مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2609|ئىنكاس: 5

ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بۇھرانلارنىڭ سە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئنساننىڭ قەدىرى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49807
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4828
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 11:46:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بۇھرانلارنىڭ سەۋەبى



بۈگۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان بۇھرانلارنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ۋىجدانلاردا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدىغان رەھمەت ۋە شەپقەت تۇيغۇلىرىنىڭ يوقلىقى، كىشىلەرنىڭ ھەق ـ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇلىرىنىڭ بولماسلىقىدۇر.

شەخسلەر ۋە جەمئىيەتلەر پەقەتلا ئۆز مەنپەئەتلىرىنىلا ئويلايدۇ ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان مەنپەئەتنىڭ ھالال بولۇپ بولمىغانلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاجىزلار ناھەقچىلىككە ئۇچراپ ئىزىلىدۇ. بۇلارنى قوغدايدىغان كۈچ يوق. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەرشى ئالاغا ئۆرلەپ چىققان ئاھۇ ئەفغانلىرى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۈستىگە تىنچسىزلىق ئاپىتى بولۇپ چۈشىدۇ. چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاھى ـ دۇئاسى بىلەن ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھنىڭ ئارىسىدا پەردە يوق.

ئىنسانلارنى بىئارام قىلىۋاتقان بۇ ئىزتىرابلاردىن قۇتۇلۇشىنىڭ چارىسى بارلىق ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەق، ئادالەت ۋە مەرھەمەت تۇيغۇلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا ھاكىم قىلىشتۇر.

ئىنسان ئەقىل ـ پاراسەت، پەن ـ تەخنىكا ۋە بىلىم جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندەك قىلىدۇ. بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىمكانىيەتلەر ۋە قولايلىقلار بىلەن بىرگە، كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىش كۈچى يۇقىرى سايمان ۋە قوراللار ئىشلەپ چىقىرىلماقتا. بۇ قوراللار ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىش ۋە بىر ئاندا پۈتكۈل ئىنساننى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋىتىش كۈچىگە ئىگە. دۆلەتلەرنىڭ بىر ـ بىرىنىڭ زىيان ئۇرۇشىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن قولىدا تۇتۇۋاتقان بۇ قوراللارنى ئىشلەتكەن تەقدىردە يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلار ھالاك بولىدۇ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىيامىتى قوپىدۇ.

« ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن ئاللاھ پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.»(سۈرە بەقەرە: 251- ئايەت.)

ئىنساننىڭ ئەڭ شەرەپلىك مەخلۇق بولغانلىقى كۆپۈنچە ئۇنتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئىنساننىڭ ئەسلى ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى تەمىنلەش ئۈچۈن يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش ئىكەنلىكىمۇ بىلىنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجىزلارنىڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈشى، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئەمەلىلەشمەيدۇ. ۋىجدانلار يەر يۈزىنى ئىنسانلارغا پايدىلىق شەكىلدە گۈللەندۈرۈشكە قارىتىلمايدۇ. ئەقىل بىلەن ۋىجدان ھاۋا يى ـ ھەۋەس، نەپسانىي ئارزۇ ۋە ماددىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرالمايدۇ

ئىنسانلارنىڭ بۇ ناچار ئەھۋالغا چۈشۇپ قېلىشى سەۋەپسىز ئەمەس. «ئىنسانلارنىڭ ئۆز قوللىرى بىلەن ئىشلىگەن گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن يانسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى.»(سۈرە رۇم: 41- ئايەت.)

كۈنىمىزدە كۆپلىگەن كىشىلەرنى قورقۇتۇۋاتقان مەسىلە، ھەق ـ ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنىڭ ۋابالى ياكى ھېساپ كۈنى قانداق ھېساپ بېرىش ئەندىشىسى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى بىئارام قىلىۋاتقان ئاتوم بومبىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئىنسانىيەت بىلەن بىرلىكتە ئۆرزلىرىنىڭمۇ ھالاك بولىدىغانلىق قورقۇنچىسىدۇر.

شۇنداق، بۇ ئىزتىرابتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھايات بېغىشلايدىغان سايىسىدە قوغدايدىغان ھەق، ئادالەت ۋە ئومۇمىي مەرھەمەت تۇيغۇلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانلىرىغا ھاكىم بولۇشىدۇر.

بىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئۇتۇقتۇر. لېكىن قۇرۇق بىلىمنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت ـ سائادەت بېرەلمەيدىغانلىقى ئاشكارىدۇر. قۇرۇق بىلىم ئەخلاقنى ياخشىلاشقا ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قادىر بولالمىغاندەك، نە ئالىملارنىڭ چىرايلىق سۆزلىرى، نە ئەدىبلەرنىڭ ھېكمەتلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاساسلارنى ئەمەلىلەشتۈرەلمەيدۇ. بىلىم ئىنساننىڭ پىكرىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، ھوقوقىنى كېڭەيتىدۇ، ئىدراكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ بولسا ئىنسانىيەت ئۈچۈن چوڭ بىر نېمەتتۇر. چۈنكى جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟»(سۈرە زۇمەر: 9- ئايەت.)

«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.»(سۈرە فاتىر: 28- ئايەت.)

لېكىن ئەقىللەرنى ئايدىڭلىتىدىغان بۇ بىلىم روھلارغا ـ كۆڭۈللەرگە كىرىپ ئىمان بىلەن بىرلەشمىسە، ياخشىلىققىمۇ، يامانلىققىمۇ ئ
ھالەك بولىدۇ. چۈنكى نەپسانىي ئارزۇ ۋە مەنپەئەت پىكرى تۇغدۇرىدىغان ھەر قانداق سەپسەتە ۋىجدانلارنى ئازدۇرىدۇ، ئەقىللەرنى توغرا ئويلىيالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەڭ مۇكەممەل مەخلۇق بولغان ئنسان نەپسانىي ئارزۇلىرىنىڭ ئالدىغا سېلىۋىلىشى بىلەن بەزىدە ئەڭ ۋەھشى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ئىنسانىيەتنى بىئارام قىلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى يوقىتىدىغان ھەققانىيەت، ئادالەت ۋە مەرھەمەتنى ۋىجدانلارغا يەرلەشتۈرۈش پەقەت ھەق دىن بىلەن بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبىدە تۇغۇلۇشتىن مەۋجۇد بولغان بۇ ئۇلۇغ تۇيغۇنى كۈچلەندۈرۈپ، كۆڭۈللەرگە يەرلەشتۈرىدىغان ئامىل دىندۇر.

ئۇ شۇنداق بىر دىنكى، ئىنسانغا پەرۋەردىگارىنى ئەسمائۇلھۇسنا (ئەڭ گۈزەل ئىسىملىرى) ۋە ئەڭ ئۇلۇغ سۈپەتلىرى بىلەن تونىتىدۇ. ئىنساننىڭ رەببىگە قانداق ھۆرمەت ـ ئىھتىرام قىلىدىغانلىقىنى، قانداق قۇلچىلىق ـ ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئوچۇق بىر شەكىلدە ئۆگىتىدۇ. بۇ دىن ئىنسانغا كائىناتنى، ئىنساننىڭ كائىناتتىكى ئورنىنى ۋە ۋەزىپىلىرىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بۇ دىن ئىنساننى ئېزىپ كېتىشتىن، خۇراپات ۋە ۋەھىملەرنىڭ گىردابىغا چۈشۈش قېلىشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

ئۇ شۇنداق بىر دىنكى، ئىنسانلارغا پەقەت مەلۇم بىر زامان ۋە ئاساسلارغا بويسۇنۇشنى بۇيرۇپلا قالمايدۇ، بەلكى ئۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان بارلىق ئىشلارنى ۋە ھايات بەخش ئېتىدىغان ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېچىنىڭ ھەر سىكىنۇتىدا، كۈندۈزنىڭ ھەر لەھزىسىدە ئىنساننىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىغان، پىكىرلىرىگە ۋە ھەرىكەتلىرىگە چىراق تۇتىدۇ.

بۇ دىن ئىنساننىڭ ئۇلۇغ ياراتقۇچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئوچۇق بىر شەكىلدە رەتكە سالغاندەك، كىشىنىڭ باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى مۇئامىلىلىرىنى ئەڭ ماقۇل ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تەرتىپلەيدۇ. ئىمانلىق بىر كىشى ھاياتىنىڭ ھەر ساھەسىدە بۇ دىننىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىلىدۇ ۋە كۆرىدۇ. دوكىنىدا، ئىشخانىسىدا، ئېتىزىدا، فابرىكىسىدا، مەجلىسىدە، دەم ئالغاندا، ئىشلەۋاتقاندا، باشقۇرغۇچى بولسۇن ياكى باشقۇرۇلغۇچى، ئىشچى بولسۇن ياكى ئىش ئىگىسى، بۇ دىننىڭ بۇيرۇقلىرىنى ۋىجدانىدا ھىس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆرە ھەرىكەت قىلىدۇ.

بىر قۇماندان ياكى بىر ئەسكەر تىنچلىقتا ۋە ياكى دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقاندا بولسۇن بۇ دىننىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.

بۇ دىن ئىنسانغا دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»(سۈرە نەھل: 128- ئايەت.)

«كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»(سۈرە زەلزەلە: 7-8- ئايەتلەر.)  

«يەردىكىلەرگە مەرھەمەتلىك بولغىنكى، ئاسماندىكىلەر ساڭا مەرھەمەتلىك بولسۇن.»( كەشفۇلخەفا: ھەدىسنىڭ نومۇرى: 314.)

«ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا ئەڭ پايدىلىق بولغىنىدۇر.»(ئەلجامىئۇسسەغىر شەرھى فەيزۇلقەدىر: ھەدىسنىڭ نومۇرى: 4044.)



«ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قەدىرلىك بولغىنىڭلار، ئاللاھتىن ئەڭ كۆپ قورقىدىغىنىڭلاردۇر.»(سۈرە ھۇجۇرات: 13- ئايەت.)

«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.»(سۈرە بەقەرە: 190- ئايەت.)

«يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»(سۈرە قەسەس: 77- ئايەت.)



مانا بۇ دىن ئىنسانلارغا مۇشۇلارنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقەتلەرنى بۇيرۇيدۇ. بۇ ئالى تۇيغۇلارنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە، ئەقىل ۋە ۋىجدانلىرىغا يەرلەشتۈرىدۇ.

بۇ دىن ئىنساننىڭ ئەقىل ۋە ئىرادىسىگە كۈچ، دىلىغا ۋە روھىغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ؛ ئۇنىڭ ۋىجدانىنى ئېزىپ كېتىشتىن، سەپسەتىلەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.

پۈتكۈل بۇ خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە ئالەمشۇمۇل بولغان ھەق دىن ئىسلام دىنىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

«جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى خەتەرگە ئۇچرىتىۋاتقان ئامىللار» ناملىق تۈركچە كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31930
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4219
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2011-2-27
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 02:30:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بەلەن ماقالە ئىكەن،ھەقىقەتەن كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ،ئوتتۇرغا قويغانلىرى ئورۇنلۇق، ئەمەلىي،چىن ئىكەن.

تەلئەت

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5873
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 02:45:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى كىرىزىستىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىردىنبىر  توغرا يولدۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14075
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 6075 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 11:45:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ كۆپ رەھمەت سىزگە.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44035
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 4351 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 11:13:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرھەق. ئىسىل تېما ئىكەن. كەرەملىك ئاللاھ، ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن، ئامىن!

ئنساننىڭ قەدىرى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49807
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4828
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 09:32:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  ما تېىمىنى، چۆلدەرەپ قاپتۇ دىسە!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش