ئاپتورى: سۆيگۈم
ئوبزور
تورغا چىقىپ بىر قانچە مۇنبەرلىرىمىزدە بەرقى ئاكىمىزنىڭ «ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىدا نېمە كەم؟»ماۋزۇلۇق ماقالىسنى ئۇچرىتىپ قىزىقسىنىپ ئوقۇپ چىقىم دە بىردە ئۈمىدسىزلەنسەم بىردە ھەيرانلىق ھېس قىلدىم. چۈنكى ماقالىدە ئاپتور چەتئەل ئايال يازغۇچلىرىنى تونۇشتۇرماقچىمۇ ياكى ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىغا باھا بەرمەكچىمۇ بىلەلمىدىم. لىكىن ماقالىنىڭ ماۋزۇسىغا قايتا كۆز يۈگۈرتۇپ ئۇيغۇر ئايال يازغۇچلىرىمىزدا نېمە كەمدۇ؟ داۋامىدىن چىقىپ قالار دەپ ئويلاپ تەئەججۈپ ئىلكىدە ئوقۇپ تۈگەتكەن بولساممۇ بۇ سوئالىمغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب تاپالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن قايتا -قايتا ئويلاپ ئەسىلدە ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىدا كەم بولغىنى ____نوبىل مۇكاپاتى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
شۇنىڭ بىلەن «جۇڭگۇلۇقلار نوبىل مۇكاپاتى ئالغۇدەك» دېگەندەك بىر قاتار فېليەتونلار ئېسمگە غىل- پال كەلگەندەك بولدى.
ئاپتور شۇنداق ياخشى بىر تېمىنى يېزىشتا ئەستايىدىل مۇئامىلە تۇتماي ئەكسىچە قۇراشتۇرما يېزىقچلىق ئۇسسۇلى بويىچە بىر قانچە بۆلەكلەر دە ئۇيغۇر ئايال يازغۇچلىرى ھەققىدە بىردە تەنقىد ، بىردەۋەز -نەسىھەت ۋە بەزىدە تەشىۋىقات شۇئارلىرىدەك ئۇلانما پىكىرلەرنى جەملەپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا خەلقىئارالىق مۇكاپات ___نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشكەن چەتئەل ئايال يازغۇچىلارنى رەت تەرتىپكە تىزىپ، ھەتتا تەرجىمھاللىرىنىمۇ قوشۇمچە قىلىدۇ. ئېھتمال بۇلار ئارقىلىق ئايال يازغۇچى شائىرەلىرىمىزگە ئېلھام بەرمەكچى بولسا كېرەك. ئاپتور ئايال يازغۇچى «خېتا مېللىرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى» دىن كۆز ى قىزارىپ، تۇيۇقىسز ھاياجانغا كېلىپ خۇددى سەھنىدە نۇمۇر كۆرىستىۋاتقان مودىلغا قاراپ تۇرۇپ قېشىدىكى ئايالىغا :«ھەي سەنمۇ سەمىرىپ كەتمىگەن بولساڭ ئاشۇلاردەك چولپان بولاتتىڭدە!» دەپ ۋايسىغاندەك ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى ھەققىدە بىر مۇنچە خىيالغا كەلگەنچە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ .شۇنداقتىمۇ بىزگە سوئالنىڭ قانائەتلەندۇرگىدەك جاۋابىنى بېرەلمىگەن ئاپتور ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ ئىجادىيەتتىكى چىقىش يولى توغرىسدا غەلىتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۇپ خۇددى ئۆي لەڭمىننى مېھمانسارايغا كۆرگەزمىگە قويماقچى بولغان ئۇستامدەك ئاز تولا خۇرۇچلار بىلەن يۇغۇرۇپلا بولدى قىلغان. ئىجادىيەتتە ۋە جەمئىيەت تەھلىلىدە خېلى نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ بىزگە زوق ،ئېلھام ۋە ئەقىل ئاتا قىلىۋاتقان بەرقىكامنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ماقالىنى يېزىپ قالغانلىقىغا يازسسىمۇ لىكىن ئوقۇرمەنلەرنى قانائەتلەندۇرەلەيمەيدىغان مۇشۇنداق تېمنىڭ تاسادىپى ئوتتۇرغا چىقىپ ئۇ بۇ مۇنبەرلەردە يۈرگەنلىكىگە ھەيران بولدۇم. ئاپتور ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرنىڭ نەتىجلىرىنى بىر قۇر بايان قىلىغاندا ئۇلارغا قارىتا مەنستمىگەنلىكىنى توغرا چۈشنىشكە بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن داڭلىق ئەدەبىي ئەسەرلەنى مەيدانغا كەلتۇرەلمگەنلىكى توغرىسدا يۈزەكى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ: ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش،كىر -قات يۇيۇشلىرىدەك ئائىلە ئىشلىرنى تىلغا ئالغان،يەنە شارائىت مەسىلىسنى بىر قانچە يەردە تىلغا ئالغان..
لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايال ئاپتورلارنىڭ ئورنى ئەر ئاپتورلارنىڭ ئورنىدەك كۆرۈنەرلىك ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئالاھىدە ئورنى–سىرتتا جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىغا ئەرلەر بىلەن تەڭ قاتاردا قاتنىشىپلا قالماي ئائىلىدە ئائىلىنىڭ ئۇششاق– چۈششەك ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تاماق تەييارلاپ، كىر–قات يۇيۇپ، بالا تەربىيىلىشى–ئايال ئاپتورلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ئەسەرلىرىنىڭ سان ۋە سۈپىتىگىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن
ئۇنداقتا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرشكەن ئاياللار ئائىلە ئىشلىرنى قىلمىغانمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۈر بويتاقمۇ؟ ۋە ياكى ئۇلار مەخسۇس ياردەم فوندىغا ئالدىن ئېرشۋىلىپ ئاندىن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانمۇ؟
نەقىل:____مېنىڭچە يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت شارائىتى ئۇنى ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن چەكلەپ قويغان ياكى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇدەك كەڭرى ۋاقتى يوق. مېنىڭچە، بۇ خىل يېزىقچىلىق تەقدىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تەقدىرى بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا بىزدە مۇنداق سوئال تۇغۇلىدۇ._ئۇيغۇر ئاياللىرى راستىنلا غەيرى تاسادىپى يۇقىرى تۇرمۇش بېسىمىدا ياشاۋاتامدۇ؟ ئۇيغۇ ئايال يازغۇچلىرىنىڭ ياكى زىياللىرىنىڭ ۋاقتى يوقمۇ؟ ئىجادىيەت نوقۇل ھالدا شارائىت،تەربىيلىنىش قاتارلىق ئوبيكىتىپ ئامىللار بىلەن يېتىلدىغان نەرسىمۇ؟ شارائىتى يوقلاردىن خېلى كۆپ مەشھۇر يازغۇچىلار چىققانلىقى جاھان ئەھىلىگە يۇچۇن ئىش ئەمەس. ئەھمەد ئەمىن قارغۇ بولسىمۇ ئەرەب- ئىسلام پەلسەپسى توغرىسدا قامۇس كەبى ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئاياللار ئىچىدىمۇ ھەم شۇنداق.كىيۇرى خانىم قىشتا توڭلاپ قالغۇدەك كەپىدەك تەجرىبەخانىسنى مۇنداق تەسۋىر لىگەن:« ئۆينىڭ ئۈستى قاڭالتىر بولغاچقىمۇ ئۆينىڭ ئىچى يازدا ئىسسىق،قىشتا قاتتىق سوغۇق بولاتتى. بىزنىڭ تەجرىبە شارائىتمىز شۇنداق ناچارىكى ھەتتا بىزنى رادىئاتسىيەدىن ئايرىپ تۇرالايدىغان بىرەر ئۈسكىنمۇ يوق ئىدى.» شۇنداق ناچار شارائىتتا ئۇ ئاخىر ئۇراننى قويۇلدۇرۇپ ئايرىپ چىققان.ئېينشىتىن نېسپبيلىك نەزەريسىنىڭ بىر قىسمىنى ۋە كۋانىت مىخانىكىسى ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرنى دەل خىزمەت ئۈستىدىكى كىچىكككىنە ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدلىنىپ ئىسپاتلىغان، باشقىلار ئۇ چاغدا كوفى ئىچىپ،قارتا ئويناپ ئارام ئالاتتى. .ۋاقتى يوق دېگەن سۆزنى ئادەتتە بىر بولسا خوش ياقمىغانلار ئىشلەتسە بىر بولسا مەلۇم ئىشقا ھەقىقى نېيەت باغلىمغانلار دائىم ئىشلىتىدۇ مەسلەن، بەزىلەر ناماز ئوقۇشقا شارائىت يوق دېسە بەزىلەر، كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت يوق دەيدۇ... ئەمىسە بۇنداق روھ ۋە بۇنداق پوزىتىسيەنى ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلارنىڭ يېزىقچلىق پوزىتىسيىسى ۋە ئىمكانسىزلىق سەۋەبى دەپ چۈشەندۇرۇش توغرىمۇ؟ بۇ يازغۇچى بولغۇسى ئاياللىرىمىز ئۈچۈن ئاجىزلىق ھېسابلنىپ قالماسمۇ؟
كونكىرتلاشتۇرغاندا ئاپتور ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتتىكى تۇرغۇنلۇقى ھەققىدە سەۋەبلەرنى مۇنداق كۆرستىپ ئۆتكەن .
1.ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرنىڭ ۋاقتى ئاز.(يەنى ۋاقتى يوق دېمەكچى)
2.ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى يېتەرسىز .
ئېھتىمال ھەقىقەتەن بىر قىسم ئايال يازغۇچىلىرىمىز ئەدەبىيات ئىنستۇتلىرىدا سېستملىق تەربىيلىنش شارائىتىغا ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن.لىكىن
شۇنى بىلىش كېرەككى يېزىقچلىق نوقۇل ھالدا تەربىيە بىلەنلا ،توختماستىن ئىجاد قىلىش بىلەنلا، كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش بىلەن يېتىلىپ قالمايدۇ. ئۇ ئادەمدىن مەلۇم تەبئىي تۇغما تالانتىنى، ئوتتەك ئىشتياقنى تەلەپ قىلىدۇ؛بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر ئادەمنىڭ ئىچكى ئامىلى بولۇپ سىرتقى ئامىللار پەقەت تەسىر قىلىش ،قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى كەڭ كۇشادە ئازادە مۇھتتا ياشماقتا، ئۇلارنىڭ قاتار چاي ئويناشقا ۋاقتى بار، رېستۇرانغا بېرىشقا ۋاقتى بار، بازار ئايلىنشقا ۋاقتى بار. مۇسۇلمان دۆلەتلەردىمۇ نېى-نىي ئايال يازغۇچىلار چىققانغۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاياللارغا بولغان چەكىلمىلىرىنى كۆپچلىك ئوبدان بىلىدۇ.
ئاپتور ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرنىڭ ئائىلە مەسئۇلىيەتنى زىيادە ئۈسىتگە ئالغان دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياللارنىڭ ئەر ئاياللار ئىش تەقسىماتىدىن نارازى بولغاندەك قىلسمۇ لىكىن ئاخىردا يەنە:«لېكىن ئۇلار مىللىتىمىزنى بۈگۈنكى كۈنگە ئەكەلگەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل–پاراسەت جەۋھەرلىرى جەملەنگەن، جەمئىيەتنىڭ مۇكەممەل ۋە مۇستەقىل بىر پارچىسى بولغان ئائىلىگە ھەممىدىن يېقىن. بۇ جەۋھەر كانىدىن نۇرغۇن جاۋاھىرلارنى سۈزۈپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيىلەپ دۇنياۋى يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش مۇمكىن» دېگەن. ئاياللارنىڭ زىممسىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەت يەنە ئۇلارغا ئۆزنى تەربيىلەش پۇرسىتنى ئاتا قىلالىغان ھەم دۇنياۋى يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلشتىكى سەھىنە بولالىغان.
ئۇيغۇر ئايال يازغۇچلىرى ھەققىدە توختالغاندا بىز نوبىل مۇكاپاتنىڭ گېىپنى قويۇپ تۇرۇپ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ تارىخنى، نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت ئەھۋالى ۋە نەتىجلىرىنى ئەمەلىي تەكشۇرۇپ چىقىپ شۇ ئاساستا ئۇلارنى نوقۇل ھالدا ئاياللار تۇرمۇشنى تەسۋرلەيدىغان ياكى ھازىرقى دەۋىر ئاياللارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۇرۇش دەيدىغان دوگماتىك شوئارلارنى بىر چەتكە قايرىپ تۇرۇپ بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇش كارتىنىسنى يېزىپ چىقالايدىغان، تارىخىمىز بىلەن ھازىرقى رېئالىمىزنىڭ كېسىش نۇقتىسى تۇرۇپ كۆپ قىرلىق مەدەنيتىمىزنى قەلىمى بىلەن ئىپادە قىلالايدىغان ئىجادىيەت يولىنى تېپىشقا ياردەم بېرشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇر ئايال يازغۇچلىرى ھەققىدە گەپ بولغاندا قۇرۇق ھاياجاننى قويۇپ ھەقىقى مائارىپچىغا خاس تەھلىل، تەتقىقاد پوزىيتىسىدە تۇرۇپ بىزگە ئەقىلىغا سىغققۇدەك،جىڭغا توختىغۇدەك پىكىرلەرنى بېرشى كېرەك. شۇندىلا بىز ئۇيغۇر ئايال زىياللىرىدا جۈملىدىن ئايال يازغۇچىلىرى ۋە بولغۇسى يازغۇچلىرىمىزدا زادى نېمە كەم ئىكەنلىكىنى ھەقىقى بىلەلەيمىز.
ئۇنداق بولمايدىكەن كىمنىڭ قانداق مۇكاپات ئالغانلىقى بىزگە زۆرر مەسىلە بولماي قالىدۇ. ئالغا ئىلگىرلەش يولى نوبىل مۇكاپاتىنى بويلاپ ئەمەس ئۆز خەلقنى ۋە دۇنيا خەلقنى ھەيران قالدۇردىغان نادىر ئەسەرلەرنى نىشان قىلىپ ماڭىدۇ. بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ پىسخىكسى شۇنداقكى ناھايىىتى ئاسانلا ھاياجانلىنمىز، دەل شۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ روھىيتىنى بىر ئۆمۈر تەنقىدلىگەن يازغۇچى لۈشۈن ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا كەمتەرلىكمۇ قىلماي : «نوبىل مۇكاپتى ماڭىمۇ لىياۋ چىچاۋغىمۇ مۇناسىپ كەلمەيدۇ. » دەپ ئوچۇقلا ئېيتقان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك. شۇندىن بېرى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرشىىش داۋرىڭى جۇڭگولۇق يازغۇچىلار ئارىسىدا خېلى پەسلەپ قالغانمىش.
مەنبە: ئۆزۈم
2011.10.15 شەنبە كۈنى يېزلدى.