رومانچىلىقىمىزدىكى بىر گۈل - «ئاشىق-مەشۇقلار»
ئوقۇرمەنلىك ھېسسىياتىمۇ قىزىق بولىدىكەن، بىرەر پارچە ئەسەرنى ئوقۇساق، گاھىدا ئۇنى ئۆزىمىز يازغاندەك سۆيۈنۈپ كېتىدىكەنمىز. گاھىدا ئاپتوردىن خاپىلاپ، ئاچچىقىمىز كېلىپ، ئۆزىمىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ھەسرەتلىنىپ كېتىدىكەنمىز. ئاپتورلارمۇ قىزىقكەن، تەنقىدتىن كۆپرەك ماختاشنى ياقتۇرىدىكەن. بۇ بەلكىم تەنقىدنىڭ ئاچچىق، ماختاشنىڭ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغانلىقىدىن، جۈملىدىن ئىنساننىڭ شۇنىڭغا مايىل پىسخىكىسىدىن بولسا كېرەك. بەزى ئاپتورلار ئازراقلا ماختاپ قويسىڭىز، شۇنچە يىراق يەردىن دوستلۇق غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ، سىزگە ئىلتىپات ۋە خۇشامىتىنى ئىپادىلەپ كېتىشىدىكەن. ئەكسىچە، يەنە بەزى ئاپتورلارنى تەنقىدلەپ قويسىڭىز، خۇددى ئۇزۇن يىللىق قان قەرزى بار رەقىبلەردەك شۇنچە يىراق يەردىن سىزگە ھۈرپىيىپ، نەشتىرىنى سانجىغىلى تۇرىدىكەن؛ خالىس، ياخشى نىيەتلىك بىلەن قىلغان ئىشىڭىزدىن بىكاردىن بىكارلا ئۆزىڭىزگە «دۈشمەن» تېپىۋالىدىكەنسىز. بۇ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تازا بىر «سەت» ئىشكەن!
شۇڭا ئەدەبىياتىمىزدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك گاھى ھاللاردا ئۆزىنىڭ راست گېپىنى دېيەلمەيلا كەلدى. ئورۇنلۇق تەنقىد ئورۇنلۇق ماختاشقا ئوخشاشلا شۇنداق قۇدرەتكە ئىگىكى، ئۇ ئەمەلىيەتتە تەنقىد ئوبيېكتىغا سۇنۇلغان سەمىمىي ياردەم، ھاياتى كۈچى بار تۈرتكە ھېسابلىنىدۇ. بىر ماختاش بىلەنلا ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىش ياكى بىر تەنقىد بىلەنلا ئۆزىنى تۈگەشتىم، دەپ ئويلاش ماھىيەتتە ئىرادىسىزلىك، ئاجىزلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى، شائىرلىرىمىزدا، جۈملىدىن ئاپتورلىرىمىزدا يېتەرلىك روھىي ساپانىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئۇ شۇندىلا ماختاش ياكى تەنقىدلەر ئالدىدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ. نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ماختاش ياكى تەنقىدكە ئۇچرىمىغان ئەسەرنى «تايىنلىق، ئادەتتىكىچە، مۇنداقلا بىر ئەسەر» دېيىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە كۈچ يېتەرسىز ھەم ھورۇنلۇق گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر ئىنكاسسىز قالماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە «نوپۇزغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياكى نوپۇز تەرەپكە ئاغىدىغان» بىر خاھىش مەۋجۇت بولغاچقا، كۆپىنچە نامى چىققان، بەلگىلىك تەسىرى مۇقىملىشىپ قالغان ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىگىلا نەزەر ئاغدۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىگە تۇشلۇق پىداكارلىق بىلەن «سەپ» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە ئانچە كۆڭۈلشىمەيدىغان بىر ئەھۋالمۇ ساقلانماقتا.
بەزى كىتابخانلىرىمىزمۇ شۇنداق ساددىكى، ماختاپ قويۇلغان ئەسەرگە، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئاپتورىغا بىراقلا ئەل بوپكېتىدۇ؛ ئەكسىچە، تەنقىد قىلىنغان ئەسەرگە، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئاپتورىغا بىراقلا سوۋۇپ كېتىدۇ؛ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مۇستەقىل مەيدانىنى ئىپادىلىمەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ماختالغان ئەسەرنىڭ ياخشى بوپكېتىشى، تەنقىدلەنگەن ئەسەرنىڭ ناچار بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇ يەنىلا تەقرىز ئاپتورىنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، پوزىتسىيىسى، ھېسسىيات ئارقا كۆرۈنۈشى، چۈشىنىش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى... قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەرگىزمۇ ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئەنە شۇ جاپاكەش قەلەمكەشلەر ئىچىدە «تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار»، «ئەخمەت ئەپەندىم»، «ئاشۇ يىللاردا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن دىققىتىمنى تارتىپ كېلىۋاتقان بىر يازغۇچىمىز بار. 2009-يىلى 6-ئايدا يازغۇچىمىزنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئاشىق-مەشۇقلار» ناملىق رومانىنى ئوقۇپ، مۇشۇ ھەقتىكى ھېس قىلغانلىرىمنى كىتابخانىلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ باققۇم كەلدى ۋە يۇقارقىدەك ئەگەشمە ئويلارغا ئىگە قىلدى.
ھازىرقى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا 200 دىن ئارتۇق روماننىڭ نەشر قىلىنىشى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەرەققىياتنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. چۈنكى، يىرىك ھەجىملىك رومانچىلىق ژانىرى بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات بارومېتىرى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخقا بولغان ئىشتىھاسى بەكرەك روشەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخىي تېپىشماقلارنىڭ ئۆلۈك ھالدىكى ۋەقەلەر تىزمىسى شەكلىدە ئەمەس، ئادەمدە ھاياجان ۋە تەسەۋۋۇر قوزغىيالايدىغان ئىستېتىك لەززەت سۈپىتىدىكى بەدىئىي شەكىلدە يورۇتۇلۇشى بىر مەزگىل تارىخىي رومانلار قىزغىنلىقىنى، جۈملىدىن يازغۇچىلارنىڭ شۇنىڭغا مايىل خاھىشىنى قوزغىۋەتتى. ھازىرمۇ تارىخىي رومانلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولماقتا. ئەلۋەتتە بىزگە تارىخىي رومانلار كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە دەۋرىمىز روھى، رېئاللىقىمىز بىلەن تىنىقداش، نەق بۈگۈنىمىزگە يۈزلەنگەن رومانلارمۇ كېرەك.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى .