىگەن تور ئەھلى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپ ، مۇنبەرنىڭ كۆپچىلىك قاتنىشىپ كۆپچىلىك پىكىر قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ئاساسىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسلىق خاراكتېرى تېخى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن دوستلىشىش ۋە پىكىرلىشىشنى ئاساس قىلغان مۇنبەر مەدەنىيىتى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە غەيۋەت قىلىپ قوڭ كوچىلاشتىن ئىبارەت مۇنبەر مەدەنىيىتىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىغان لېكىن تولىمۇ چىن بولغان ئېچىنىشلىق رىئاللىقتىن ئىبارەت .
ئەگەر مەۋجۇداتلارنىڭ ۋە كەشپىياتلارنىڭ دەۋرىيلىك تارىخىنى تەرەققىيات تارىخى دەپ قارايدىغان بولساق ، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ بۇ 5 يىلدىن بۇيانقى تارىخىنى قىسمەن تەرەققىي قىلىش ۋە ئومۇمەن چېكىنىش تارىخى دەپ قارىساق تامامەن بولىدۇ . بۇنداق دېيىشتە تۆۋەنكىدەك بىرقانچە ئاساسنى دەلىللەشكە بولىدۇ :
بىرىنچى ، قىسمەن تەرەققىي قىلىش
1. ئاز ساندىكى مۇنبەرلەردىن كۆپ ساندىكى مۇنبەرگىچە . بۇرۇنقى مۇنبەرلەرنىڭ مۇتلەق سانى ئاز ئىدى ، چۈنكى بۇندىن 5 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى ، تەرجىمە تېخنىكىسى ، بەت تۈزۈش تېخنىكىسى قاتارلىق تور بېكەت تۈزۈشتىكى مۇھىم تېخنىكىلارنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆپ بولماسلىقى ، يەنە تور بېكەت ئىش ئۈنۈمى ، ئېلان ئىقتىسادىي ئۈنۈمى قاتارلىق ئەمەلىي ئۈنۈمنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى مۇنبەرلەرنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى ۋە زورىيىشىنى چەكلەپ قويغان ئىدى . مانا ئەمدى ئىككى بەڭگە گازىر چېقىپ پو ئېتىشىپ ئولتۇرۇپمۇ « مۇنبەر قۇرامدۇق » دېسە « مۇنبەر قۇرامدۇق » دېيىشىپ مۇنبەر دېگەن ئىنتېرنېت تورىغا تۆكمە قىلىۋەتكۈدەك تەرەققىي قىلىپ كەتتۇق . بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرخىل ئېقىمدىكى كىشىلەر تۈزەپ چىققان مۇنبەرلەر ھەرياڭزا كۆزقاراشلارنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ ، مۇتلەق سان ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سان بويىچە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى دۇنياۋىي سەۋىيەدىن خېلى كۆپ ئاشۇرىۋەتتى ...
2. تور ئەھلىنىڭ مۇنبەرلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى . بۇرۇنقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تورلاردىكى تور ئەھلى كۆپىنچە ھاللاردا يۇمشاق دېتال چۈشۈرگۈچىلەر ، ھۆججەت چۈشۈرگۈچىلەر ، فىلىم ياكى ناخشا كۆرگۈچىلەر ( چۈشۈرگۈچىلەر ) ، مۇڭداشقۇچىلار ، چايخانىچىلار ، خالا ناخشىچىلىرى ۋە شۇلارنى بەلگىلىك تۈردە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر قاتارلىقلارنى ئاساس قىلاتتى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، چايخانىچىلار ، مۇڭداشقۇچىلار قاتارلىق سانى خېلى غول بولغان كىشىلەر توپى تېز سۈرئەتتە مۇنبەردىن ئىبارەت گەپ بولسىمۇ قىلىدىغان ئوسۇرۇق بولسىمۇ قويىدىغان سورۇنغا توپلاشتى ۋە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى ئەزا ۋە كۆرگۈچى توپىنىڭ مۇتلەق سانىنى كۆپەيتىپ ، مۇنبەرلەر ئارا شۇ ساننى تالىشىشنى ئاساس قىلغان ساختا بىر خىل رىقابەتنى تېزلەتتى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ( ياكى مۇنبەر تۈزگۈچىلىرى ) قەستەن ھالدا ياكى كۆزىنى يۇمۇۋالغان ھالدا ، مەخسۇس تور ئەھلىنىڭ كۆز نۇرىنى ئۆز بېكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، بەزى سېرىق ، ناشايان ، زوراۋانلىق ، بۇزۇقچىلىق ، زەھەرچىلىك ، تەركىي دۇنيالىق ، ئاسىي دۇنيالىق قاتارلىق ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە زىت خەۋەر ياكى شۇ خىلدىكى تىمىلارغا كەڭ يول ئاچتى .
يۇقارقى ئىككى نۇقتا ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىنىڭ مۇشۇ 5 يىل مابەينىدە قولغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ قىسقىچە بايانى بولسا ، تۆۋەندىكى نۇقتىلار بولسا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە رىئال يۈز بەرگەن چېكىنىشلەر :
1. كەسىپچانلىق يوق ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى تۆۋەنلەش . كۆپىنچە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە خەۋەر ، يېڭىلىقنى ئاساس قىلغان تىما ، ئىنكاسلار سانى پۈتۈن يوللانما سانىنىڭ 28 پېرسەنتىدىن 42 پېرسەنتىگىچە ئىگەللەيدۇ . لېكىن ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋاقتى ئۆتكەن ، ساختا خەۋەر قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ كەلدى ، چۈنكى دۇنياۋىي خەۋەرلەر ۋە رايونلۇق خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ بۇرۇن يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنىش ، دۇنياۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنىش ، جۇڭگودىكى ياكى رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق ۋاسىتىلەردە ئېلان قىلىنىش ، توردا ئېلان قىلىنىش قاتارلىق بىرمۇنچە باسقۇچلارنىڭ ھەممىنى ياكى بىر قانچىسىنى باسقاندىن كېيىن ، ئاندىن بىرەر تىما يازغۇسى بار لېكىن يازغان تىمىسى ئىزچىل خالاغا كىرىپ كېتىپ بارغان مەلۇم بىر ئەزا دۇنيانىڭ بىر بۇرجىكىدىكى مەلۇم بىر قاراڭغۇ بەدبۇي تورخانىنىڭ ئىچىدە بىر قولىدا بىر كۈن چۇخەينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئېچىپ كەتكەن پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنى قاشلىغاچ يەنە بىر قولىدا بىر يەرلەردىن تېپىپ چاپلاپ ئاندىن مۇنبەرلەرگە يوللىغاچقا ، بۇنداق خەۋەر مۇنبەرگە چىقىپ بولغۇچە ، مەندەك خەۋەر بىلەن خوشى يوق كىشىلەرمۇ رادىئودىن تارتىپ تېلېۋىزورغىچە نەچچە قېتىم ئاڭلاپ قۇلاق يادا بولۇپ كەتكەن بولىدۇ . بۇنى يېڭىلىق ئەمەس كونىلىق ، خەۋەر ئەمەس تارىخ دەيمىز ! بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە بارلىق باشقا تىل-يېزىقتىكى مۇنبەرلەردە ئاساسىي جەھەتتىن بار بولغان كەسىپچانلىق _ خەۋەرچىلىك يوق ! بۇرۇنقى مەلۇم مۇنبەر مۇشۇ ئۈستىدە خېلى ئىزدىنىپ باققان ۋە تىرىشىش نەتىجىلىرىنىمۇ تور ئەھلىگە خېلى تونۇتقان ، ئەفسۇس ، بۇ جەھەتتە ھازىر پەقەت ئالەمچە چېكىنىش باركى يېڭىلىنىش يوق . بۇ پەقەت كەمىنە فەقىر ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن كۆپچىلىككە مىسال ئالغان بىر تېپىك مىسال خالاس ، باشقا جەھەتلەردىمۇ ھېچقانداق ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى قالمىدى .
2. قوڭ كوچىلاش مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىش . مىسرانىم مۇنبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئەسلى چولپانلار ، داڭلىق كىشىلەر ، جەمئىيىتىمىزدىكى ياخشى ئىش ، ياخشى كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇشى ، بەس-مۇنازىرە سەھىپىسى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتا ۋە سەزگۈر نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىلىق ئەتراپلىق ئەل رايى بىلدۈرگىسى شەكىللەندۈرۈشى ، شۇ ئارقىلىق تور ۋاسىتىسى بولۇشتىن ئىبارەت ئىلغار تەرىپىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى . ئەفسۇس ، ناھايىتى ئەفسۇس . يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى « ۋاي توۋا ، مۇشۇنداقمۇ ئىش بوپتىما ؟! » دېگۈزگىدەك ئىشلارغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولغاچقا ، تىما-ئىنكاسلار بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ ، بۇ تور ئەھلىنىڭ ئىچ - پۇشقىنى چىقىرىدىغان ، لۈكچەكلەرنىڭ نادان قىزلارنى ئىزدەيدىغان ،  سوپى-ئىشانلارنىڭ بەڭ چېكىۋېلىپ پو ئاتىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئىبارەت تراگېدىيەدىن باشتىن-ئاخىر مۇستەسنا بولالمىدى . ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئەڭ دەسلەپ يامغۇردىن كېيىنكى موگۇدەك كۆكلەپ ئۆسۈپ چىققان دەۋردىلا قوڭ كوچىلاش ھادىسىسى بار بولۇپ ، نەچچە يىللىق باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنلىنىشى ۋە پىشىپ يېتىلىشى ئارقىسىدا بۇ خىل ھادىسىلەر يوقالمىغان بولمىسىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان ئىدى . بىراق ھازىر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ بارى بۇ خىل ھادىسىنى ئۆزىگە مەدەنىيەت قىلغان ھالەت شەكىللەندى . مەيلى قانداق شەخس ، قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، پەقەت قايناق تىمىلا بولىدىكەن ، پەقەت ئىنكاس سانى 100 دىن ئاشقانلا بولىدىكەن ، خوش ، تىمىغا كىرمىسەكمۇ ئىچىدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ : بۇ تىمىدا بىر قانچە « نوپۇزلۇق كەسىپ ئەھلى » تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەخس ياكى نۇقتىئىنەزەرگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئىنكار قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە بىر توختاۋسىز جېدەل-ماجرا تىرىلىدۇ ، ئاغزى مەينەت تور ئەھلىدىن بىر قانچىسى ئاغزىنى بۇزىدۇ ، ئىملاسى خاتا بولسىمۇ مىنۇتىغا نەچچىدىن ئىنكاس بىلەن جېدەلنى داۋاملاشتۇرىدۇ ، تېخى شۇنى ئاز دېگەندەك 16-ئەسىردە تارىخنىڭ يانچۇقىدىن سىرغىپ چۈشۈپ قالاي دېگەندە ئىشتانباغقا ئېسىلىۋېلىپ تاكى ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىگىچە مەرەزدەك چاپلىشىپ كەلگەن ئىشان ئەۋلادىدىكى ئىككىسى جەزبىسى بىلەن كىرىپ ،  مەنمۇ بار بۇ دۇنيادا دېگەندەك ، ئاغزىدىن شالۋاق ئاققۇچە ھۆكمەت توۋلاپ رەققاسلىق قىلىدۇ ۋە جېدەلنى ئەۋجىگە چىقىرىدۇ ؛ تېخى ئۆمرىدە بىرەر توخۇ چاغلىق نەرسىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ باقمىغان ئاتالمىش نوچىلار  سىيىت نوچىنى پوققوساق بوڭقۇشقا چىقىرىۋېتىدۇ ؛ تېخى ئۆمرىدە بىرەر بالا بېقىپ چوڭ قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ، ئۆزىمۇ تېخى سۈت چىشىدىن ئايرىلمىغان بالا پەيلاسوپلار ، دىلنار ئابدۇللادەك كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە تونۇتۇپ كېلىۋاتقان پىشقەدەم سەنئەتچىلەرگە ھايات ۋە دۇنيا پەلسەپىسىدىن چوڭقۇر دەرسلەرنى بېرىدۇ ؛  تېخى ئۆمرىدە ئالتە ئادەم بار سورۇندا كېلىشتۈرۈپ بىر ئېغىز ئوغۇل بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ باقمىغان خۇشخۇيلار ئابدۇكېرەم ئابلىزدەك سەھنە ئېتوت سەنئىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئارتىسنىڭ كەينىدىن ئىشتاننىڭ تېشىدىن ياغاچ تىقىشقا ئۇرۇنىدۇ ؛ تېخى ئۆمرىدە تۇتۇپ بىرەر قېتىم قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ تۈگىتىپ ئىلىم ھاسىل قىلمىغان تور موللىلىرى ، ئۆزۈمنىڭ ئەمىلى نەدىن نەگىچە دېگەننى نومۇسسىزلىق بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، ئاغزىدىن پوق ياغدۇرۇپ تىما ئىگىلىرىنى تىللاپ پوسكايتىۋېتىدۇ ... ئىشقىلىپ بىز تور ئەھلى ، 100 ئىنكاسنى بىر يەرگە يىغساق ، 10 ئىنكاس رەھمەت ئوقۇش ، 10 ئىنكاس ئادەم قارغاش ، 10 ئىنكاس توردا يېغىلىق قوزغاش ، 10 ئىنكاس ئىككى تونۇشنىڭ شەخسىي پارىڭى بولسا ، قالغان 60 ئىنكاس قوڭ كوچىلاش بىلەن تاماملىنىدۇ ...
3. ياش - ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەش . ھازىرقى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى سېرىق ۋە ناشايان ، زوراۋانلىق ئىددىيىسى سىڭگەن نەرسىلەرنى قاتتىق چەكلەيدۇ ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن مۇنبەرلەرنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەش يوللىرى ئېتىلمىدى ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ ئەۋجىگە چىقتى . مەسىلەن ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ مۇنبەر باش بەت يۈزىنىڭ سول تەرىپىدىكى تىما ماۋزۇلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ ، يۈزىڭىز قىزاردىمۇ ؟ ئۆيىڭىزدىكى خاتۇن-بالا-چاقىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ئاچالامسىز ؟ ... « ئىپپەتسىز قىزنى ئالامسىز ؟ » « ئىپپەتسىز ئەرگە تېگەمسىز ؟ » « پاھىشىنىڭ ئاچا-سىڭلىسى ، قىينىئاتا-قىينانىسى » .... دېگەندەك « كۆزنى قاماشتۇرىدىغان » ماۋزۇلار ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ . توغرا ، ئىلىمدە ھايا يوق ، ھەرقانداق گەپلەرنى مۇشۇ يەردە ئۇدۇللا مۇزاكىرە مۇنازىرە قىلىشساق بولىدۇ ، بىراق ھەركۈنى شۇ پاھىشىنىڭ جـالاپ بىلەن ھـەزىلەكنىڭ ، پاھىشىنى ئالغان يېگىتنىڭ ، قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان دادىنىڭلا گېپىنى قىلىشىپ ئولتۇرساق ،  ھەي ، ياش - ئۆسمۈرلەر ، كىشىلىك قاراشلىرى تېخى پىشىپ يېتىلىپ بولالمىغان تور ئەھلى ، بۇ ئۇيغۇر دۇنياسىدا شۇ تېگى يوق تۆشۈكتىن باشقا ئىش يوقكەن دەپ ئويلاپ قالماسما خالايىق ؟ ...
4. مۇنبەرنىڭ كوزېرىنى يوقىتىپ قويۇش . بۇرۇنقى مۇنبەرلەر ياكى بەس-مۇنازىرىنى ئاساس قىلغان ، ياكى ئەدەبىياتنى ئاساس قىلغان ، ياكى خەۋەرنى ئاساس قىلغان  ، ياكى بەدىئىي سەنئەتنى ئاساس قىلغان ، ياكى دوستلىشىشنى ئاساس قىلغان مەلۇم بىر ساھەنى ئۆزىگە كوزېر قىلىپ تاللاپ ، شۇ ساھەدە ئاز بولسىمۇ پىتنىڭ كۆزىچىلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىدى . ھازىرچۇ ؟ ئۇنىۋېرسال مۇنبەر دەپ قويۇڭ تېخى ... ئۆرگىلەي ... ھەممە مۇنبەرلەردە دېگۈدەك يېگىرمە - ئوتتۇز خىل سەھىپە بار ، خۇددى ھورۇن ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىر دېگەندەك . بىر خوتۇن ئالتە قازانغا تەڭ ئوت يېقىپ ، بىر چەتتىن ھالۋا بىر چەتتىن ئۈگرە ، بىر چەتتىن پېتىر مانتا بىر چەتتىن چۆچۈرە ئەتكەندەك ، ھەممىسى بەتتام !


يۇقارقىلىرى كەمىنىنىڭ ئازراق سۆزلىرى ، ھېچقانداق نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلىماقچى ئەمەسمەن ، پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ قويدۇم .  كەمىنە ئەدەبىياتتا ئوقۇمىغان ، ئۇيغۇرچىدا تېخىمۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان ، شۇڭا قاملاشمىغان يەرلىرى بولسا كەچۈرىۋېتىپ ، كۆپچىلىكمۇ ئازراقتىن ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئورتاقلاشسا دېگەن ئۈمىدتە يوللاندى . يەنە باشقا گەپ-سۆز بولسا داۋامىغا يوللىنىلىدۇ !

2011-يىلى 17-ئۆكتەبېر
---ئەزىزان---

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
musilina + 300 توغرا پىكىرلەر...
hazniqi + 100 ھەقىقەت ...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 400   باھا خاتىرىسى

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27274
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8760
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 1610 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 07:35:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ھازىر نىمە تۇلا ، مۇنبەر تۇلا.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تور بەتنى ئەلگە نەپ تەككۈدەك راۋرۇس تەرەققىي قىلدۇراي دىمەي، بىر نەچچە تور بەتنى قۇرۇپ قۇيۇپ، يىتىشىپ بۇلالماي باشتا قۇرىغىنى تاقىلىۋاتقان، كەينىدىن باشقا ئىسىمدا يەنە قۇرىۋاتقان.......قارىغاندا توربەت قۇرىماق ئاسانلىشىپ كىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.  

ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق

cahil insanin yaninda kitab gi

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25101
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8007
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 07:46:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە كىلىپ قايسىلا مۇنبەرگە كىرسىڭىز ھەممىسىدە ئوخشاش تىمىلار، قىلچە خاسلىق يوق.....

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر دۈشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 57732
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2986 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 07:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچلىلارنىڭ ھەممىسنى تۆت تام ئىچىدىكى 4 ‹‹ساراڭ››غا ئوخشىتىمەن ...
ھەممە كىشى ئۆزى ئۈچۈن  قورساق ئۈچۈن ،بالا ئۈچۈن،ئائىلە ئۈچۈن قەغەز پۇلنىڭ دەردىدە قەدەملىرى توختىمايۋاتسا مەن ‹‹ساراڭ›› مانچە يۈز ۋاتلىق كۆزەينەكتە سەتلىشىپ بۇرمۇنچە ئىنىرگىينى خورتۇپ ئىككى تۆت تال خەت ئۈچۈن مىڭەمنى يىگلىتىپ روھى ئوزۇق سۇنمەن دەپ ھەقلىق قەلەمدە ھەقسىز  يازدىكەنمەن يەنە باشقىلار ئەمەس ئۇ ئاتالمىش ‹‹ئوزقۇمنى›› ئۇ ‹‹ساراڭ›› كۆرىدۇ ،يەنە بىر ‹‹ساراڭ›› تەتقىق قىلىدىكەن ،يەنە بىر ‹‹ساراڭ›› مەن يازغاننىڭ مېغزىنى چاقىدىكەن.
قەلەم يازغان قارا چىكىتلەرنى يەنە شۇ  4 ساراڭلا تۆت تام ئىچىدە ئۇ يېزىپ بۇ ئوقۇپ بۇ يېزىپ ئۇقۇپ يۈردىكەن ، ھېلقى قەغەز 4 تامنىڭ سىرتىغا چىقسىلا ئۆز قەدرىنى يوقتىدىكەن ، ھېلقى ئالىدراش كىشلەر ‹‹ھە، ياخشىكەن ››دەپ ئوقۇشنىڭ ئالىدىدا قانداق بولسا يەنە شۇنداق يۈرۈيدىكەن. مۇنبەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر كىم نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭ ئاۋاتلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ....

مۈنبەر دىگەن ئۇقۇم مۇنبەردىكى نۇرغۇن كىشلەردە ئېنىق ئەمەس،
مۇنبەر _ئەدەبىيات -سەنئەتتىكى ھەرخىل ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ئارقىلىق  ،ئوي پىكىرلەردىكى يارقىنلىقنى نامايەن قىلىش،ۋە ئورتاقلىقنى  يۈزلىنىش بىلەن   بەھىر ئېلىش ،زوقلىنىش،ئىديىسىدە شەيئى ۋە تۈرلۈك تۇمەن ھادىسلەر ئۇستىدە يېڭى ئۇقۇمنى شەكىللەندۇرۇش  مەقسىتىدە مەسىلەۋە بايانلار،(تىما)لارغا قارىتا ئەركىن پىكىر بايان قىلىدىغان ، كەڭ قاراتمىلىققا ئىگە ، تەھلىل ۋە تەپەككۈر  مۇلاھىزە  پىكىرلەر يىغىندىسنىڭ بۈگۈنكى دەۋىر  تەرەققىياتنىڭ ،ئېھتىياجىنىڭ يېڭىچە بىرخىل يۈزلىنىشتىكى ئوموملاشقان شەكلى دەپ قارايمەن.

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59883
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11235
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 07:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيسىز.... مەنمۇ مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغان ، لېكىن سىز دىگەن مەسىلىلەرنى ئويلىغان بولسامممۇ ياراشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرالمىغان ئىدىم.
ئەمەلىيەتتە بىز ‹‹ ھاياجان›› تىپىدىكى خاراكتىرىمىز بىلەن مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قارىمايدىغان ھالەتكە كەلگىنىمىزگە خېلى بولۇپ قالدى...
مەسىلەن ئېيتالى شىئېر بولسىلا مەزمۇنىنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن چاتىقىمىز يوق، خالىغانچە  ئىنكاسىمىزنى قالدۇرىۋېرىمىز، ئۇنىڭدا نە شىئېرىي تۇيغۇ، نە شىئېرىي تىل، شىئېرىي پىكىر بولمىسىمۇ خۇددىي يېرىم  كېچىدە نەدىدۇر بىر يەردە قاۋىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان ئىت: ‹‹ ئۇ قاۋاۋاتىدۇ ، مەنمۇ قاۋاپ قوياي›› دىگەندەكلا ....

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 07:58:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر دىگەن بىر ئاممىۋى سۇرۇن بۇ يەرگەن چوڭ-كچىك ھەممسى كىرىدۇ ، بەزىلەر  باشقىلاردىن قىلچە تەپ -تارتماستىن .، ئىنتايىن سەت گەپلەر  بىلەن بىر-بىرىنى تىللىشىپ كىتىدىكەن ، بەلكىم  ئۇلارنىڭ ئەخلاقىدا ئىنتايىن ئىغىر مەسىلە باردۇر   ، مۇمكىن بولسا چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئىلمي  مۇنازىرلەشسە  !!!!!!!!
باشقۇرغۇچىلارمۇ  شۇنداق ئىنكاسلارغا دىققەت قىلمامدۇ ياكى كۆرمەمدۇ بىلىمىدىم . شۇنداق ئىنكاسلارنى تازلاپ ماڭسا دەيمەن .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

گۇناھلىرىمنى يۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 08:08:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەممىدىن ھەيران قالغىنى مۇنبەردە كاللا دېسە پاقالچاق،پۇشۇرۇپ بېرەي دېسە خام يەيمەن دەيدىغانلار ئالامەت جىقكەن.بىر ئېغىز گەپ قىلسا شۇنىڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىچە ئاچچىقلاپ كېتىدىكەن تېخى.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 08:20:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھلىل قىلغىنىڭىز يامان ئەمەس، لېكىن كەسكىن بولالماپسىز، يەنى پالانى تور بەتلەر سېرىق، ناشايان يوللانمىلارنى يوللايدىكەن دەپ بىۋاستە دېيەلمەپسىز.
ئىككىنچىدىن ھېسىيات بەك ئارىلىشىپ كېتىپتۇ، مۇھاكىمە ماقالىسى دېگەن ھېسىياتنى سەل تىزگىنلىمىسە بولمايدۇ.
ئۈچۈنچىندىن بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەك، قانداق يولغا مېڭىشى كېرەك سەمىمىي تەكلىپ بەرمەپسىز.
باشقا قاراشلىرىم بولسا يەنە پىكىر يازىمەن.
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى سىزدەك كۆزىتىشكە سەزگۈر، ئويغاق كىشىلەرگە موھتاج، قانداق پىكىرىڭىز بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37450
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3926
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 12226 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 08:20:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار ،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قويدۇم ، قايسىڭلار «ھەيرانىڭمەن »دېگەن ناخشىنىڭ تۇلۇق تېكىستىنى بىلىسىلەر ،ياكى شۇ ناخشىنىڭ ئادرىسىنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرەلەيسىلەر؟جىددى لازىم ئىدى ،رەھمەت!

تاغنى پەسلەتمەي  تۇرۇپمۇ تاغدىن ئۆتكىلى بولىدۇ .

بەيگىدە-چېپىۋات

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28364
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6613
تۆھپە نۇمۇرى: 691
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 08:23:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گەرچە تىمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىققان بولساممۇ بۇ ھەقتە نىمە دەپ سۆز يۈگۈرتۈشكە
ئاجىزلىق قىلدىم. ئۆزۈمنىڭمۇ بىر توربېكەت قۇرغۇچى سالاھىيىتىدە تۇرۇپ يۇقىردا دەپ
ئۆتكىنىڭىزدەك ئەمىليەتكە كۆز يۇمغۇم كەلمىدى. شۇنىڭلىق بىلەن بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر
يۈرگۈزۈشكە تەمشەلدىم ، ئۇيغۇر تورچىلىقىمىز  يەنى مۇنبەرچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر
خىل قاتماللىق ۋە ئاجىز ھالەتنى تۈرلۈك سەۋەبلەر ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىڭىزدىن
خۇرسەن بولدۇم.


بەيگىدە-چېپىۋاتقان ئاتنى ئەمەس ،بەلكى چاپالايدىغان ئاتنى تاللاش كېرەك.www.8koqa.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش