سۈڭگۈتۈۋېتىش
(تەرجىمە ئەسەر)
مالائىكىلەر ئۆلگەندىن كېيىن سۇئال- سوراققا تارتىلىپ ساۋاپ ۋە گۇناھلىرى تارتىلغان بىر ئادەمگە، سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ئېغىر كەلدى بۇنىڭ ئۈچۈن سەن جەننەتكە كىرىشتىن بۇرۇن ئۈچ يىل دوۋزاقتا قالىسەن دېدى.
ئۇ ئادەم جان قايغۇسى بىلەن:
مەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا تۇخىنىڭ ئاستىدىكى تۇخۇمغىمۇ قولۇمنى تەككۈزمەيتىم، تونۇردىن چىققان ناننىمۇ تۇتالمايتىم، ھاۋا تەڭشىگۈچى يوق ئۆيدىمۇ ياتالمايتىم، گەپنىڭ قىسقىسى ئىسسىقنى ياخشى كۆرمەيمەن... لەردىن بىر نەرسىلەر دېگەن بولسىمۇ سۆزىنى ئاڭلايدىغان ھىچ كىم يوق دوۋزاققا ئېلىپ بېرىلىپتۇ. ئۇ ئادەم دوۋزاق دەرۋازىسىدا دات- پەرياتلار ئىچىدە تۇرغان ۋاقىتتا مالائىكىلەردىن بىرسى:
- بىزگە بىلدۈرۈلگىنىگە قارىغاندا 20 ياشتا شېھىت بولغان بىر ياشنىڭ ساڭا شاپائەت قىلىش ھەققى بار ئىكەن، خالىساڭ تەلىيىڭنى سىناپ كۆر دەپتۇ. ئۇ ئادەم بۇ ئاخىرقى ئۆمۈدى بىلەن:
- دەرھال ئۇ شېھىتنىڭ يېنىغا بارايلى نىمە بولسا بولسۇن مېنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن دەپتۇ تولغۇنۇپ تۇرۇپ. ھەممە بىرلىكتە ئۇچار گېلەمگە ئوخشاش بىر نەرسە بىلەن ئۇچۇپ شېھىتلەر ياشايدىغان ئەڭ ئۈستۈنكى جەننەتكە قاراپ ئۇچۇپتۇ. ئادەم جەننەتكە يېقىنلاشقانسىرى جەننەتنىڭ خۇشپۇراق ھىدىنى ئېلىشقا باشلاپتۇ ۋە ھوشىدىن كەتكىلى تاسلا قېپتۇ. شۇنداق بىر نىمەتنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلغىنىدا ئېيتىپ تۈگەتكىسىز بىر پۇشمانلىق ئىچىدە قېپتۇ. بۇ ئادەم كېتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقان ياكى كۆرمەيۋاتقانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن پات- پات بەدىنىنى چىمداپ قويىدىكەن. بىردەم ئۇچقاندىن كېيىن جەننەتنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆركەم، كۆز قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىشىكى ئالدىغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ كىشى ئازىراقلا ئالدىدىكى جەننەتنىڭ ئىشىكىگە قاراپ خۇددى سىھىرلەنگەندەك خۇدىنى يوقاتقان ھالدا مېڭىشقا باشلىغان ئىكەن، مالائىكىلەر دەرھاللا تۇتۇپ ئونىڭغا:
ھەددىڭنى بىل، ئالدىڭغا قاراپ مېڭىش قەتئى چەكلەنگەن. ئو شېھىت بۇ يەرگە كېلىدۇ سودىلىقىڭلارنى بۇ يەردە قىلىسىلەن دەپتۇ.
ئۇ ئادەم جەننەت ئىشىگىدىن ئىچىگە قاراپ ئاجايىپ گۈزەللىكلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھوشىدىن كېتىپتۇ. مالائىكىلەر ئۇ كىشىنى تەستە ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ ۋە:
- تاسادىپى ئىچىگە كىرىپ قالساڭ ھەقاچان خوشاللىقتىن ئۆلگىدەكسەن، دەرھال ئورنۇڭدىن تۇر ئۇ مۇبارەك شېھىتقا ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن دەپتۇ. ئۇ ئادەم تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ چاشلىرىنى كىيىم- كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئىشىككە بۇرنىنى ئۇزاتىپ جەننەتنىڭ خۇشپۇراق ھىدىنى ئىچىگە تارتماقچى بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا شېھىت ياش ئۇچىسىدىكى كۆز قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىباھا كىيىملىرى بىلەن ئۇچۇپ كەپتۇ. ئۇ ئادەم شېھىتكە دىرىلداپ تىترەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تىلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. سۆزىنى تۈگۈتۈپ بولغىچە قورقۇپ كىتىپ نەچچە قېتىم ھوشىدىن كېتىپتۇ.
شېھىت پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان يەردىن چىققانلىغىنى، دەرھال جەننەتكە قايتىشى كېرەكلىگىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بۈگۈن پەقەت بىر كىشىگە شاپائەت قىلىش ھەققىم بار ئەمما سەندىن بۇرۇن يەنە بىر كىشى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى. ئىككىڭلاردىن بىرسىنى تاللىشىم كېرەك دەپتۇ. ئۇ كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ تەلىيىنىڭ يۈزدە ئەللىككە چۈشكەنلىكىنى بىلىپ ھوشىدىن كىتىپتۇ. مالائىكىلەر ئۇ كىشىنى تەكرار ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ كىشى ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسىل سۈپەت كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ:
ئەگەر رۇخسەت قىلسىڭىز قۇرئا سالايلى، قايسىمىزگە چىقسا جەننەتكە ئۇ قوبۇل قىلىنسۇن دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر كىشىنىمۇ چاقىرىپ كەپتۇ ۋە بۇ ئىككى كىشى ئوتتۇرسىدا قۇرئا سېپتۇ. قۇرئادا ئۇ كىشى ئۇتۇپ چىقىپتۇ ۋە خوشاللىقىدىن ئۆلۈپ قالغىلى تاسلا قېپتۇ. ئۆزىنى ئېلىپ كەلگەن مالائىكىلەرگە قاراپ، مەن ئۇتتۇم، مەن ئۇتتۇم ئەمدى مېنى قويۇپ بىرىڭلار-دە جەننەتكە كىرەي دەپتۇ ھاياجاندىن ۋاقىراپ. مالائىكىلەر ئىلاھى ھۆكۈمنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ۋە يەنە بىر ئادەمنى جەننەتكە كىرگۈزۈپتۇ.ئو كىشى ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپلا قېپتۇ. مالائىكىلەر ئىشىنى تۈگۈتۈپ بولۇپ ئۇ ئادەمنى تەكرار تۇتۇپ دوۋزاققا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ كىشى ئاۋازىنىڭ يىتىشىچە ۋاقىراپ تۇرۇپ:
- قۇرئادا مېنىڭ ئۇتقانلىقىمنى كۆردۈڭلار، ئۇ شېھىت ماڭا ئادالەتسىزلىك قىلدى. ئۇ ياش كىمۇ، ماڭا ئېيتىپ بىرىڭلار دەۋا قىلىمەن دېدى. مالائىكىلەر بىر- بىرىگە قارىشىپ تەبەسسۇم قىلىشقاندىن كېيىنل:
- سەن بەكمۇ ياخشى بىلىسەن، ئەسكەر بولۇپ قۇرئا سالغان ۋاقتىڭدا شەرىققە بارماسلىق ئۈچۈن يۈز- ئابرويلۇق كىشىلەرگە بىر ئاز نەرسىلەر سۈڭگۈتۈۋاتقان ئىدىڭ. سەن بارىدىغان يەرگە ئابىيامقى ياش بارغان ئىدى. ئۇ ياش شېھىت بولۇپ جەننەتكە كىردى. ۋە كىچىككىنە بىر تاللاش بىلەن يەنە بىر كىشىنى تاللىدى. ئاچچىغىڭ كەلمىسۇن بىرادەر ئويلاپ باقساڭ بۇ ئىشنىڭ ئاستى تەرىپى بىر كىچىك سۈڭگۈتىۋېتىشتىن ئىبارەت دېدى.
تەرجىمە قىلغۇچى، ئۈمۈت قىلىمەن
http://www.sevgiplatformu.com/hikayeler.htm