توشقان قانداق قىلىپ بۆرىنى يەۋەتتى
بىر كۈنى بىر بۆرە ئۆڭكۈر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر نىمىلەرنى يېزىۋاتقان توشقاندىن سوراپتۇ :
__ نىمە يېزىۋاتىسەن ؟
__ ماقالە يېزىۋاتىمەن ، __ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ توشقان .
__ قايسى تىمىدا يېزىۋاتىسەن ؟ ، دەپ سوراپتۇبۆرە يەنە.
__ توشقاننىڭ قانداق قىلىپ بۆرىنى يەۋەتكەنلىكى ھەققىدە ، __ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ توشقان .
بۇ گەپكە ئىشەنمىگەن بۆرە قاھقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپتۇ .
__ ئەمسە ئارقامدىن ماڭ ، __ توشقان شۇنداق دىگىنىچە بۆرىنى ئىچكىرگە باشلاپ ئەكىرىپ قويغاندىن كىيىن ، يەنە ئۆڭكۈر ئالدىغا چىقىپ ماقالىسىنى داۋاملىق يېزىۋېرىپتۇ. بۇ چاغدا بىر تۈلكە كىلىپ توشقاندىن :
__ نىمە يېزىۋاتىسەن؟__دەپ سوراپتۇ.
__ ماقالە يېزىۋاتىمەن ، __ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ توشقان.
__ قايسى تىمىدا يېزىۋاتىسەن؟ دەپ سوراپتۇ تۈلكە.
__ توشقاننىڭ قانداق قىلىپ بۆرىنى يەۋەتكەنلىكى ھەققىدە ، __ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ توشقان .
بۇ گەپكە ئىشەنمىگەن تۈلكە قاھقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپتۇ .
__ ئەمسە ئارقامدىن ماڭ ، __ توشقان شۇنداق دىگىنىچە بۆرىنى ئىچكىرگە باشلاپ ئەكىرىپ قويغاندىن كىيىن ، يەنە ئۆڭكۈر ئالدىغا چىقىپ ماقالىسىنى داۋاملىق يېزىۋېرىپتۇ.
بۇ چاغدا ئۆڭكۈر ئىچىدە بىر شىر بىردۆۋە سۆڭەك ئارىسىدا يېتىپ چىشىنى كولىغاچ ، توشقاننىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپتۇ:
«بىر ھايۋاننىڭ قابىلىيتىنىڭ قانچىلىك بولىشى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىدا ئەمەس ، بەلكى پەردە ئارقىسىدىكى خوجايىننىڭ كىم بولىشىدا!»
مەنبە كىلەچەك تورى