مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3714|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىدا نېمە كەم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10851
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 06:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىدا نېمە كەم؟

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى



2009–يىلى 10–ئاينىڭ 8–كۈنى شىۋېتسىيە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش ھەيئىتى بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مېغىزلىق شېئىرلىرى ۋە تۈز، ئۇدۇل چىققان نەسرىي ئەسەرلىرى ئىشسىزلار توپىنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەنلىكى ئۈچۈن گېرمانىيە ئايال يازغۇچىسى خېتا مېللىرغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

خېتا مېللىر 1952–يىلى رۇمىنىيىدىكى گېرمان تىلىدا سۆزلەيدىغان ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان بىر كىچىك كەنتتە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 1982–يىلى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان ‹‹ئېدىرلىق›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى بولۇپ، رۇمىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەقىپ قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1984–يىلى يەنە شۇ كىتابنىڭ سېنزور قىلىنمىغان نۇسخىسى مەخپىي ھالدا گېرمانىيىگە ئەۋەتىلىپ نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رۇمىنىيە تەۋەلىكىدىكى گېرمان تىلىدا سۆزلەيدىغان كىچىك كەنتنىڭ ھېكايىسى گېرمانىيىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ‹‹بۇرۇقتۇم تانگو ››ناملىق كىتابى رۇمىنىيىدە نەشىر قىلىنغان.

شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا رۇمىنىيە مەتبۇئاتى بۇ ئەسەرلەردىن تازا رازى بولمىغان. لېكىن گېرمانىيە مەتبۇئاتى بۇ ئەسەرلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رۇمىنىيىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن چەكلەنگەن.

1987–يىلى مېللىر ئېرى بىلەن بىرگە گېرمانىيىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە رۇمىنىيە ھۆكۈمرانى نىكۇلاس چىئۇسكۇ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان.

مېللىر بىلەن تونۇشىدىغان رۇمىنىيىلىك مۇخبىر ئەمىر خۇلىسيانۇنىڭ دېيىشىچە، مېللىر رۇمىنىيە قوغداش ئەترىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن رۇمىنىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەينى چاغدا مېللىر تىمىشۋىلا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر كىچىك زاۋۇتتا تەرجىمانلىق قىلغان. كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ خىزمەتتىن بوشۇتۇلغان.

مېللىرنىڭ ئاتا–ئانىسى گېرمان تىلىدا سۆزلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، دادىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەسكەر بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن رۇمىنىيە تەۋەلىكىدىكى نۇرغۇن گېرمان قان سىستېمىسىدىكىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا سۈرگۈن قىلىنغان. مېللىرنىڭ ئاتا–ئانىسىمۇ شۇ قاتاردا ئوكرائىنادىكى بىر ئەمگەك لاگېرىدا بەش يىلنى ئۆتكۈزگەن.

مېللىرنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرى گېرمان تىلىدا يېزىلغان. لېكىن بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئىنگلىز، فرانسۇز، ئىسپان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. مەشھۇرراق ئەسەرلىرىدىن ‹‹يول خېتى›› ، ‹‹ بىر پۇتى بىلەن ساياھەت قىلىش›› قاتارلىقلار بار.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ مېللىرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ياۋرۇپادىكى ۋېرگىنىيە ۋورف مۇكاپاتى قاتارلىق نۇرغۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. بىر نەچچە قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ئەمما ھەر قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا ئۇنىڭ ئىسمى چىقماي قالغان. شۇڭلاشقىمىكىن بۇ يىل ئۇ ئۆزىنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئىشەنمەي تۇرۇپ قالغان. ئاۋۋال كۈلگەن، كېيىن يىغلىغان. يوپۇرۇلۇپ كەلگەن مەتبۇئات مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغان.

تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى، بۇ يىل شىۋېتسىيىدىكى نوپۇزلۇق ئەدەبىياتچىلار نوبېل مۇكاپاتى چوقۇم بىر شائىرغا بېرىلىدۇ، دەپ قارىغان. ھەتتا گېرمانىيە ئەدەبىيات ساھەسى بىلەن بىر قىمار شىركىتى بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىسرائىلىيە يازغۇچىسى ئاموس ئوزغا بېرىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان.

مۇكاپات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر يىلقىدەك بەس–مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان. بەزىلەر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەيئىتىدىكىلەر ياۋرۇپالىقلارغا يان باستى، دەپ قارىسا، بەزىلەر مېللىردىنمۇ قابىلىيەتلىك يازغۇچىلار بار ئىدى، دەپ غۇدۇراشقان. ھەتتا بەزىلەر مېللىرنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت رۇمىنىيىدە ياشىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نىكۇلاس چىئوسكۇنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى كىشىلەرنىڭ قورقۇنچە، ئېزىلىش ئىچىدىكى تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەنلىكى، مۇشۇنداق شارائىتتىكى مېللىرنىڭ قورقۇمسىز روھى ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىكى تۈپ سەۋەب، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىدىكىلەر ئىزچىل ھالدا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ يېغىرىغا تەگكەن يازغۇچىلارغا باشقىچە كۆزدە قارايدۇ، دەپ قارىدى.

‹‹ مېللىرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۈچ بار. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى بەك ئالاھىدە، سىز بىرەر ۋاراق ئوقۇپلا بۇ ئەسەرنى مېللىرنىڭ يازغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز. ئۇنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ رۇمىنىيىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەينى چاغدىكى كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە چەكسىز ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان›› دەيدۇ شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى. (ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى بەزى مەلۇماتلار خەنزۇچە پايدىلىنىش خەۋىرى ۋە يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 10–ئاينىڭ 9–كۈنى ۋە 10–كۈنلىرىدىكى سانىغا ئاساسەن تەييارلاندى)

ئادەمنى ھەيران قالدۇرىغان بىر نەتىجە بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە ئاياللارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، خەنزۇچە ‹‹پايدىلىنىش خەۋىرى›› گېزىتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، مېللىر تارىختىن بۇيان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 12–ئايال ئەدىب ئىكەن.

يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ سانىغاندا ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە ئىكەن.

2009–يىلى گېرمانىيىلىك خېتا مېللىر مۇكاپاتلاندى.

2007–يىلى ئەنگىلىيىلىك دورس لەيسىن مۇكاپاتلاندى.

2004–يىلى ئاۋستىرىيىلىك ئەلفىرىد يېلىينېك مۇكاپاتلاندى.

1996–يىلى پولشالىق ناسىۋالا سېمبورىسكا مۇكاپاتلاندى.

1993–يىلى ئامېرىكىلىق تونى موئېرسۇن مۇكاپاتلاندى.

1991–يىلى جەبۇنىي ئافرىقىلىق نادىم گېدمۇ مۇكاپاتلاندى.

1966–يىلى شىۋېستسىيىلىك نىللېر ساكس مۇكاپاتلاندى.

1954–يىلى چىلىلىق جابىرىللا مىستىرال مۇكاپاتلاندى.

1938–يىلى ئامېرىكىلىق پرول بروك مۇكاپاتلاندى.

1928–يىلى نورۋىگىيىلىك ۋېنسىت مۇكاپاتلاندى.

1926–يىلى ئىتالىيىلىك گېلاچىيا دالىدا مۇكاپاتلاندى.

1909–يىلى شىۋېتسىيىلىك سېرما لاگېلوف مۇكاپاتلاندى.

گەرچە بۇ 12ئايال يازغۇچى يۈز يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بۇيان تارقىتىلىۋاتقان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىيەلمىسىمۇ 1990–يىلدىن بۇيان ئالتە ئايال يازغۇچىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولۇشى دۇنيا مىقياسىدا ئايال يازغۇچىلارنىڭ كۈچىنىڭ مىسلىسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئالدىنقى 90يىلدا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال يازغۇچىلارنىڭ سانى بىلەن 1990–يىللاردىن كېيىنكى 20يىلدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئايال يازغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ تەڭلىشىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. ئالتە توملۇق چاتما رومان ‹‹ھاررىي پوتېر››نىڭ دۇنياۋى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، ئاپتورى ج.ك.روۋلىڭنىڭ روماندىن كىرگەن قەلەم ھەققى ۋە باشقا كىرىملەرگە تايىنىپ دۇنياۋى ئايال بايلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى، ھەتتا ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ بىر مەزگىل ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئۆزگىچە بىر كۈچ سۈپىتىدە دۇنيا ئەدەبىياتىدا بىر قۇتۇپنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نەزەر سېلىپ باقساق، ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر قىسمىنى ئايال ئاپتورلار ئىگىلەيدۇ. لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايال ئاپتورلارنىڭ ئورنى ئەر ئاپتورلارنىڭ ئورنىدەك كۆرۈنەرلىك ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئالاھىدە ئورنى–سىرتتا جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىغا ئەرلەر بىلەن تەڭ قاتاردا قاتنىشىپلا قالماي ئائىلىدە ئائىلىنىڭ ئۇششاق– چۈششەك ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تاماق تەييارلاپ، كىر–قات يۇيۇپ، بالا تەربىيىلىشى–ئايال ئاپتورلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ئەسەرلىرىنىڭ سان ۋە سۈپىتىگىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە نۆۋەتتە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئاياللارغا ئېتىبار بېرىش، ئاياللارنى ھۆرمەتلەش جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي پىكىر ئېقىمىغا ئايلانغان بولسىمۇ، يۇقىرىقى تەرەپلەردە ئاياللارنىڭ ئەمەلىي ئئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنى يوق. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان شەكىللىنىپ قالغان ئەنئەنە ۋە ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە بالا تەربىيىسىدىكى تەۋرەتكۈسىز مۇھىم ئورنى خېلى بىر مەزگىللەرگىچە يەنى جەمئىيەت مەلۇم ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئاياللارنى خاتىرجەم قىلغۇچە (خۇددى ئىلغار كىرئالغۇلار ئاياللارنىڭ كىر–قات يۇيۇش ئەمگىكىنىڭ سىجىللىقىنى تۆۋەنلەتكەنگە ئوخشاش، بالا تەربىيىلەش، قازان بېشى قاتارلىقلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى كۆرسىتىدۇ)ماھىيەتلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ئاياللارنىڭ قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغۇشىغا ئوخشاش ئىشلارنى ئۆزگەرتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەلۇم نۇقتىدا بۇ ئاياللارنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى.

ئايال ئاپتورلار يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن قولىغا قەلەم ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇر ئايال ئاپتورلىرىنىڭ ئەھۋالىنى جۇڭگودىكى خەنزۇ قاتارلىق باشقا مىللەت ئاپتورلىرىغا، بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مېللىرغا ئوخشاش ئاياللارغا تېخىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو جەمئىيىتى ۋە ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورۇن شۇنىڭدەك مىللىي مەدەنىيەت تۈپەيلىدىن جۇڭگودىكى ئالاھىدە مەدەنىيەت زوناسىغا ئايلانغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەھۋالى يەنە بىر مەزگىلگىچە ئايال ئاپتورلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى ناتايىن.

لېكىن مۇۋەپپەقىيەتكە باھا بېرىشتە ئارقا كۆرۈنۈشكە ئېتىبار بەرسەكمۇ باھالىنىدىغىنى يەنىلا كۆز ئالدىمىزدىكى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتتۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئالاھىدە بولسىمۇ (ئەلۋەتتە دۇنيادا ئىجتىمائىي ئورنى ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن تۆۋەن نۇرغۇن مىللەت ۋە رايونلار بار) لېكىن ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە باھا بەرگەندە ھېچكىم بۇ نۇقتىدىن ئۇلارغا ئېتىبار بەرمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ سۈپەتسىز، چالا پىششىق ئەسەرلىرىگە ئېسىل ئەسەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئىلمىي ھالدا تونۇپ يېتىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان چىقىش يولى ئىزدىشى ۋە كۈنسېرى راۋاجلىنىپ كېتىۋاتقان دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئاياللار قوشۇنىدىن ئۆز ئورنىنى تېپىشى كېرەك.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىغا ماس كېلىدىغان چىقىش يولى زادى نەدە؟

ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قىس ۋاقتى ئىچىدىن يەنە بوش ۋاقىت چىقىرىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىمكانىيەتلىرىنى بايقاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

ئۆزىنى ئائىلىسى ئۈچۈن ئاتىغان، ئائىلە بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپلا قالماي جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان بىر ئايال يازغۇچىنىڭ بەك مەھسۇلاتلىق يازغۇچى بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن تالانتلىق ئايال يازغۇچى–شائىرەلەردىن خالىدە ئىسرائىل، ئايشەم ئەخمەت، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، غەلىبە مۇھەممەد، خەلىپە ساۋۇت قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيىتىگە قاراپ باقساقمۇ ئۇلارنى بەك يۇقىرى مەھسۇلاتلىق دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ بىرى خالىدە ئىسرائىلنى مىسال قىلساق، يازغۇچى 30ياشلار ئەتراپىدا ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. يىلدا ئېلان قىلىدىغان ئەسەرلىرى ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئىككى يىلدا بىر كىتاب بولغۇدەك ھالەتتىمۇ ئەمەس. لېكىن خالىدە ئىسرائىلنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جەمئىيەتكە تەقدىم قىلغان ئەمگەكلىرىنىڭ سۈپىتىدىن قارىغاندا ئىمكانىيىتى بولسا تېخىمۇ كۆپ ۋە ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ كېتىشىدە گەپ يوق. مېنىڭچە يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت شارائىتى ئۇنى ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن چەكلەپ قويغان ياكى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇدەك كەڭرى ۋاقتى يوق. مېنىڭچە، بۇ خىل يېزىقچىلىق تەقدىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تەقدىرى بولۇشى مۇمكىن.

دېمەك، كۆپىنچە ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە يېزىقچىلىق قىلىدىغان ۋاقىتقا ئېرىشىش مەسىلىسىدۇر. بۇنداق ۋاقىتنى باشقا سۈنئىي ئاماللار يەنى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىنسابىنى كۈتۈش ياكى ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا ۋاقىت چىقىرىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىش، ئۇلارغا مەخسۇس يېزىقچىلىق قىلىش ۋاقتى ئاجرىتىپ بېرىش ھەققىدە جەمئىيەتنىڭ ماقۇللىقىنى كەلتۈرۈش قاتارلىقلار ھەل قىلماق تەس ياكى بۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئەمەس. ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋاقىت ۋە شارائىتقا ئېرىشىمەن، دەپ قىينالغانغا قارىغاندا ئۆزىدە بار بولغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ چەكلىك ۋاقىت ۋە شارائىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاز ۋە ساز ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يازغۇچىلار قوشۇنىدىكى خاس قۇتۇبىنى شەكىللەندۈرۈش. بۇ نۇقتىدا خالىدە ئىسرائىل قاتارلىق يازغۇچىلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

يېزىقچىلىقنىڭ قانۇنىيىتىدىن قارىغاندىمۇ ئۆزىنىڭ بار ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەسىرىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە بەدىئىي سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ئۇسۇل. مېللىرغا بېرىلگەن باھا سۆزىدىكى ‹‹بىر–ئىككى ۋاراق ئوقۇپلا بۇ ئەسەرنىڭ مېللىرنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ›› دېگەن جۈملىلەر بىزنى ئويغا سېلىشى كېرەك. ئۆزىگە خاس يېزىش ئۇسلۇبى، ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئەسەر تىلى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچەش ئارقىلىقمۇ مۇۋەپپەقىيەت چوققىسىغا يامىشىپ چىقىش مۇمكىن.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 12ئايال يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىگە نەزەر سالساقمۇ بەزى ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى بايقاش مۇمكىن.

بىرىنچى، بۇ ئايال يازغۇچىلارغا بېرىلگەن باھا سۆزىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئىككىنچى، ئۇلارنىڭ يازمىلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا جەمئىيەتتىكى ئەڭ زىل ۋە سەزگۈر تېمىلار دادىللىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قاراڭغۇلۇقنى پاش قىلىش، جاھالەتكە قارشى ئىسيانكارلىق ئۇلاردىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكتۇر.

ئۈچىنچى، ئۇلار ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانى ئاياللارنىڭ كۆزىدىن كۈزىتىپ، ئەدەبىياتنىڭ يارقىن بىر پەللىسىگە ئۇل سالغان. ئاياللارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ئەڭ كەڭ تۈردە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

بولۇپمۇ بۇ يازغۇچىلاردىكى ئىسيانكارلىق روھى، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى يۈكسەك بەدىئىيلىك بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئويلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشى ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پروزىدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خاھىش بار. نېمىشقىدۇر شەھەرلىك يازغۇچىلار يېزىلارنى يېزىشقا ئامراق بولسىمۇ، يېزىلارنىڭ ماھىيەتلىك قىسمىنى يېزىشقا ئاجىزلىق قىلغىنىدەك ئەر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاياللارنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىش خاھىشى خېلى گەۋدىلىك. گەرچە بۇ دۇنيا ئەدەبىياتى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. بىز ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تۇيغۇلىرىنى چۈشىنەلەمدۇق؟ ئادەم ئۆزى باشتىن كەچۈرمىگەن ئىشنى قانداق چۈشىنىدۇ؟ ياكى ئايال كىشىنىڭ ئىنچىكە تۇيغۇلىرى ئەدەبىي ئەسەرگە ئوخشاش خالىغانچە توقۇپ قويۇشقا بولىدىغان ئىشمۇ؟ ياكى بىز ئاياللارنى ئاياللاردىن بەكرەك چۈشىنىمىز دەپ قارامدۇق؟ شۇنداق دەپ قاراش ئىلمىيلىكمۇ؟

بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلىرى ئۈچۈن يېزىشقا تېگىشلىك تېمىلار بەكمۇ كۆپ. لېكىن ئاياللارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھەقىقىي ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئوبرازىنى كۆرۈپ بېقىش، ئاياللارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى ھېس قىلىش ئادەمنى ئويلاندۇرۇدىغان بىر تېما. ئۇيغۇر جەمئىيىتى تېخى ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئالاھىدە ئورنىدىن، ئاياللارنىڭ تەقدىرىدىن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولۇدىغانلىقىدىن ئىبارەت تونۇشتىن ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى جەمئىيەت ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روھىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى؟ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى نېمىلەرگە يۈزلەندى؟ ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ–خەتەر قايسى؟ پۇرسەت قايسى؟ بۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلىرىنىڭ كۆزى ئارقىلىق كۆزىتىلىپ سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلسە قانداق ئەھۋال كېلىپ چىقار؟

ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىدا تالانت كەم ئەمەس. لېكىن ئۇلار بەدىئىي دىت، قانداق يېزىش، نېمىنى يېزىش، سەزگۈر تېمىلارغا قانداق يۈزلىنىش، يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات ۋە ئەنئەنىنىڭ قىسىلچىلىقىدا ئىڭراۋاتقان جەمئىيىتىمىز كىشىلىرىنى قانداق قىلىپ بەدىئىي تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.

ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كۆپرەك ئويلىنىشى، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئاۋۋال كاللىسىدا پىشۇرۇۋېلىپ، ھەر بىر پارچە ئەسىرىنى نېمىشقا يازغانلىقى، يېزىش ئارقىلىق قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىنچىكە ئويلىنىشى، ئاندىن قولىغا قەلەم ئېلىپ ئەڭ ئاز سەھىپە ۋە ئەڭ ئاز ۋاقىت ئىچىدە دۇنياۋى مەسىلىلەردىن تارتىپ مىللەت مەسىلىسىگىچە ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.

ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى يېتەرسىز. لېكىن ئۇلار مىللىتىمىزنى بۈگۈنكى كۈنگە ئەكەلگەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل–پاراسەت جەۋھەرلىرى جەملەنگەن، جەمئىيەتنىڭ مۇكەممەل ۋە مۇستەقىل بىر پارچىسى بولغان ئائىلىگە ھەممىدىن يېقىن. بۇ جەۋھەر كانىدىن نۇرغۇن جاۋاھىرلارنى سۈزۈپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيىلەپ دۇنياۋى يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش مۇمكىن. كۆزىتىشنى مەشق قىلىش، ئۆزىمىزدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى تېپىپ چىقىشقا ماھىر بولۇش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يەكۈنگە ئېرىشىش ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىش كېرەك.

خېتا مېللىرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئايال يازغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاش بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. گەرچە بىز نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇكاپات دەپ ئېيتالمىساقمۇ، لېكىن ئۇنى مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. مېللىرنىڭ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئۈلگە ئېلىش ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۈلگە قىلىش بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر سىناقتۇر.

ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ تالانتى بىلەن كۆزىتىش كۈچى ئەسەرلىرى دۇنياغا تونۇلغان ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئىزدەپ تاپالىسا ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت پرامىداسىنىڭ ئۇچىغا قاراپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەش چۈشى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ھەتتا يېقىن كەلگۈسىدە بىزدىنمۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا لايىق كېلىدىغان يازغۇچىلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.


مەنبە   :  ئۇيغۇر  ئاكادېمىيىسى  تورى   .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
AynaK + 100 ياختۇردۇم

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60162
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-10-12
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 07:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60162
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-10-12
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 07:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىقىپ قالساياخشى  بۇلاتتى.........

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16109
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9139 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 09:57:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خالىدە ئىسرائىلىنىڭ ‹ئوربىتا›دېگەن ئەسىرى دەل مۇشۇنداق تۇرمۇش پۇت-قولىنى چۈشەپ قويغان ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ ئىچكى-دۇنياسى ۋە تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئۇستلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن....

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئوقۇتقۇچى بولغا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5643
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15382
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 1375 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 10:28:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغذز ظايال يازغذچصلاردصلا ظةمةس كةم نةرسصلةر ظةمةس بؤ.

ئاددىي ئەمما تولىمۇ شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55786
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 11:07:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇبىر ياخشى ئويلىشىشقا تىگىشلىك بىر مەسلىكەن جۇما

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2022
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14858
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 11:09:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىنمۇ چىقىپ قالا، ئاللا نىسىپ قىلسا

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 854
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7219
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 01:02:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئەجەپ كۆرمەپتىكەنمەن . رەھمەت ئەجرىڭىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20574
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7015
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 12:31:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئاياللىرىدا نىمە كەم بولسا ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىدىمۇ شۇ كەم. شۇڭا ياخشى ئەسەرلەر ئاز

ئائىلە- كىچىك ۋەتەن. ۋەتىنىمنى مۇھتاجلىقتىن، قۇللىقتىن ساقلىغىن ئاللاھ.

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165087
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 01:16:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىشسىلە ئۇيغۇر ئاياللىرمۇ ئۇتۇق قازنالايدۇ.لىكىن چەكلىمگە ئۈچرىشى تۇرغان گەپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش