بىر ئاتىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى
1. باشقىلار بىلەن دائىم باراڭلىشىپ تۇر، ئەمما پارىڭىڭ قىسقا بولسۇن.
2. ھىكايە سۆزلىمە، چاخچاقنى ئاز قىل. سۆزلەشكە توغرا كەلسە ئاز سۆزلە.
3. باشقىلارنى سۆزۈڭنى ئاخىرغىچە ئاڭلاشقا مەجبۇرلىما.
4. باشقىلارنىڭ ئالدىدا يېنىڭدىكى كىشى بىلەن كۈسۇرلاشما.
5. پىتنە- ئىغۋا تارقاتما ۋە پىتنە - ئىغۋاغا ئىشەنمە.
6. قولۇڭغا كىرگەن پۇلنى ئۆزۈڭگە، ئائىلەڭگە ۋە باشقىلارغا پايدىسى تىگىدىغان يەرگە سەرپ قىل.
7. باشقىلارنى دورىما، ئۇ مەڭگۈ كەچۈرۈشكە بولمايدىغان قىلىق.
8. يۇقۇرى ئاۋازدا قاقاھلاپ كۈلۈش ياخشى ئادەت ئەمەس.
9. سۆزۈمنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىمەن دەپ باشقىلارغا تاپا- تەنە قىلما.
10. ئېنىق گەپ قىل، ئەدەپلىك بول، چىرايىڭدىن كىشىنى جەلپ قىلىدىغان تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرسۇن.
( ئابدۇۋاسىت ئەھمىدى تەييارلىغان)
مەنبە: « شىنجىاڭ خەلىق قۇرۇلتىيى» ژورنىلى 2011- يىلى 9- سان.