مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2674|ئىنكاس: 11

18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»ن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 386
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12240
تۆھپە نۇمۇرى: 1497
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 09:36:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
        18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيى»دا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىگۇرۇپپا شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن،ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان،ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسلىرى غازى ئەھمەد، ھېيتەم ھۆسەيىن، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئېركەش قۇرمانبەك،دوڭ لىبو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى،شائىرلار، مۇھەررىر، ئەدەبىي تەرجىمانلار ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
     يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم،ئاپتۇنوم رايۇننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يازما سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ھېيتەم ھۆسەيىن، ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرىشىت، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل ئەھمەد، قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن تەبرىكنامىلەر ئېلان قىلىندى.
   يىغىندا 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش ھەيئىتىنىڭمۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.ئاندىن مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە 6000 يۇەن نەق پۇل تارقىتىپ بېرىلدى. ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ كۆڭۈل ئىزھارىنى ئىپادىلىدى.
ئاخىرىدا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەدىپلەردىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

           قوشۇمچە:

18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1. «536-بېكەتتىكى قار ناخشىسى»         (ھېكايە)     ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە «تارىم» ژۇرنىلى 2009-يىل 3-سانى
2.«تەنھا بۆرە»                         (پوۋېست)         مامۇت داۋۇت   «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2010-يىل6-سانى
3.«ئانا»                                (ھېكايە)         نۇرگۈل ئەبەي  «تارىم» ژۇرنىلى 2010-يىل 1-سانى
4.«سەھرالىق ئاتا»                 (پوۋېست)      ئابدۇراخمان ئەزىز  «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2009-يىل4-سانى
5.«مۇقام ھەققىدە»                  (ماقالە)     سەمەت دۇگايلى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى2009-يىل5-6-سانى
6.«ئاقسۇ خاتىرىلىرى»              (شىئېر)     ئىمىن ئەخمىدى   «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010-يىل4-سانى
7.«توققۇز باياۋان قەسىدىسى»        (شىئېر)    ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل  «قەشقەر» ژۇرنىلى2009-يىل4-سانى
8.«سەھەردىكى مونۇلۇگ» (تەرجىمە ئەسەر) ئاپتورى:  ھاياتنوپۇس مۇھەممەت، ئەكبەر غۇلام تەرجىمىسى  
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010-يىل6-سانى


              (  مەنبە -شىنىجاڭ يازغۇچىلار تۇرى، ئاپتورى: ئەيبۇ ياقۇپ، مىسرانىم مۇنبىرىگە  يۇللىغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى )
                              

مەتتۇرسۇن ئېلىي
QINSOYGU بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 11:13:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60162
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-10-12
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 11:43:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن پەخىرلانسەك بۇلىدىكەن جۇمۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58937
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3881
تۆھپە نۇمۇرى: 486
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2011-10-3
ئاخىرقى: 2011-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 12:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ! قانداق ئەسەرلەرنى تاللايدىغاندۇ . بۇ مۇكاپاتنى كىملەر تەستىقلايدىغانىلقنى بىلىدغانلار بولسا تەپسىلى چۇشەنچە بەرسەڭلار بوپتىكەن. مۇكاپات سۇمىسى قانچە ... ياكى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58937
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3881
تۆھپە نۇمۇرى: 486
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2011-10-3
ئاخىرقى: 2011-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 12:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەردىن سەل گۇمانلىنمەن. چۇنكى ،مەن ئىلگىر بىر قىسم گەپلەرنى ئاڭلىغان بولسا شۇگەپلەرنىڭ يالغان بولشىنى ئۇمۇدى قىلمەن!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51017
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9841 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 01:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈمۈش كەبى يالتىراق،
مەرۋايىتتەك پارقىراق.
بىر چوققا بار ئاسماندا مەغرۇر بېشى تاقاشقان،
ئۇنىڭ ئىسمى خانتەڭرى،تەڭرىتاغقا جايلاشقان.

مەشرىقتىن چىقسا ئاپتاپ،
ھەممىدىن ئاۋال باشلاپ،
شۇ چوققىنى سۆيىدۇ مەڭزىگە يېقىپ مەڭزىدىن،
ئۆتۈپ ئۇنىڭ قېشىدىن،غەربكە ماڭار ئاندىن.
-ئابدىرھىم ئۆتكۈر.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 04:07:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىننىڭ ياقى نەشىر قىلنغان داڭلىق رومانلىرىمىز كىرمەپتۇغۇ

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 04:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق ھۆمىتى تەرپىدىن بىرلدىغان مۇككاپپات بولۇپ ، يىلدابىر قىتىم تارقىتلدۇ.

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11698
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 04:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ئۆتكەن يىللىق سانى 5-6 سانىمۇ،  يالقۇن روزى  بىر پارچە ئاق خىشنىڭ ھىكايىسى يوقكەن...... ئۇ بولمىسا بەك سەت تۇراتتى.

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

بىلەمسەن جېنىم؟!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1420
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10870
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 08:09:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بۇنداق تېمىلارنى يوللايدىغان مۇنبەر ئەمەستى، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چۈشىنەلمەسلىكى ئەيىب ئەمەس.
‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى› ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىكىدە تارقىتىلىدىغان،  نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەر ئۈچۈن تارقىتىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات ھېسابلىنىدۇ.
قالغىنى تېما مەزمۇنىدا دېيىلىپ بوپتۇ.

ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش