ئەسسالام مۇنبەردىكى راڭپىزا ( بىزنىڭ ھازىر ئوموملاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان ئاتالغۇ ) غا ئامراق قىزلار ، چوكانلار ... ئەتتىگەنلىكىڭلار خەيىرلىك بولغاي !
مىنىڭچە راڭپىزىغا ئۆچ قىز - چوكانلار بولمىسا كىرەك ، ناۋادا كىرەكتە كەچ تەرەپلەردە تۇيۇقسىز راڭپىزا سېغىنىپ قالسىڭىز سىرىتقا قاتراپ يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى راڭپىزا تەييارلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىڭ !
خۇرۇچى:
بوغداي ئۇنى 500گىرام، خېمىيتۇرۇچ8گىرام، تۇز1گىرام، يۇمغاقسۈت50گىرام، تەرخەمەك100گىرام، ئاچچىقسۇ 5گىرام، لازا يېغى 15گىرام
كۈنجۈت قىيامى10گىرام، كۈنجۈت يېغى5گىرام، قىچا يېغى3گىرام،
سامساق شىرىسى15گىرام ... ( ئادەم سانىغا قاراپ ماتىريالنى تەڭ نىسبەتتە كۆپەيىتسىڭىز بولىدۇ )
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئۇننى ئىلمان سۇدا خېمىي قىلىپ،سەل قاتتىقراق يۇغۇرمىز،30مىنىۇتتەك تىندۇرۇپ،ئاندىن سۇدا خېمىي تىرپىسى قالغۇچە يۇيمىز،
خېمىينىڭ سۈينى 2سائەتتەك تىندۇرۇپ،ئۈستىدىكى سۈزۈك سۇنى تۈكۋېتىمىز،تىنغان شىرنىنى ياخشى ئارلاشتۇرۇپ،مايلاپ تەييار قىلغان داسقا تۈكىمىز،ئاندىن يىنىك سىلكىپ تەكشى يېيىتىمىز،داسنى قايناۋاتقان قازاندا 5مىنىۇت قىزدۇرۇپ،يېيىلما يۈزىدە يوغان كۈپۈكچىلەر پەيدا بولغاندا،ئالىمىز،ئاندىن 1-2سانتامىتىر كەڭلىكتە ئۇزۇنسىغا توغرايمىز،
قالغان خېمىي تىرپىسىگە خېمىي تۇرۇچ ئارلاشتۇرۇپ،ياغلانغان داستا 20مىنۇت تىندۇرمىز،ئاندىن قاسقاندا 30مىنۇت دۈملەپ پىشۇرمىز،پىشقاندا تۆت چاسا توغرايمىز،
تەييار بولغان شىرنە قىسماقنى،ۋە ئاچچىق ھېسىپنى بىر تەخسىگە سالىمىز.
تەرخەمەك.ئاچچىقسۇ،لازا يېغى،كۈنجۈت قىيامى،كۈنجۈت يېغى،قىچا يېغى،سامساق شىرنىسى يۇمغاق سۈتلەر بىلەن،ھەر كىم ئۆز مىجەزىگە ئاساسەن تەڭشەپ تەييارلىسا بۇلىدۇ.
http://www.axpaz.cn/bbs/attachment/60_3514_dd7b06f5c5336a2.jpg
ئەسكەرتىش : راڭپىزىنى ناشتىسىز ئىستىمال قىلماڭ ، ئۇنى ھەم ئۈچ ۋاخ تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلماڭ !
مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى
http://www.axpaz.cn/bbs/read.php?tid-5836.html