مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3102|ئىنكاس: 0

ماۋزېدۇڭ  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57700
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3337
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2011-9-23
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 04:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ماۋزېدۇڭ
    ماۋزېدۇڭ؛(1893-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى – 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئۇلۇغ ماركىسىزىمچى، ئۇلۇغ پۇرۇلتاىيات ئىنقىلاپچىسى، سىتراتىگىيىچىسى ۋە نەزىريىچىسى؛ پارتىيىمىزنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. پارتىيىمىزنىڭ ۋە جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ داھىسى ۋە ئۇستازى. ئۇ 1913-يىلى چاڭشادىكى خۇنەن 1-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلار ماركىسىزىمنى قۇبۇل قىلغان ۋە تارقاتقان. 1921- يىلى 7-ئايدا خۇنەن كومۇنىزىمچىلار گۇرپىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە شاڭخەيگە بېرىپ، پارتىيىمىزنىڭ 1-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1924-يىلىنىڭ باشلىرىدا، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ سۇن جۇڭشەننىڭ گومىنداڭنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان. گومىنداڭنىڭ 1- ۋە 2-قۇرۇلتىيىدا مەركىزى كومتېتنىڭ كاندىدات ئىجرائىيە ئەزالىقىغا سايلانغان ھەم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى بولغان. 1926-يىلى گۇاڭجۇ دېھقانلار ھەركىتى كۇرۇسىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1-قېتىملىق ئىچكىي ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە، مازېدۇڭ ماركىسىزىم- لېنىنىزىمنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، توغرا لۇشەن، فاڭجىن، سىياسەتلەرنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە چېن دوشيۇنىڭ ئوڭچىل تەسلىمچىلىكىگە قارشى قەتئىي كۆرەش قىلدى. 1927-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ج ك پ مەركىزى كومتېتىنىڭ خەنكودا چاقىرىلغان سىياسىي بىيرۇنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىپ«مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ»دېگەن مەشھۇر ھۆكۈمنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئىنقىلابىي قۇراللىق كۈچ بەرپا قىلىش ۋە قۇراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يىغىندىن كېيىن، خۇنەن،جياڭشى ئۆلكىلىرىنىڭ چىگىرىسىغا بېرىپ، دېھقانلار ۋە ئىشچىلارنى باشلاپ كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، تۇنجى ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيىسىنى قۇردى، ئارقىدىنلا قوشۇننى باشلاپ جىڭگاڭشەن رايونىغا بېرىپ، تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇردى.
ماۋزېدۇڭ، جۇدې ۋە جۇئېنلەيلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1930-يىلى 12- ئايدىن 1933-يىلى 2-ئايغىچە، قىزىل ئارمىيە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىر ىنىڭ تۆت قېتىملىق «قورشاپ يوقۇتۇش»نى تارمار قىلدى. لېكىن ۋاڭ مىڭ «سول»چىل خاتا لۇشەن يۈرگۈزۈپ، ماۋزېدۇڭنىڭ ئارمىيىگە بولغان رەھبەرلىگىنى چەتكە قاققانلىقتىن، قىزىل ئارمىيە 5-قېتىملىق «قورشاپ يوقۇتۇش»قا قارشى تۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ۋە 1934-يىلى 10- ئايدا سىتراتىگىيىلىك يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولۇپ، يەر-جاھاننى زىل- زىلگە كەلتۈرگەن 25 يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى. 1935-يىلى 1-ئايدا، زۇنيىدا سىياسىي بىيرۇنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا ماۋزېدۇڭ باشچىلىغىدىكى ئۈچ كىشىلىك ھەربىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرپىسى قۇرۇلدى، ماۋزېدۇڭنىڭ پۈتۈن پارتىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىپ، ۋاڭ مىڭنىڭ«سول»چىل تەۋەككۈلچىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى. ئارقىدىنلا جاڭ گوتاۋنىڭ بۆلگۈنچىلىكى ئۈستىدىن غەلبە قىلىندى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قورشاپ، قوغلاپ، توسۇپ زەربە بېرىشلىرى تارمار قىلىندى. 1943-يىلى پارتىيە مەركىزى كومتېتى ماۋزېدۇڭنى مەركىزى كومتېتنىڭ رەئىسلىكىگە ۋە مەركىزى كومتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ۋە ماۋزېدۇڭنىڭ رەھبەر لىگىدە جۇڭگو خەلقى ياپۇن باسقۇنچىلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، جياڭ جيېشى خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 1949-يىلى مازېدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ،جۇڭگو خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئېنىقلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرلۇش ئېلىپ بېرىپ شانلىق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بەزى ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىسى يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، تۆھپىسى 1-ئورۇندا خاتالىقى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلات سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلۇغ ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقى، شۇنداقلا بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرلۇشى ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ قىبلىنامىسى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 داھىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىۋالدىم

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش