پەرزەنت كۆرۈشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرى ناھايىتى كۆپ
پەرزەنت كۆرۈشنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى:
1) ئىنسان پەرزەنتلىرى بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ ۋە كۆكلەيدۇ.
2) پەرزەنتلەر ئائىلىنىڭ گۈللىرىدۇر. بۇ خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ پەرۋىشى بىلەن مەشغۇل بولغان ئاتا ـ ئانا بەختلىك ئاتا ـ ئانىلاردۇر.
3) پەرزەنتلىرى بار كىشىلەرنىڭ ئۆمرى خوشال ۋە سائادەتلىك ئۆتىدۇ.
4) پەرزەنتلىرى بار كىشىلەر ياشانغانلىرىدا, شۇ پەرزەنتلىرىنىڭ راھەتلىرىنى كۆرىدۇ, جاپا ـ مۇشەققەتلەردە ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلمايدۇ.
5)پەرزەنتلىرى بار كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىگە ئۇمىت كۆزىنى تىكىپ, ئۇلارنىڭ غەلىبىلىرى بىلەن كۆڭۇللىرىنى خوش قىلىپ ئۆتىدۇ. چۈنكى بالىلار ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسىدۇر.
6) پەرزەنتلىرى بار كىشىنىڭ نام ــ نىشانىسى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.
پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىلىرى:
1) ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش
پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيلەنگەن كىشى ئاللاھنىڭ ئىنسان نەسلىنى يەر يۈزىدە داۋام قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئاللاھ تامۆم قىلماقچى بولغان بۇ ئىشنى بېجىرگەن بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ, ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە, ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ ئۆيلەنگەن كىشى ئۇنىڭ ”ئۆيلىنىڭلار, كۆپىيىڭلار! قىيامەت كۈنىدە مەن باشقا ئۇممەتلەرنىڭ ئالدىدا, سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن“ دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ.
3) ئۆلۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ياخشى پەرزەنتنىڭ دۇئاسىدىن بەھرىمەن بولۇش.
ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىنمۇ, ئۇنىڭغا ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ياخشلىقلارنىڭ بىرى, پەرزەنت كۆرۈپ ئۇنى ياخشى تەربىيىلەشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئادەم بالىسى ئۆلگەندىن كېيىن, ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ, پەقەت ئۈچ نەرسىنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ: مەنپەئەتلىك ئىلىم, ئومۇمغا پايدىلىق ياخشى ئىش, ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت.“ (مۇسلىم رىۋايىتى)
بەزىلەر ئەگەر ئۇ بالا ئاتا ـ ئانىسىغا دۇئا قىلىدىغان ياخشى پەرزەنت بولماستىن, ئۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ چىققان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن, بالىلارنىڭ مۇنداق بولۇپ چىقىشى ئۇ كىشىنىڭ ياخشى نىيىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما ياخشى نىيەتنى كۆزلىگەن دىيانەتلىك كىشى ئەگەر پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلسا, پەرزەنتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئەجرىنى قايتۇرىدۇ, ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.
4) ئەگەر پەرزەنتى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسە قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭغا شاپائەتچى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ” نارىسىدە بالىلار قىيامەت كۈنىدە ئاتا ـ ئانىسىنى جەننەتكە تارتىدۇ.“ (ئىبنى ماجە رىۋايىتى)
مەنبە : << ناماز ئەھكاملىرى ۋە قائىدە تەرتىپىلىرى >> ناملىق كىتاپ .