ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە تاڭنۇردىن بارلىق تورداشلارغا ، ئەتتىگەندە چىققان ئىللىق قۇياشتەك ئىللىق سالام ،
خوش گىپىمگە كەلسەم ، يەنە شۇ تەۋەككۇلچى ئەخەت يۈسۈپ بىلەن
پۇتپول ئەلچىسى دىلشاتنىڭ خەۋىرىنى يولىماقچى ، ئەسلى تۈنۈگۈن ئۇلارنىڭ سەپەرگە ئاتلانغانلىقى ھەم تۈنۈگۈنكى سەپەر جەريانىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنى يولىماقچى بولغان ، ئەپسۇس مەن ئۈرۈمچىدە بولۇپ قېلىپ ۋاقتىدا سىلەرنى بۇ ئىككى ئوغلانىمىزنىڭ تۈنۈگۈنكى سەپەر جەريانىدىن خەۋەردار قىلالمىدىم شۇڭا تورداشلاردىن ئەپۇ سۇرايمەن .
بۇگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچىدىن بۆرتالاغا چۈشۈپ بۇ ئىككى ئوغلانىمىزنىڭ بۈگۈنكى سەپەر جەريانى ھەم بىر قىسىم سەپەر سۈرەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم .
بۈگۈن ئەتىگەن سۈيدۈڭدىن يولغا چىققان ئىككى ئوغلانىمىز تۈنۈگۈن باسقان يوللىرىنىڭ جاپالىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا قېنىدىكى يېڭىلمەس روھنىڭ تۈرۈتكىسىدە ، كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچان تەرلىرىنى ھەربىر باسقان قەدەم ئىزلىرىغا قالدۇرغان ھالدا قەدەممۇ - قەدەم ئىلگىرلەپ مېڭى چۈشلۈك سائەت 12 لەردە چىڭسىخوزىغا يىتىپ كەپتۇ ، ئەمدىكى نىشانى لوسىكۇڭغا بېرىپ شۇ يەردە بۈگۈن دەم ئېلىپ ئەتە يەنەيولغا چىقىدىكەن ،
ئەسكەرتىش - بۇ تېما ئەسلى چۈشتە يوللانماقچى ئىدى ،ۋاقىت يار بەرمەي قالدى ، شۇڭا چۈشتىكى ۋاقىت بويىچە ئوقۇپ چۈشىنىۋېلىڭلار !
سەپەر ئۈستىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر .
بۇ رەسىملەرنى تېلفۇن ئارقىلىق ئەۋەتكەن ‹ رەڭلىك ئۇچۇر › شۇڭا تازا سۈزۈك ئەمەس توغرا چۈشۈنۈڭلار !
بۇ ئىككى ئوغلانىمىزغا قىززىقۇچىلار بۇ ‹ 13239996614 › نۇمۇرغا تېلفۇن ئۇرۇپ ئىلھام - مەدەت بېرىپ قۇيۇڭلار ! ھەمدە بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەپ قۇيۇڭلار !
مەنبە---- تاڭنۇر