مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 847|ئىنكاس: 9

ئۆتكۈر ئەپەندىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 07:28:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسلام ئەلەيكۇم ئەزىز مۇنبەر داشلار تونۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ مىسرانىمدىككى نادىر تېمىلار ۋە ئۆتكۈر ئىنكاسلا مىنى ئۆزىگە قارتىپ مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولدۇم ،دوسلارنىڭ ياردىمنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلمەن. مۇنبەرگە يوللىغان تۇنجى تېمامنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن.



                                                  ئۆتكۈر ئەپەندىم

ئىزلىرىڭ   ئۆچمەيدۇ     ئەزىز    ئوغلانىم،
ئۇيغۇرۇم  پەخرى سەن ھىكمەت بوستانىم،
نۇر چاچقان  ئىدىڭ   سەن  زەيىپ   قەلبىمگە،
ھۆرمىتىم  تاشار  ساڭا   ئۆتكۈر   ئەپەندىم.




كارۋانلار    ئاداشسا  بولاتتىڭ    مەشئەل،
چاڭقىغان مىسكىنگە  سۇناتتىڭ  كەۋسەر،
يۇرۇتقان  قەلبىمنى سەن  يازغان  گۈھەر،
پەخىرلك  ئالىم  سەن ئۆتكۈر ئەپەندىم.




تۈكۈلەر قەلبىڭدىن ئۈنچىلەر ۋاي _ۋاي،
تولپار  كەبى  قەلىمڭ  زادى  توختىماي،
پەن كۆكىدە شۇڭقارىڭ  ئۇچاتتى  ھارماي،
بەك ئەپسۇس كەتتىڭ سەن ئۆتكۈر ئەپەندىم.



مەنبە؛ ئۆز ئىجادىيتىم

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
OTYAK + 150
yoluchimen + 50 ياخشى يېزىپسىز، يەنىمۇ تىرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 10:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسلىرى بىزگە مەڭگۈ مىراس ۋە قىلبىنامە
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12648
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 11:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. بىزگە قالدۇرغان مىراسلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

          گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم
              ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم توزسا يەنە ئاچىلغىلى،
ياكى كۈزدە تۇرنىدەك كەتسە، باھاردا يانغىلى.

ئۇچتى-كەتتى قۇش كەبى، ئارماندا قالدىم ھەسرەتا،
ئەمدى مىڭ-مىڭ قاخشىسام، ئىندەككە كەلمەس ھىچ يولى.

نىمە دىگەن قىسقا ئۆمۈرنىڭ تاڭلىرى، گۈل چاغلىرى،
كەلدى باشلاپ قار-بوراننى ئاينا كەچ  كۈز شامىلى.

كۆز يۇمۇپ ئاچقىچە چۈشتى،  چاچ ساقىلىمغا قىروۋ،
ئەمدى ھەرگىز سايرىماس  بۇ باغدا كۆكلەم بۇلبۇلى.

گەر نېسىپ بولسا ماڭا ئابىھاياتتىن بىر قەدەھ،
نە كېرەك ئىچمەك ئۇنى بولغاندا ياشلىق سۇمبۇلى.

ساقىيا جامىڭنى تۇت، غەمدىن بولاي بىر دەم خالاس،
كەلگىچە مىسكىن جېنىمغا سوغ ئەجەلنىڭ سىگنالى.

             1971-يىلى 5-نويابىر ئۈرۈمچى

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58759
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3479
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 11:23:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى شۇنداق ياخشى كۇرىمەن.شىئىرلىرىنىڭ ھەر بىر مېسراسىدا ئۇزگىچە بىر مەنەبار.بۇلسا رۇبائىلىرىدىن يۇللاپ قۇيساڭلار بۇپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45319
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3368
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1314 سائەت
تىزىم: 2011-6-22
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 03:21:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆرەلمەكلىك مېنىڭ ئۆز ئىشىممىدۇر،
تۇغۇلماقلىق مېنىڭ خاھىشىممىدۇر.
ئانامنىڭ قارنىغا سىغقان ئىدىمكى،
جاھانغا سىغمىغان شۇ بېشىممىدۇر.

ئۈمىد پەرقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن،
ئۈمىدسىز - شەيتان ئىمىش بىنېسىپ جاندىن.
مەڭگۈلۈك زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن،
ئۈمىدنى ئۈزمىگىن سەن سۈبھى تاڭدىن.

ئاگاھ بول ئەي يولچى ، يولۇڭدا ئىت كۆپ،
قۇنالغۇڭدا يەنە چۇسى بىلەن پىت كۆپ.
ئاۋايلاپ باسمىساڭ ھەر بىر قەدەمنى،
پۇچقاقتىن ئېلىشقا تىكەنۇ چىت كۆپ.

ھەر قانچە ئاسماندا قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا تۇرار.

شادلىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك ئىمىش،
مۆلدۈرگە باھارۇ كۈز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇقتا يوق دىمە ئوڭۇشسىزلىقنى،
كىشىلىك ھاياتى شۇ دىمەك ئىمىش.

شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.

دوستىنى ئاز سىنىغان پۇشايماننى كۆپ تارتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49579
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4387
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2494 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 03:53:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار.

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مەن ياقتۇرىدىغان بىر شېئىرىنى يوللاش ئارقىلىق ، بۇ زاتقا بولغان سېغىنىش ۋە ھۆرمىتىمنى ئىپادىلىشىمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر.


ھىدايەتنامە



ئابدۇرەھېم ئۆتكۈر



ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۇمنىڭ باشى بسمىللاھ بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانايۇ  ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر..
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى

، تەئەجۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇ قەسىدەمدىن.
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ،ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل .
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادانەتنى .

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرىز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە ،
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى ،
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ،
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى .
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى .

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە .
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە ،
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە.
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە .
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق ،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق .
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشاقەتنى.

پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن ،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ،تارقىدى ئەپسۇن .
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ،
ۋە لېكىن جان كىتابىغە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن .
يىقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە .
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە .
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھىكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
مىسال:قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن ،قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈك ياپراق .
دىمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش ،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .

مىسال:بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق ،
ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق .
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق ،
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق .
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن ،
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن ،
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن .
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى

. نىمىشقا ئاياغ ئىككى،كۆز ئىككى ،ئېغىز بىردۇر،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر .
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ،
قېنى ئېيتىڭچۇ؟بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەئبىر دۇر .
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۈلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .
لېكىن نەدە، قاچان،قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ،
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن .
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .

ئۈلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا .
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.
دىمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئىتىپ ھەر كۈن ،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋىر ئىتەر ھەر كۈن .
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن ،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن .
يۇرۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى .

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ،
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ،زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالتنى .

مىسال :پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى ،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى .
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ،
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخّۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران ،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
دىمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا ، ت
ېرىپ ئۆستۈرمىسە دىھقان ھۇسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا ،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا .
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .

ھاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ،
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە ،ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر .
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى < سۈرە رەھمان.>
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە < ما تۇكەززىبان.>
قۇلۇپلۇق بو لمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر ،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ ،شائىر .
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى .

ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر .
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر ،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرىپ،بىرەر ساكىن ياكى زىر.
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە - كارامەتنى .

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات ،
ئۇقۇپ بىر كۈن < >نى ھەيھات .
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات
، نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى .

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر.
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر .
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ .
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ ،
مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ،
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى .

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر،ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.
جاھاندىن كەتتلەر لىكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
تاپالماس چۈنكى باتىللىق،ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل ، مەردانە پىكرەتنى.

خاتىمە.

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم،ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە،ئېتىقادىم بار.
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق،قىلىشقا نىمە ھەددىم بار.
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

باھار بولدى پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئىلمىلىك ئەلگە،
ئىشەنگەن ھەم چۈشەنگەن ئەمەلدە ئىشلىگەنلەرگە.
قۇلاق سالماي ئۇلۇق تەڭرىم سۆزىگە ئەمەل قىلماي،
قۇرۇق دەۋادا بولغانلار تويۇنماس بىر قوناق نانگە.
بۆيۈك ئىسلام ئۈگەتكەن بىزگە بىلمەك ھەم تىرىشماقنى.

چاقىرغان ئۈستۈن بولماققا،ئىگىلمەي ئەجنەبى خانگە.
ئۇلۇق تەڭرىم ئېچىلدۇرساڭ دىلىم باغىدا گۈل -ئەترە،
تېمىتساڭ رەھمېتىڭ دەرياسىدىن قەلبىمگە بىر قەترە.
ئۆچۈرسەڭ چوڭ -كىچىك قىلمىشلىرىم قىلماي مېنى رەسۋا،
قىيامەت دەشتىدە ياپساڭ، گۇناھىم ئەيلىسەڭ سەترە.

ھاياتىم دۇنيادا قۇربانىڭ، گەر ئۆلسەم مەقسىدىم رىزۋان،
رەسۇلۇللاھ يولىچۈن ئۆمرۈم بارىنى ئەيلىسەم نەزرە...

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 11:19:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننىتى بولغاي !

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 02:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ  سىلەر ساقلاپ  قويغان  شىېئرى  بولسا ئايىماي يوللاپ  قۇياسىلە تورداشلار.

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 05:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرى ئۇ......

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55730
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 08:38:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىز، مەن ئاق بايراق ئەمەس، ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە قىسسەگە ئوخشاش شېئرى ئەسەرلىرى، ئىز، ئويغانغان زېمىنغا ئوخشاش تارىخى رومانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخرى ئاتالغان بۇ گىگانىت ئالىمنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش بىز ئەۋلادلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ۋەزىپىمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش