مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8551|ئىنكاس: 58

تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قەدىمكى كېرىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سـەلـكـىـنـنـى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41168
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4483
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2011-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 06:28:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قەدىمىي يۇرت- كېرىيە



كېرىيە ناھىيىسى
كېرىيە ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىيە ناھىيىسىگە، غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 122 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 13 يېزا، 168 ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1329 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 191 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.49% نى، خەنزۇلار 1.41% نى، باشقا مىلللەتلەر 0.1% نى تەشكىل قىلىدۇ. كېرىيە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇزۇتقات، كېرىيە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) تۆتىنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراقاش شەھىرىنى مەركەز قىلىپ كېرىيە ناھىيىسى قۇرۇلغان. گۇاڭشۈ 11 - يىلى (1885 - يىلى) مەركىزىي كېرىيە شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1959 - يىلى خەنزۇچە <于> (كېرىيە) دېگەن خەتنى <于田> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.  يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىي كوئىنلون تاغلىق رايونى، ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 31.3% نى، بوستانلىق 6% نى، چۆل - باياۋان 62.7% نى ئىگىلەيدۇ. كېرىيە دەرياسى قاتارلىق 11 دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى بىر مىليارد 114 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 595 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، تېبەت بۆكىنى، يىلپىز، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، قۇلان، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، قومۇش، توشقان زەدىكى، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر، كەندىرى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، خرۇستال، تاش پاختا، قاشتېشى، چىرىمتال، كۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار. كېرىيە ناھىيىس مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.3℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2759.6 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4199.6℃، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 44.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2489.6 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 17.8 كۈن. ناھىيىنىڭ دېھقانچىلىقى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 23 مىڭ 800 گېكتار (357 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر. 9100 گېكتار (136 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، يەنە 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر 42 مىڭ 700 گېكتار (640 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن 0002 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارا دۆڭ خارابىلىقى، قازناق مەسچىت خارابىسى، ئىمامزار خارابىسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دەريا بويى يېزىسى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.

جۇڭگۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىق گۈل بازىسى-كېرىيە.



ھەر يىلى 5-ئاينىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى قىزغىقىغا جايلاشقان بەشتوغراق كەنتىدە چۈڭگۈلنىڭ خۇشپۇراق ھىدى يىراق يېقىندىن كەلگەن ئىكسپىدىتسىيەچىلارگە چەكسىز ھۇزۇر بېغىشلاپ ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەشتوغراق كەنتى چۈڭگۈلدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ۋە ئۆزگىچە يەرلىك مەھسۇلات ئارقىلىق پۇتۇن شىنجاڭغا تۇنۇلۇپ ئىسمى جىسمىغا لايىق چۈڭگۈل يۇرتىغا ئايلاندى .
چۈڭگۈل كىشىلەر نەزرىدە پاكلىق ھەم گۈزەللىكنىڭ سىمووۋولى بولۇپ،ئۇ ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۈيۈپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىشى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئۆستۈرىشىگە ئېرىشىپ كەلدى .



بۇيەر جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي كەنت.جەنۇپ ۋە شىمالى بۇرجەكلەرنىڭ ئارلىقى 200كىلومىتېر كېلىدۇ.بۇيەردە پەقەت 100 نەچچە ئائىلە 1100دىن كۆپرەك نۇپۇس بار،قوشنا ئىككى ئائىلىنىڭ ئارلىقىمۇ 54 كىلومىتېر كىلىدۇ.بۇ يەر"ئەڭ ئاخىرقى كۆچمەن چارۋىچىلار قەبىلىسى"دەپ ئاتالغان دەريا بويى يېزىسى.
قۇملۇق ئىچىدىكى تەبىئىي مۇھىتى ئۆزگىچە كېرىيە دەريا بويىدا ئەزەلدىن شۇ جايدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن شۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكى، يەر تۈزۈلۈسىگە ئاساسەن قويغان، دەريا بويى خەلقى ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈرۈپ ئاتاپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خاس يەر ناملىرى ئۇچۇرايدۇ. يەر ناملىرىنى تەتقىق قىلىش بۇ جايلارنىڭ تارىخىنى، ناملىرنىڭ ئۆزگۈرىشى، تىل تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتىريال ھېساپلىنىدۇ.




جۇڭگۇنىڭ قۇملۇق ئىكىسپىدىتسىيە يۇرتى-كېرىيە.




كېرىيە بوستانلىقى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبى گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇقلار ئوتتۇرىسىكى دېئالېكتىك بىرلىكنىڭ تىپىك كۈرۈنۈشى ئىدى. كېرىيەلىكلەر ئەلمىساقتىن بۇيان يىراقتىكى قارلىق تاغلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان دەريا سۈيىنى قەدىرلەپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننىڭ بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى، بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇقلارنىڭ بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دەريا سۈيىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى.
ئىمكانىيەت بولسىلا بوستانلىق بەرپا قىلىش ۋە يېڭى ھاياتلىق مۇھىتى يارىتىش قۇملۇق خەلقىنىڭ دائىملىق ئارزۇسى ئىدى. بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى ئاھالىلارنىڭ نىسبىتىنى سىغدۇرالمىغان ھامان ئۇلار سىرتقا قاراپ ئاقاتتى ۋە دەريا تاراملارنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ يېڭى بوستانلىقلارنى ئىزدەيتتى. تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى يۇلتۇزلاردەك تارالغان چوڭ-كىچىك بوستانلىقلار مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغانىدى.

جۇڭگۇنىڭ توغراق يۇرتى-كېرىيە.



ئۇلار زېمىننى سۆيەتتى. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلاتتى. سۇ مەنبەلىرىنى قەدىرلەيتى. ھەر بىر تامچە سۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. ھەر بىر تۈپ توغراقنىڭ قانچىلىك قۇمنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. ئۇلار بۇ زېمىننىڭ يارىلىشىدىنلا بىر خىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالەمدىكى جىمى شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە تۇرىدىغانلىقى، تاغ، دەريا، قۇملۇق،بوستانلىق ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆز ئارا ئورگانىك بىرلىكتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغانىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى، زېمىننىڭ قوغدىغۇچىسى، بوستانلىقلارنىڭ خوجايىنى دەپ قارايتى.
شۇنداق قىلىپ، كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى. تەكلىماكان چۆلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇنغا بۇ تەنھا بوستانلىق جاھان ئۆزگىرىشلىرىن بىخەۋەر ھالدا ئۆز مۇقامى بۇيىچە كېتىۋەردى. بۇ يەردىكى ئادەملەرمۇ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ياشاپ كەلدى. دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن 400 يىل بۇرۇن قانداق بولسا، ھازىر شۇنداق ئىدى. چەكلىك دائىرىدىكى بوستانلىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىپايان قۇملۇق، ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرغان ئاسمان گۈمبىزى.....مانا بۇلار ئۇلارنىڭ دۇنياسى ئىدى.

جۇڭگۇنىڭ يۇلغۇن توشقان زەدىكى يۇرتى -كېرىيە.



جۇڭگۇنىڭ چوڭ يۇپۇرماقلىق بىدە بازىسى-كېرىيە.



ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنە بويىچە ھەر يىلى باھاردا كۆك چۆچۈرىسى يەپ باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز .يىڭى بىدە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ھۆل ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ .ئەتىياز پەسلىدە قۇرۇق ئىسسىق تۈپەيلىدىن بەدىنى ئىغىرلاشقان ،قىنى بۇزۇلغان كىشىلەر يىڭى بېدە ئىستىمال قىلىپ بەرسە  مىجەزى تەڭشىلىدۇ ،ئىچى يۇمشايدۇ .تەتقىقاتلارغا ئاساسلسنغاندا ،بېدە ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان يەم - خەشەكلەرنى يىگە قوي ،كالا تىز سەمىرىيدىكەن بېدە يىگەن ئات تىز چاپىدىكەن  ،قوناق ئۇنىغا بېدە يوپۇرمىقى ئارلاشتۇرۇپ توخۇغا بەرسە توخۇ كۆپ تۇغىدىكەن .
بېدە تەركىبىدە مەلۇم مىقتاردا ۋىتامىنE3 ،C5 ،B ،A لار بولغاچقا ،قاننى كۆپەيتىپ قان تەركىۋىدىكى مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈپ ،قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ .ئۇ ، پۇت - قول تىترەش كىسەللىكىگىمۇ شىپا بولىدۇ .بېدىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئادەمنىڭ يۈزى نۇرلىنىدۇ ،قورۇق يوقايدۇ  .قان بۇزۇلۇش سەۋەبى بىلەن بەدىنى قىچىشىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار يىڭى بېدىنى سوقۇپ  سۈيىنى چىقىرىپ بەدىنىگە سۈركىسە قىچىشىش توختايدۇ .ئۇنىڭ تىندۇرۇلغان سۈيى بىلەن بوۋاسىرنى يۇسا قان توختايدۇ .ئۇ،قورساقتىكى قۇرۇق ئىسسىق ،قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان يەلگىمۇ پايدا قىلىدۇ .

كېرىيە -ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى قۇيۇق ساقلانغان قەدىمىي يۇرت.



كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت. بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشقا رايۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرىقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى.



كىچىك تەلپەك كىچىك تەلپەك ئەسلىدە كۇچا كۆرپىسىدە تىكىلەتتى. يەنى كۇچا قويىنىڭ بىر – ئىككى كۈنلۈك بولغان قوزىسىنىڭ ئەڭ نېپىز، مۇيلىرى ئەڭ گۈلدار بولغان ئاشلانغان كۆرپىسى كىچىك تەكپەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قىلىناتتى(بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ خىلدىكى كۆرپىلەر يېتىشمەسلىكتىن، سۈنئىي توقۇلغان كۆرپىلەر ماتېرىيال قىلىنىپ تىكىلىدىغان بولدى).
تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق، سېرىق، كۆك، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ. ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تىرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەك يىڭنە ياكى يىڭنە مىخ بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ تىكىلىش ھۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، تۇماقچىلارنىڭ ھەممىسىلا تىكەلمەيدۇ. ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ. كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ. كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.
ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق. كۈمۈش رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. بۇ ھازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن، ھېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ھەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ. جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ. ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ.



پەرىجە پەرىجە گۈللۈك ۋە سىدام تاۋار ( يىپەك) رەختلەردىن تىكىلىدىغان تاشقى كىيىم. بۇرۇن باپكارلار چاق بىلەن ئىگىرىگەن يىپتا توقۇغان يەرلىك چەكمەن (بوز چەكمەن) ۋە مەجنۇن چەكمەنلەر قارا رەڭدە بۇياپ تىكىلەتتى. پەرىجە ئادەتتە ئويما تىكىلىدۇ. پەش، ياقا، ئاياغلىرىغا ھەم يەڭ ئۇچىغا ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتە چاچرەڭ پەرداز تۇتۇلىدۇ. پەرىجىگە تۈگمە، بەلۋاغ ئورنىتىلمايدۇ. پەرىجىنىڭ ئوڭ سول كۆكرەك قىسىمىغا يەتتىدىن 14 ياكى توققۇزدىن 18 تارغاقلىق ئۆرنەك چۈشۈرۈلىدۇ. تارغاق يېرىم ئاي شەكىلدە بولۇپ، رەڭگى پەرداز رەڭگىگە باپ چاچرەڭ بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول كۆكرەككە تىكىلگەن تارغاقلار بىر – بىرىگە ئۇدۇل بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى تارغاقلار سانىنىڭ يەتتە ۋە توققۇردىن بولۇشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ <<يەتتە>> ۋە <<توققۇز>> نى خاسىيەتلىك سان، دەپ قارىشىدىن، ئۇنىڭ شەكىلىنىڭ يېرىم ئايغا ئوخشىشى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆككە چوقۇنۇش ئېتىقادىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
پەرىجىنى ئادەتتە ھازىدار بولغان ئائىلىدىكى بويىغا يەتكەن قىزلاردىن تارتىپ مومايلارغىچە ھەممىسى كىيىدۇ. يېڭىدىن قۇدا بولۇشقان ئىككى تەرەپ توي كۈنى بىر – بىرىگە پەرىجە سوۋغا قىلىشىدۇ. ئاي گۈللۈك خاڭدەندە تىكىلگىنى پەرىجىنىڭ ئەڭ ياخىشسى ھېسابلىنىدۇ. بېشىغا كىچىك ياغلىق ئارتىپ ياكى دوپپا كىيىپ، ئۇزۇن پايپاق كىيىپ پەرىجە كىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. مەيلى چوكانلار بولسۇن ياكى ياشانغان ئاياللار بولسۇن پەرىجىسىنى كىيىش ئۈچۈن چوقۇم بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ كىچىك تەلپەك كىيىشى، شىم كىيىشى كېرەك.



كېرىيە كىچىك تەلپىكى ۋە پەرىجىسىنىڭ ھازىرغىچە كىيىلىشى كېرىينىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت پۇرىقىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئاق ياغلىق ئاق ياغلىق ئادەتتە ئاق داكا، نىلۇڭ داكا، ئاق گىرىپ ۋە گۈلسىز ئاق يېپەك رەختلەردىن تىكىلىدۇ. شەكلى تۆت چاسا بولۇپ، چۆرىسى تىكىپ پۈكۈلمەيدۇ. ئاق ياغلىق گۈلسىز ئاق ياغلىق، گۈللۈك ئاق ياغلىق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. گۈلسىز ئاق ياغلىقنى كېرىيە خوتۇن – قىزلىرى ئۆلۈم – يېتىملاردا ئارتىدۇ. ھازا ئىگىسى قولۇم – قوشىنلىرىغا ئارتىپ قويىدۇ. ياشانغان ئاياللار كۆپىنچە مۇشۇ خىل ياغلىقنى ئارتىپ يۈرىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنىڭ تىكىلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ساپ يېپەكتىن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنى ياش، ئوتتۇرا ياش ئاياللار توي – تۆكۈن، ھېيت – ئايەملەردە ئارتىدۇ. ياز پەسىلىدە ئۈستىگە مارجان دوپپىسىنى كىيىپ ئارتسا، قىش پەسىلىدە قاما تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا كىچىك تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىق، گۈلسىز ئاق ياغلىق ئاياللارنىڭ چاچلىرى، يۈز – كۆزلىرىنى توپا – چاڭ ۋە قۇرغاق ھاۋادىن ساقلايدۇ.
جۇۋانچە كۆڭلەك جۇۋانچە كۆڭلەك (ئىزمىلىك كۆڭلەك) قىزىل ۋە يېشىل رەڭلەردىن باشقا ھەر قانداق رەڭدىكى سىدام رەختلەردىن تىكىلىدۇ. پاسونى تۈز شەكىلدە بولۇپ، قولتۇق قىسمى كەڭرەك بولىدۇ. كۆڭلەكنىڭ مەيدە قىسىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاك ئېچىلىپ، ئىككى تەرىپى ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە جىگەررەڭ مەشۇت يىپ بىلەن چىرايلىق قىلىپ نەقىشلىنىدۇ. ئوڭ مەيدە تەرەپ قىسىمىغا پورەڭ يېپەك يىپتا توقۇلغان كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يەتتە دانە تارغاق ئورنىتىلىدۇ. بىر قارىماققا شەكىل جەھەتتە پەرىجىنىڭ تاقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئومۇمەن ئىككى بالىلىق بولغان، يېشى 30 دىن ھالقىغان، يەنى جۇۋانلىققا قەدەم قويغان ئاياللار، ياشانغان ئاياللار كىيىدۇ.



ئەرلەر تەلپىكى كېرىيىدە ئەرلەرنىڭ باش كىيىمى ئىچىدە شاپاق دوپپا (بۆك)، چىمەن دوپپا، بادام دوپپىدىن باشقا، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى سالۋا تەلپەكتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوز تەلپەك، قارا كۆرپە تەلپەك، قاما تەلپەك، تۈلكە تەلپەك ۋە سەللە تەلپەكمۇ كىيىلىدۇ. ياش ئەرلەر كۆپرەك قاسقىنى چوڭ، كۇچا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن سالۋا تەلپەك كىيىدۇ. توي _ تۆكۈن ۋە يىگىتلەر ئولتۇرۇشلىرىدا سالۋا تەلپەك چوقۇم كىلىيىدۇ. ئۇ يىگىتلىك سالاپىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دەپ قارىلىدۇ.
ئەرلەر تەلپىكى تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان قارا ياكى بوز قوزىنىڭ تېرىسى (كۆرپىسى) دىن تىكىلىدۇ. يەنى قوزىنىڭ يۇمران تېرىسى ئاشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قاسقانلىق ئېلىنىدۇ. ئىچىگە يېرىم قىرقىۋېتىلگەن ئاق ياكى بوز قوينىڭ تېرىسىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ ئاستى جىيىكىگە ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا تەكشى كىرپىك تۇتۇلىدۇ، تۆپە تەرىپىگە قارا چىبەرقۇتتىن تۆت تالالىق قىلىپ تۆپىلىك تۇتۇلىدۇ. كېرىيە ئەرلىرى تۆت پەسىلدە دېگۈدەك مۇشۇنداق تەلپەكنى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.
يۇقىرى كىيىملەر كېرىينىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇزاق دەۋرلەر داۋامىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن، باشقا رايوندىكى ئۇۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ كىيىملەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپلا قالماي، كۈچلۈك يەرلىك پوراققا ئىگە. كېرىيىلىكلەر توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ۋە باشقا ھەر خىل مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ھازىرمۇ شۇ كىيىملىرىنى كىيىدۇ، ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ، بىر – بىرىگە سوۋغا قىلىشىدۇ. كېرىيىلىكلەرنىڭ
بۇ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

قۇلاق تەشمە
قۇلاق تىشىش: ئاساسەن قىزلارنىڭ 4-5 يېشىدا قۇلىقىنى تىشىدىغان ئادەت بۇلۇپ ، بۇ ئىسلام دىنى ئەقىدىچىلىگىنىڭ«سۈننەت» قىلىش كاتىگورىيىسىگە كىرمەيدۇ. قۇلاق تىشىش ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى شامان دىنى دەۋرىدە بۇددىسلارنىڭ ئادىتى ئىدى، ئۇيغۇرلار 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ بۇ ئادەت ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ساقلىنىپ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. دىمەك قۇلاق تىشىپ مونجاق سالىدىغان ئادەت ، خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئادەت.ئلگىرى ئۇيغۇرلار قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشمەكچى بولسا ، بالىغا تۇخۇم پىشۇرۇپ تەييار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، بالىنى قۇلاق تىشىدىغان مەخسۇس ئادەم قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ناھايىتىمۇ ئۇچلۇق بولغان جىگدە شۇخىسى بىلەن ياكى مەخسۇس تەييار قىلغان ئالتۇن دىرەپشە قۇلاقنى بوش ئۇۋۇلاپ قېنىنى قاچۇرۇپ « پاس» قىلىپلا قۇلاقنى تىشەتتى. بالا يىغلىغان ھامان ئاغىزىغا تۇخۇم تىقىپ يىگۈزۈپ تۇرۇپ قۇلاقنىڭ تەشكەن جايىغا ئىشلىتىلمىگەن يەرلىك سۈپۈرگىنىڭ ياغىچىنى تىقىپ قۇياتتى . يېقىندىن بېرى ناھىيە مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا قۇلاقنى دۇختۇرلار تىشىدىغان ئادەت كىلىپ چىقتى . ئەمما سۈپۈرگىنىڭ ياغىچىنى تىقىپ قۇيۇش ئادىتى ئۆزگەرگىنى يوق.
  ئىلگىرى بىر ئائىلىدە بىر قىزنىڭ قۇلىقىنى تەشسە ، ئۇرۇق- تۇققان، قۇلۇم- قوشنا ، يېقىن- يۇرۇقلار كىرىپ مۇبارەكلەپ چىقاتتى. ئەمما« قۇلاق تەشمە توي» دەپ مەخسۇس باغاق يېزىپ ، مىھمان چاقىرىدىغان ئادەت يوق ئىدى. ئاتا-ئانىسى ،ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن- يۇرۇقلار قۇشۇلۇپ ئاددى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلەتتى. شۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى قىزنىڭ قۇلىقىغا ئالتۇن ياكى كۈمۈش ، ئىشقىلىپ تاپقىنىغا بېقىپ مونجاق سېلىپ قۇياتتى. يېقىندىن بېرى «قۇلاق تەشمە توي» غا باغاق يېزىپ مەرىكىسىنى قىلىش كېريىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولۇپ ، ھازىرمۇ ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۇمۇملاشقان ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. قىسقىسى ئۆرۈپ ئادەت ، ئالاھىدىلىك جەھەتتە يېڭى بىر خىل شەكىل قوشۇلۇپ ، ئاياللار باراۋەرلىگى ئېڭى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى .

جۇۋان توي
جۇۋان توي قىلىش ئادىتى كېرىيلىكلەردە ئاتەشپەرەسلىك دىنى دەۋرىدىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىلگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ، جۇۋان توينى قىلىش ئاساسەن ئاياللار 32 ياشتىن 38 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى . جۇۋان توي قىلىش ئەرنىڭ ، ئايالىغا بولغان مىھرى -مۇھەببىتىنىڭ مەڭگۈ چىڭىپ بېرىشىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى جانلىق پاكىتى. شۇڭا جۇۋان توي قىلىشتا ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىغا جۇۋانچە كۆڭلەك ۋە پەرەنجە تەييار قىلدۇرۇپ ، پۈتۈن تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم-قوشنىلارنى چىللاپ چوڭ قازان ئېسىپ، ئايالنىڭ جۇۋان تويىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.
جۇۋان توي بولغان كۈنى ،جۇۋان توينى قىلغان ئايال ماڭلاي چېچىنى كەينىگە تاراپ ، چېچىنى ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە ئايرىپ، ئىرى تىكتۈرۈپ بەرگەن جۇۋانچە كۆڭلەك ئۈستىگە پەرەنجە كىيىپ ، ئاق ياغلىق چىگىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكنى قاداپ مىھمانلارنى خوشخۇيلۇق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنىلارمۇ قۇرۇق كەلمەيدۇ.شوكۇم ئېلىپ كىلىدۇ. جۇۋان تۇيى بولغان ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېينىئانا-قېينىئاتىسى بالىسىنىڭ جۇۋان تويىغا ئاتاپ پەرەنجە، جۇۋانچە كۆڭلەك قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ ئاتىغانلىرىنى جۇۋان تويدا بىرىۋالىدۇ. جۇۋانچە كۆڭلەك ئاياللارنى جەزبىدارلىققا ۋە كۆركەملىككە ئىگە قىلىپ ، ئاياللارنى ئاجايىپ جەڭگىۋار ۋە لاتاپەتلىك تۈسكە ئىگە قىلىدۇ.
جۇۋان توي كېرىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئۇرۇننى تۇتۇپ كەلگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ چوڭ بۇلۇپ قۇدىلىشىش باسقۇچىغا يەتكەنلىگىنى شەكىل جەھەتتىن يۇرۇتۇپ بىرىدىغان ۋە مىھرىبانلىقىنى ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە جۇۋان توي تەدرىجى ئىستىمالدىن قېلىپ ، ھازىرغا كەلگەندە پەقەت قىلىنمايدىغان بۇلۇپ قالدى .


[mp3=1]http://almizar.net/mp3/muzika/tarim.mp3[/mp3]



كىتاپ-ژۇرنالار ھەم توردىن يېغىپ رەتلىگۈچى ئۈزۈم .


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
توخار + 100 رەسىملەر مېنى بەك جەلپ قىلدى.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ تەڭرىتاغ

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 10:46:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما نادىرلىنىش كېرەك ، دەپ قارايمەن .
ئاپتورغا رەھمەت ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60744
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3077
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2011-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 12:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ نادىرلىقى ئەسەرنىڭ چىنلىقىغا باغلىق.مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەر كۆپلەپ چىقسىكەن دەيمەن!

ئەبراز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14914
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8849
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 12:27:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بىر ئۇقۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك تېمىكەن .

دۇنيادا ۋەتەنسىز ئىنسان بولمايدۇ،ۋەتەن سۆيمىگەن ئىنساندا ۋىجدان بولمايدۇ، ۋىجىدانسىز ئىنساندا ئىمان بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51014
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9839 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 01:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىيە توغۇرلۇق خەۋەرلەردىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!ئاياللارنىڭ ياغلىقنىڭ بېشىغا كىيۋالغان تەلپەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ نامايەن قىلدىكەن،توشقان زەدىكى دېسە نېمىكىن دەپتىكەنمەن،ئەسلى ئۇ يەردىن چىقىدىكەن ھە!ئالامەت گۈزەل،قەدىمىي يۇرتكەن بۇ،ئاللاھ نېسىپ قىلسا،بېرىپ كەلمىسەم

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 02:36:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  abraz كە 2011-10-18 12:23 PMئەۋەتىلدى  :
تېمىنىڭ نادىرلىقى ئەسەرنىڭ چىنلىقىغا باغلىق.مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەر كۆپلەپ چىقسىكەن دەيمەن!
بۇنىڭدىن قىلچە گۇمان قىلماڭ مانا مەنمۇ كىرىيەدىن ھەممىسى مەن كۆرگەن بىلەن ئوپ ئوخشاش يېزىلىپتۇ ھەم ئىنتايىن تەپسىلىي.

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 02:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرىيە دەپ ئىسىمنى ئاڭلاپ بېرىپ باقمىغانلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنى چۈشۈنۈشكە ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ، ھارمىغايسىز

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5873
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 02:52:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تەتىلدە بارغانتىم ،لېكىن ئۇزاق تۇرمىدىم ،خوتەن بىلەن يېقىن بولغىنى بىلەن خېلى جەھەتلەردە پەرقلىنىدىكەن

ھەرقاچان خۇشال ياشىغىن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5633
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 04:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كۆپ ئاڭلىغان، ئالىي مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيى كىرىيەدە  . ھەقىقەتەن ئۆزگىچە يۇرت ئۇ ... تېما ئىگىسىگە رەھمەت !

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 04:48:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۆرۈپ كېلەرمەن، دەپ، كۆرۈش نېسىپ بولمىدى.بۇ سىرلىق ماكاننى...

بىر ساۋاقدىشىم مۇشۇ يۇرتتىن بولۇپ، ئۇنىڭ كېرىيە تەلەپپۇزىدىكى،
ھەر بىر  جۈملە گەپنى قىلىپ بولۇپ، ئاخىرىغا قوشۇپ قويىدىغان
‹‹....  ئان›› قوشۇمچىسى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش